ئون پەرھىز
From Wikipedia
[Uzgartish] ئاساسىي مەزمۇن
| ئېكسودۇس 20:2–17 |
|---|
| خۇدا سوز قىلىپ، مۇنداق دەدى:
مەن سەنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئەلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. 1. ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھەچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن. 2. چوقۇنۇش ئۇچۇن، مەيلى ئاسماندىكى، يەردىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىما. ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنما ياكى خىزمەت قىلما. چۇنكى، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بولغان مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەڭەنلەرنى ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە جازالايمەن. لەكىن، مەنى سويىدىغان، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ سانسىزلىغان ئەۋلادلىرىغىچە مەھرىبانلىق قىلىمەن. 3. مۇقەددەس نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالما. كىمدەكىم مەنىڭ نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن. 4. دەم ئەلىش كۇنىنى مۇقەددەس كۇن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. ئالتە كۇن ئىشلەپ، تەگىشلىك ھەممە ئىشلىرىڭنى قىلىۋال. يەتتىنچى كۇن ماڭا ئاتالغان كۇن بولۇپ، بۇ كۇنى مەيلى سەن بول، پەرزەنتلىرىڭ، قۇللىرىڭ، چارۋا ماللىرىڭ ياكى يۇرتۇڭدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات ئادەملەر بولسۇن، ھەچقانداق ئىش قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگار ئالتە كۇن ئىچىدە ئاسمان، زەمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۇتكۇل مەۋجۇداتلارنى ياراتتىم. لەكىن، يەتتىنچى كۇنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئەلىش كۇنىنى بەختلىك كۇن قىلىپ، مۇقەددەس كۇن دەپ بەلگىلىدىم. 5. ئاتا-ئاناڭنى ھورمەت قىل. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زەمىندا ئۇزۇن ئومۇر كورىسەن. 6. قاتىللىق قىلما. 7. زىنا قىلما. 8. ئوغرىلىق قىلما. 9. يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. 10. باشقىلارنىڭ ئوي-ئىمارەتلىرى، ئەر-خوتۇنى، قۇللىرى، كالا ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كوز قىرىڭنى سالما. |
