ئەرتۇغرۇل غازى

ئورنى Wikipedia

«ئەرتۇغرۇل غازى (ۋاپاتى 1282-يىلى)»


ئەرتۇغرۇل غازى ئوسمانلى دۆلىتىگە نامى بېرىلگەن ۋە بىرىنچى ئوسمانلى سۇلتانى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوسمان بەگنىڭ ئاتىسىدۇر. بۇ يەردىكى ‹غازى› سۆزى ئۇنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئەرتۇغرۇلنىڭ سۈپىتىدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك ھاياتى ئۇرۇشلار بىلەن ئۆتكەن، ھۆكۈمدارى بولغان قايى قەبىلىسىگە مەنسۇپ بىر قىسىم تۈركمەنلەرگە ئانادولۇدىن ماكان ئىزدىگەن بىر داھىيدۇر. بىر قاراشتا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ھاياتى ئوسمانلىلارنىڭ ئانادولۇغا قانداق كەلگەنلىكى، سەلچۇق سۇلتانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ۋىزانتىيە چېگراسىدا بىر ئۇچبەگلىكى قۇرۇشىنىڭمۇ تارىخىي دېمەكتۇر.

ئۆز دەۋرىنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىدە ئەرتۇغرۇل غازىغا ئائىت ناھايىتى ئاز مەلۇماتلار بار. ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ ئاز مەلۇماتمۇ كۆپىنچە داستان، رىۋايەت شەكلىدىكى مەلۇماتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرتۇغرۇل غازى 1190- يىللاردا دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى سۈلەيمان شاھ دەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، باشقا مەنبەلەر گۈندۈز ئالىپنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى زاماندا تېپىلغان ئوسمان بەگكە ئائىت بىر كۆمۈش مېتال پۇلدا ‹ئوسمان بىن ئەرتۇغرۇل بىن گۈندۈز ئالىپ› يەنى گۈندۈز ئالىپنىڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان دېگەن ئىبارە بار. بۇ پۇل ئەرتۇغرۇلنىڭ ئاتىسىنىڭ دەل ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىسمى تۈركچە بولغان ۋە ئوغۇزنامىلەردىكى شەجەرىلەردىمۇ قەيت قىلىنغان گۈندۈز ئالىپ ئىكەنلىكىدە شۈبھە قالمايدۇ.

قايى قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئەجدادلىرى ئانادولۇنىڭ تۇنجى پەتھى قىلىنىشى ئەسناسىدا بۈيۈك سەلچۇق سۇلتانى تۇغرۇل بەگ ۋە ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ دەسلەپتە ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونىدىكى بىتلىس ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاھلات رايونىغا كېلىدۇ ۋە بۇ يەردە ئانادولۇغا قارىتىلغان غازات ۋە پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاھلات رايونىنىڭ موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن شەرقىي ئانادولۇدا بىر دۆلەت قۇرغان ۋە ئوسمانلىلارغا ئوخشاشلا قايى قەبىلىسىگە قاراشلىق ئارتۇق ئوغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى ماردىنغا كېلىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئاتىسى گۈندۈز ئالىپنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى بۇ تۈركمەنلەر مۇڭغۇللارنىڭ بېسىمى بىلەن غەرب تەرەپكە يۈرۈشۈپ، دەسلەپتە ئەرزۇرۇمغا قاراشلىق پاسىنلار يايلىقىغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جەرياندا گۈندۈز ئالپ كېسەل بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ ۋە ئورنىغا ئەرتۇغرۇل غازى ئولتۇرىدۇ.

مۇڭغۇللارنىڭ بېسىمى پاسىنلار يايلىقىدىمۇ ھېس قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئەرتۇغرۇلغا قاراشلىق تۈركمەنلەر يېڭى بىر ماكان ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئاكىلىرى سۇنگۇر تەكىن ۋە گۈندۇغدۇلار ئاخلاتقا قايتقان بولۇشىغا قارىماي ئەرتۇغرۇل غازى بىر تۇغقىنى دۈندار بەگ بىلەن بىرلىكتە غەربكە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، سىۋاس ئەتراپىغا كېلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئوسمانلىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازى سىۋاس ئەتراپىدا تۇرىۋاتقاندا، سەلچۇق قوشۇنى بىلەن كۆپ ساندىكى موڭغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشقا كىرگەنلىكى، سەلچۇقلارنىڭ يېڭىلىشكە يۈز تۇتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئوسمانلىلارغا ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ سەيرى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئۇرۇشتا سەلچۇق قوشۇنى غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ، 1230- يىلىدا سەلچۇق سۇلتانى بىرىنچى ئالائۇددىن كەيكۇبات بىلەن خارەزىمشاھلار ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن ياسسىچىمەن ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تارىخىي مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

.......................................................................................

