ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى

ئورنى Wikipedia


(2000 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا بۇقانۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنىڭ نورمال بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشى بۇ قانۇن بويىچە بولىدۇ. 3 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە، چەت ئەللەر بىلەن باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ھەمكارلىقتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 4 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىدا دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بېكىتىلگەن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئالاقىلىشىدىغان ئورگاندۇر. ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدا ئالاقىلىشىدىغان ئورگان ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 5 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئەھۋالغا قاراپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە تۇرالغۇ جايىنى نازارەت قىلىشتەك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلسا بولىدۇ. 6 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: (1) «ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى» تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتتىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىش تەلەپ قىلىنغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. (2) «ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچى» تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتتىن تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. (3) «ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چەت ئەللەر تۈزۈشكەن ياكى بىرلىكتە قاتناشقان ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئائىت ماددىلار بولغان باشقا شەرتنامىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 2 – باب جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش 1 – پاراگراف ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتى 7 – ماددا چەت ئەللەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قويغان ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپى مۇنۇ شەرتلەرگىمۇ توشقاندا، ئاندىن ئۆتكۈزۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ: (1) ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن قىلمىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدىمۇ، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنىدىمۇ جىنايەتكەتوشسا؛ (2) جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى ۋە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەتكە، بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى باشقا تېخىمۇ ئېغىر جىنايى جازا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازا مۇددىتى ئاز دېگەندە 6 ئاي بولسا. ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدىكى ئالدىنقى تارماقنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان جىنايەتلەرنىڭ بىرىلا ئالدىنقى تارماقنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە توشسا، يۇقىرىقى جىنايەتلەردە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ. 8 – ماددا چەت ئەللەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قويغان ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆتكۈزۈۋېلىشنى رەت قىلىش لازىم: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بويىچە، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولسا؛ (2) ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەت ئۈستىدە كۈچكە ئىگە ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان ياكى جىنايى ئىشلار دەۋا تەرتىپىنى توختاتقان بولسا؛ (3) سىياسىي جىنايەت سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولسا ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولسا ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ھامىيلىق ھوقۇقى بەرگەن بولسا؛ (4) ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۈستىدە ئىرق، دىن، دۆلەت تەۋەلىكى، جىنس، سىياسىي قاراش ياكى سالاھىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىنغان بولسا ياكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىدىغان بولسا ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئەدلىيە تەرتىپىدە يۇقىرى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا؛ (5) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەت پۈتۈنلەي ھەربىي جىنايەت بولسا؛ (6) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، جىنايەت سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى كەچۈرۈم قىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كەلمىسە؛ (7) ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتتە دەھشەتلىك جازا ياكى باشقا ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى كىشىلىك غۇرۇرى ھاقارەتلىنىدىغان مۇئامىلە ياكى جازاغا ئۇچرىغان بولسا ياكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا؛ (8) تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت سىرتتىن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، لېكىن تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئۇ سوتقا قاتناشقان ئەھۋالدا قايتا سوت قىلىنىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 9 – ماددا چەت ئەللەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قويغان ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەت قىلىنسا بولىدۇ: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەتتە جىنايى ئىشلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ھەمدە ئۆتكۈزۈو بېرىش تەلەپ قىلىنغۇچى ئۈستىدە جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىۋاتقان بولسا ياكى جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلماقچى بولسا؛ (2) ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغۇچى يېشى، سالامەتلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئەپسىز بولسا. 2 – پاراگراف ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويۇش 10 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. 11 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىشتا تەلەپنامىسىنى سۇنۇشى كېرەك، تەلەپنامىگە مۇنۇلار يېزىلىشى لازىم: (1) تەلەپ قىلغۇچى ئورگاننىڭ نامى؛ (2) ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، دۆلەت تەۋەلىكى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرى، كەسپى، تاشقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكى، تۇرار جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى پەرق ئېتىشكە ۋە بۇ ئادەمنى تېپىشقا ياردىمى بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار؛ (3) جىنايەت پاكىتى، جۈملىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋاقتى، ئورنى، قىلمىشى، ئاقىۋىتى قاتارلىقلار؛ (4) جىنايەتنى بېكىتىش، جازا ئۆلچەش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكى جەھەتتىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرى. 12 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەلەپنامىسىنى سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنۇ ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك: (1) جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، قولغا ئېلىش قەغىزى ياكى ئوخشاش كۈچكە ئىگە باشقا ھۆججەتلەرنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىمۇ بېرىش؛ جىنايى جازا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنامە ياكى كېسىمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىمۇ بېرىش، جىنايى جازانىڭ بىر قىسمى ئىجرا قىلىنىپ بولغان بولسا، ئىجرا قىلىنىپ بولغان جازا مۇددىتى ئىسپاتىنىمۇ بېرىش؛ (2) زۆرۈر بولغان جىنايەت دەلىل – ئىسپاتى ياكى دەلىل – ئىسپات ماتېرىيالى. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ سۈرىتى، بارماق ئىزى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن بولسا، ئۇنى تەمىنلىشى لازىم. 13 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت بۇ پاراگرافقا ئاساسەن سۇنىدىغان ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ياكى باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مەسئۇل ئورگىنى رەسمىي ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى ھەمدە جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئىشلىتىشكە قوشۇلغان باشقا يېزىقتىكى تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ بېرىشى كېرەك. 14 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكىچە كاپالەت بېرىشى لازىم: (1) تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى سادىر قىلغان، ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە رۇخسەت قىلىنمىغان باشقا جىنايەتلىرى ئۈچۈن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىق، شۇنداقلا بۇ ئادەمنى 3 – دۆلەتكە قايتا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قوشۇلغان ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن جىنايىتى ئۈستىدىكى دەۋا ئاياغلاشقان، جازا ئۆتەش مۇددىتى توشقان ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتتىن ئايرىلىپ كەتمىگەن ياكى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. (2) تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى بىكار قىلسا، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە ياكى ئۆتكۈزۈۋېلىشتە خاتا تەلەپ قىلسا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى ئۇچراتقان زىيان ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش. 15 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بولمىغان ئەھۋالدا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋەدە بېرىشى كېرەك. 3 – پاراگراف ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تەكشۈرۈش 16 – ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرنىڭ بۇ قانۇننىڭ 2 – باب 2 – پاراگرافى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنىڭ بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە كېسىم چىقىرىشى لازىم. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى قايتا قاراپ چىقىدۇ. 17 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت بىر قىلمىش ياكى ئوخشاش بولمىغان قىلمىشتا بىر ئادەمنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋېلىشنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بار – يوقلۇقى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى رەت تەرتىپىنى بېكىتىشى لازىم. 18 – ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تەكشۈرۈپ، بۇ قانۇننىڭ 2 – باب 2 – پاراگرافى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتتىن 30 كۈن ئىچىدە قوشۇمچە ماتېرىيالىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مۆھلەت 15 كۈن ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مۆھلەتتە قوشۇمچە ماتېرىيالنى بەرمىسە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىنى توختىتىشى لازىم. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت بىر جىنايەتتە بۇ ئادەمنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قايتا تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 19 – ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تەكشۈرۈپ، بۇ قانۇننىڭ2 – باب 2 – پاراگراف ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. 20 – ماددا چەت ئەل رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەممىسىنى ئالاقىدار يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. چەت ئەل رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇلمىغان بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى تېپىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئەھۋالغا قاراپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇشى ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى، بۇ ھەقتە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى ئالاقىدار يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىزدىگەندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى تاپالمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىزدەش ئەھۋالىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. 21 – ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەت ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ باشقا جىنايىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى سۈرۈشتۈرۈشكە يېگىشلىك بولسىمۇ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىنماپتۇ دەپ قارىسا، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلماقچى بولغان پىكرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 22 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتى قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى 3 نەپەر سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرىدۇ. 23 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىنى تەكشۈرۈشتە، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ بايانىنى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان جۇڭگولۇق ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسى لازىم. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 24 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىچە كېسىم چىقىرىشى لازىم: (1) تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىدا بۇ قانۇننىڭ 42 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ئەھۋاللار بولسا، كېسىمدە ئۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك؛ (2) تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قىلىنىۋاتقان باشقا دەۋالارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەر قانداق 3 – كىشىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىگە توشىدۇ، دەپ كېسىم چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل، مالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلسا بولىدۇ. 25 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمسى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىقىنى ياكى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئوقۇپ بېرىشى ھەمدە كېسىم چىقارغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە كېسىمنامە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قوشۇپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا يوللىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىقى ھەققىدىكى كېسىمگە قايىل بولمىسا، ئۆزى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان جۇڭگولۇق ئادۋوكات خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا كېسىمنى ئوقۇپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. 