ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. 1950-يىلى شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. 1972-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1975-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1991-يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 1995-يىلى «باۋگاڭ» مائارىپ فوندىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىرغا قەدەر چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات يۆلىنىشىدە 9 نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانتى تەربىيلىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى ياپونىيىلىك ئوقۇغۇچى. 30 نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ئاساسلىق سۆزلەپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى 2006-يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە «شەھەر دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىك» بولۇپ باھالانغان.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»، «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» قاتارلىق 7 پارچە كىتاب تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «گۆھەر»، «بەيتۇللانىڭ تارىخى»، «مەختۇمقۇل شېئىرلار توپلىمى»، «قۇرئان كەرىمنىڭ 30-پارىسىنىڭ يەشمىسى» قاتارلىق تۆت پارچە؛ ئەدەبى ئىجادىيەتلىرىدىن «كور خېرىدار»، «ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق»، «‹مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەيىن› گىچە» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئېلان قىلدۇرغان.
مۇنەۋۋەر، 1960-يىلى ئاۋات ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى تۈركىي تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئاساسلىق ئۇيغۇر دىئالىكتى، سالا تىلى، تۈركمەن تىلى، تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى، ئوتتۇرا ئاسيا ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. تۈركمەنىستاننىڭ 18-ئەسىردىكى ئاتاقلىق كلاسسىك شائىرى، پەيلاسوپ مەختۇمقۇلنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. «مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى»، «تىل ۋە تەرجىمە»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «بۇلاق» قاتارلىق ژۇرناللاردا 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.