سەلچۇق سۇلتانى بىرىنچى ئالائۇددىن كەيكۇبات ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا قىلغان ياردىمىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە ئەنقەرەگە يېقىن قاراجا تاغ ۋە ئەتراپىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ئوسمانلىلار بىر مەزگىل بۇ يەردە تۇرىدۇ. ئارقىدىن ئەرتۇغرۇل غازى ئوغلى ساۋجى بەگنى سۇلتان ئالائۇددىن كەيكۇباتقا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ماكانلىشىش ئۈچۈن يېڭى بىر يەر بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى ئالغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ ۋىزانتىيە چېگرىسىغىچە كېلىدۇ ۋە تۆۋەن ساكاريا ھاۋزىسىدىكى سۆگۈت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ يەرلەر كېيىنچە ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلىدىغان جاي بولۇپ قالىدۇ. 1231- يىلى ۋىزانتىيەگە قارشى يۈرۈش قىلغان سەلچۇق سۇلتانى سۇلتان ئۆيۈن (ھازىرقى ئەسكىشەھىر) گە كەلگەندە ئەرتۇغرۇل بەگمۇ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قوشۇنغا قېتىلىدۇ. ئىزنىك، رىم ئىمپېراتورى تېئودوروس لاسكارىسنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سەلچۇق قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئادەملىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن قولغا كىرگۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەلچۇق سۇلتانى ئەرتۇغرۇل غازىگە ئەسكىشەھىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى بېرىدۇ. 1232- يىلى ئەرتۇغرۇل غازى قاراھىسار (قاراجا ھىسار) نى قورشاپ قولغا كىرگۈزىدۇ. شەھەرنىڭ رىم ھۆكۈمدارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئالغان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرى بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئالائۇددىن كەيكۇباتقا يوللايدۇ. غەنىمەتنىڭ ئېشىپ قالغىنىنى غازىلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ. بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن ئەرتۇغرۇل غازى سۆگۈتكە يۈرۈش قىلىىپ، ئۇ يەرنى قولغا كىرگۈزىدۇ. سەلچۇق سۇلتاننىىڭ بۇ يەرنىمۇ ئۇنىڭغا بېرىشى بىلەن بىرلىكتە بەگلىكنىڭ مەركىزىنى سۆگۈتكە يۆتكەيدۇ.

ئەرتۇغرۇل غازى سۆگۈتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆزگىچە بىر سىياسەتنى يولغا قويىدۇ. ئۇ، مەركىزى ئىزنىك ۋە ئىستانبۇلغا جايلاشقان ۋىزانتىيە دۆلىتىگە قارشى يۈرۈش قىلىشنى باشلاش بىلەن بىرگە، رايوندىكى مەھەللىي رىم بەگلىكلىرى (تەكفۇرلىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇچ بېگى بولغان باشقا تۈركمەن بەگلىكلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھاكىمىيەت مۇجادىلىسىنىڭ تەسىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەرتۇغرۇل غازى ئۆزىگە ئوخشاش قايى قەبىلىسىدىن كەلگەن ۋە سەلچۇقلارنىڭ كاستامونۇ ئۇچ بېگى بولغان ھۇسامەددىن چوباننىڭ ئوغۇللىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئەرتۇغرۇل غازى يېرىم كۆچمەن ھالەتتىكى بىر خىل ھايات شەكلىدە ياشايدۇ، قىشنى سۆگۈتتە، يازلىرىنى دومانىچ يايلىقىدا ئۆتكۈزىدۇ. ۋىزانتىيە ۋە باشقا ئۇچ بەگلىكلىرىگە قارشى كۈرىشىدە ئاكچاكوجا، سامسا چاۋۇش، قارا تەكىن، ئايقۇت ئالپ ۋە قونۇر ئالپقا ئوخشاش تەجرىبىلىك ئۇچ بەگلىكلىرىنىمۇ ئەتراپىغا توپلايدۇ. بۇ بىرلىك ئوسمانلىنى كۈنسىرى كۈچلەندۈرۈپ، رايوننىڭ مۇھىم سىياسىي كۈچلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.

