ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئورنى Wikipedia

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىل (مىلادىيە 579-644 يىللار) ھىجرەتتىن 45يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېينىئاتىسى، دوستى ۋە تارىختا خۇلافەئى راشىدىن دەپ ئاتالغان تۆت خەلىپىنىڭ ئىككىنچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى. دوكتۇر مىخائىل خارت تەرىپىدىن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» نىڭ 52-سى قىلىپ تىزىلغان.

 ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىڭلىسى فاتىمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى سەئىد ئىبنى زەيدنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئىش بېجىرىشتىكى كەسكىنلىكى ۋە سىياسى تالانتى بىلەن ئەلفەررۇق(ياخشى ياماننى پەرقلەندۈرگۈچى) دەپ ئاتالغان. زېھنى قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، تالانتلىق سىياسىئون بولۇپ، سەمىمىي، ئادىل، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئۆمەرنىڭ تولۇق ئىسمى— ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىل، كېلىپ چىقىشى مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ بەنى ئادى جەمەتىدىن ئىدى.  ئۆمەر ياش ۋاقىتلىرىدا باشقا قۇرەيىشلىكلەرگە ئوخشاش سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مەككىدىكى ئابرويلۇق بىر سودىگەر ئىدى. ئۆمەر بۇرۇن ھاراققا ئامراق بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تەپ تارتىپ قورقاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقىتىشقا باشلىغان چاغلاردا، ئۇ قەتئىي قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەتتا ئاچىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئېرىنى دىنىغا كىرىپسىلەر دەپ قاتتىق ئۇرغانىدى. ئەمما، ئۇ «قۇرئان كەرىم» نى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەلبى لەرزىگە كېلىپ، ئۇدۇل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شۇ مەيداندىلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان، ئۇ ئادىل، تۈز كۆڭۈل ئادەم بولۇپ، ئىسلام دىنى ئۇنى دۇنياغا قايتىدىن ئاپىرىدە قىلغان ئىدى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۇ دىنىنى يۈرەكلىك تارقىتىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار مەككىدىن كەتمەكچى بولغاندا، ئۇلارنى قوغداپ ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئەمما ئۆزى مەدىنىگە كەتمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ، قۇرەيىش مۇشرىكلىرىمۇ ئۇنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. مەدىنىدىكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئەبۇ بەكرى بىلەن بىرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئىشلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قىزى ھەفىسەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ قويىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ھايات-ماماتى قىل ئۈستىدە قالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئەبۇ بەكرىنى خەلىپىلىككە كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆتكەلدىن تىنچ ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ. ئەبۇ بەكرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللەردە، ئۇ ئوسمان، ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا قاتارلىق ئاتاقلىق ساھابىلەر بىلەن بىرگە مەدىنىنى قوغداپ، ئەبۇ بەكرىگە ھەمدەم بولۇپ، توپىلاڭلارنى تىنجىتىدۇ. تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئەبۇ بەكرىمۇ ئۇنى ئىنتايىن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ. ئۇ خەلىپە بولغاندا، ئاران 42 ياش بولۇپ، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىڭقى چۈشتىكى قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان ۋاقتى ئىدى. ئەگەردە، ياشلىق دەۋىرلىرىدە ئۆمەرنىڭ مىجەزىدە ئازراق قاراملىق بار دېيىلسە، كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۆمەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ تەربىيلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ چېنىقىشى ئارقىلىق، ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە، يىراقنى كۆرەر پىشقان بىر سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى. مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا، سەمىمىي، ئادىل، كەسكىن، پاراسەتلىك، پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە بولۇپ، ئاتاقلىق سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى ھازىرلىغان ئىكەن. ئۆمەر، ئەبۇبەكرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزباسارى—خەلىپە، ئۆزىنى بولسا «ساھابىلەرنىڭ باشلىقى (ئەمرى.مۆمىنىيە) دەپ قارايتتى.


ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىبنى نۇھىلنىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسى ئۆمەر خەلىپە بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. تېخىمۇ زور، تېخىمۇ يىراق نىشانلارغا يۈرۈش قىلىپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىتىش ئۈچۈن كۆزگە كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 634-يىلى، ئۆمەر شەرقى يول ۋە غەربى يولدىن ئىبارەت ئىككى زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىككى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولغانلار «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان خالىد، يەنە بىرسى ئەبۇ سۇفىيانىنىڭ ئوغلى يەزىد ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئېزنادىن ۋە يەرمۇك ئىككى جايدىكى ئېلىشىش ئارقىلىق، رىم قوشۇنلىرى دەمەشىق شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، 635-يىلى 9-ئايدا ئىشغال قىلىدى. شەھەر فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، خالىد دەرھال تىنىچلىق سىياسىتىنى ئېلان قىلدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىدۇ، خرىستىئانلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ. مۇسۇلمانلار چېركاۋلارغا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرمەيدۇ. خرىستىئانلار خەلىپە دۆلىتىنىڭ پۇقراسى ھېسابلىنىپ، ياشانغانلار، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ۋە ئاياللار بالىلاردىن باشقا كىشىلەر ھەر يىلى ئادەم بېشىغا بىر دىناردىن باج تۆلەيدۇ. بۇ سىياسەت كېيىن ئىشغال قىلىنغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئەمىر.ئىبنى.