ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئورنى Wikipedia
قەھرىمان شائىىر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر


ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .

1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴ, ﯩﺪﯨﻤﯘﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ « ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ » ، « ﻗﯩﺰﯨﻞﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ » ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﯦﻤﯘﮔﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻓﯩﺌﻮﯞﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .

1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مەخسۇت مۇھىتى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . 1926 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭست ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ » ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ . . .

ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .

ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ » ، « ﺋﺎﭼﯩﻞ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . 1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...... ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شەىرلىرى

 ئويغان!   
            1901 - يىل 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تاڭ سەھەردە، تۇرپان يېڭىشەھەردىكى ئاۋات سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بىر كوچىدا، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئاىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ بوۋاق كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر يېڭى دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شاىر، تىز پۈكمەس مەرىپەتچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدى. 



ئاچىل

مەزمۇنى

[تەھرىر] =

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ، باشقا سانچىلاي دەيدۇ. يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى، تەنگە يامىشاي دەيدۇ.

يارىم ماڭا ناز قىلۇر، كۈلۈپ مېنى مەست قىلۇر. يار قەدرىنى بىلمەيسەن، زىمىستاننى ياز قىلۇر.

يار دەردىدە خۇن بولدۇق، تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق. قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش، بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.

ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما، يار يولىدا پۇتلاشما. يارىم ئۈچۈن جان پىدا، قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.

غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل، ھىممەت يولۇم ئاچىلغىل. يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان، قاچان بولسا بىر ئۆلۈم.



باردۇر

[تەھرىر] =

1921-يىلى

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر، ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا، بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر، ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشمىز باردۇر.

تەاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت، يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىققانىمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل، ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز، زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانىمىز باردۇر.

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق، ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز، چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە، مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىايىمىز باردۇر.

خاتاەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا، يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز، قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق، ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئويۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بىەپ بولساق، ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر، قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى، لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا، مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ، ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن ساناەتتە "يېتىشتۇق" ئەمدى ئىش پۈتتى، ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى، ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا، تونۇر سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق، قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتامىنىز باردۇر.

ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر، كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما، شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.



ئۇيغۇرۇم

[تەھرىر] =

192- يىل تۇرپان

ئەي نىگار، ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس، مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىزدىنىشنى ئىستىمەس.

ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم مەن يېنىپ چاقماسمەن، ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.

ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا دەپ ھاۋشىپ يۈرىدۇ بېزىلەر، ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.

ئېھتىياجاتى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر، بىز بىلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.

ھەممىنىڭ ئەۋلادىدىن قۇللۇقتا بىرسى قالمىدى، ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ئەسلا سېزىشنى ئىستىمەس.

يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەھۋالىدا كوپتۇر خەتەر، مىللىتىم جان چىقسىمۇ داۋالىنىشنى ئىستىمەس.

باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ، بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىشنى ئىستىمەس.

ئىزلىدى ھوما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ، ئىزدىگەنلەر باشىغا ھوما قونۇشنى ئىستىمەس.

مىللىتىم تارتقان ئازاپغا بۇ كۆڭۈل قانداق چىدار؟ ئەل غېرىب ئىڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەن.

ئابدۇخالىق قىل سۇبات ئىزدە سىراتىل مۇستەقىم، بۇ سۇبات بارىندا دىل ۋەيران كېزىشنى ئىستىمەس.



كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

[تەھرىر] ================

مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاق، تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاقساپ يامان بولدى ياداپ.

ئازغىنا بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم، ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتە ئىت قاۋاپ.

گاھى ئوخشايمەن مۇھىت ئاتلاسىدە بىر كېمىگە، تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن، كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى، زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ئوت ياندى، ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىدلەردىن ھېساب.

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا، ئاجرىسۇن مىتن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا