ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ۋە ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى؛ ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان يېڭى دۆلەت بىلەن ھەم تارىخىي خاراكتېرلىك ئورنى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، ئاتاتۈرك 1921 – يىلى پىكىر جەھەتتىكى ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن تۇنجى دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىدۇر. 1921 – يىلى مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئەنقەرە قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ پىلان پەقەت 1925 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا تۈركىيىنىڭ ئىلمىي ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمىي، داڭلىق ۋە زامانىۋىي بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان پائالىيىتى؛ سېكولارىزم يەنى دىن بىلەن سىياسەت ئايرىۋىتىلگەن تۈزۈلمە ۋە دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېپ يېڭى ۋە ئىلغار قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلالايدىغان تالانتلىق قانۇنشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۇلۇغۋار نىشان قىلىشىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى دائىرىسىدە قانۇنشۇناسلار ۋە تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1925 – يىلى قانۇنشۇناسلىق مەكتىپى قۇرۇلغان. يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى ئۇلۇغۋار نىشانى شۇكى؛ تۈرك دېھقان – چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 1933 – يىلى يېزا – ئىگىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا – ئىگىلىك مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېپ – يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان. كېيىنچە ئەڭ باي ۋە تارىخ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ھەمدە تۈركىيىنىڭ دۇنياغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتا شۇ تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1935 – يىلى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغان. 1859 – يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا مەكتەبىي مۈلكىيە دېگەن نام بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە 1936 – يىلى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئەڭ سەرخىل فاكۇلتېتلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى، يېڭى ۋە زامانىۋىي تۈركىيىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، 1940 – يىلى قۇرۇلغان مىدىتسىنا ۋە تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن 1946 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. 1948 – يىلى يېزا – ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ يېزا - ئىگىلىك ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق بولغان. 1949 – يىلى دىنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1935 – يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950 – يىلى سىياسىي بىلىملەر دەپ ئاتالغان فاكۇلتېت، 1960 – يىلى قۇرۇلغان دورىگەرلىك فاكۇلتېتى، 1963 – يىلى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتى، 1965 – يىلى قۇرۇلغان پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ۋە شۇ يىلى قۇرۇلغان ئاخبارات فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىلمىي بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان فاكۇلتېتلاردۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى 2009 – يىلى ئېتىبارى بىلەن ھەر يىلى ئوقۇشقا ئورۇنلاشقان 7 مىڭدىن كۆپرەك باكلاۋۇر، 3 مىڭدىن كۆپرەك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بىلەن تۈرك بىلىم دۇنياسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان زامانىۋىي ۋە ئىلغار بىلىم مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2009 – يىلى ئېتىبارى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىدا 2053 باكلاۋۇر ۋە 28564 ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بىلىم ئالماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ 2009 – يىللىق مەلۇماتلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، 3 ئالىي تېخنىكوم، 6 كەسپىي ئالىي تېخنىكوم ۋە بىر دۆلەتلىك سەنئەت مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاسپىرانتلىق ساھەسىدە ئۇنىۋېرستېتقا قاراشلىق 9 ئىنىستىتۇت بار. يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى دائىرىسىدە 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانتلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق پروگراممىسى بار. خالىغان ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىل چەتئەل تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيالايدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى بىلەن ھەم تۈركىيە ھەم دۇنيا بىلىم دۇنياسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان نادىر بىلىم مەركىزىدۇر. گەچىش... 2009 – يىلى ئېتىبارى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىدا 1080 پروفېسسور، 304 دوتسېنت ۋە 258 ياردەمچى دوتسېنت بولۇپ جەمئىي 1642 ئوقۇتقۇچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار يەنى مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى بولسا 1660 تۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، بىر تەرەپتىن ئۆز ساھەسىدە مائارىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1950 – يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ قۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، چەتئەل ئۇنىۋېرستېتلىرى ۋە بىلىم مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى ۋە بەرمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرستېتلار بىلەن 60 تىن ئارتۇق ئاكادېمىك ھەمكارلىقى كېلىشىمنامىلىرىگە ئاساسەن ئىككىلىك مۇناسىۋەتلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ كېلىشىمنامىلەرگە ئاساسەن ئورتاق تەتقىقات لايىھىلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇنىۋېرستېتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىي ئىنسانشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا دېڭىز ئىلمىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئاكتىپ ئەزاسى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى يەنە گېرمانىيە پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ساساكاۋا فوندى جەمئىيىتى، ئالېكساندىر ۋە ھۇمبولدت فوندى جەمئىيىتى، ئىنگىلىز مەدەنىيەت كېڭىشى، خەلقئارا يېزا – ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، گېرمانىيە ئېلېكتورون شىركىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرستېتتىن سىرتقى چەتئەل جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ ئاكادېمىك جەھەتتىن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى دائىرىسىدە قۇرۇلغان تاشقىي ئالاقە باشقارمىسى، تۈركىيىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ياكى چەتئەلدىن تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يىراق مۇساپىلىق مائارىپ» ۋە «ئىزچىل مائارىپ» دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇدىغان بىر مەركەز قۇرۇلدى. خەلقئارادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، مىسلىسىز دەرىجىدە ئۈلگە يارىتىپ، 1984 – يىلى 1 – مارت كۈنى زامانىۋىي مېتودلار ئارقىلىق دەرس بېرىلىدىغان تۈركچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە 10 شۆبىسى بار بولغان قىسقىچە « TÖMER » دەپ ئاتىلىدىغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى تۈركچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركىزى چەتئەللىكلەرگە تۈرك تىلىنى ئۆگىتىشتە ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى ھەققىدەwww.ankara.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

"L" ئىزاھات: [1]