ئاس قوشۇنلىرىنى باشلاپ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەر-پورتلارنى ۋە غەززە قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىدى. شىمالدىكى خورمۇس شەھىرىنى فەتىھ قىلىپ، 3 دىن (يەھۇدى دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ مۇقەددەس جايى بولغان ئېروسالىمنى قورشىۋالدى. شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكى گۇناھسىز ئاھالىگە تالاپەت يېتىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمىر سۇلىھ تەشەببۇس قىلىپ، شەھەرنى ساقلاپ ياتقان خرىستىئان دىنىنىڭ باش ئىپىسكوپىدىن 3 دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى—ئىروسالىمنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىندى. مۇھاسىرە بىر نەچچە ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئىپسكوپ، قۇدرەتلىك مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا ھەقىقەتەن تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاندىن خەلىپە ئۆمەر بىلەن سۇلىھ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. 638-يىلى شەخسەن ئۆزى ئېروسالىمىغا كېلىپ، داغدۇغىلىق تەسلىم قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە بەيتۇل مۇقەددەستە بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن، قەدىمكى زاماندىكى پەيغەمبەر ياقۇب «ۋەھىي» قوبۇل قىلغان تاشنىڭ ئۈستىگە بىر مەسچىت سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن 3 خىل دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرىشىغا تەۋە بولدى. ئەمما، خرىستىئان ۋە يەھۇدى دىنلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىگىمۇ ھۆرمەت قىلىنىپ، چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلار قوغدالدى. بۇ خىل ھالەت 1000 يىللارغىچە داۋاملاشتى (ئەھلىسە لىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا) ئېروسالىمدىن كېيىن، ئەمىر يەنە قەيسەرىيە پورتىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۇنى مىسىرغا كىرىشتىكى بازا قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، سۈرىيە، پەلەستىننىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى فەتىھ قىلىنىپ بولدى. مىسىرنىڭ يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنىڭ مۇھىم جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. 639-يىلى، ئەمىر 4000 كىشلىك قوشۇنىنى باشلاپ، تارىختىكى مەشھۇر دېڭىز بويى لىنىيىسىنى بويلاپ مىسىرغا يۈرۈش قىلدى. 12-ئايدا، ئارىشنى تارتىۋالدى. كېلەركى يىلنىڭ بېشىدا، مىسىرنىڭ كىرىش يولى بولغان شەرقتىكى فارما ۋە باشقا مۇھىم شەھەرلەرنى بېسىۋالدى. 641-يىلى، ئەمىر بىلەن زۇبەيىر. ئىبنى. ئەۋۋام بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، بۈگۈنكى قاھىرە ئەتراپىدىكى بابىلۇن قەلئەسىنى ئالدى. پۈتۈن قەلئەنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئاۋازلىرى تىترىتىۋىتەتتى. ئارقىدىنلا، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى مىسىرنىڭ پايتەختى ئالىكساندىرىيە پورتىغا يۈرۈش قىلدى. ئالىكساندىرىيە پورتىنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلاردا 50 مىڭ ئادەم بولۇپ، يەنە ۋىزانتىيەنىڭ بارلىق دېڭىز ئارمىيىسىمۇ ئۇلارنى قوللايتتى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىدا بولسا 20 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئادەم سانى ۋە قوراللىنىش جەھەتلەردىمۇ ئۇلاردىن تۆۋەن تۇراتتى. ئەمما، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىتى، مۇداپىئە قوشۇنلىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 641-يىلى ۋىزانتىيە پادىشاھى ھىراقىلي ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نەۋرىسى كونستانتىن Ⅱ (مىلادىيە 641-668 يىللار) ئولتۇرغان. ئۇ، بوۋىسى ۋاز كەچكەن ئالىكساندىرىيە پورتىنىڭ سابىق ھاكىمى قوشۇمچە باش ئىپسكوپى كۈيچۇڭشىنى قايتا ئىشلىتىپ، شەھەر مۇداپىئەسىگە قويغان ئىدى. بۇ ئىپىسكوپ بولسا كىشى بېشىغا قاراپ باج (جىزيە) تۆلەشكە قوشۇلۇپ، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل مىسىر مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، شەرق رىم ئىپىرىيىسى ئامالسىز تەسلىم بولدى. ئەمىر بابىلۇن قورغىنىنىڭ سىرتىغا فوستان ھەربىي گازارمىسىنى قۇرۇپ، ئۇنى مىسىرنىڭ پايتەختى قىلدى. 641-يىلىدىن 642-يىلىغىچە، ئەمىر بۇ يەرگە مىسىردىكى تۇنجى مەسچىد مەشھۇر ئەمىر مەسچىتىنى سالدۇردى. بۇ مەسچىد ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن، ئىسلام دىنى مىسىردا پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ، ئەرەب تىلى ئەسلىدىكى قىبتى تىلى ۋە گىرىك تىلىنىڭ ئورنىنى ئالدى. مۇسۇلمانلار مىسىرنى فەتىھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق شىمالى ئافرىقىغا يۈرۈش قىلدى. ئەمىر قوشۇنلىرىنى باشلاپ دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى يوللار بىلەن ئۇدۇل گۇتا پولسىنىڭ شىمالىغا (بۈگۈنكى لىۋىيەنىڭ سىرانىكا ئەتراپلىرى) غا كىرىپ، ناھايىتى تېزلا بارىكانى ئىگەللىدى. لىۋاتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىبولدىكى بەربەرلەر كەينى-كەينىدىن تەسلىم بولدى. غەربتىكى ۋىزانتىيە ئارمىيسى مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئالدىدا كەينى-كەينىدىن يېڭىلىپ تۇرغان پەيتتە، شەرقتىكى پىرسىيەمۇ «قۇملۇق بورىنى» نىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتاتتى. ئۆمەر ئىككى تەرەپتىن قىسماققا ئېلىش، غەرب ۋە شەرققە تەڭ يۈرۈش قىلىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىنىپ، ئەمىرنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىش بىلەن بىرگە، سەيىد ئىبنى ئەبۇ ۋاققاسىنى باش قوماندان قىلىپ، قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىراقنىڭ ھىرا شەھىرى ئەتراپىدىكى قەدىسىيەگە ئەۋەتتى. 