ئىنگلىز تىلى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئىنگىلىزچە)

ئىنگلىزچە

English
ئىنگىلىزچىنىڭ تىل كودى بىلەن سىموۋۇلى ISO 639-1
تارقىلىشى
ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە
تېگى

نۇڧۇسى

ئىنگلىزلەر

380 مىلىيون (2010)

تىل ئائىلىسى


  • ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى
  • گېرمان تىللىرى ئائىلىسى
  • غەربىي گېرمان
  • ئىنگېۋائېونىك تىل گرۇبى
  • ئانگىلو - ڧرىز تىللىرى
  • ئىنگلىز تىللىرى
  • ئىنگىلىزچە
دەۋىرلەر
  • قەدىمكى ئىنگىلىزچە
  • ئوتتۇرا ئىگىلىزچە
  • دەستلەپكى زامانىۋىي ئىنگلىزچە
  • ئىنگىلىزچە
يېزىغى لاتىن ئەلىڧبەسى (ئىنگلىز ئەلىڧبەسى)
رەسمىي تىل 54 دۆلەت
تىل كودلىرى ISO 639-1 en

ISO 639-2 eng

ISO 639-3 eng

  • قېنىق كۆك رەڭ: ئىنگىلىزچە رەسمىي تىل ياكى ڧىئىلىي رەسمىي تىل، مىللىي تىل ۋە نۇپۇسنى كۆپچىلىكىنىڭ ئانا تىلى، يەرلىك تىلى.
  • سۇس كۆك رەڭ: رەسمىي تىل ئەمما ئاناتىل بولمىغان ئەللەر
ياۋروپادا ئىنگىلىزچە سۆزلىشىش نىسبىتى

ئىنگىلىز تىلى ياكى ئىنگىلىزچە (Englishئىنگىلىزچە تەلەڧڧۇزى: /ˈɪŋɡlɪʃ/) بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئانگلوڧون كارايىپلىرى، ئاۋستىرالىيە، ئىرلاندىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيەدە ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئانا تىلىدۇر. ئىككىنچى تىل ۋە يا رەسمىي تىل سۈڧەتىدە دۇنيادا، بولۇپمۇ ئىنگىلىز مىللەتلەر توپلۇغىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلات تەرەڧىدىنمۇ قوللىنىلىدۇ.

ھازىرىقى زامان ئىنگىلىز تىلى، ئانا تىلى ئوخشاشمىغان كىشىلەر ئورتاق قوللىنىدىغان تۇنجى «خەلقئارالىق ئورتاق تىل» دەپ تونۇلماقتا. ئىنگىلىزچە ئۇچۇر-ئالاقە، ئىلىم - بىلىم، تىجارەت، ھاۋاسازلىق (ئاۋىئاتىسيە)، كۆڭۈل ئېچىش، رادىئو ۋە دېپلوماتىيە ساھەلىرىدە ھۆكۈمران خەلقئارالىق ياردەمچى تىلدۇر. بۇ تىلنىڭ بېرتانىيە ئاراللىرىدىن چىقىپ دۇنياغا تارقىلىشىدا بېرتانىيە ئىمپىراتورلىقىنىڭ بۈيۈك ھەسسىسى باردۇر. ئا ق ش نىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئارتقان ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەئسىرى، ئىنگىلىزچىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلىشىنى سالماقلىق تەرزدە ھازىرلىغان.

ئورنى[تەھرىرلەش]

ئىنگىلىزچە دۇنيادا 1.8 مىلىيارد كىشى تەرىپىدىن قوللىنىلماقتا. ئىنگىلىزچە كۈنىمىزدە خەلقئارالىق تىل، ئۇچۇر-ئالاقە تىلى ياكى دۇنيا تىلى دەپ ئاتالماقتا.

ئىنگىلىزچە بۇگۈن نۇرغۇن كەسىپتە شەرت قىلىنماقتا. يەر يۈزىدە نۇرغۇن دۆلەتتە ئىنگىلىزچە رەسمىي تىل قەبۇل قىلىنماقتا. رەسمىي تىل بولمىغان بىر مۇنچە دۆلەتتىمۇ چەتئەل تىلى سۈڧەتىدە ئۆرگىتىلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تىلىمۇ ئىنگىلىزچىدۇر. ئىنگىلىزچىنىڭ سۈرئەتلىك يۈكسىلىشى دۇنيادا يەنە بىر مۇنچە تىلنىڭ يوقىلىشىغا سەبەب بولغانلىقى ۋە تىل تۈرلىرىنىڭ ئازايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگىلىزچە ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئوخشىمىغان تىللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمۇ مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئىنگلىز ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى ھاملىت

