ئابدۇشۈكۈر مىجىت

ئورنى Wikipedia

ئابدۇشۈكۈر مىجىت 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى قورغاس ناھىيەسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ناھىيەسىدە ئوقۇغان. 1989-يىلى ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان. تەنتەربىيە كومىتېتى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ بوي-بەستى ۋە مەشىقتىكى ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان. ئۇ تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىگەن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىغان. 1993-يىلى مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

1996-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە «بوكس پادىشاھى» دەپ نام ئالغان لى جيەنخۇانى تۆتكە قارشى 12 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ئابدۇشۈكۈر مىجىت قىسقىغىنە سەككىز يىللىق بوكس ھاياتىدا 16 ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زور شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى چىدام، غەيرەت، سۇنماس ئىرادە ۋە نۇرغۇن قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن...