ئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia


نان. بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان. نان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا<<ئەتمەك>> دەپ دىيىلگەن(تۈركىي تىللار دىۋانى. 1-توم 138-بەت). قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە قەبىرىستانلىقدىن ئارخىئولوگىيەلىك قىدىرىش جەريانىدا بىر دانە تېرىق قاتلىمىسى بايقالغان. شۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان باشقا ئەۋرىشكىلەرنى كاربون 14 ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى 3000يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. يەنە تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدىن 1969-يىل ئارخىئولوگىيەلىك قېزىشتا 1400يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلىۋاتقان نانغا ئوخشايدىغان بىر دانە نان تېپىلغان . يەنە جۇۋاۋا، چۆچۈرە، ھەرخىل پېچىنە-پىرەنىكلەر ۋە بۇغداي كېپىكى ۋە سامىنى چىققان. بۇنىڭدىن باشقا قارا شەھەردىكى تاڭ سۇلالسى دەۋرىدىكى قەدىمقى شەھەر <<تاڭ ۋاڭ شەھىرى>>دىنمۇ بۇغداي ۋە ناھايىتى يۇمشاق تارتىلغان بۇغداي ئۇنى تېپىلغان. نەق ئارخىئولوگىيەلىك ۋە يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئېلىمىزدەئۇنلۇق يىمەكلىكلەر، بولۇپمۇ نان، قاتلىما ، توقاچ شىنجاڭدا كەشىپ بولغان.[1]

خەن سۇلالسى دەۋىرىدە ئۇنلۇق يىمەكلىكلەر نان (قاتلىما)دىيىلگەن.ليۇشى يازغان<<سۆزلەر ئىزاھى>> دا ناننى<<غۇر (خۇر)نېنى >>(胡饼) دىگەن . بۇخىل يىمەكلىك ئوتتۇرىسى نېپىز ، گىرۋەكلىك بولۇپ، يۈزىگە كۈنجۈت سۈركەيدۇ، دەپ خاتىرلەنگەن. ئۇنى پىشۇرۇشتا يەنە كۈنجۈت يېغى ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ غەربى شىمالىدا تارقالغان بولغاچقا <<غۇز نېنى>> دىيىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. بەن گۇنىڭ << خەننامە. شۇەندى تەزكىرىسى >> دىن بىلىنىشىچە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 74-يىلى تەخىتكە چىققان پادىشاھ شۈەندى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ، خەلق ئارىسىدىن سەرسان بولۇپ يۈرگەن چېغىدا ھەركۈنى دىگۈدەك بازاردىن نان سېتىۋىلىپ يەيدىكەن. بۇنىڭدىن ، ناننىڭ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرگەنلىكى ئېنىق. فەن يى يازغان <<كىيىنكى خەننامە>>دە : <<لىڭدى پادىشاھ غۇز قاتلىمىسىنى ياخشى كۆرەتتى، ئاستانىدىكى ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى غۇز قاتلىمىسى يەتتى >> دىيىلگەن.

نان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەندە يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن ئەدىب ۋە ئالىملار ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تاڭ سۇلالسى دەۋرىگە كەلگەندە ، يۇقىرى قاتلامدىن خەلق ئىچىگە تارقىلىپ ، بارا-بارا ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىككە ئايلانغان. شۇنداقلا ناننى كىشىلەر بازاردىن سېتىۋالالايدىغان بولغان. مەسىلەن سىماگۇاڭ يازغان<<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر>> ناملىق كىتابنىڭ 218-جىلدىدا خاتىرلىنىشىچە ،ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن تاڭ شۈەنزۈڭ چاڭئەندىن قېچىپ چىقىپ،شىيەنياڭغا بارغاندا ياڭ گوجۇڭ بازاردىن نان سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ بەرگەن. بۇ مەلۇمات ئەينى زاماندا ناننى تەييارلاپ بازاردا سېتىشنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

شىمالى سۇڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ، ناننىڭ ئومۇمىيلىشىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ ھەقتە جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مىڭ يۈەنلاۋنىڭ<<شەرقى ئاستانىدە ساقلانغان خاتىرىلەر>> دىگەن كىتابىدا ، شىمالى سۇڭ سۇلالسىنىڭ مەركىزى كەيفىڭنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەندە ، كەيفىك شەھىرىدىكى يىمەكلىكلەر دۇكىنىدا <<خۇ نېنى>> ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ بارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.

تارىخچى چىن سىخى نان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.<<مىسىر ۋە غەربى ئاسىيادىكىلەرنىڭ تۈگمەننى كەشىپ قىلىپ، قاتلىما ياساش ھۈنىرى بىزدىن ئىلگىرى بولغان. غەربى يۇرتتىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ تۈگمەن ئۇنىدا توقاچ ئېتىشنى ھۈنىرىنى ئىگەللىگەن،كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ يىمەكلىك ئۇسۇلىنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرگەن.>>

ئۇيغۇرلار تارىختا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارقىسىدا ناننىڭ سۈپىتىنى ۋە شەكلىنى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىغان. بۇ خىل ئەھۋالنى بىز ناننىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن بىلىۋالالايمىز. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر نانلىرى پىياز نان، گىردە نان، توقاچ نان، سەپەر نان، كۈنجۈتلۇق نان، شېكەر نان، گۆشنان، كاكچا نان، بىجاق نان، شىرمان نان، ھەمەك نان، پېتىرنان،، ياغ نان، دامان نان، چىگىردەك نان، كۆمەچ، قىيمىلىق قاتلىما نان، جەۋەندە نان، جىرىس نان، زاغرا نان قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ نانلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەسىلەن، مەھمۇد كاشىغەرى << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>> ناملىق ئەسىرىدە <<توقاچ>> ھەققىدە توختىلىپ، بۇ توق ئادەم دىگەن ئىبارىدىكى <<توق>> دىگەن سۆزدىن ياسالغان. چۈنكى توقاچ ئادەم تويدۇرىدۇ>>[2]( 1-توم464بەت) دەپ چۈشەندۇرگەن بولسا ،<<قاتلىما >> توغىرلىق توختىلىپ، ئۇنىڭ <<قاتقۇرغان>> دىگەن نامىنىڭ بارلىقى، بۇ <<ياغ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلدىغان بىر خىل نان >> ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.[3] بۇلاردىن باشقا<<چۆرەك>>( 1-توم، 504-بەت)كىمۇ <<توقاچ>> دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. << كۆۋشەك>> (1-توم، 628-بەت) نى بولدۇرۇلغان نان دېسە، <<چوقمىن>>(1-توم، 578-بەت) دىگەن سۆزنى ھور ناننىڭ بىر خىلى دەپ ئىزاھلىغان. <<كۆمەچ>>(1-توم،567-بەت) سۆزىنى كۈلگە كۆمۇپ پىشۇرىدىغان نان، سىنچۇ (1-توم. 544-بەت) گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولىدىغان نان ، ق <<پوسكەچ>> (1-توم، 564-بەت) ۋە يۇغا (3-توم، 34-بەت) سۆزلىرىگە قاتلىما، ياغدا پىشۇرۇلدىغان نېپىز نان دەپ ئىزاھ بەرگەن.[4] [5]

ئىزاھاتلار[تەھرىرلەش]

  1. گۇباۋ:<< جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىيلىقى >> ، << شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى>> ژۇرنىلى ،1991-يىلى 2-سان . 24-بەت
  2. مەھمۇد كاشىغەرى << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>>
  3. مەھمۇد كاشىغەرى << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>> (1-توم 672 - بەت)
  4. غەيرەتجان ئوسماننىڭ<< قەدىمقى تارىم مەدەنىيىتى>> دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى
  5. ئورخۇن مۇنبىرى