637-يىلى 5-ئايدا، ۋاققاسىنىڭ باشچىلىقىدىكى 6000 كىشلىك قوشۇن پىرسىيە ۋەزىرى رۇستاننىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن قەدسىيەدە ئۇچراشتى. رۇستان ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قۇملۇقتىن كەلگەن بۇ مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ئۇ ۋاققاستىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋەكىل مۇيىلەينى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ۋاققاس مۇيىلەينى رۇستان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىتىنى شەرھلىدى. رۇستان بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماي: «بىزنىڭ بايلىقىمىز مول، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىڭلار كام بولسا، بىز ياردەم قىلساق بولىدۇ، سىلەر تېز قايتىپ كېتىڭلا!» دەيدۇ. مۇيىلەي: «سىلەرنىڭ باي ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭلارنى بىز بۇرۇنلا ئاڭلىغان. ئەمدى مەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سىلەرگە دەپ قوياي! ئاللاھ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەلچىسىنى ئەۋەتىپ بىزنى گۇمراھلىقتىن قۇتقازدى. ئۇ بىزنى مۇقەددەس دەستۇرگە ئىشىنىشكە بۇيرىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز. كىشىلەرنى ئادەم ئادەمگە چوقۇنۇشتىن، شېرىكى يوق بىردىن-بىر ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەيمىز. كىمدە-كىم بىز بىلەن قارشىلاشسا، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ» دەيدۇ. رۇستان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ قىلچىلىك پەرۋا قىلمايدۇ. مۇيىلەي قايتىپ كېتىدۇ. بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش مۇقەررەرلىشىپ قالىدۇ. ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلانغان كۈنى، قاتتىق بوران چىقىپ، كۈننىمۇ كۆرگىلى بولماي قالىدۇ. بۇ خىل ھاۋارايىدىن پىرسىيەلىكلەرنىڭ كاللىسى ئايلىنىپ كېتىدۇ. باش قوماندانى رۇستان جەڭدە ئۆلىدۇ. پىرسىيە قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەدسىيە غازىتى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى داڭلىق غازاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان تارىخشۇناسلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن؛ ئەدىپلەرمۇ ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۇرۇش تېمىسى قىلىپ ئەدەبى ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئىراق جۇمھۇرىيىتى «قەدسىيەدىكى قانلىق جەڭ» دېگەن بىر كىنو ئىشلىگەن. كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان. قەدسىيە غازىتى زور غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاققاس غەلبىسېرى ئىلگىرلەپ تېخىمۇ ئىچكىرى كىرمەكچى بولغان، ئەمما، ئۆمەر رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ: «ئالغا بېسىش دەرھال توختىتىلسۇن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر شەھەر قۇرۇشنى بۇيرۇغان. ئۇ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئەسكەرلىرىم بىلەن مېنى دېڭىز ئايرىپ تۇرسا ھەرگىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۆمەرنىڭ قارىشىچە ھەربىي قوشۇن جەڭنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىشى، يالغۇز قوشۇن دۈشمەننىڭ ئىچىگە بەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ۋاققاس بۇيرۇققا بىنائەن قەدسىيەنىڭ جەنۇبىغا 13 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جايغا چوڭ بىر ھەربىي گازارما سالدۇرغان. بۇ گازارما كېيىن تەرەققى قىلىپ ئاتاقلىق شەھەر كۈفە بولۇپ قالغان. مۇسۇلمانلار كۈفەدە پۇت دەسسەپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆمەر، ۋاققاسىنىڭ پىرسىيە زىمىنىغا داۋاملىق يۈرۈش قىلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ۋاققاس قوشۇنىنى باشلاپ 637-يىلى پىرسىيە پادىشاھى يەزىد جىرىد (يېڭى تاڭنامە. غەربى دىيار تەزكىرىسىدە يىسئەي دەپ خاتىرلەنگەن) جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. 640-يىلى خوردىستاننى، 641-يىلى مۇسۇلنى فەتىھ قىلىدۇ. 642-يىلى نىھاۋەند غازىتىدا، پىرسىيە قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. 651-يىلى، قېچىپ يۈرگەن يەزىد. جىرىد (ھازىرقى ئورتا ئاسىيا تۈركمەنىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى مەرۋ) ئەتراپىدا بىر تۈگمەنچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 4 ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ساسانىلار خاندانلىقى مۇنقەرىز بولىدۇ. پىرسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىچكى جەھەتتە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، خەلقنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنى قويمايدۇ، سىرتقا نىسبەتەن، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، پۇقرالارنى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە ئېلىپ، ئۇرۇشقا سالىدۇ، سانسىزلىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈگى ياقا يۇرتلاردا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرىسىيە ھۆكۈمرانلىرى خەلقنى زورو ئاستىر دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، مازداك دىنى مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرىدۇ. خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭا، پۇقرالار پىرىسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئاللا بۇرۇن نارازى ئىدى. مۇسۇلمانلار پىرىسىيەنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۈنۈملۈك باشقۇردى. يەھۇدى، ناسارا، زەردۇش دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى، ھەرقايسىسىنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى. پەقەت بەلگىلىمە بويىچە باج تاپشۇرۇشنى قوغداشنىڭ شەرتى قىلدى. بۇ، پىرسىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇندىن تارتىپ، پىرسىيە چېگرىسى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئورنىغا چۈشۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، تىنچ بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى. ئۆمەر ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ھەم ئەلەمنى ھەم قەلەمنى تۇتتى. ئۇ تەرتىپ ۋە قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەمەلىيەتچى ئادەم ئىدى. تېرىتورىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلىپە ئىمپىرىيىسى غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق، قىتئەلەر ئاتلىغان چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئەمما، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. مۇشۇنداق بىپايان چوڭ بىر دۆلەتنى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇش، ئۆمەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور، مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۆمەر قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، جانلىق، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ ئېتىبار بېرىپ، پىرىنسىپچانلىق بىلەن جانلىقلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇردى. ھوقۇق تۇتقان 10 يىل ئىچىدە، ئۇ قۇرئاننىڭ روھى بويىچە، فەتىھ قىلىنغان رايونلاردا بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر قاتار مەمۇرى قانۇن-تۈزۈملەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى مانا مۇشۇ دەۋىردە راۋاجلانغان ئىدى. شۇڭا خەلىپە