26 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمنى قايتا قاراپ چىققاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم: (1) يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى تەستىقلىشى كېرەك؛ (2) يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى بۇ قانۇن ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، ئەسلىي قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىگە قايتۇرسا بولىدۇ، ئۆزگەرتىش ھەققىدە بىۋاسىتە كېسىم چىقارسىمۇ بولىدۇ. 27 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا، زۆرۈر تاپسا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتتىن 30 كۈن ئىچىدە قوشۇمچە ماتېرىيالنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 28 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلاش ياكى ئۆزگەرتىش ھەققىدە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، كېسىم چىقارغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە كېسىمنامىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ئەۋەتىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغىمۇ تەڭلا ئەۋەتىشى كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلىغاندا ياكى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھەققىدە كېسىم چىقارغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. 29 – ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى كېسىمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىقى ھەققىدىكى كېسىمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈپ بېرىش – بەرمەسلىكنى گوۋۇيۈەننىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى قارار قىلسا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 4 – پاراگراف ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى 30 – ماددا چەت ئەل ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا قارىتا قاماپ تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش ئىلتىماسى قىلىنغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چەت ئەلنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىلتىماسنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا سۇنۇش ھەمدە مۇنۇلارنى يېزىش كېرەك: (1) بۇ قانۇننىڭ 11 -، 14 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار؛ (2) بۇ قانۇننىڭ 12 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ماتېرىياللار ھەققىدىكى ئىزاھات؛ (3) پات ئارىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپى ھەققىدىكى ئىزاھات. دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئىلتىماس قىلىنسا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ ئىلتىماسنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئىلتىماس قىلىنغان ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 31 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا ئىلتىماس سۇنۇلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئىجرا ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئىلتىماس سۇنۇلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئىجرا ئەھۋالىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىغا ئۇقتۇرۇشى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن يول بىلەن ئۇقتۇرغاندا، تەلەپ قىلىنغۇچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولسا، رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۆھلىتىنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىپ 30 كۈنگىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چەت ئەلنىڭ رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىسا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇشنى بىكار قىلىشى كېرەك، شۇ چەت ئەلنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مۆھلەت 15 كۈن ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. بۇ ماددىنىڭ 2 – تارمىقىغا بىنائەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش بىكار قىلىنغاندا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئىشتىن كېيىن بىر جىنايەت بىلەن شۇ ئادەمنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. 32 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلەپنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا نورمال ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىش ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. 33 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە توختىتىپ قويۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. 34 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان ئورگان تەدبىر قوللىنىپ 24 سائەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان ئادەمنى سوراق قىلىشى لازىم. ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان ئادەم شۇ تەدبىر قوللىنىلغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگولۇق ئادۋوكاتنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ تەدبىر قوللىنىلىدىغان ئادەمگە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 35 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىلاردىن ئېغىر كېسىلى بارلىرىغا ياكى ھامىلدار، ئېمىتىۋاتقان بالىسى بار ئاياللارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ. 36 – ماددا گوۋۇيۈەن ئۆتكۈزۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىنمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە قولغا ئېلىشنى دەرھال قارار قىلىشى لازىم. 37 – ماددا چەت ئەل ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى بىكار قىلسا، بۇ تەلىپىدىن ۋاز كەچسە، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىغا قوللانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىش كېرەك. 5 – پاراگراف ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىجرا قىلىش 38 ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى، ئورنى ئۇسۇلى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلار ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىلەن پۈتۈشۈشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 39 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 38 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىجرا قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىگە ئاساسەن، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل، ماللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۆلگەنلىكتىن، قېچىپ كەتكەنلىكتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمىغاندا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن پۇل، ماللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى قويۇلسىمۇ بولىدۇ. 40 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش پۈتۈشكەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى ئۆتكۈزۈۋالمىسا، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچتى، دەپ ھېسابلاش لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەتنىڭ بىر جىنايەت بىلەن شۇ ئادەمنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەققىدىكى قايتا تەلىپىنى قوبۇل قىلمىسىمۇ بولىدۇ. تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مۆھلەتتە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈۋالالمايدىغان بولسا، مۆھلەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بۇ قانۇننىڭ 38 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنى قايتا پۈتۈشسە بولىدۇ. 41 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتتە جىنايى ئىشلار دەۋاسى ئاياغلىشىشتىن ياكى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولۇشتىن ئىلگىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قېچىپ كېلىۋالسا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشاش تەلىپىگە بىنائىن قايتا ئۆتكۈزۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت بۇ بابنىڭ 2 – پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز. 6 – پاراگراف ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ۋە ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش 42 – ماددا گوۋۇيۈەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلىشتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى ئۈستىدە باشقا جىنايىتى ئۈچۈن جىنايى جازا ئىجرا قىلىۋاتقان بولسا، ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنىمۇ قارار قىلسا بولىدۇ. 43 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلسە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قىلىنىۋاتقان جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ھەمدە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت ئالاقىدار دەۋا تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى دەرھال شەرتسىز قايتۇرۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بۇ ئادەم ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ. ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى گوۋۇيۈەن ئالىي خەل؛ق سوت مەھكىمىسى ياكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن چىقىرىدۇ. 7 – پاراگراف ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش 44 – ماددا چەت ئەللەر ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە، بۇ قانۇننىڭ 4 – ماددىسى ۋە بۇ بابنىڭ 2 – پاراگرافىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چېگرىدىن ئۆتۈش تەلىپىنى قويۇش لازىم. چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشتە ئاۋىئاترانسپورتى ئىشلەتكەندە ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يەرگە قونۇش پىلانى بولمىغاندا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ؛ لېكىن پىلان سىرتىدا يەرگە قونماي بولمىغاندا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە چېگرىدىن ئۆتۈش تەلىپىنى قويۇش لازىم. 45 – ماددا چەت ئەلنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش تەلىپىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن تەكشۈرۈپ چېگرىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش ياكى چېگرىدىن ئۆتۈشنى رەت قىلىش قارارى چىقىرىدۇ. چېگرىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش ياكى چېگرىدىن ئۆتۈشنى رەت قىلىش قارارىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغان يول بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چېگرىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش قارارى چىقارغادىن كېيىن، بۇ قارارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. چېگرىدىن ئۆتۈش ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ئىشلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى قارار قىلىدۇ. 46 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشنى چېگرىدىن ئۆتىدىغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ ياكى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ۋاقىتلىق قاماپ تۇرىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. 3 – باب چەت ئەلدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش 47 – ماددا چەت ئەلدىن ئۆتكۈزۈۋېلىشكە ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى چېگرىدىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل بولغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سوت، تەپتىش، ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ياكى تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىغا پىكرىنى ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ۋە توغرىلىق ئىسپاتلانغان تەرجىمىسىنىمۇ بېرىشى لازىم. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەت ئەلگە تەلىپىنى قويىدۇ. 48 – ماددا جىددىي ئەھۋالدا، چەت ئەلگە ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويۇشتىن ئىلگىرى، دىپلوماتىيە يولى ياكى تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەت قوشۇلغان باشقا يول بىلەن، چەت ئەلدىن ئالاقىدار كىشىلەرگە ئالدىن مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش تەلەپ قىلىنسا بولىدۇ. 49 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش تەلىپىگە كېرەكلىك مەكتۇپ، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېرىش لازىم؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بولمىسا ياكى بۇ شەرتنامىدە بەلگىلەنمىگەن بولسا، بۇ قانۇننىڭ 2 – باب 2 -، 4 – ۋە 7 – پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بېرىلسە بولىدۇ؛ تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەلىپى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىدىكى ئاساسىي پرىنسىپقا خىلاپلىق قىمىغان ئەھۋالدا، تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەلىپى بويىچە بېرىلسە بولىدۇ. 50 – ماددا تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ قوشۇمچە شەرت قويغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغان بولسا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتكە ۋەدە بەرسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرۈشنى چەكلەش ھەققىدىكى ۋەدىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ؛ جازا ئۆلچەش ھەققىدىكى ۋەدىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، ئەدلىيە ئورگىنى بەرگەن ۋەدىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى لازىم. 51 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چەت ئەل ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان ئادەم ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل – مالنى تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. باشقا تارماقلار ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل – مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى قويغان تارماققا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگۈچىنى ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل – مالنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تاپشۇرۇۋالمىسىمۇ بولىدۇ. 4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 52 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش – بەرمەسلىكنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ، گوۋۇيۈەن زۆرۈر تاپقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قارار قىلىشىغا ھوقۇق بېرىدۇ. 53 – ماددا تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت تەلىپىنى قويۇپ بولۇپ، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ياكى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى خاتا تەلەپ قىلىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچى تۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئۇنى تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتكە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 54 – ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىنى بېجىرىشكە كەتكەن خىراجەت تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت بىلەن تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەت بىرلىكتە قاتناشقان، تۈزۈشكەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ياكى كېلىشىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 55 – ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.