ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى
جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلار بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز بۇ دەرسلىكتە مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان نامنى قوللاندۇق.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.
ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ) ﻣﯩﻼﺩﻯ 7 - 9 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻐﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺧﯘﺳﺴﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﻮﻥ - ﻳﯧﻨﺴﻪﻱ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﺴﻼﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﻭﻧﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ' ﺗﯜﺭﻙ - ﺭﻭﻧﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻐﻰ ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ، 'ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ' ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺧﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻨﺴﻪﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘ ' ﺋﻮﺭﺧﻮﻥ - ﻳﯧﻨﺴﻪﻱ ﻳﯧﺰﯨﻐﻰ 'ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ .
[تەھرىر] ئۇيغۇر ئورخۇن يېزىققىنىڭ ئېلىپبەسى
A reading example: ![]()
![]()
![]()
— inscription (RTL)
- T²NGR²I — transliteration
- /teŋri/ — transcription
- teñri / tanrı — record with modern Turkic alphabet
- the skygod or the eternal blue sky indicating the highest god — ancient meaning
- The God — modern meaning
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1. چورىن مەڭگۈ تېشى.
2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.
3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى.
4. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.
5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى.
6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى.
7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى.
8- سۇجى مەڭگۈ تېشى.
9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى.
10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار
Bold text==قاراپ چىقماق==