ئۆزبېك مىللىتى

ئورنى Wikipedia
header 1
توپلام نۇپۇسى
ياشايدىغان يەرلىرى
تىلى
ئۆزبېكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى
مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر
ئۆزبېك مىللىتى

ئۆزبېك مىللىتى - ئۆزبېك تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلىق. ئۆزبېكلەر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت (نوپۇسى 20 مىليوندىن كۆپرەك) بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغانلىرى ئافغانىستان (تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ)، تاجىكىستان (بىر مىليۇن 100مىڭ)، قىرغىزىستان (720 مىڭ)، قازاقىستان (460 مىڭ)، تۈركمەنىستان (330 مىڭ) ، پاكىستان( 500مىڭ) ۋە تۈركىيە، ئىران، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (تەخمىنەن14 مىڭ) غا جايلاشقان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 30مىليۇندىن ئاشىدۇ.

تەربىيە[تەھرىر]

تىل[تەھرىر]

== تارىخ == ئۆزبېكلەر تارىختا شامان، زەردۇشىت، بۇددا، مانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۆزبېكلەر ناھايىتى بالدۇرلا شەھەرلەشكەن بولۇپ ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر مىللەت. ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت تۈركلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى تۈركى مىللەتلەرنىڭ پادىشاھلىقى ھىساپلانغان كانكىئو خانلىقى ئۆزبېكىستان زىمىنىدا قۇرۇلغان. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى باكتىرىيە، خارەزىم، سۇغدىيانا ۋە ئارشاڭ قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5- ئەسىرلەردە ئىران ئاچىمەند خاندانلىقىنىڭ، 3-ئەسىردە ۋە ماكېدۇنىيىلىك ئالېكساندىر قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. كۇشانلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 6-ئەسىردىن كېيىن كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان(كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ قىشلىق پايتەختى مىڭبۇلاق ھازىرقى تاشكەنت ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ). 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقى قىسمى قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، غەربى قىسمى ئەرەب ئىمپېرىيسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ كەلگەن. مىلادى 10-ئەسىردە پارىسلارنىڭ سامانىلارخانلىقى ئۆزبېكلەر ئولتۇراقلاشقان زىمىننى بويسۇندۇرغان، 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بۇ رايوننى قايتىدىن تەسەررۇپىغا ئالغان. 13-ئەسىردە ئۆزبېكلەر ئولتۇراقلاشقان رايون چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاينىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئۆزبېكخان (1312 - 1342) قورال كۈچى بىلەن ئۆزبېكلەر باشچىلىقىدىكى خانلىق قۇرغان. 15 - ئەسىردە چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىپ قىسمەن ئاھالىسى چۇ ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەن، ئۆز جايىدا قېپقالغانلىرى پادىشاھنىڭ جەمەت نامى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىلىپ، تەدرىجىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 16 - ئەسىردە ئۆزبېك خانلىقى پارچىلىنىپ قوقان خانلىقى، بۇخارا خانلىقى ۋە خىۋا خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. ئۆزبېكلەرنى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چار روسىيە ئاستا-ئاستا بېسىۋالغان، 1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۆزبېكلەر تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ قالغان. 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1990 - يىلى سوۋېت 6- ئاينىڭ 20-كۈنى جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى «ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ماقۇللىغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن موڭغۇل ۋە تاجىكلار ئۆزبېكلەرنىڭ مىللەت تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ ئۆرپ ئادەت، تىل ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ نۇرغۇن تەسىرى بار. ھازىرقى ئۆزبېكلەردە يەنە رۇسلارنىڭمۇ نۇرغۇن تەسىرى بار. ئۆزبېك خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى بىر ئىدى، سىياسىنىڭ ۋە دولەت چىگرىلىرى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئىككىسى تەدرىجى ھالدا ئىككى مىللەت بولۇپ ئايرىلىپ قالغان. 95%سوزلۇكلىرى ئوخشاش .ئەدىپلىرىدىن ناۋايى ، ئاتايى، بابۇر، سەككاكى، ئۇلۇغبېك قاتارلىق ئالىم مۇتەپپەككۇرلىرى بار.

بۆلۈش[تەھرىر]

ئۆزبېكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى - پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى قارلۇق تىللىرى ئائىلىسى(گاھىدا شەرقى تىللار ئائىلىسى دىيىلىدۇ)گە تەۋە ئۆزبېك تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، سوۋېت ئىستىلاسىدىن كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.

قاراڭ[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]