ئاپتاپپەرەس

ئورنى Wikipedia
ئاپتاپپەرەس رەسىمى
ئاپتاپپەرەس گۈلى

ئاپتاپپەرەس قۇياشقا ئەگىشىپ، قۇياش بار تەرەپكە ئىگىلىپ ئۆسىدۇ ۋە ئەڭ چوڭ چەكتىكى نۇرنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاپتاپپەرەس
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى ئاپتاپپەرەس
كەنجى سىنىپى جۇخار گۈلى كەنجى سىنىپى

ئېنگلىزچە باشقىچە ئاتىلىشى: common sunflower

ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە 向日葵
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Helianthus annuus
ئەترىتى يۇلتۇزگۈل ئەترىتى

نامى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بىر خىل چوڭ تىپتىكى ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى ئاپتاپپەرەس ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقدىشى. ئۇنىڭ بېشى گۈل رېتى تىپلىق بولىدۇ كەڭ بولغاندا 30 سانتىمىتېردىن چوڭ بۇلىدۇ.  گۈل رېتى سەۋەبىدىن ئايلىنىشى قۇياشتىن ئىسسىقلىق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن موشۇ نام قوللىنىلغان.

مورفولوگىيەسى[تەھرىرلەش]

بىر يىل ئىچىدىكى ئۆسۈش ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن 3.5 مېتىرغىچە،  شالغۇت سورتى يېرىم مېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كېلىدۇ. غولى تىك، يوغان، كۆپ قىرلىق يۇمىلاق، تۈكلىرى بار ئاق رەڭدە بولىدۇ.  يوپۇرماقلىقلىرى گىرەلەشكەن ھالەتتە، شەكلى يۈرەك شەكىللىك تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ.  

ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ئاپتاپپەرەسنىڭ تۈپى يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، چېچىكى، مېۋىسىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

يىلتىزى : ئاپتاپپەرەسنىڭ يىلتىزى ئاساسىي يىلتىزى بىر قەدەر چوڭقۇر، ئادەتتە 100 سانتىمىتىردىن 200 سانتىمېتىرغىچە؛ يان يىلتىز ئاساسىي يىلتىز ئۈستىگە گورىزونتال يۆنىلىشلىك قاراپ ئۆسەلەيدۇ؛ يان يىلتىز ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان پۆپۈك يىلتىزلار بولىدۇ.

غولى : غولى تىك يۇمىلاق، سىرتقى يۈزى يىرىك ھەمدە تۈكلۈك.

يوپۇرماق : ھەقىقىي يوپۇرماق پەللە يوپۇرماق ۋە ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقى دەپ ئايرىلىدۇ.

گۈلى : ئاپتاپپەرەس باشسىمان گۈل رېتى، غولىنىڭ ئۇچى ئۆسىدۇ ۋە گۈل تەخسىسى قۇياشقا ئەگىشىپ ئايلىنىدۇ.

مېۋىسى : مېۋە ئۇرۇقى كۆرۈنمەيدۇ، مېۋە بولۇپ كەلگەن ئۇرۇقى گازىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئۆسۈش خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

ھەسەل ھەرىسى ئاپتاپپەرەس گۈلى ئۈستىدە.

ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقى نۇرغا قاراپ ئىگىلىدۇ، يوپۇرمىقى قۇياشقا تىك بولىدۇ، ئۈنۈملۈك فوتوسىتىز ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى ماددىلارنىڭ تارقىلىشىنى تەكشىسىزلەشتۈرىدۇ، ئاپتاپپەرەسنىڭ ئاستىنقى تۆرەلمە ئوقىنى يورۇتقاندا، ئاستىنقى تۆرەلمە ئوقىنىڭ نۇرچۈشكەن تەرىپىدىكى ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى ماددىلارنىڭ مىقدارى نۇر چۈشمىگەن تەرەپتىكىدىن نۇردىن يۇقىرى بولىدۇ. نۇر چۈشكەن تەرەپتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نۇر چۈشمىگەن تەرەپتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىدىن ئاستا بولۇپ، ئۆسۈشى تەكشى بولمايدۇ.

جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

ئاپتاپپەرەسنىڭ ئەسلى ماكانى بولسا شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، روسىيە،  ئوكرائىنا، پورتۇگالىيە، پىرۇ، بولىۋىيەنىڭ دۆلەت گۈلى، ياپونىيە كىيۇشۇ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى.

توق ئېچىلغان ئاپتەپپەرەس گۈلى