ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

كۆكتۈرك يېزىقى يېزىلغان ئەڭ ئەسكى ئابىدە قىزىل شەھرىدە جاي ئالماقتا.
[1]:Orkhon.svg
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى (تۈركچە: Orhun alfabesi، موڭغۇلچە: хөх Түрүгийн бичиг ھۆھ تۈرۈگىين بىچىگ) جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆكتۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك (گوتچە «سىرلىق، نامەئلۇم») يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا ۋە رۇس تۈركولوگىيە ساھەسىدە، سىبىرىيا رۇن ھەرپلىرى، يېنىسەي رۇن ھەرپلىرى، رۇنىك ئېلىپبە ۋە قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.

ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

turk Epigraph Copy in Gazi University Ankara.jpg

ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

ئورقۇن-يېنسەي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى[تەھرىرلەش]

قوللىنىلىشى بەلگىلەر ئۇيغۇرچە ۋە IPA ترانسكرىپسيسى
سوزۇق تاۋۇش link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter A.svg ئا، ئە /a/, /e/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter I.svg ئى، ى /ɯ/, /i/, /j/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter O.svg ئو، ئۇ /u/, /o/, /w/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter U.svg ئۆ، ئۈ /ø/, /y/, /w/
ئۈزۈك تاۋۇشلار سوزۇق تاۋۇش

ماسلىشىشچانلىقى

(¹) — قېلىن (تىل ئالدى)،

(²) — ئىنچىكە (تىل ئارقا)

سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن

link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter B1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter B2.svg ب¹ (ئاب) /b/ ب² (ئەب) /b/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter D1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter D2.svg د¹ (ئاد) /d/ د² (ئەد) /d/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter G1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter G2.svg غ¹ (ئاغ) /g/ گ² (ئەگ) /g/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter L1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter L2.svg ل¹ (ئال) /l/ ل² (ئەل) /l/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter N1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter N2.svg ن¹ (ئان) /n/ ن² (ئەن) /n/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter R1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter R2.svg ر¹ (ئار) /r/ ر² (ئەر) /r/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter S1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter S2.svg س¹ (ئاس) /s/ س² (ئەس) /s/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter T1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter T2.svg ت¹ (ئات) /t/ ت² (ئەت) /t/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter Y1.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter Y2.svg ي¹ (ئاي) /j/ ي² (ئەي) /j/
پەقەتلا (¹) — /ق/

پەقەتلا (²) — /ك/

link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter Q.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter K.svg ق (ئاق) /q/ ك (ئەك) /k/
پۈتۈن سوزۇق

تاۋۇشلار بىلەن

link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter CH.svg /ʧ/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter M.svg /m/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter P.svg /p/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter SH.svg /ʃ/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter Z.svg /z/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter NG.svg -ڭ (ئەڭ) /ŋ/
قوشما تاۋۇشلار + سوزۇق تاۋۇش link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter ICH.svg ئىچ، چى، چ /iʧ/, /ʧi/, /ʧ/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter IQ.svg ئىق، قى، ق /ɯq/, /qɯ/, /q/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter OQ.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter UK.svg ئوق، قو،

ئۇق، قۇ، ق

/oq/, /qo/,

/uq/, /qu/, /q/

ئۆك, كۆ,

ئۈك, كۈ, ك

/øk/, /kø/,

/yk/, /ky/, /k/

+ ئۈزۈك تاۋۇش link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter NCH.svg -نچ /nʧ/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter NY.svg -ني /ɲ/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter LT.svg -لت /lt/, /ld/
link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter NT.svg -نت /nt/, /nd/
سۆز ئايرىش بەلگىسى link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter SEP.svg يوق
(-) — پەقەتلا سۆزلۈك ئاخىرىدا

link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter I.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter R2.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter NG.svg link=https://tr.wikipedia.org/wiki/ھۆججەت:Old Turkic letter T2.svg — خەت T²NGR²I — ھەرپ تەرجىمىسى /teŋri/ — تاۋۇش قىممىتى بويىچە IPA ئېلىپبەسى بويىچە تەرجىمىسى teñri — ئۇيغۇرچە تەڭرى

قاراڭ[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]