ئاكا-ئۇكا رايتلار

ئورنى Wikipedia

ئاكا-ئۇكا رايتلار

ئاكا-ئۇكا رايتلار ئورۋىللې (1871-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان) بىلەن ۋىلبۇر (1867-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1912-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان) بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئايروپىلاننى بىرلىكتە كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن ئاكا-ئۇكا رايتلار دەپ ئاتاشقان. ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بۇ ئاكا-ئۇكا رايتلار ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن. ئۇلار ئەسلى ئاددى ۋېلسىپىت رېمونت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار گېرمانىيە پلانېر مۇتەخەسسىسى ئوتتۇلىلئىنسىرنىڭ ئايروپىلاننىڭ لەيلىشىنى سىناش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان 2 مىڭ قېتىملىق تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قالتىس قايىل بولىدۇ. كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئوتتۇلىلئىنسىرنىڭ لەيلەپ ئۇچۇش داۋامىدا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئەمما ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئوتتۇلىلئىنسىرنىڭ ئورۇنلىيالمىغان ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئوتتۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپىدۇ، لېكىن ئۇلار گېرمان تىلىدا ساۋاتسىز بولغانلىقتىن بىرىنچى قەدەمدىلا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن دەرھال گېرمان تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. كۆپ ئۆتمەي ئۇلار گېرمانچىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئاندىن كېيىن گېرمانچە نەشىر قىلىنغان «ئۇچۇش مەسىلىسى» ۋە «لەيلەش ئەمەلىيىتى» دېگەن ئىككى ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئاخشىمى كىتاب كۆرۈپ، كۈندۈزى زېھنىنى قويۇپ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىنى كۈزىتىدۇ. ئوتتۇ ئۆز كىتابىدا: «ھەربىر قۇش بىر ماھارەت كۆرسىتىش ئۇستىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، «كىمكى ئۇچماقچى بولىدىكەن، قۇشلارنى دوراپ بېقىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. ئاكا-ئۇكا رايتلار ئۇچۇشقا قاتتىق بەل باغلايدۇ، ئۇلار قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن ھەقىقىي تەسىرات ئېلىش ئۈچۈن، ھېچنىمىگە قارىماي، قاقاس تاغلارغا چىقىپ تاشلارنىڭ ئۈستىدە يېتىپ، سانىڭ ئەگىپ-لەيلەپ ئۇچۇش ھەرىكىتىنى نەچچە سائەتلەپ مىدىرلىماي كۈزىتىدۇ. مەسىلەن، سانىڭ يەردىن قانداق ئۇچۇپ كۆتىرىلىدىغانلىقى، قانداق ئەگىيدىغانلىقى ۋە قانداق لەيلەيدىغانلىقىغا سەپ سېلىپ، ھەر قېتىم تاغدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جىددى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. ئۇلار ماتېماتىكا ۋە ھاۋا دىنامىكىسىنى ئۆگىنىدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشتىكى ساۋاقلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يەكۈنلەيدۇ. ئۇلار: «ئوتتۇ گەرچە 2 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق لەيلەپ ئۇچقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا، ئاسماندا بولغان ۋاقتى ئاران 5 سائەتتىن ئارتۇق بولغان، دېمەك، ئاسماندىكى ئەمىلىي تەجرىبە ئۆتكۈزۈش بەك كەمچىل بولغان» دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاسماندا تەجرىبە قىلىش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇلار ئاۋال مودىل بىلەن تەجرىبە قىلىدۇ، ساۋاقلارغا ئاساسەن ئۇلار پىلانېرنىڭ قانىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ياخشىلايدۇ، ئۇلار قاناتنىڭ ئىككى ئۇچىنى يۆگىمەچ قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە پىلانېرغا ھەرىكەتچان رول ئورنىتىدۇ. ئىككى يىل ئىچىدە، ئۇلار ئۈچ مىڭ قېتىم لەيلەپ ئۇچىدۇ. شامال بېسىمىنى ۋە ھاۋا ئېقىمىنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ، قاناتنىڭ ۋە رولنىڭ تۈزۈلۈشىنى نۇرغۇن قېتىم ياخشىلايدۇ، شۇنداق قىلىپ لەيلەپ ئۇچۇش تەجرىبىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.

Wilbur Wright ئۇلارنىڭ قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئىشلىشى ئارقىسىدا، 1903-يىلى «ئۇچقۇچى» ماركىلىق ئايروپىلان مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ جازىسى ياغاچتىن، قانىتى بېرزىنتتىن ياسالغان قوش قاناتلىق ئايروپىلان ئىدى. بۇ ئايروپىلان پارالىل قوش قاناتلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئىقتىدارى ياخشى ئىدى. بۇ ئايرۇپىلان 12 ئات كۈچىگە ئىگە بولغان سىلىندىرلىق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ پىقىرىغۇچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى بىلەن ئۇچاتتى. دەسلەپ سىناق قىلىپ ئۇچقان چاغدىكى سۈرئىتى سائىتىگە 30 مىڭ بولغان ئىدى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، «ئۇچقۇچى» ماركىلىق ئايرۇپىلان شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى كىدىخوك قۇملۇغىدا رەسمىي ئۇچىدۇ. ئۇ چاغدا پەقەت بەشلا كىشى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرىدۇ. ئىلگىرىكى ساۋاقلار بويىچە ھەممىسىلا ئايرۇپىلاننىڭ بۇ قېتىم ئۇچالىشىغا ئىشەنمىگەن ئىدى. چۈنكى كىشىلەر پروفېسسور لانگېلنىڭ تۈزۈلىشى خېلى مۇكەممەل بولغان ئايرۇپىلاننىڭ دەل مۇشۇ كۈنلەردە بىتچىت بولغىنىنى ئۇنتۇمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار كۆڭلىدە:« ھاۋادىن ئېغىر بولغان ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلاشقان ئىدى ھەمدە بۇنداق توخو كاتىگى قاتتىق قويۇق شامالنىڭ ياردىمىسىز ئاسمانغا چىقالمايدۇ» دەپ مازاق قىلغان ئىدى. موتور ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈش بىلەن، ئورۋىللې تەمكىن ھالدا ئايرۇپىلانغا چىقىدۇ، ئۇ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، كەسكىن ھالدا: «ئۇچسۇن» دەپ ۋارقىرايدۇ. «ئۇچقۇچى» خۇددى ئوقيانىڭ ئوقىدەك ئېتىلىپ بىردەمدىلا ئاسمانغا كۆتىرىلىدۇ، كىشىلەر دەككە-دۈككە ئىچىدە قاراپ تۇرىدۇ، ئەمما سەل خىجىل بولۇشىدۇ. 12 سېكۇنتتىن كېيىن ئايرۇپىلان ئاستا-ئاستا يەرگە قونىدۇ، بۇ خاسىيەتلىك 12 سېكۇنتتا ئايرۇپىلان 120 ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇققا ئۇچىدۇ. بۇ چاغ ئەتتىگەن سائەت 10 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى. تۇنجى قېتىم موتورنىڭ كۈچى بىلەن ئۇچقان ۋە ئادەم چۈشكەن ئايرۇپىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقانلىقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيا تارىخىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇچۇشنى كۆرمىگەن كىشىلەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، لېكىن مۇخبىر ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ ئادەم چۈشىدىغان موتورلۇق ئايرۇپىلاننى ئۇچۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئەينەن خەۋەر قىلىدۇ. 21 گېزىتخانا بۇ خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئاران 3 ى بۇ خەۋەرنى باسىدۇ. بۇ چاغدا، ئاكا-ئۇكا رايتلار دېتون شەھىرىگە قايتىپ بارىدۇ، ئۇلار ئايرۇپىلاننىڭ تۈزۈلۈشىنى داۋاملىق ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 160 نەچچە قېتىم سىناق قىلىپ ئۇچۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزاق ئۇچقان ۋاقتى 38 مىنۇتقا، مۇساپىسى 24 مىلغا يېتىدۇ. 1908-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاكا-ئۇكا ئۇرۋىل رايتلار ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ماربۇرگدا ئويۇن كۆرسەتكەندە، ئۇچقان ۋاقتى 67 مىنۇتقا يېتىدۇ. شۇ يىلى يەنە پارىژدا بىر قېتىم ئويۇن كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا ئۇچقان ۋاقتى 2 سائەت 22 مىنۇت 23 سېكۇنتقا يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىگىنىڭ ماختىشىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن،كەينى-كەينىدىن تۈرلۈك قارشى ئېلىش يىغىنلىرى ئېچىلىدۇ، بەزىلەر ئۇلاردىن ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىغاندا، ۋىلبۇررايت چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «بىرلا قۇشنىڭ يەنى شاتۇتنىڭلا سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ئېگىز ئۇچالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم» دەيدۇ.