ئەركىن ئابدۇللا

ئورنى Wikipedia
ئەركىن ئابدۇللا/Erkin Abdulla

سەنئەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئەركىن ئابدۇللا ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ياش سەنئەتكار، جۇڭگو مۇزىكانتلار بىرلەشمىسى مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمىيئىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو فىلامېنكو جەمىيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئۇنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبى كۆپ خىل مۇزىكا ئېلمنتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاۋازى ۋە كامالەتكە يەتكەن گىتتار ماھارىتىگە مىللىيچە ۋە زامانىۋى، ئەنئەنىۋى ۋە مودا ئۇسلۇبلار قوشۇلۇپ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى تەدىرجى ھالدا مىللەت ھالقىغان كۆپ خللاشقان مۇزىكا ئۇسلۇبى بولۇپ شەكىللەنگەن..

2002-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ نەشىردىن چىققان بىرىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹قۇملۇقتىن چىققان دولان›› ۋە ‹‹دولان›› ناملىق ناخشىسى نەننىڭ خەلقئارالىق مىللىي سەنئەت بايرىمىدا ئايرىم– ئايرىم ھالدا ‹‹ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹ئەڭ ياخشى خاسلىق مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن.. 2003-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان پۈتۈن مەملىكەتلىك ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ناخشا مۇسابىقىسىدە ئاممىباپ ئۇسلۇپ بويىچە شەرەپ بىلەن ‹‹بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات››قا ئېرىشكەن. ئىجادىي ئەسىرى ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› نەننىڭ خەلقئارالىق مىللىي سەنئەت بايرىمىدا شەرەپ بىلەن ‹‹ئون چوڭ نادىر ناخشا مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. ئىجادىي ئەسىرى ‹‹مەن ئۆلەي›› ئالتىنچى قېتىملىق شاڭخەي ئاسىيا مۇزىكا بايرىمىدا شەرەپ بىلەن ‹‹ئەڭ ياخشى ئەسەر مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.

2004-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹مىڭ بىر كېچە›› نەشىردىن تارقىتىلغان. ‹‹گىتتار ئۆگىنىش قوللانمىسى››نەشىردىن تارقىتىلغان. شىنجاڭدا سەييارە نەق مەيدان كونسېرت ئۆتكۈزگەن. ‹‹شىنجاڭ قەشقەر ياشلىرى ئوبراز ئەلچىسى›› شەرىپىگە ئېرىشكەن.

2005-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۈچىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹شەھەر كېچىسى›› نەشىردىن تارقىتىلغان.

2006-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ تۆتىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹دۆڭكۆۋرۇك ھەققىدە پاراڭ›› نەشىردىن تارقىتىلغان. ئىجادى ئەسىرى ‹‹نېمە بولدى›› شىنجاڭ قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ‹‹ئەڭ ياخشى ئىجادىي ئەسەر مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.

2007-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بەشىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹بلوگ››نەشىردىن تارقىتىلغان. ئىجادىي ئەسىرى ‹‹قەشقەر›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور مۇزىكىلىق فىلىملىرى چوڭ مۇسابىقىسىدە شەرەپ بىلەن ‹‹بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات››قا ئېرىشكەن.

2008-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئالتىنچى پىلاستىنكىسى ‹‹مىڭ ئۆي›› نەشىردىن تارقىتىلغان. 2005–2007 يىللىق جۇڭگو ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى ‹‹تولغىما مۇزىكا تۈرىدىكى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. ‹‹رەڭدار قەشقەر›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. ‹‹ئانا››،‹‹ئامالسىزلىق›› قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى ‹‹شىنجاڭ ئىجادىي ئاممىباپ مۇزىكا ئەسەرلىرى چوڭ مۇسابىقىسى››دا شەرەپ بىلەن ئالتۈن كۈي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا كومپوزىتورلۇقتا بىلىم ئاشۇرغان.

2012-يىلى 7–ئايدا بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا شەخسي سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن.

2013-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ يەتتىنچى پىلاستىنىكىسى ‹‹ئەجداد ئىزى›› نەشىردىن تارقىتىلغان.

2014-2015– يىلى تەكلىپكە ئاساسەن يىپەك يولى ياخشى ئاۋازىنىڭ باھالاپ يېتەكلىگۈچى ئۇستازى بولغان.

2015-يىلى ئامېرىكا لوس ئانژېلېس مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا( ئاكادېمىيىسىدە) ئوقۇغان.

داڭلىق بىر ئۇيغۇر سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن ئابدۇللا ئىجادىيەتتە ئىزچىل ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشقا چوڭقۇر ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇر قەدىمىي دولان مۇقاملىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ‹‹تەڭرىتاغ بۈركۈتى››، ‹‹مىڭ ئۆي›› قاتارلىق جۇڭگوچە غەربچە بىرلەشتۈرۈلگەن، قەدىمكىسى بۈگۈنگە ماسلاشقان (قەدىمكىنى بۈگۈنكىگە خىزمەت قىلدۇرغان) ئېسىل كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان ۋە يەنە ‹‹رەڭگارەڭ قەشقەر›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنىڭ بالىلار قوشاقلىرىنى (شېئىرلىرىنى) رەتلەپ،تەييارلاپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە كونسېرىتلاشتۇرۇپ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بىر تۈرلۈك قىممەتلىك بايلىقنى قالدۇرغان.

ناخشىلىرى[تەھرىرلەش]

Studio albums[تەھرىرلەش]

  • Caravan /Karwan Yoli /2002
  • Nights 1,001/Ming Bir Kéche/2003
  • City Night /Sheher Kéchisi / 2005
  • Story of Dongkowruk / Döngköwrük hekkide parang / 2006
  • Blog /2007
  • The Thousand Caves /Ming Öy /2008
  • Footprint /Ejdat izi /2013
  • Trace (Deluxe Edition) /2018

Apple Music Preview: https://itunes.apple.com/us/album/trace-deluxe-edition/1377067861

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]