ئوفپرا

ئورنى Wikipedia

ئوفپرا (OFPRA فرانسۇزچە "ئوفپخا" دەپ ئوقۇلىدۇ)

ھۆججەت:Ofpralogo.gif

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

ئوفپرا فرانسۇزچە فرانسىيە پاناچىلار ۋە ۋەتەنسىزلەرنى قوغداش بۆلۈمى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، فرانسىيە ە كۆچمەنلىك ۋە ئۆزلەشمە مىنىستىرلىكىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى پاناچىلارنى قوغداشقا ئائىت خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلىك ئورگان ھېساپلىنىدۇ. 2007-يىلى 20-نويابىردىن ئىلگىرى، مەزكۇر مىنىستىرلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدا، ئوفپرا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى.(1)بۇ ئورۇن 1952-يىلى 25-ئىيۇل ماقۇللانغان،(2)2003-يىلى 10-دېكابىر قايتىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن پانالىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان.

ئوفپرانىڭ ۋەزىپىلىرى[تەھرىرلەش]

ئوفپرانىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى پانالىق بېرىش(پاناچى سالاھىيىتىنى بېرىش) ۋە ۋەتەنسىزلىكنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت. 2003-يىلىدىكى ئىسلاھاتتىن بېرى، ئوفپرا فرانسىيەدىكى پانالىق ھوقۇقىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر ئورۇن بولۇپ قالدى. ئوفپرا مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر قاتار « تىنچ دۆلەت » لەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ تىزىملىكتىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن پانالىق سورىغۇچىلار ئاساسەن رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ.

ئوفپرا پاناچىلار، ۋاقىتلىق قوغدىلىدىغانلار ۋە ۋەتەنسىزلەرنىڭ قانۇنى ۋە مەمۇرى ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

ئوفپرانىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

پانالىق سورىغۇچىلارنىڭ كەلگەن دۆلەت ۋە رايونلىرىغا ئاساسەن، ئوفپرا بىر نەچچە تۈرلۈك جۇغراپىيەلىك رايون بۆلۈملىرىگە بۆلۈنىدۇ :

ئوفپرا مەمۇرى كېڭىشى ئىككى پارلامىنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى ئىككى پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ ئىككىسىلا ھوقۇقتىكى « خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى » پارتىيىسىدىن.(3)

ئوفپرانىڭ پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

2006-يىلى ئوفپرانىڭ مەبلىغى 49،3 مىليون ياۋرو بولۇپ، 467 خىزمەتچى ئىشلىتىدۇ. 90-يىللاردىن بېرى، ئوفپرانىڭ پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى. 1997-يىلى پانالىق سورىغۇچىلارنىڭ سانى 21416 بولغان بولسا، 2004-يىلى، بۇ سان 50247 گە يەتتى.(4)

2003-يىلىدىكى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر مەقسىدى، پانالىق ماتىرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇددىتىنى ئازايتىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 2003-يىلى بۇ مۇددەت 258 كۈندىن 2005-يىلىدىكى 108 كۈنگە چۈشتى.(5) بۇ مۇددەتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى يەنە ماتىرىيالنىڭ ۋە ئەھۋالنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. بەزى ئاز كۆرۈلىدىغان تىللاردىن كەلگەن پانالىق تىلىگۈچىلەرگە تەرجىمان تېپىش تەس بولغانلىقتىن، يەنە ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. بەزى ماتىرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاز ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنداق ماتىرىياللارنىڭ بەزىسى تولۇقسىز، بەزىلىرى ناھايىتى مۇھىم. تولۇقسىز ماتىرىياللار دەرھاللا رەت قىلىنىدۇ. مۇھىم ماتىرىياللارنى ئالدى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئوفپرادىن رەت قىلىنىغاندىن كيىن، پانالىق سورىغۇچى فرانسىيە پانالىق سورىغۇچىلار سوتىغا شىكايەت سۇنىدۇ. بۇ شىكايەت رەت قىلىنغاندىن كىيىن، ئىككىنچى قېتىم ئوفپراغا يەنە ماتىرىيال سۇنىدۇ. بۇ خىل ئىككىنچى قېتىملىق سۇنۇلمىلار ئالدى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا جاۋاپ بېرىلىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ماتىرىياللار ئومۇمى سۇنۇلمىنىڭ 23 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.(6) فرانسىيەدە پانا ماتىرىياللىرىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ئىجابى جاۋاپقا ئېرىشىدۇ. بۇ سان دۆلەتلىك پانالىق سورىغۇچىلار سوتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن قوشقاندا، يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 پىرسەنتكە بارىدۇ.(7)

ئوفپرانىڭ تور بېتى[تەھرىرلەش]

http://www.ofpra.gouv.fr

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  • (1)سۈرگۈن ھوقۇقى : فرانسىيە ئارقىغا چېكىنمەكتە. ۋلېرې دۆ سونۆۋىل. ئەكىس سادالار كۈندىلىك گېزىتى، 2008-يىل، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى.
  • (2)كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتىن نامسىز ئۇرۇشلارغىچە : بىرئوفپرا تارىخى
  • (3)فرانسىيە پاناچىلار ۋە ۋەتەنسىزلەرنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىنى بېكىتىشكە ئائىت 2009-يىل 27-ماي نىزامى.
  • (4)ئوفپرا سانلىق مەلۇماتلىرى
  • (5)ئوفپرا ماتىرىياللىرى
  • (6)چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىش، تۇرۇش ۋە سۈرگۈن ھوقۇقى قانۇنى L.723-1 ماددىسى
  • (7)2009-يىللىق ئوفپرا سانلىق مەلۇماتى