ئىنگىلىزچە، گېرمان تىل گۇرۇبىغا تەۋە بولۇپ، قەۋىملەرنىڭ چوڭ كۆچىشى بىلەن گېرمان قەۋىملىرىنىڭ بېرتانىيە ئاراللىرىدا ياشىغۇچى كېلتلەرنى سۈرۈپ بۇ ئاراللارغا ئېلىپ كەلگەن تىلدۇر. ئىسمىنىڭ ئارالغا يەرلەشكەن ۋە ساكسونلار بىلەن ئارالاشقان ئانگلۇسلاردىن ئالغان. بۇ قەۋىملەرنىڭ تىلىدە "ئانگىلىك" دېيىلگەن. گېرمان قەۋىملەر تەرىپىدىن بىرتانىيە ئاراللىرىدا قوللىنىلىشغا قاراپ، ڧىلولوگلار تەرىپىدىن ئەسلى نېمىسچىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە برىتانىيە ئاراللىرىغا ئىبەرلىگەن راھىبلەر،، بۇ يەرگە ئىنجىلنىڭ ئساسلىق تەرجىمىلىرىدىن بىرى بولمىش لاتىنچەنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇزۇن يىللار لاتىنچىنىڭ تەئسىرى ئۆز كۈچى كۆرسەتكەن. كېيىنچە جەنۇبدىن كەلگەن ڧرانسۇزلاشقان بىر خەلق بولمىش نورمانلارنىڭ ئىستىلالارى بىلەن "نورمانچە" دېيىلىدىغان ڧرانسۇز لەھچىسى بىلەن ئارالاشقان. ھاكىمىيەت سىنىپى بۇ تىلدا سۆزلەشكەن بولسا، دېھقانلار سىنىپى دەپ قەبۇل قىلىنغان ئاددىي خەلق كونا ئىنگىلىزچە سۆزلىشەتتى. 1066- يىلىدىكى ھاستىنگىس ئۇرۇشى بىلەن غالىب كەلگۈچى ۋىلىيام ئاراللارنى قولغا كىرگۈزۈپ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە نورمانچىنىڭ مۇقىملىشىشىغا سەبەب بولدى. نورمانلارنىڭ ئەنگىلىيە ڧەتھى، ئەينى زاماندا ئەنگىلىيەنىڭ ئاخىرىقى قېتىم ڧەتىھ قىلىنىشىدۇر.

كۈنىمىزدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، بۈيۈك بېرىتانىيە، ئاۋستىرالىيە، كانادا، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بىر بۆلىكى، مىسىر ۋە ئاڧرىقىنىڭ بەلگىلىك بۆلگىلىرىدە ئانا تىل ياكى ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

ئىنگلىزچە؛ خەنزۇچە (ئورتاق ئەدەبىي تىل) ۋە ئىسپان تىلىدىن قالسىلا رەسمىي تىل سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 3. چوڭ تىل.

جۇغراپىيلىك تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

ئانا تىلى ئىنگىلىزچە بولغانلار كۆپرەك ئامېرىكا قىتئەسى، ئاۋستىرالىيە ۋە بېرىتانىيە ئاراللىرىغا جايلاشماقتا. شۇنداقلا ئوكيانۇسىيەدىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللاردىن بىرىدۇر.

دۇنيادا رەسمىي تىل سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان 3. چوڭ تىل بولۇشىغا قارىماي دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان 1. تىلدۇر. دۇنيادا ئىنگلىزچە ئالاقە تىلى قەبۇل قىلىنىدۇ. بۇ سەبەبتىن بىر مىلىياردتىن كۆپرەك ئىنسان ئەڭ ئاددىي سەۋىيەدە بولسىمۇ ئىنگلىزچە بىلمەكتە. شۇنداقلا ئىنگىلىزچە ئەڭ كۆپ كىشى بىلىدىغان 2. تىل ئالاھىيدىلىكىگە ھەم مەلىكتۇر. ئىنگىلىزچە دۇنيانىڭ كۆپ يېرىدە قوللىنىلىدۇ. ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولغانلار ئەڭ كۆپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ياشايدۇ.

ئانا تىلى ئىنگىلىزچە بولغان ئىنسانلارنىڭ دۆلەتلەرگە كۆرە تارقىلىشى (1997- سانلىق مەئلۇماتلىرى)
دۆلەت ئانا تىلى ئىنگىلىزچە بولغان نۇپۇس
1 ئا ق ش [1]214.809.000
2 ئەنگىلىيە [2]58.200.000
3 كانادا 17.694.830][3]
4 ئاۋسترالىيە 15.581.334
5 ئىرلاندىيە 4.200.000+
6 جەنۇبىي ئاڧرىقا 3.673.203
7 يېڭى زېلاندىيە 3.500.000+
8 سىنگاپور 665.087

ئىنگلىز ئېلىپبەسى[تەھرىرلەش]

ھەرپ تەلەپپۇزى (IPA) تەلەپپۇزى (ئۇيغۇرچە) ھەرپ تەلەپپۇزى (IPA) تەلەپپۇزى (ئۇيغۇرچە)
Aa [eɪ] ئېي Nn [ɛn] ئېن
Bb [biː] بى Oo [əʊ] ئوۋ
Cc [siː] سى Pp [piː] پى
Dd [diː] دى Qq [kjuː] كيۇۋ
Ee [iː] ئى Rr [ɑː] ياكى [ɑɹ] ئار
Ff [ɛf] ئېف Ss [ɛs] ئېس
Gg [dʒiː] جى Tt [tiː] تى
Hh [eɪtʃ] ئېيچ Uu [juː] يۇ
Ii [aɪ] ئاي Vv [viː] ۋى
Jj [dʒeɪ] جېي Ww [ˈdʌb(ə)l juː] دابل يۇ
Kk [keɪ] كېي Xx [ɛks] ئېكس
Ll [ɛl] ئېل Yy [waɪ] ۋاي
Mm [ɛm] ئېم Zz [zɛd] ياكى [ziː] زېد (زې)

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

  1. ^ U.S. Census Bureau, Statistical Abstract of the United States: 2003, Section 1 Population, U.S. Census Bureau, Tablo 47.
  2. The Cambridge Encyclopedia of the English Language, Second Edition, Crystal, David; Cambridge, UK: Cambridge University Press, 1995.
  3. "Mother Tongue, 2001 Counts for Both Sexes, for Canada, Provinces and Territories - 20% Sample Data". Archived from the original on 2018-10-16. Retrieved 2018-04-28.