ئىمىن تۇرسۇن
ئورنى Wikipedia
ئىمىن تۇرسۇن
[تەھرىر] Heading text
ئىمىن تۇرسۇن 1925 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قول - ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ، پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق تەلەپ قوياتتى ، ئىمىن تۇرسۇن دادىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئالتە يېىشىدىلا مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە چاغاتاي تىلى ، يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقلىرىنى ئۆگەندى . نەۋائى ، قۇل غوجا ئەھمەد قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى نىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتى .
ئىمىن تۇرسۇننىڭ بالىلىق [[ھۆججەت:چېغى شىنجاڭنىڭ راسا داۋالغۇپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىتىدا ئۆتتى . بۇ مۇھىت گۆدەك ئىمىننىڭ قەلبىدە تۈرلۈك ھادىسىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا قىلدى . ئۇ ئون يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىخو ، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ جەمئىيەت ھاياتى بىلەن ئۇچىراشتى . ئاپرېل ئۆزگىرىشى دىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدە يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلدى . ئىمىن تۇرسۇن 1935 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ئېچىلغان نىيازىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ، بۇ مەكتەپنى 1938 - يىلى تۈگەتتى . ئۇ نىيازىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ، دەسلەپتە رۇس مەكتىپىدە رۇس تىلى ، كېيىن خەنزۇ 1 - مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئۆگەندى . ئۇ چاغلاردا يەنە مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكىدە قوشۇمچە ساپليور بولدى ، شۇنداقلا مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەۋەسىدىكى سانايىنەپىسەنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ، سەھنىلەردە دېكلاماتسىيە ئوقۇدى . ئىمىن تۇرسۇن 1938 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتىن سىرت ئىمتىھان بېرىپ ، ئۈرۈمچى 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىردى . ياش گىمنازىست بۇ مەزگىلدە يەنە ماياكوۋسىكىي ، ئابدۇللا توقاي ، سەدرىدىن ئەينى ، ئۆمەر مۇھەممىدى ، شاۋسەن قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇدى ؛ ئۇيغۇر كلاسسسىك ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسىم نەمۇنىلىرى بىلەن ئۇچىراشتى . ئىلغار سوۋېت ئەدەبىياتى بىلەن باي كلاسسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ياش ئىمىننى شېئىرىيەت باغچىسىغا باشلاپ كىردى . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىگە شېئىر يېزىشقا باشلىدى . ئوقۇيمەن ، ئوتۇنچى ، ئاچىل ، قويچى بالا ناملىق شېئىرلار شائىرنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي مەشىقلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىدى . 1941 - يىلى ، ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ شۇ يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى .
1941 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ، دارىلمۇئەللىمىن ۋە دارىلفۇنۇندا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانى ئىمىن تۇرسۇننى تۈرلۈك پەنلەرنى چۇڭقۇر ئۆگىنىش ئىمكانىيتى بىلەن تەمىنلىدى . شۇڭا ، ئۇ بۇ مەزگىلدە شېئىر ئىجادىيتىدىن تاشقىرى ، ئەدەبىي تەنقىد ، ئەدەبىيات - تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى . ئۇ 1942 - يىلى يانۋاردا ئۇلۇغ لېنىننى ئەسلەش بىلەن لېنىن يولىدا ئالغا ناملىق تۇنجى پوبلىستىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىد توغرىسىدا ، يېڭى ئەدەبىي ئىجادىيمىزنىڭ ئون يىللىقى ، پرولېتارىيات يازغۇچىسى گوركىي، ئەدەبىي مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە ، چىن مودەن قاتارلىق ماقالىلەرنى يازدى ۋە ئېلان قىلدى .
ئىمىن تۇرسۇن دراما ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى ، يېرىم جىڭ - سەككىز سەر ، بىرىنچى تىياتىر ناملىق كومېدىيىلەرنى يېزىپ ، سەھنىلەشتۈردى . تاھىر - زۆھرە ئوپېراسىنى يازدى .
ئىمىن تۇرسۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەر ، ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن دوستلۇقى 40 - يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغانىدى ، كېيىن ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى . ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىنى دائىم دېگۈدەك بىللە ئۆتكۈزەتتى . ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى لۇتپۇللا ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۈزۈلمىدى ، ئىمىن تۇرسۇن لۇتپۇللانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا تاھىر - زۆھرە ھېكايسىنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەردى . لۇتپۇللا ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىمىن تۇرسۇنغا ئۈزلۈكسىز ھالدا خەت يېزىپ تۇردى .
40 - يىللار ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىي ھاياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ ، ئۇ بۇ يىللاردا خىلمۇ - خىل ئىجتىمائىي تېمىلاردا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان قىسقا شېئىرلارنى يازدى . لېكىن ئىجادىيەت يۈكسەكلىكىگە ئىنتىلىۋاتقان جۇشقۇنلۇق ياش شائىر گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ ، دەھشەتلىك ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولدى . بۇ ھال ئۇنىڭ ياش قەلبىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭدا دۇنيادىن بىزار بولۇش ، ھەممىگە نەپرەت بىلەن قاراش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى . 1947 - ، 1948 - يىللىرى دەۋرانى تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر مۇنچە شېئىرلىرى ئەنە شۇ خىل ئىددىيە ۋە ھېسىياتنىڭ مەھسۇلى ئىدى .
شائىر 1949 - يىلى يانۋاردا يازغان ئىشتىياق ناملىق شېئىرى ئارقىلىق قەلبىدە يېڭىدىن لاۋۇلداشقا باشلىغان ئۈمىد يالقۇنىنى روشەن ئىپادىلىدى . ئۇ ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىندا سۆزلەنگەن نۇتۇق ناملىق ئەسىرىنى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە قىلدى ۋە شىنجاڭ گېزىتى دە ئېلان قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى .
ئىمىن تۇرسۇن ئازادلىقتىن كېيىن ، ئاساسەن ، مەتبۇئاتچىلىق ، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى ، ياش ئاپتورلارنى قىزغىن قوللاپ ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ تولىسىنى ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەش بىلەن ئۆتكۈزدى ؛ ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نەزەرىيسى ، تارىخى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار بىلەنمۇ كەڭ شۇغۇللاندى ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازدى . ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەش مەسىلىلىرى ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇ يەنە تۈركىي تىللار دىۋانى نىڭ تەرجىمە ، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشتى . تارىخ ، فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ئىلمىي جەھەتلەردە ، تەرجىمانلار سىمنارىيىلىرىدا تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى . ئارخېئولوگىيە ، قەدىمكى يېزىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى ، ئۇ ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۇرزۇن يىل تەتقىق قىلىپ ، بۇ ساھەدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەسەرلەرنى ئىشلىدى . ئىمىن تۇرسۇن ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماستىن ، شېئىرىي ئىجادىيتى بىلەنمۇ ئىزچىل تۈردە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ . نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . شائىرنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان شېئىرلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلىرى بىلەن ئازادلىقتىن كېيىن يازغان بىرقىسىم شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەۋەس ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ ، كەڭ كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .]]