ئۇيغۇرلار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئۇيغۇر)
ئۇيغۇرلار

УЙҒУРЛАР

UYGHURLAR


ئۇيغۇر ۋەتىنى
تولۇق ئاتى

قىسقارتما

ئۇيغۇر مىللىتى

ئۇيغۇر

ئىرقى تۈرك
تىلى ئۇيغۇرچە (تۈركىي تىللار)
نۇپۇسى
13 مىلىيون
شەرقىي تۈركىستان
35 مىلىيون
ئاتالمىش خىتتاي شىنجاڭدا
12.8 مىلىيون (2021)
قازاقىستان 223،100 (2009)
تۈركىيە 100،000 - 300،000 (2020)
ئۆزبېكىستان 55،220 (2008)
قىرغىزستان 60،210 (2021)
پاكىستان 10،000 (2018)
تۈركمەنىستان 3،000~
سەئۇدى ئەرەبىستان 50،000~ (2013)
رۇسىيە 3،696 (2010)
ئا ق ش 8905-15،000 (2021)
ئافغانىستان 2،000 (2020)
ئاۋسترالىيە 5،000 - 10،000 (2020)
دىنى ئېتىقادى
مۇتلەق كۆپچىلىكى سۈننى ئىسلام


ئۇيغۇرلار (Uyghur: ئۇيغۇرý, Uyghur?; simplified Chinese: 维吾尔; traditional Chinese: 維吾爾; pinyin: Wéiwu'ěr; IPA: [ʔʊjˈʁʊː][2]) - ئۇيغۇر تىلىدا

ئۇيغۇرلار - شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ياشايدىغان ھىندى-ياۋروپا تۈرك خەلقى


ئۇيغۇرلارنىڭ تۆۋەندىكى قىياپىتى بار: ئوتتۇرا بوي ، قارا كۆز ، قارا چاچ ، چوڭ قويۇق ساقال ، بەك تۈكلۈك بەدەن ، ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئاستىدا (ئۇيغۇرلار توپىدىن) كۆك ۋە يېشىل كۆزلەر بار ، قىزىل چاچمۇ بار.

تىلى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىللىرى، ئۇيغۇر قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە. ئۆزبېك تىلى ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن تىل.ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر تاجىكلار

تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

تارقىلىشى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان.

نوپۇسى[تەھرىرلەش]

نوپۇسى- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 35 مىليون 100 مىڭ. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىل سىياسىي ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 20 مىليون، باشقا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغ

دىنىي ئېتىقادى[تەھرىرلەش]

دىنىي ئېتىقادى- ئاساسلىق ئىسلام دىنىي(سۈنئىي مەزھەپ). خىرىستىيان ۋە باشقىلار.

ئۇيغۇر ئالىملىرى[تەھرىرلەش]

قەدىمقى زاماندىكى مەشھۇر ئەدىب ۋە ئۆلىمالار ئالدى بىلەن پۈتۈن تۈركىي قەۋىملەرگە ئورتاق ۋە ئىككىنچى بولۇپ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئېڭىدا بۈيۈكلۈك تاجىغا سازاۋەر قىلغان ئالىملاردۇر.

ئەفراسىياب، ... ئالىپ ئەرتۇڭا، ... تۇمارىس، ...ئاتىللا، ... ئوغۇزخان، ... قاراخان، ... سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ...يۈسۈپ قىدىرخان، ...سۇلتان سەئىدىخان، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان، سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان، ...سۇلتان ئىسمايىلخان قاتارلىق ھاكىمدار ۋە تاجدارلار؛

مىراس ئەسەرلەر: دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك(تۈركىي تىللار دىۋانى)، قۇتادغۇ بىلىك، ئەتەبەتۇل ھەقايىق، خەمسە ناۋائىي ،تارىخي رەشىدي،بابۇرنامە ۋەھاكازا، قاتارلىقلار

بۇگۇنكى زاماندىكى تىلشۇناس ئالىملار:خەمىت تۆمۈر، لىتىپ توختى، مۇھەممەترېھىم سايىت، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي...

داڭلىق يازغۇچىلار: زوردۇن سابىر، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، جالالىدىن بەھرام، ئەسەت سۇلايمان، ياسىنجان سادىق چوغلان، پەرھات جىلان

ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى[تەھرىرلەش]

  • مۇھەببەت داستانلىرى: يەتتە داستان-پەرھاد-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن »، «يۈسۈپ-زۇلەيخا»، «تاھىر-زۆھرە»، «غېرىب-سەنەم»، «رابىئە-سەئىددىن»، «ھۆرلىقا-ھەمراجان»

تۇرمۇش مەدەنىيىتى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ۋە مىراسخورلىرى بولۇپ، بۇ رايوندا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا، يەنە جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا، مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيىتى» بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6، 5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلىيەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربىي جۇ سۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۈيفاڭ، دى-زەي قەبىلىلىرىنى كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربى دىڭلىڭلارغا ئايرىپ، بايقالدىن يەنسەيگىچە، يەنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا، قەدىمكى تۇرپان، كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې، ئۇخۇ ۋە قوش قاڭقىل قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى، ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى، بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى، كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغىچە كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك، توخار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن دېگەندە، يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ساك، ئورخۇن سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغ خورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيىتى» تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا-مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا، بايقال ۋە موڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوچۇ، كۈسەن، قەشقەر، سۇياب-سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن، بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بۇلۇپ، بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ، ئىدىقۇت، كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر ناملىرىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۈگۇ- سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.

« ئۇيغۇر» ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش، ئۇيۇشماق» مەنىدە ئىزاھلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.

ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار، ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۇندەك ئاياللار، شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۈۋى پاتىمىگە) سېغىنىش، بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قۇيۇش مۇراسىمى، بۆشۈك تويى، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.

نىكاھ[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.

دەپنە[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كېپەنلەش، ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ، ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۈتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش، لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش، ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش گۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش، قەبرە بېشىدا مېيىتنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە گۇۋاھلىق بېرىش، قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش، مېيىتنىڭ يەتتە، قىرىق، يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بۇلۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيىت سۆڭىكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش، مېيىتنى تاش گۆرگە كۆمۈش، مېيىتنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش، شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.

ھېيت-ئايەم[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى، «كۆك مەشرىپى»، «سۇ مۈلەك» ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىل كۈل سەيلىسى»، «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر، ئېقىن سۇلار، ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ، ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا، پېشايۋان، ئايۋان-ساراي، ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى، قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالىخانا ئۆيلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۈپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقىشلىك مېھراب (مەرەپ)، تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.

سەنئىتى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت، ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار، مىلىس-مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام-مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنوگرافىيە مەكتىپى، ئەخلاق-ئەقىل مەكتىپى، ناخشا-ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» شەكىللەندى.

فولىكلورى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە، قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى، ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان، «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇز نامە»، «ئاپراسىياپ رىۋايىتى»، «چىستانى ئىلىكبەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارس»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قوشاقلار، لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى «قۇتادغۇ بىلىك» تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي، تارىخىي، ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۈر تارىخىنىڭ باي، رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى. ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چېكىپ، بالباللار ۋە تاش پۈتۈك (ئابىدە) لەرنى ئورنىتىپ، ئالتۇن، مىس- كۈمۈشلەردىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ، كاھىش، قاش (قاشتېشى) تىن گۈزەل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ، تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تام رەسساملىقى، ياغاچ ئويما، تاختا سىزما، مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زورو ئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك)، بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرىي سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۇن قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەغمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇساپە ياتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار، ئۆپكە، ھېسىپ، پېتىر مانتا ۋە مۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپىرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاب ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۇڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋىغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرق-غەرب خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى.

كېيىم-كىچەك[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق، قاراسۇق، ئەسكى قەلئە، كونا كىروران، قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى، بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش، ئاتلىق يۈرۈش، جەڭ ئېھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە غايەت زور ئېستېتىك ئالامەتلىرىگە، ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەت ۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ، مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ، شىمالىي سۇلالىلارنىڭ، ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ «خۇركىيىمى» قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كىيىنىش، زىبۇ-زىننەت، ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل، ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر سودا-تىجارىتى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق-تۆگىلىك جاھانكەشتىلىك ئەنئەنىسىنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى، يىپەك يولى سودا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران، ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سودا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ، ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى، مەيخانا ئېچىپ، ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار» لاردىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت، رايون ھالقىپ، يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان خەلقئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت-رايونلار ئېتىراپ قىلىدىغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.

ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، چېلىشىش، ئات ئويۇنى، ئات توپ (چەۋگەن توپ)، ئوغلاق تارتىشىش، ساغاردى ئويناش، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، شاھماتۋازلىق، گاگا توقماق، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجتىمائىي مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت كاتېگورىيىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس.

مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى[تەھرىرلەش]

... قاتارلىقلار

قۇرىغار ئۇيغۇرلىرى[تەھرىرلەش]

  1. ئۇيغۇر
  1. تارانچى (ئىلى ئۇيغۇرلارى)
  1. دولان
  1. مۇغال (يوپۇرغا ئۇيغۇرلارى)
  1. ئاينۇ (ئابدال)
  1. لوپتۇق
  1. كۆكمۇنچاق (قۇمقاناس ئۇيغۇرلارى)
  1. Aqtu Türkmänläri

گەنسۇ-كۆكنور ئۇيغۇرلارى[تەھرىرلەش]

  1. ئۇغۇر/سارى ئۇغۇر
  1. سالار

كۆك ئۇيغۇرلار[تەھرىرلەش]

  1. كۆكتون (خوتون)
  1. Chatän

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]