ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
{| class="wikitable" border="1"

|-

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئانچە ئېنىق ئەمەس ، ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتۇش خاتىرىسى 1096-يىلىدىن باشلانغان. 1167-يىلى ئەنگىلىيە فرانسىيە ئۇرۇشى باشلانغانلىقتىن پادىشاھ ھېنرىII ئەنگىلىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇشىنى چەكلىگەن، ئوكسفورد شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان. 1209-يىلى مەكتەپتە بىر قېتىم ئاممىۋى جېدەل كۆرۈلۈپ مەكتەپ ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ، بۇ ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامبىرىج ئۇنۋېرستىنى قۇرۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. 1214-يىلى 6-ئاينىڭ20-كۈنى بىر پوپنىڭ پادىشاھ بىلەن كېلىشىشى نەتىجىسىدە مەكتەپ ئالاھىدە ئىنتىياز بىلەن قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن. ئوكسفورد نىڭ بىر ئۇنىۋېرستلىق ئورنى 1571-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ۋە باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ئوكسفورد ئەنگىلىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدىغان، ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداپ يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت دىنىغا ئىشىنىشى كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە پەقەت 1871-يىلىغا كەلگەندىلا بىكار قىلىنغان. 1920-يىلىدىن ئىلگىرى ئوكسفورد قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي چوقۇم گىرىك تىلى ۋە قەدىمقى لاتىن تىلى ئۆگىنىش تەلەپ قىلاتتىى. مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئوكىسفوردتىكى ھەر قايسى ئىنىستوتلارنىڭ يىللىقى 6000دوللاردىن 40مىڭ دوللارغىچە بولغان ئوقۇش پۇلى ئاساسەن دىگۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئېرى فىلىپ باش مەكتەپ مۇدىرى بولغان، تايمىس دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئوكسفورد شەھرى ئوكسفورد ئۇنۋېرستى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنۋېرستىنىڭ مەكتەپ تېمى، دەرۋازىسى ياكى بىرەر ۋىۋىسكىسىمۇ يوق، ئوكسفورد ئۇنىۋېرستىنىڭ ئىنىستوتلىرى ئوكسفورد شەھرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە تارقاق جايلاشقان.

  ئوكسفوردنىڭ شۇنچە ئوقۇرى ئىگىز ، مۇتەئەسسىپ بولۇپلا قالماي ئۇنىۋېرستنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن 4ئەنگىلىيە پادىشاھ، 46نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى، سابىق باش ۋەزىر ساچېر خانىم ۋە تونى بىلايېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى كىلىنتون ۋە پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان53 ھۆكۈمەت باشلىقى،3 پاپا، 86ئېپىسكوپ ۋە مەشھۇر سىياسىئون  لوك، بۈگۈنكى زامان فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر شەخسلەر بارلىقا كەلگەنلىكى ، ئۇنۋېرسىتنىڭ خېمىيە ئىنىستوتى DNA نى بايقاپ گېن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقتىن سىياسى پاكولتېتى ۋە بىئوخېمىيە دۇنيادىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە نوپۇزلۇق كەسپ بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ فىدىراتسىيە شەكلىنى يولغا قويغان 39ئىنىستوتى، ھەر قايسى دىنى مەزھەلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 5شەخسى دىنى ئىنىستوتى بولۇپ ھەربى ئىنىستوتتا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقتىن بىر ئىنىستوتتا ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ500دىن ئاشمايدۇ. ئوكسفوردنىڭ 12000دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ مەكتەپتە 7مىڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بار. مەكتەپتىكى 6مىليۇن پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ساقلانغان، پۈتۈنلەي تورلاشقان بودلىيان كۇتۇپخانىسى ئەنگىلىيە بويىچە بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا كىتاپ سانى ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ كۇتۇپخانا بولۇپ ھەر يىلى 5مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا كىتاپ سېتىۋېلىپ تولۇقلاپ تۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئاشمولان مۇزىيى ئەنگىلىيە بويىچە تۇنجى شۇنداقلا بۈيۈك برىتانىيە مۇزىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مۇزىي."L"

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈچ ئىنستىتۇتى[تەھرىرلەش]

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇسابىقە قولۋىقى[تەھرىرلەش]