.......................................................................................

ئەرتۇغرۇل غازى غەربىي ئانادولۇدا سەلچۇقلارغا قاراشلىق بىر ئۇچ بېگى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1279- يىلىغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەنبەلەردە، ئۇ زامانلاردا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ھۆكۈمدارلىقنى ئوغلى ئوسمانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ۋە ئەرتۇغرۇل غازى 90 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، 1282- يىلى ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ.

ئەرتۇغرۇل غازى ھايات ۋاقتىدا سۆگۈت مەركىزىدە ئۆز نامىدا بىر جامە سالدۇرىدۇ. بۇ جامە ئەرتۇغرۇل غازى دەۋرىدە سېلىنغان بىردىن بىر بىناكارلىق ئەسىرى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ جامە تۇنجى ھالىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر شەكىلدە ئىنشا قىلىنىدۇ ۋە ئەسلى ھالىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. 1956- يىلى يېڭىدىن سېلىنغان ئەرتۇغرۇل غازى جامەسى رېمونت قىلىنىدۇ.

ئەرتۇغرۇل غازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سۆگۈتتە دەپنە قىلىنىدۇ. كېيىنچە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى بولىدىغان نەۋرىسى ئورھان بەگ تەرىپىدىن سۆگۈتتە بىر مەقبەرە ئىنشا قىلىنىدۇ. ئوسمانلىلار پايتەختلىرىنى بۇرسا، ئەدىرنە ۋە ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا يۆتكىگەن ۋە ئۆز دەۋرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئانا ۋەتىنى ۋە ئەجدادلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئورھان تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان بۇ مەقبەرەنى 1757- يىلى ئۈچىنچى مۇستافا، 1882- يىلى ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد رېمونت قىلدۇرىدۇ ۋە بىر قىسىم يەرلىرىگە ئىلاۋە قۇرۇلۇش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەقبەرەنىڭ سۇلتان ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىنمۇ رېمونت قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مەقبەرەدە يالغۇز ئەرتۇغرۇل غازىلا ئەمەس، ئۇنىڭ رەپىقىسى ھەلىمە خاتۇن، بىر تۇغقىنى دۈندار بەگ ۋە ئوغلى ساۋجى بەگ قاتارلىقلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار. يەنە 1326- يىلى بۇرسا پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەسىيىتىگە ئاساسەن جەسىتى بۇرساغا يۆتكەلگەن ئوسمان غازىنىڭ قەبرىسىمۇ بۇ يەردىدۇر. ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد پەقەت ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ قەبرىسىنى رېمونت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، قايى قەبىلىسىدىن كەلگەن قارا كەچىلى دەپ ئاتىلىدىغان تۈركمەنلەرنى مۇھاپىزەت قىسمى قىلىپ تەيىنلەپ سارايدا ۋەزىپە بېرىدۇ. ئوسمانلىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ئانادولۇدىكى يىلتىزلىرىنى جانلاندۇرۇش ئارزۇسىنى چىقىش قىلىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى ۋۇجۇدقا چىققان بۇ زېمىنلارغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 1970- يىللاردا ئەرتۇغرۇل غازى مەقبەرىسىنىڭ ئالدىدىكى ساھەگە تارىختىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق زامانىمىزدىكىلەر ئەرتۇغرۇل غازىغا بولغان مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەر يىلى سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەھەللىي كېيىملەرنى كىيگەن ھالدا ئاتلىرىغا مىنىپ، قوللىرىدا بايراق ‹دۇئا ئورنى› دېگەن ئېگىز بىر تۈزلەڭلىكتىن سۆگۈتكە كىرىدۇ ۋە ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ قەبرىسىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاندىن قۇربانلىقلار كېسىلمەكتە، بۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن پىشۇرۇلغان پولو جامائەت بولۇپ يىيىلگەندىن كېيىن، قۇرئان ۋە مەۋلۇت ئوقۇلۇپ، چېلىشىش، نەيزىۋازلىق دېگەندەك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىپ كەلمەكتە. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ھەر يىلى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشماقتا. قىسقىسى يۇقىرىقى پائالىيەتلەر غەيرى رەسىم سالاھىيەتكە ئىگە بولماقتا.[1]


مەنبەلەر[تەھرىرلەش]