«قۇرئان» دىكى ۋە ئۇيغۇرچىدىكى پەرقلىق ئۇقۇملار

ئورنى Wikipedia

ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا قوللۇنىلىۋاتقان تىل مەخسۇسلاشقان ئۇقۇملاردىن خالى تىل بولۇپ بىرەر سۆزنىڭ ئورنىغا يەنە بىر سۆزنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى ئالاقىدىكى چۈشىنىشمەسلىككە ۋە زىددىيەتكە سەۋەب بولمايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ئادەتتىكى تۇرمۇش پاراڭلىرىدىن ھالقىپ دۆلەت، مىللەت، ھاكىمىيەت قاتارلىق مەخسۇس ساھەلەرگە چېتىلغان چاغدا چۈنىشمەسلىك دائىم يۈز بېرىپلا تۇرىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە تەتقىقات ۋە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان چېغىمدا دوستلار ۋە تونۇشلارغا بەزىدە تۈركىيە ھەققىدىكى سەلبىي باھالىرىمنى ئىپادىلەپ تۇراتتىم. بىر كۈنى شۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە بىر زىيالى كىشى ماڭا مۇنداق تەنبىھ بەردى. "سۆزۈڭگە قارىسام تۈركىيە ئۇنداق، تۈركىيە بۇنداق دەپلا كەتتىڭ. سۆزۈڭنى خاتا چۈشەنمىگەن بولسام سەن نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىۋېتىپسەن. نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت ھەققىدە قانداق تەنقىدىڭ، باھالىرىڭ بولسا دېسەڭ بولىدۇ. ئەمما نەچچە يۈز مىڭ شېھىدنىڭ قانلىرى بەدىلىگە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسىدىن دەس تۇرۇپ مۇستەقىللىقىگە قوۋۇشقان تۈركىيەنى، تۈرك دۆلىتىنى تەنقىد قىلىشىڭغا بولمايدۇ" دېدى. دەستلەپ بۇ گەپ ماڭا بەك مۇجىمەل بىلىندى. ئايرىم قالغاندا ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىكەن. مەن ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئايرىلمايدىغان، دۆلەتنىڭ مۈلكى ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكى ھىساپلىنىدىغان، دۆلەتنى بىر ھۆكۈمەت ئالمىشىپمۇ باقماي سورايدىغان ئەلدە تەربىيەلىنىپ، ياشاپ كەلگەن بولغاچقا دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى بىر دەپ تونۇيدىكەنمەن. تۈركىيەدە قايسى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا يېڭىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغان بولغاچقا كىشىلەر دۆلەت دېگەن ئۇقۇم بىلەن ھۆكۈمەت دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدىكەن. دۆلەت ئالماشمايدىغان، بىرەر پارتىيىگە تەۋە بولمايدىغان، بىرەر مەزگىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدىغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغان گەۋدە ئىكەن. تۈركىيەدە كىشىلەر ۋەتەننى سۆيىدىكەن، ۋەتەنگە سادىق بولىدىكەن، ئەمما پارتىيەنى ھىمايە قىلغانلىقنى ۋەتەننى ھىمايە قىلغانلىق دەپ چۈشەنمەيدىكەن. شۇ قېتىمقى ئۇقۇمنى خاتا قوللۇنۇپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغانلىقىم ماڭا ياخشى بىر دەرس بولدى. مەن شۇندىن كېيىن باشقىلار بىلەن سۆھبەتتە بولسام شۇ كىشىلەر قوللۇنىۋاتقان ئۇقۇمنىڭ قايەردىن كېلىۋاتقانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇقۇملارنى قانداق قوللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

ئىنتېرنىت ئۇيغۇر ھاياتىغا كىرگەندىن كېيىن كىشىلىرىمىز پىكىر، ھىسسىيات ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشتا ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. قەشقەرنىڭ چەت تاغلىق يېزىسىدىكى ئۇيغۇر بىلەن بوستۇننىڭ ئاۋات كوچىسىدىكى ئۇيغۇر ئازادە پاراڭلىشالايدىغان بولدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەبىئەت، جەمئىيەت، ھاكىمىيەت ۋە ئىلاھىيەت ھەققىدە چۈشەنچە، قاراش ۋە باھالارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان كىشىلەر مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئويلىغانلىرىنى ئاۋامغا يەتكۈزەلەيدىغان بولدى. يازىدىغانلارغا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ بىلىسىمۇ ئادەتتە يازمايدىغان كىشىلەر ئۆز قاراشلىرىنى يازىدىغانلارنىڭ ئەسەرلىرىگە يانداپ بايان قىلىش، يازىدىغانلارنىڭكىنى تۈزىتىش ۋە تېخىمۇ بېيىتىش مەقسىدىگە يەتتى. ئىنتتېرنىتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇر جەمئيىتىدىكى يازمايدىغان بىلىملىك ئوقۇرمەنلەرنى سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزدى. تەپەككۇرغا باي كىشىلەرگە بىر بىرىنى، ۋەزىيەتنى، دۆلەتنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى يارتىپ بەردى. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدىكى، توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان شارائىتى، تەربىيەلەنگەن موھىتى، كىشىلىك كەچۈرمىشى جەھەتتە رىياللىقتىكى، ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرلاردىن زور مۇرەككەپلىككە ئىگە بولغاچقا، بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىلمىي ئاتالغۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە ۋە يېشىشكە مۇھتاج مەسىلىلەر بولغاچقا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا قىيىنچىلىق، سىقىنچىلىق ۋە زىددىيەتلەر تۇغۇلدى. مەسىلەن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە گەپ ئېچىلسا ۋەتەندىكى ئۆلىمالار بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار قاتتىق تىركىشىپ قالىدۇ. تۈركىيەدە تەسەۋۋۇپ (سوپىزىم) ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىدەك سەلبىلەشتۈرۈلگەن، لەنەتلەنگەن ۋە قارىلانغان ئەمەس. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە تەڭپۇڭ، ئىلمىي ۋە ئادىل چۈشەنچىگە ئىگە. ئەمما بىزدىكى سوپىزىم چۈشەنچىسى ماركىسنىڭ "دىن ئەپىيۇندۇر" دېگەن ھۆكۈمىنىڭ قامچىسى ئاستىدا تىتىلىپ، بۇزۇلۇپ يۈز كۆزىنى پەرق قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنى قايتا تونۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. تەسەۋۋۇپقا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىنتايىن ئىلمىي چۈشىنىشكە بولىدىغان ئۇقۇملار ھەققىدىكى پەرقلىق چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيە بىزنى پاراڭلىشالماس قىلىپ قويىۋاتىدۇ.

مەن "ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدىكى ئويلار" دېگەن يازمامدا ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم مۇراسىمىنىڭ ئىسمى بولغان ئۈچ نەزىر، يەتتە نەزىر، قىرىق نەزىر ۋە يىل نەزىر قاتارلىقلارنىڭ "قۇرئان"نىمىزدا تىلغا ئېلىنغان نەزىر ئۇقۇمى بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم. شۇ نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى بىر مىللەتتە مەۋجۇد قائىدە يوسۇن ۋە تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئىسمى دائىم شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرلاردا ماتاڭچىلىق بىر ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرى، ئەمما بۇنىڭ ئىسمى خەنسۇچە. بىز ماتاڭچىلىقنى بۇنىڭغا قاراپلا خەنسۇلاردىن كەلگەن دېسەك بولمايدۇ. ياكى خەنسۇلارنىڭ ماتاڭچىلىق قائىدىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ماتاڭلىرىنى يوققا چىقارساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىدە نورۇز ئەنەئەنىسى بار. بىز نورۇز دېگەن سۆزنىڭ پارىسچە بولغانلىقىغا، بۇ بايرامنى ئىراندىكى مەجۇسىلارنىڭ ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراپلا بۇ بايرامنى مەجۇسىلارنىڭ بايرىمى دېيىشكە بولمايدۇ. ئىسىم شەيئىنىڭ تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدىغان بولسا ئىرانلىق مەجۇسى- ئاتەشپەرەسلەر بىز نان دەۋاتقان يىمەكلىكىنى نان دەيدۇ. ئۇنداقتا ناننىمۇ مەجۇسىلاردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن يېمەستىن ئەرەپلەرنى دوراپ پوشكال يەيمىزمۇ؟ دېمەك، قۇرئاندىكى دىنى ئاتالغۇ سۈپىتىدىكى نەزىر بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىدىكى ئۆلۈم مۇراسىمى بولغان نەزىر ئىككى ئۇقۇم. "قۇرئان" دىكى "ھېيىت" بىلەن "نورۇز كۈنى" ئىككى ئۇقۇم. مىللەتشۇناسلىقتىكى مىللەت بىلەن "قۇرئان" دىكى مىللەت پەرقلىق ئۇقۇم. بۇ ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلغاندا مۇنازىرىمىزدىن قورۇق ۋاراڭ چۇرۇڭ سالغاندىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ، ھىچ قايسى تەرەپ ھىچ نېمە ئۆگىنەلمەيدۇ.

بىلىشىمچە 90يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىش تەشەببۇسى قىزىپ كەتتى. ھەتتا ئۆلۈم، توي ۋە باشقا شۇ قاتاردىكى تۈرلۈك مۇراسىملاردا "ئۇيغۇرلار كېلىپ بولدى، مۇسۇلمانلارنى ساقلاۋاتىمىز" دېگەن گەپلەرنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. "ئىسلام مىللەتنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئىسلامدا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىپارەت ئىككىلا مىللەت بار. ئاللاھ ئۇ دۇنيادا مىللىتىڭ نېمە دېسە ئۇيغۇر دېمەيمىز. ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتىدىنمەن دەيمىز. شۇڭا ئۇيغۇرلۇقنى كۆپ تەكىتلەش، ئۇيغۇرغا خىتاپ قىلىش مۇسۇلمانلىققا يات" دېگەن گەپ سۆز ۋە چۈشەنچىلەر ھازىر ئەڭ يامرىغان ھالىتىگە كەلدى. ئىنتېرنىت بۇ ئىددىيەلەرنىڭ تارىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەن بۇرۇن بۇ مەسىلىگە "ئاللاھ شەخسنى مىللەت قوينىغا ياراتقان. ئۇيغۇرنىڭ قوينىغا يارىلىش بىزنىڭ تەقدىرىمىز بولغانىكەن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئەيلەشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. شۇڭا ئۇيغۇرنى سۆيگەنلىك ئاللاھنىڭ ئىنئامىدىن سۆيۈنگەنلىك. ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىغا يارىتىپ ئۇيغۇر بولۇشىمىزغا سەۋەپ بولغانىكەن بۇنىڭدا ئاللاھ بىزگە مۇشۇ مىللەتكە بىر مەسئۇلىيەت ئارتقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ۋە بۇنى ئىنكار قىلىش تەقدىرنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننى مۇسۇلمان يارىتىدۇ، ئەگەر ئاللاھ بىزنى مۇسۇلمان مىللەت ئۇيغۇرنىڭ باغرىغا ئەمەس ھەر قانداق بىر كاپىر مىللەتنىڭ ئارىسىغا ياراتقان بولسا شۇ كاپىر خەلق بىزنى كاپىر قىلىپ تەربىيەلىگەن بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇر بولغىنىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئاللاھ شۈكۈر قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر" دەپ جاۋاپ بەرگەن ئېدىم. يېقىندا كەڭساي مۇنبىرىدە نامسىزمەن ئىسىملىك بىر توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئىنكاس مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى "قۇرئان" دىن دەلىل ئېلىپ ناھايىتى ياخىشى يېشىپتۇ.