ئۆمەر ئىسلام قانۇنىنى تۇرغۇزغۇچى «پىكىرچىلەر» (راي) لارنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىلىدۇ. كالېندار تۇرغۇزۇش ۋاقىت، دەۋىرنى خاتىرىلەش—بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ دائىم زور مۇھىم تارىخى دەۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دەۋر بۆلگۈچ خارەكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئەبۇ بەكرىنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپۇلاڭلارنى تىنجىتىش، ئىككى ئىمپىرىيىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى چىقمىغان ئىدى. ئۆمەر ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مىلادىي ھېسابلاشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. مىلادى 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى باشلاپ، مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئىدى. بۇ زور تارىخى ۋەقەنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئۆمەر 622-يىلنى ئىسلام دىنى كالىندارىنىڭ يىل بېشى قىلىشنى بېكىتىپ، ئۇنى ھىجرىيە (كۆچۈش) نىڭ بىرىنچى يىلى دەپ ئاتىدى. ھېسابلاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، شۇ يىلنى ئەرەب قەمەرىيە يىلىنىڭ يىل بېشى (622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى) نى، ھىجرىيە كالىندارىنىڭ يېڭى يىلى قىلىپ بەلگۈلىدى. بۇ ئۇسۇلنى —ھىجرىيە كالىندارىنى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ھىجرىيە كالىندارى ئاينىڭ بىر قېتىم كەمتۈك ۋە تولۇن بولغان ۋاقىتنى بىر ئاي ھېسابلايدۇ. بۇنىڭ ۋاقتى 29 كۈن 12 سائەت 44 مىنۇت 2.8 سېكۇنت، 12 ئاي بىر يىل بولىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت. تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار 29 كۈن بىر يىل 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت بولۇپ، كەبىسە يىلى يوق. ئارتۇق چىققان 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت قوشۇلسا 3 يىلدا بىر كۈن ئارتۇق قوشۇلۇپ كەبىسە يىلى قىلىنغان. شۇڭلاشقا كەبىسە يىلىدا بىر يىل 355 كۈن بولىدۇ. مەزكۇر كالىنداردا 30 يىل بىر دەۋر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1-، 3-، 4-، 6-، 8-، 9-، 11-، 12-، 14-، 15-، 17-، 19-، 20-، 22-، 23-، 25-، 27-، 28-، 30-قاتارلىق 19 يىل ئادەتتىكى يىل، قالغان 11 يىل كەبىسە يىلى قىلىنغان. ھىجرىيە كالىندارى—قەمەرىيە كالىندارى بولۇپ، مىلادىيە كالىندارىغا سېلىشتۇرغاندا ھەريىل 10 كۈن 21 سائەت 1 مىنۇت كام، بۇ ۋاقىت 2.7 قۇياش يىلىدا بىر ئاي، 32.6 قۇياش يىلىدا بىر يىل پەرق قىلىدۇ. يەنى مىلادىدا 32 يىل بولغاندا، ھىجرىيە كالىندارىدا 33 يىل توشقان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھىجرىيە كالىندارىدا ھەرقايسى ئايلارنىڭ ھەرقايسى پەسىللەردىكى تۇتقان ئورنى مۇقىم بولمايدۇ. تەخمىنەن ھەر 32.5 يىلىدا بىر قېتىم دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتلارنىڭ بەزىدە قىشتا، بەزىدە يازدا ۋە بەزىدە ئەتىياز ياكى كۈزدە كېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇندىن تاشقىرى، ھىجرىيە كالىندارى بىلەن مىلادىيە كالىندارىنىڭ يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ئۇنىڭدا سوتكا ھېسابلاش كۈن ئولتۇرغاندا باشلىنىپ، ئەتىسى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر دەل بىر كۈن بولىدۇ. ھىجرىيە كالىندارىدا ھەرقايسى ئايلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى گەرچە مۇقىم بولسىمۇ، رامىزان (9-ئاي) نىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنى بېكىتىشتە ئايغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يېڭى ئاي كۆرۈنسە، 2-كۈنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بولىدۇ، يەنى رامىزان كىرىدۇ. ئەگەردە يېڭى ئاي كۆرۈنمىسە، ئەتىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ، چوڭ ئاي بولىدۇ، 3-كۈنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى (رامىزاننىڭ 1-كۈنى) بولىدۇ. ئوخشاشلا 9-ئاينىڭ 29-كۈنى رامىزان ئاياقلاشقاندا يەنە ئايغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئاي كۆرۈنمىسە، ئەتىسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى روزا ھېيت، بولمىسا، ئىككىنچى كۈنى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ، 3-كۈنى روزا ھېيت بولىدۇ. قۇربان ھېيتقىمۇ ھۆكۈم قىلىشمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. 622 -يىلنى ئىسلام ھىجرىيە كالىندارىنىڭ يىل بېشى قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى ئىسلام دىنى تارىخىدا زور بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە، مەككە خەلقى ئارىسىدا ئاللاھنىڭ بىرلىكى، قىيامەت كۈنىدىكى سوراق، ساۋاب-گۇناھ، جەننەت-دوزاخ قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلغانىدى. ئۇنىڭغا ئاز بىر قىسىم ئادەملەر ئاۋاز قوشقاندىن سىرىت، نۇرغۇن ئادەملەر بولۇپمۇ قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرى قارشى پوزىتسىيە تۇتقان، ھەتتا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ئىدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغۇز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مەدىنە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سىياسى داھىغا ئايلاندى. ئۇ خارتىيە (ئاساسى قانۇن-ت) تۈزۈپ چىقىپ ئۈممە ھاكىمىيىتىنى قۇردى. مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلارنى غەلبىدىن-غەلبىگە باشلاپ ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇندىن سىرىت بۇ قېتىمقى ھىجرەت يەنە مۇنداق بىر مەنىگىمۇ ئىگە بولدى: مۇسۇلمانلار مەلۇم بىر جايدا زىيانكەشلىك ۋە بېسىمغا ئۇچرىغاندا، ئۇلار ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، نىسبەتەن ئەركىنرەك بولغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تېگىشلىك نورمال تۇرمۇش كەچۈرىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي ياۋۇز كۈچلەرگە مادارا قىلىپ، تىز پۈكۈپ جان ساقلىغاننى ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ. دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېڭىدىن فەتىھ قىلىنغان رايونلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆمەر، يېڭى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە ئەدلىيە تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 ). خەلىپە دۆلىتىنىڭ زور دۆلەت سىياسەتلىرىنى ئىناۋەتلىك ساھابىلەر كوللېكتىپ مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلىش؛ مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربى، مەمۇرى ئەمەلدارلىرىنى خەلىپە بىۋاسىتە ساھابىلەر ئىچىدىن تەيىنلەش. 2 ). مەملىكەتنى بىر قانچە ئۆلكە-رايونلارغا بۆلۈش، خەلىپە تەيىنلىگەن ۋالى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەربىي، سىياسى ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش؛ چوڭ مەمۇرى رايونلار ۋە نۇقتىلىق شەھەرلەردە، ۋالى ھەربىي ۋە مەمۇرى ئىشلارغىلا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ مالىيە ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى خەلىپە بىۋاسىتە تەيىنلىگەن زاكاتچى ۋە قازىلار باشقۇرۇش؛ 3). ئۇرۇقداش جەمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار تەشكىللىرىنى دائىمى زاپاس قوشۇن قىلىپ ئۆزگەرتىپ، پىيادە قىسىم ۋە ئاتلىق قىسىملارنى تەشكىللەپ خەلىپە بىۋاسىتە ئۆزى باشقۇرۇش، ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى، دەرىجسىگە قاراپ يىللىق تەمىنات ۋە ئايلىق بېرىش، ھەربىي قوشۇنلار چوڭ شەھەرلەردىن ئايرىلىپ يېڭى ھەربىي گازارمىلاردا تۇرۇش ھەمدە بۇ ھەربىي گازارمىلارنى ئاساس قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ھەربىي بازىلارنى قۇرۇپ چىقىش. 4). ئەرەبلەرنىڭ يېڭىدىن فەتىھ قىلىنغان رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگەللىۋېلىشىنى مەنئى قىلىش، مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەرنى يانچى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا بۆلۈپ بېرىش، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىنى تېرىشىغا رۇخسەت قىلىپ، تۆۋەن باج ئېلىپ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىش. دۆلەتنىڭ باج يىغىش ۋە تەقسىمات تۈزىمىنى تۇرغۇزۇپ، پەقەت كۆچمە مۈلۈكلەرنىلا غەنىيمەت ھېسابلاش، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى پۈتۈنلەي دۆلەت غەزىنىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلەندى. دۆلەت چىقىمدىن ئاشقان غەزىنە قالدۇقى يىللىق تەمىنات قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ۋە ئۇرۇش تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە، يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىلىرىگە ئاساسەن تىزىملىك تۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يىللىق تەمىناتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، جەڭلەردە شەھىت بولغان تۆھپىكارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. ئەبۇبەكرى دەۋرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىغا مۇقىم يىللىق تەمىنات ياكى مائاش بېرىلمەي پەقەت ئۇرۇش غەنىمەتلىرى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. ئۆمەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى رايونلار كۈنسايىن كۆپەيدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى خىلمۇ-خىل بولۇپ، توختامنامە تۈزۈپ تەسلىم بولىدىغان شەھەرلەر كۆپەيدى. ئۇرۇش غەنىمەتلىرى بولسا نىسبى ھالدا ئازلاپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆمەر ھەربىي تەمىنات تۈزىمىنى تۇرغۇزۇپ، قەبىلە ياكى ئۇرۇقداش جەمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار تەشكىللىرىنى تەدرىجى دائىمى زاپاس قوشۇن قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆمەر پارسلارنىڭ «دىۋان» تۈزىمىدىن دادىللىق بىلەن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. دىۋاننىڭ فۇنكىسسىيىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، دۆلەتنىڭ كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش، يىللىق تەمىنات ئالىدىغان باشلىق ۋە ئەسكەرلەرنى تىزىملاش، تەمىنات ئۆلچىمىنى بېكىتىش، دۆلەت ئارخىپى (مەسىلەن دۆلەتنىڭ كىرىم-چىقىم مالىيە ئارخىپى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، جەڭگە چىققان ھەربىر ئادەمنىڭ ۋە ئارقا سەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ مۇقىم تەمىناتى بار بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئالاھىدە ئېتىۋارغا ئېرىشىپ، يىللىق تەمىناتى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى. مەسىلەن، ئائىشەنىڭ يىللىق تەمىناتى تەخمىنەن 12 مىڭ دىرھەم بولدى. شەھىت بولغان تۆھپىكارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان يىللىق تەمىناتمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلدى. باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەيلى نامرات بولسۇن، سىرتتا سەپەردىكىلەر بولسۇن ياكى دۈشمەنلەر قۇل قىلىۋالغان، پۇل تۆلەپ ئازاد قىلىشقا تېگىشلىكلەر بولسۇن «ھەق يولى» نى (سەمىئاللا» نى تۇتقانلا ئادەم بولىدىكەن بىر كىشىلىك نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىندى. ئۆمەر مۇسۇلمانلارنىڭ فەتىھ قىلىنغان يەرلەرنى تېرىشى ۋە ئىگەللىۋېلىشىنى مەنئى قىلدى. فەتىھ جەريانىدا، ئۇ قېچىپ كەتكەن خان جەمەتلىرى، ئاقسۆڭەك، ئەمەلدار، پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. باج تۆلەش شەرتى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ ئۆز مەئىشىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىپ، قول تىقىپ ئارىلىشىۋالمىدى. ئۆمەر دەۋرىدە، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى تېز كۆپەيدى، ئۇرۇش غەنىمەتلىرى، جىزيە ، يەر بېجى، ئۈشرە قاتارلىقلاردىن دۆلەت غەزىنىسى تولۇقلىنىپ، دۆلەت كۈچى قۇدرەت تاپتى. جىزيە-يەھۇدى، ناسارا—مەجۇسىيلەر ھەمدە سابى دىنى مۇرىتلىرىدىن ئېلىنىدىغان بىر خىل باج. بۇ دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى «زىممىيلەر» (قوغدالغۇچىلار) دەپ ئاتالدى. دۆلەت ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغدىدى. ئۇلاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ جەڭ قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ تەلەپ قىلىنمىدى. قوغداش شەرتى سۈپىتىدە، قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ئاياللار ۋە بالىلاردىن سىرت، قالغانلارنىڭ ھەممىسىدىن جىزيە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. يەر بېجى ئۆلچىمى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلدى. ئۆلكە يېرى ۋە تاغ يېرى، مول-ھوسۇل ئالغان يىلى بىلەن ھوسۇل كام چىققان يىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج ئۆلچىمى پەرقلىق بولۇپ، ئومۇمەن كونا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى. ئۈشرە پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا قارىتىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار تېرىلغۇ يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ 10 دىن بىر قىسمىنى تاپشۇرىدىغان، زاكاتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، «ئۈشرە» دەپ ئاتىلىدۇ (101 قىسىم دېگەن مەنىدە). ئىسلام دىنى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى «جاھىلىيەت» دەۋرىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلى قەبىلداشلىق جەمئىيىتىدە بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگىنى يوق ئىدى. ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆزىنى-ئۆزى سوراپ، ئوت-سۇنى قوغلۇشۇپ ياشايدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرەتتى. ھېچقانداق سانائەت يوق ئىدى، قۇيمىچىلىق سانائىتىدىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى، پۇل قۇيۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش بولۇپ، قىسمەن سودا شەھەرلىرىدە ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيەنىڭ پۇللىرى (دىنار ۋە دىرھەم) ئىشلىتىلەتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋىرلىرىدە، دىن تەرغىب قىلىش، توپىلاڭلارنى تىنجىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، پۇل قويۇش ئىشى قولغا ئېلىنماي، يەنىلا ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيەنىڭ پۇللىرى ئىشلىتىلدى. ئۆمەر دەۋرىدە، دۆلەت زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. نۇرغۇن غەيرى ئەرەب مىللەتلىرىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. شۇڭلاشقا، ئىقتىسادى ۋە سودا پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەھۋاللارمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. ئۆمەر پۇل قۇيدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، پىرسىيەدە ئۈستىگە «ئىمان جۈملىسى» ئويۇلغان، ئىسلام ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پۇل قۇيدۇردى. ئوسمان دەۋىرىگە كەلگەندە، پۇلنىڭ ئۈستىگە «ئاللا ئۇلۇغدۇر» دېگەن خەت ئۇيۇلدى. ئۆمەر يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىراق، مىسىرلاردا بەزىبىر ھەربىي گازارمىلارنى سالدۇردى. بۇ گازارمىلار تەدرىجى ھالدا تەرەققى قىلىپ شەھەرلەرگە ئايلاندى. بەسرە شەھىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، 635-يىلى بوۋىبو غازىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۆمەر مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنى پىششىق بىلگەچكە، ئەبۇ مۇسا ئەشرىلىگە بۇيرۇق قىلىپ بەسرە شەھىرىنى سالدۇرغان. ئۇ ئەشرىلىگە بۇيرۇق قىلىپ، بەسرە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا قانال قازدۇرۇپ، ئېبورا پورتى بىلەن تۇتاشتۇرغان، شەھەر ئىچىگە يەنە بىر مەسچىد، بىر ساراي سالدۇرغان. كېيىن، بەسرە شەھىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. كۈفە شەھىرى قەدىمكى بابىلۇن قەلئەسىنىڭ ئورنىغا ئۈچ ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان ھىرا ئەتراپىغا، ئىفرات دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 638-يىلى ئۆمەر پىرسىيەنى فەتىھ قىلغان سەيىد. ئىبنى. ئەبۇ ۋاققاسقا بۇيرۇق قىلىپ سالدۇرغان. كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تەدرىجى كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى؛ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان پارسلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى، يەنە سۈرىيىدىن كەلگەن ناسارالار ۋە يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى نەجلەدىن كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئاستا-ئاستا، كۈفە شەھىرى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان. فۇستان شەھىرى (قاھىرە شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئىزناسى) بابىلۇن قەلئەسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. 641-يىلى، ئۆمەر مىسىرنى فەتىھ قىلغان ھەربىي قوماندان ئەمىر. ئىبنى ئاسقا بۇيرۇق قىلىپ ئاتاقلىق ئەمىر مەسچىتىنى سالدۇرغان. كېيىن فۇستان شەھىرىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى زورىيىپ، بۈگۈنكى قاھىرە شەھىرى ئۇنىڭ ئاساسىدا تەرەققى قىلغان. مەزكۇر شەھەر ئىسلام دىنى تارىخىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەشھۇر ئىلىم-پەن مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ قالغان. يۇقىرىقى 3 شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى خەلىپە دۆلىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۆمەر كۆكسى-قارنى كەڭ، ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە سىياسىئون بولۇپ، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ ھەربىي قوماندان ۋە ھاكىم قاتارلىق مۇھىم ئەمەللەرگە مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ساھابىلەرنى تاللاپ قوياتتى. ئەمما، مۇشۇنداق كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەتلىك، زېمىنى كەڭ، زور بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا يەنە نۇرغۇن مەمۇرى باشقۇرغۇچى خادىملار كېرەك ئىدى. نۇرغۇنلىغان مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار مەمۇرى باشقۇرۇشتىن تېخى خەۋەرسىز بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت بىلەن تونۇشۇشىغا يەنە بىر جەريان لازىم ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆمەر ھەربىر جاينى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن ئۆلگىچە قارشىلىق قىلىدىغان ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ خان-پادىشاھ، ئاقسۆڭەكلىرىگە زەربە بەرگەندىن سىرىت، قالغان ئادەتتىكى ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتتى. كونا ھاكىمىيەتنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىغا قارىتا، ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ساقلاپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن، فەتىھ قىلىنغان جايلاردىكى ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە ئىقتىسادى زىيانلاردىن ساقلىنىپ قالدى. ئۆمەر، ھەرقانچە ياخشى قانۇن بولسىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلمىسا ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. ئۇ نۇرغۇن ئالىملارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ، دىنى قائىدە، دىنى ئەھكاملارنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىپ، ھەممە ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى. مۇشۇ ئاساستا، ئۇ ئىسلام شەرئىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە قازىلارنى ئەۋەتتى. مەسىلەن، ئەبۇ دەجدا مەدىنىنىڭ قازىلىقىغا، شەلىھ كۈفەنىڭ قازىلىقىغا، ئەبۇ مۇسا ئەشرىلى بەسرەنىڭ قازىلىقىغا، گاھىس مىسىرنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ يەنە مۇنەۋۋەر ساھابىلەر ۋە ئالىملارنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، دۆلەتنىڭ زور سىياسى فاڭجىنلىرىنى بەلگىلەشكە قاتناشتۇردى. مەسىلەن، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇراخمان. ئىبنى ئەۋف قاتارلىقلار. ئۆمەر مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەلەپنى قاتتىق قوياتتى، قانۇن ئىجرا قىلىش پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قەتئى ئىدى. ئالدى بىلەن، ئۇ پايتەخت مەدىنىدە جامائەتكە ئىماملىق قىلىپ ناماز ئۆتەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قائىدە، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىم ۋە ئەمەلدارلاردىنمۇ بىۋاسىتە ئىماملىق قىلىپ ناماز ئۆتەشنى تەلەپ قىلاتتى. ئىككىنچىدىن، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىمۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى قەتئى تەلەپ قىلاتتى. نىمىنىڭ قانۇنلۇق، نىمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى، ھەق-ناھەق ئېنىق ئايرىلىپ، قانۇندىن قىلچىلىك سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە ئەسلا يول قويمايتتى. بولمىسا، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ھېچقانداق ئادەمگە يۈز خاتىرە قىلمايتتى. بىر قېتىم، بىر نەپەر مىسىرلىق كېپۇت (خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مىللەت) ئۆمەرگە مىسىر ۋالىسى ئەمىرنىڭ ئوغلى ئۈسىتىدىن، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئادەم بوزەك قىلدى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىققان كېپۇتلارنى قامچا بىلەن ئۇردى، دەپ ئەرز قىلىدۇ. ئۆمەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئىككى داۋاگەرنى چاقىرىپ كېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قامچىنى تۇتقۇزۇپ، ئوخشاش ئۇسۇل، ئوخشاش دەرىجىدە ھاكىمنىڭ ئوغلىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. كېپۇتلار ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغاندا، ئۆمەر: «مەن سىلەرگە ئىگە بولىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆمەرنىڭ دېگىنى بويىچە ھاكىمنىڭ ئوغلىنى ئۇرىدۇ. بۇ داۋا شۇنىڭ بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئادىللىق ئەدلىيەنىڭ جېنى، ئۆمەر بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، سودىگەرچىلىك قىلىپ پايدا ئېلىشىغا ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتى. ئۇدائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە: «مەن بىرەر ئىشنى قىلىشنى مەنئى قىلسام، كىشىلەر سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىدۇ. سىلەر قىلساڭلار ئۇلارمۇ ئەگىشىپ قىلىدۇ، سىلەر قىلمىساڭلار ئۇلارمۇ قىلمايدۇ» دەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ بىر ئوغلى شەرىئەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچكەندە، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئوغلىنى جازالايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوغلى دەررە يەپ تۈرمىگە قامىلىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، شەپقەتسىزلىك دەرىجىسىگە دېگىدەك يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاز يېيىش، ئاز ئىچىش، ئاز ئۇخلاش، ئاز كۈلۈش؛ كۆپ ئويلىنىش، كۆپ غەم قىلىش، كۆپ ئىبادەت قىلىشنى قەتئى داۋاملاشتۇراتتى. ئۆمەر قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلاتتى، ئەمما، گۇناھ بېكىتىشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، جانلىق بىر تەرەپ قىلاتتى. بىر قېتىم، بىر ياللىغۇچى ياللىغان ئادىمىم تۆگەمنى ئوغرىلىدى دەپ ئەرز قىلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدە، شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلەتتى. ئۆمەر ئالدىراقسانلىق بىلەن گۇناھ بېكىتمەي، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا، ياللىغۇچىنىڭ ياللىغان ئادىمىنى ئۇزۇن مۇددەت ھەق بەرمەي ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئامالسىزلىقتىن تۆگە ئوغرىلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياللانغۇچىنى جازالىماي، خەقنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن ياللىغۇچىنى جازالايدۇ. ئۆمەر بەرپا قىلىپ چىققان دۆلەت تۈزۈملىرى ئەرەب ئىمپىرىيەسىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالىدۇ. شۇڭا، دۇنيا تارىخشۇناسلىرى ئۇنى «ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۇل سالغۇچىسى» دەپ تەرىپلىسە، ئەرەب ئالىملىرى ئۇنى «قانۇننىڭ تۈۋرىگى» دەپ مەدھىيلەيدۇ.

ئۆمەرنىڭ قەستكە ئۇچرىشى

مەدىنىدىكى نەبەۋىي مەسچىتىدىكى خەلىپە ئۆمەرنىڭ قەبرەتېشى ئۆمەر ئۇلۇغۋار ئىرادىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئالەمشۇمۇل پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، بەزىلەر ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنى ئويلايتتى. ئۆمەر دەۋرىدىكى غازاتلار خۇددى شامال غازاڭلارنى ئۇچۇرغاندەك، بىر مەزگىل جاھانغا پاتماي قالغان رىم ئىمپىرىيىسىنى تىترىتىپ، ئوتتۇرا شەرقتە مىڭ يىللاپ دەۋر سۈرگەن پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدى، ئۆمەرمۇ خۇددى ئابەكرىگە ئوخشاش، غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۈچتىن بىرنى تاللاشقا قويدى. يەنى دىنىغا كىرىش، باج-خىراجەت تۆلەش ياكى ئۇرۇش قىلىش. بۇنىڭغا قارىتا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسى ھەرخىل بولدى. بەزىلەر ئىسلام دىنىغا كىردى؛ بەزىلەر باج-خىراجەت تۆلەپ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى؛ يەنە بەزىلەر بولسا ھەم دىنىغا ئىشەنمەي، ھەم باج تۆلەشنى خالىماي، ئۆلگىدەك قارشىلاشتى. بىرىنچى خىل تاللاشنى ئىختىيار قىلغان (دىنىغا كىرگەن) ئادەملەر ئىچىدە، بەزىلەر چىن دىلىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولسا، بەزىلىرى ئېقىمغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئاساسى ئېقىم بولغان ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالدى. بۇ خىل ئادەملەر ئادەتتە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش «ئىمان» ئېيتىپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتسىمۇ، ئەمما، كۆڭلىدە ئۆتمۈشنى ئېسىدىن چىقارمىدى. بولۇپمۇ ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن چاغلايدىغان پارىسلار قۇملۇقتىن كەلگەن مۇسۇلمانلارغا يېڭىلىپ قالغانلىقىغا تەن بەرگۈسى كەلمەيتتى. مۇنقەرىزلىك ھەسرىتى ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئىدى. بۇ خىل كەيپىيات تەدرىجى ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۆچمەنلىككە ئايلاندى ھەمدە بۇ خىل ئۆچمەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ داھىسى بولغان ئۆمەرگە مەركەزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆمەرنى نىشان قىلغان بىر مەيدان سۈيقەست باش كۆتەردى. كۈفەدە ئەبۇ. لۇلۇ دېگەن بىر پارس بولۇپ، كۈفە ۋالىسى مۇيىلەينىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى. بۇ ئادەم ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپ، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق ۋە ئويمىچىلىقنى بىلەتتى. ئۇ ۋالىغا پايتەخت مەدىنىگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋالى ئۆمەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ مەدىنىگە بېرىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئادەم ئىنتايىن مەككار، ھىيلىگەر ئادەم بولۇپ، مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن، قول سېلىش پەيتىنى كۆزلەپ، مەخپى ھالدا ئۆمەرنىڭ ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئۆمەرنىڭ جامائەت بىلەن مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا قول سېلىشنى قارار قىلىدۇ. چۈنكى، مەسچىتتە ھەممە ئادەم پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، مۇداپىئە تەدبىرلىرى يوق ئىدى. 644-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى (ھىجرىيىنىڭ 23-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى)، ئۆمەر كۈندىكىگە ئوخشاش ئەتىگەن قوپۇپ، بامدات نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭىدۇ. مەسچىتتە ئۇ جامائەتكە قاراپ: «سەپراس» دەپ ۋارقىراپ بولۇپ، يۈزىنى كەئىبىگە (قىبلىگە) قارىتىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ نامازنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئەبۇ. لۇلۇ ئۆمەرنىڭ كەينىدىن ئالتە يېرىگە خەنجەر تىقىۋىتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ سىرتقا قاچىدۇ ھەمدە قاچقاچ قولىدىكى خەنجەرنى شىلتىپ 13 ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. جامائەت نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالمايلا قالىدۇ، ئۇلار ئەبۇ لۇلۇنى چاپان بىلەن چۈمكەپ تۇتىۋالىدۇ. بۇ قاتىل قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قولىدىكى خەنجىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. مۇشۇ چاغدا، بىر تەرەپتە تۇرغان ئابدۇراخمان. ئىبنى ئەۋف ئىمام ئۆمەرنىڭ: «بۇ ئاللاھنىڭ قىسمىتى! بۇ ئاللاھنىڭ قىسمىتى!» دەپ يەردە ياتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۆمەر ئابدۇراخماننىڭ قولىنى تۇتۇپ، نامازنى داۋاملىق ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆمەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ قايتىدىن كىچىك تاھارەت ئېلىپ، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئەپكىلىپ قويىدۇ. «ئۆمەر مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن، شۇڭا بىرسى ماڭا پىچاق تىقتى» دەپ قاراپ، ساھابىلەردىن ئىبنى. ئابباسنى ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئىبنى. ئابباس ئەھۋالنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئى، ساھابىلەرنىڭ باشلىقى، سەندە نېمە گۇناھ بولسۇن؟ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلغاندەك قايغۇرۇپ ياش تۆكمەكتە» دەيدۇ. ئۆمەر ئۆزىنىڭ ھايات قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوغلى ئابدۇللانى بۇيرۇپ بارلىق قەرىزلىرىنى تۆلەتكۈزىدۇ ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئائىشەدىن ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىشقا رۇخسەت سوراپ ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كىمنىڭ باش بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئەسلىدە، ئۇ ئىزباسار بېكىتىشنى ئويلاشمىغان بولۇپ، مۇيىلەي ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللانى ئىزباسار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆمەر قاتتىق خاپا بولۇپ: «ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن، مەن بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىزباسار بولىشىنى خالىمايمەن» دەيدۇ. ئارقىدىن، ئوسمان، ئەلى، تەلىھە. ئىبنى ئۇبەيدۇللا، زۇبەير. ئىبنى ئەۋۋام، ئابدۇراخمان. ئىبنى. ئەۋف، سائاد. ئىبنى. ئەبباد قاتارلىق ئالتە كىشىدىن سايلام ھەيئىتى تەشكىل قىلىشنى بېكىتىدۇ، يېڭى خەلپىنى مۇشۇ ئالتە ئادەم ئىچىدىن مەسلىھەتلىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆمەر ئۇلارغا مۇۋاپىق ئادەمنى يېڭى خەلىپە قىلىپ سايلاپ چىقىش ئۈچۈن 3 كۈن مۆھلەت بېرىدۇ ھەمدە قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، ھېچقانداق ئادەمنىڭ سايلامغا دەخلى يەتكۈزىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئىماملىققا شۇ ئەيبنى بەلگىلەيدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆمەر قازا قىلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 53 ياشتا ئىدى. شۇ ئەيىب جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئۆمەرنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ۋە پائال كېڭىشىش ئارقىلىق، 6 كىشىلىك سايلام ھەيئىتى ئوسماننى 3-نۆۋەتلىك خەلىپىلىككە كۆرسىتىدۇ.

ئەبۇ بەكرى (مىلادىيە 573-634 يىللار)، ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان. ئىبنى ئەمىر، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسىلا قۇرەيىشلەردىن بولۇپ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئۇرۇقداش جەمەتتىن ئەمەس ئىدى. ئەبۇ بەكرى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە ئالغان بولۇپ، بىلىملىك، مېڭىسى ئۆتكۈر، گەپ-سۆزلىرى جايىدا ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي-سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئاچچىقلانمايتتى. ئۇ، مۇۋاپپىقىيەت قازانغان، تەجرىبىلىك سودىگەر بولۇپ، رەخت سودىسى قىلىپ بېيىغان، مال-مۈلكى 40 مىڭ دىنار (ئالتۇن تەڭگە) غا يېتەتتى. ئەينى چاغدىكى ئەبۇ سوفيان قاتارلىق سودىگەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ باي بولغىنى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق قىلمايتتى، بايلىقنى دەپ رەھىمسىزلىك قىلمايتتى؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ مەرد قولى ئوچۇق بولۇپ، دائىم دوستلىرى، قېرىنداشلىرىنى سېخىيلىق بىلەن مېھمان قىلاتتى. ئۇ دوستلۇقنى قەدىرلەيتتى، دوستلىرى كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە شامغا (سۈرىيەگە) بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنەتتى، ئىشىنەتتى.