ئەخمەتجان ئىسمايىل

ئورنى Wikipedia

ەخمەتجان ئىسمايىل 1965-يىلى تۇرپان پىچاندا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىببى مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت سىنىپىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەرھۇم ئۇيغۇر تېبابەت ئەللامىسى ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق، ئەتراپلىق چوڭقۇرلاپ ئۈگەنگەن.

ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تىببى بىلىمى، مول تېبابەت تەجىربىسى ۋە توختاۋسىز ئۆگىنىش روھى بىلەن ئونمىڭلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلغان ئەخمەتجان ئىسمايىل دوختۇر يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ «ساق تەندە ساغلام ئەقىل»، «ياشلار سەمىگە(تۆت قىسىم)»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق نۇرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە پەرھىز بۇيرۇش»، «مىزاج،خىلىت ۋە ئىنسان»، «مىزاج ۋە يېمەك-ئىچمەك»، «يېمەكلىكلەرنىڭ شىپالىق رولى ۋە ئەكىس تەسىرى»، «ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە تىببىي ئاتالغۇلار قوللانمىسى» قاتارلىق 35 پارچە كىتابىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان. يەنە جۇڭگۇ تېببى قامۇسى﹘ئۇيغۇر تېبابەت تارماق قامۇسى(6-توم)نى نەشىرگە تەييارلىغان. 2013-يىلى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى تونۇشتۇرۇلغان تۈركچە كىتابى نەشىر قىلىنغان.