يىقىنقى يىللار مابەينىدە مەيلى تور دۇنياسىدا بولسۇن ، مەيلى ئىجدىمائىي جەمىئىيەتتە بولسۇن بىز ئۇيغۇرمۇ ؟ ياكى مۇسۇلمانمۇ ؟ دىگەنگە ئوخشاش كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ، دوسىلارنى يىغلىتىپ دۇشمەننى كۇلدۇردىغان ، قەۋىمنى ئىككىگە بولىدىغان ، قېرىنداشلار ئارا ئارازلىق پەيدا قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ ، ئەسلىدىنلا بەخىتىسىزلىكتە ياشاۋاتقان قەۋمىمىزگە يىڭىچە بالا-قازا ئەكەلمەكتە . بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش ، ھەم ئۇنى ھەل قىلىش ھەر بىر ئىسلام سۆيەر ، مىللەت سۆيەر كىشلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەم بۇرچى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئاۋال بىز چوقۇم < مىللەت > دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى چۇشنىشىمىز كېرەك . ئادەتتە ھەر قانداق بىر دىندار مۇسۇلماندىن مىللىتىڭ نېمە ؟ - دەپ سوئال سورالسا ، ئۇ چوقۇمكى < مەن ئىبراھىم مىللىتىدۇرمەن > - دەپ جاۋاب بېرىدۇ . ئۇ نىمىشكە مۇشۇنداق جاۋاب بېرىدۇ ؟ چۇنكى ئۇ شۇنداق تەربىينى قوبۇل قىلغان ياكى باشقىلاردىن شۇنداق ئاڭلىغان ، كۆپۇنچىسى ئۆزىنىڭ نىمىشكە شۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۇشەنمەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى < ئۇيغۇر > دەپ كىلىۋاتقان بىرسى بىلەن ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ تۇگىمەس دە-تەلاش باشلىندۇ ، نەتىجىدە بىرسى < ئۇيغۇر > لىقىدىن تېنىپ ، بىرسى < مۇسۇلمان > لىقىدىن تېنىپ بىر ئائىلنىڭ كىشلىرى دۇشمەنگە ئايلنىپ ياتلىشىدۇ . قېرىنداشلارغا بۇ توغرىدا توغرىنى يەتكۇزۇش ئۇچۇن يەنىلا قۇرئانغا مۇراجەت قىلىمىزئاللاھ تەئالا: «قۇرئان.. ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»( سۈرە يۇسۇف 111-ئايەت ). «بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»( سۇرە نەھىل 89-ئايەت ). دېگەن . ئۇنداقتا < مىللەت > دىگەن بۇ كەلىمە قۇرئاندا قانداق چۇشەندۇرلگەن ؟ قۇرئان كەرىمدە 6 يەردە «ئىبراھىمنىڭ مىللىتى» دەپ ئۆتىدۇ. بۇ 6 يەردىكى «مىللەت» نىڭ مەنىسى «يول» دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ تەرجىملىرى) مۇنداق: 1- «ئىبراھىمنىڭ يولىدىن، ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەقىلسىزلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنىى بۇ دۇنيادا تاللىدۇق. بىلىڭلاركى، ئىبراھىم ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ»- بەقەرە سۈرىسى 130- ئايەت. 2- «ئۇلار: < يەھۇدىي بولۇڭلار ياكى نەسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر> دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى:< ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدىدۇرمىز. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.»- بەقەرە سۈرىسى 135- ئايەت. 3- «ئېيتقىنكى: <ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى>.»- ئال ئىمرا سۈرىسى 95- ئايەت. 4- «كىم دىن جەھەتتە، ئۆزىنى سەمىمىي ھالدا ئاللاھغا تاپشۇرغان ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىدىن ياخشى؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.»- نىسا سۈرىسى 125- ئايەت. 5- «ئېيتقىنكى: <ھەقىقەتەن رەببىم مېنى توغرا يولغا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس دىنغا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا باشلىدى>.»- ئەنئام سۈرىسى 161- ئايەت. 6- «ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: < ھەق دىنغا بۇرالغان ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن> دەپ ۋەھىي قىلدۇق.»- نەھل سۈرىسى 123- ئايەت. مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مىللەت» دېگەن كەلمىدۇر. ئۇيغۇرچىدىكى «مىللەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى» دېگەن بولىدۇ.- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى. مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن (ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن) چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇيغۇرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدىن ئەمەس. ئەرەبچىدىكى مىللەت، دىنى ئەقىدە، دىنى يول، دېگەن بولىدۇ. مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدە، يەنى ئۇنىڭ يولىدىدۇرمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى بىر پۈتۈندۇر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىسلامدۇر ۋە ئۇلارنىڭ يولى بىردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇن قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت. دېمەك قېىرنداشلار مەسىلە مانا مۇشۇ قەدەر ئاددى ، بۇنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىپ چۇشەندۇرۇپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ بىر قەۋىمنى ئىككىگە ئايرىش نادانلىق ھەم بىزنىڭ ئىلىمسىزلىكىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس . مۇسا ئەلەيھىسالاممۇ ئۆز قەۋمىنىڭ نادانلىقنى ، اللاھقا شېرىك كەلتۇرۋاتقانلىقىنى ، توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە : < ئى … ، قەۋمىم ….> ( سۇرە بەقەرە ) دەپ خىتاپ قىلغان . ئۇلارنى باشقا نامدا ئاتىمىغان . ئۆز قەۋمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاشلاپ قاچقان يۇنۇس ئەلەيھىسالامنى اللاھ بىلىقنىڭ قارنىغا جايلاشتۇرغان . شۇڭا مەنمۇ ھەر ۋاقىت < ئى … ئۇيغۇرۇم…. << «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر» ( سۈرە ئەنئام 155-ئايەت ) دەپ خىتاپ قىلىمەن .

مەزكۇر توردىشىمىز بىزگە "قۇرئان"دىكى مىللەت ئۇقىمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئومۇملاشقان سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان مىللەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدىكى چەك چىگرانى ناھايىتى دەلىللىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. "قۇرئان" دىكى مىللەت دېگنلىك يول دېگەنلىك بولۇپ، كىشىلىرىمىزنىڭ "مەن ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتىدىنمەن" دېگىنى "مەن ئەرەب" دېگەنلىكى ئەمەس، بەلكى "مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھ ئەۋەنكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ يولدىمەن" دېگەنلىكى بولىدىكەن. نامسىزمەن ئىسىملىك بۇ دوستىمىزنىڭ قىلغان ئەمگىكى ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب ۋە ئەجىرلەر بەرگەي.

خۇلاسە قىلغاندا پىكىر، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پۇرستىمىزنىڭ بولغىنى بىزنىڭ بەختىمىز. بۇ جەرياندا مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تولۇقلاش ۋە ئورتاقلىقلارغا ئېرىشىش بىزنىڭ نىشانىمىز. ئەمما بۇ جەرياندا قوللۇنىۋاتقان ئۇقۇملىرىمىزنىڭ پەرقىگە، قەيەردىن كەلگەنلىكىگە، قانداق قوللۇنىۋاتقانلىقىمىزغا ۋە بىزنىڭ ئوخشىمىغان بۇ ئۇقۇملارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقىنىمىزغا دىققەت قىلىش بىزنى نىشانىمىزغا تېخمۇ ئاسان يېقىنلاشتۇرىدۇ. خۇددى يازمىمىزدا مۇلاھىزە قىلغاندەك بىز "قۇئان" دا تىلغا ئېلىنغان "نەزىر" ئۇقىمى، "ھېيىت" ئۇقىمى ۋە "مىللەت" ئۇقىمى بىلەن ئىنسانشۇناسلىق- مىللەتشۇناسلىقتىكى مەنىداش ئۇقۇملارنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن توردىكى مۇنازىرە ۋە رىياللىقتىكى تارتىشمىلاردا پات، پات نىشانىمىزدىن يىراقلاپ ۋە بەزىدە ئادىشىپ كېتىۋاتىمىز.



ئالدىنقى: «چالا تەرجىمان» كىمنى ئۆلتۈرگەن؟ كىملىكنى ئۆلتۈرەمدۇ؟

كـىيىنكى: چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى