بۈيۈك بېرىتانىيە

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئەنگلىيە)
بۈيۈك بېرتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى

United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland

گېرب
بايراق
بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ ياۋروپا خەرىتىسىدىكى ئورنى
شۇئارى: ''Dieu_et_mon_droit''(ڧرانسوزچە)

God and my right (تەڭرى ۋە ھەققىم)

God Save the King
(تەڭرى ئايال پادىشاھنى قوغدىسۇن)
پايتەخت

- ئەڭ چوڭ شەھرى

لوندۇن

51°30′ش 0°7′غ

بىلىنگەن ئاتى ئەنگىلىيە
قۇرۇلىشى 24 مارت 1603
رەسمى تىل

ئىتىراپ قىلىنغان تىللار

ئىنگىلىزچە

گالچە، ئىرلاندىيەچە، شوتلاندىيەچە شىۋىلىرى، كەرنەۋەكچە، مانكىسچە

ئېتنىك بۇدۇنلار





* 87.1% ئاق تەنلىكلەر
  • 7.0% ئاسيالىقلار
  • 3.0% قارا تەنلىكلەر
  • 2.0% ئەبجەش
  • 0.9% باشقىلار
ھۆكۈمەت
خاراكتېرى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم
ئايال پادىشاھ Charles III
باش مېنىستېر (زۇڭلى) Rishi Sunak
باشقا ئۇچۇرلار
يەر مەيدانى

- سۇ ساھەسى(%)

242.495 كلومتر² (78.)

93.628 ئىنگلىز مىل²

1.34

نۇڧۇس(2016 تەخمىنەن)

- 2011 رەسمى ساناق

- زىچلىقى

65,102,385 جان(22.)

63,181,775 جان (22.)

255.6/كلومتر²(55نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق(2015)

- كىشى باشى

2.679 تىرىلىيون دوللار (9.)

41,159 $ (دوللار)(25.)

پۇل بىرلىكى پوند ستىرلىڭ (£) (GBP)
كالىندار
قاتناش يۆنلىشى سول
ۋاقىت رايۇنى

-ياز

گ.ۋ (UTC+0)

ئە.ي.س(UTC+1)

ئىنتېرنېت uk.
خەلقئارالىق تېلېفۇن كودى 44+

بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئىنگ: United Kingdom of Great Britain and Northern Irelandياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان، بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىنىڭ تامامىنى، ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بەئزى باشقا بېرتانىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت. دۆلەت ئىسمى، دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئىنگ: United Kingdom) دەپ بىلىنىدۇ. بەزىدە بۈيۈك بېرتانىيە (ئىنگ: Great Britain) شەكلىدىمۇ ئەنگىلىيەگە ئىشارە قىلىنىدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇنسۇرلاردىن بىرى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ نۇپۇس كۆپ دۆلەت بولغان ئەنگىلىيەنىڭ ئىسمىمۇ بەئزى بەئزىدە رەسمىي قاناللاردا بىرلەشمە پادىشاھلىق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۇيغۇرلاردا بولسا ئەڭ كۆپ ئەنگىلىيە دەپ بىلىنىدۇ. خەلقىغە بولسا ئەنگىلىيىلىك ياكى بېراتانىيىلىك (ئىنگ: British) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنگىلىز كەلىمىسىمۇ خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

بىرلەشمە پادىشاھلىق تۆرت دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ۋېلش، ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە قاتارلىقلار. بۇ دۆلەتلەردىن ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى شىمالىي ئىرلاندىيەدىن باشقا ھەممىسى بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا پادىشاھلىققا تەۋە چوڭ كىچىك نۇرغۇن ئارىلى بار. ۋايت ئارىلى، لۇندي، سىللىي ئاراللىرى، ئانگلېسي ۋە ھېبرىد ئاراللىرى، ئوركنېي ئاراللىرى ۋە شوتلاند ئاراللىرى بۇلاردىن بەزىلىرىدۇر.

مان ئارىلى ۋە مانش ئاراللىرى (جېرسېي، گۇېرنسېي، ئالدېرنېي ۋە سارك) جۇغراڧىيلىك ھالدا پادىشاھلىققا باغلىق بولسىمۇ، رەسمىي شەكىلدە ئالاھىيدە دەرىجىگە ئىگە. رەسمىي شەكىلدە پادىشاھلىقنىڭ پارچىسى ھېساپلانمايدۇ. لېكىن مونارخىيلىك باغلىقدۇر. (ئىنگ: Dependencies of the Crown) بۇ ئاراللار ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەمەس.

بىرلەشمە پادىشاھلىق، بىرتانىيە ئىمپېرىيسى دەۋرىدە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىدىن "كۈن ئولتۇرمايدىغان ئىمپېرىيە" دەپ ئاتالغانىدى.

ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

ئەنگىلىيەنىڭ ئەك كۆھنە خەلقىنى كەلتلەر تەشكىل قىلماقتا. م.ب. 55 - م.ك. 410 يىللار ئارىسى بېرتانىيە ئاراللىرى رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق برىتاننيا ئۆلكىسىنى تەشكىل قىلاتتى. 5- ئەسردە بۇ رايون خرىستىيانلىقنىڭ تەسرى ئاستىغا كىردى. ئەينى يىللاردا گېرمان خەلقلىرىدىن بولمىش ئانگلوساكسونلار توپ توپ بولۇشۇپ بۇ ئارالغا كۆچە باشلىدى. 1066 - 1154 ئارىسى يەنە بىر گېرمان ئىرقىدىن بولمىش نورمانلار بۇ ئارالغا كۆچۈپ كېلىشتى. ئىنگلىزلەر بۇ گېرمان ئىرىقلىرىنىڭ داۋامىدۇر. شوتلاندلار، ۋېلشلار ۋە ئېرلاندىيەلىكلەر بولسا كەلتلەرنىڭ داۋامىدۇر.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سابىق ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولمىش ئېدۋارد VIII ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەختتىن چېكىنگەن تۇنجى بېرىتانىيە قرالىدۇر.

برىتانىيە ئىمپېراتورلىغى[تەھرىرلەش]

ئاساسىي ماددا: برىتانىيە ئىمپېراتورلىقى

ئېلزابىت I

تۇدور خانەدانى دەۋرىدە ئەنگلىيە پادىشاھلىقى كۈچىيىپ شوتلاندىيەنى بېسىپ چۈشتى. ئەنگىلىيە قرالىچەسى ئېلزابىت I يىل 1588 دە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيىسى بولمىش ئىسپان ئارماداسىنى يېڭىپ برىتانىيە ئىمپېراتورلىقىنىڭ ئۇلىنى سالدى. 17- ئەسردە بارغانسېرى كۈچۈيگەن ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكادا مۇستەملىكىلەر قۇردى. 1707 دە ئەنگىلىيە شوتلاندىيە بىرلىشىپ بىرلەشمە بۈيۈك برىتانىيە پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1800 دە بولسا بۇ بىرلىككە ئىرلاندىيە ھەم قوشۇلۇپ بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1837 - 1901 يىللار ئارىسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋىكتورىيە I دەۋرىدە بىرلەشمە پادىشاھلىق "كۈن ئولتۇرمايدىغان" برىتانىيە ئىمپېراتورلىقىنى قۇردى. 1921 گە كەلگەندە بۇ ئىمپېراتورلۇق ھىندىستان، شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋۇسترالىيە ۋە ئاڧرىقا داخىل 36.6 مىلىيون كىلومېتر2 لىق بىر زرمىننى قاپسايتتى. 458 مىلىيون كىشىلىك بىر نۇپۇسقا ھۆكرانلىق قىلاتتى ۋە نۇپۇس جەھەتتە دۇنيانىڭ 4\1 قىسمى بېرتانىيەنىڭ ئەگەمەنلىكى ئاستىدا ياشايىتتى.

20. ئەسر[تەھرىرلەش]

برىتانىيە ئىمپېراتورلىقى

100 يىلدا بۇ ئىمپراتورلۇق ئاستا ئاستا پارچىلىنشقا باشلىدى. 1922- يلى ئىرلاندىيە مۇستەقىللىقىنى قازاندى. 1947 - يىلى ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇستەقىل بولدى. 1948- يىلى ئەنگلىيە پەلەستىندىن چېكىندى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە سانسىزلىغان دۆلەتلەر 20. ئەسردە ئايرىلدى. 1997- يىلى شىياڭگاڭنىڭ ئايرىلىشى بىرلەشمە قراللىقنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مۇستەملىكە پارچىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۈيۈك برىتانىيەنىڭ ئەسكى مۇستەملىكىلىرى كۈنىمىزدە ئىنگىلىز مىللەتلەر توپلۇغى (ئىنگ: Commonwealth of Nations) نامى بېرىلگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىق ئاتقارماقتا. بىرلەشمە پادىشاھلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش سۈپىتىنى ئا ق ش غا ئۇتتۇرۇپ قويۇش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يېرىنى قوغدىماقتا. بىرلەشمە پادىشاھلىق ياۋرو رايونى سىرتىدا قالماق بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەتلىرى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.



ئەنگلىيىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە پادىشاھى-ئەنگلىيە شۇنداقلا ئەنگلىيەگە تەۋە چەتئەلدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تارىخىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بۇنى ئانگلوساكسونلار دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنى قانداشلىق بويىچە ئايرىغاندا، ھەممىسى شوتلاندىيە پادىشاھىنى ئاساس قىلىدۇ.چۈنكى كۆپلىگەن ئېنگلاند پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىملىق ۋىكتورىيە دەۋرىدە پەيدىنپەي يوقالغان، مىلادىيە 9-ئەسىردە ۋېيسىكېس ئېنگلاندقا تەۋە باشقا خانلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەپ، مىلادى 10- ئەسىردە، ئېنگلاند رەسمىي بىرلىككە كەلگەن خانلىق دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1603-يىلى، شوتلاندىيە پادىشاھى جامىس Ⅵ ئېنگلاندنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېنگلاند بىلەن شوتلاندىيە بىرلىشىپ، بىر خانلىق دۆلەت بولۇپ قالغان. 1707-يىلى، ئىككى خانلىق دۆلەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتالغان. بۈگۈنگە قەدەر. پادىشاھنىڭ ئىمتىيازى يەنىلا ئىنتايىن كەڭ بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشكە ئادەتتە پادىشاھ ئۆزى ئەمەس، باش ۋەزىر ۋەكىل سۈپىتىدە يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ۋە پاسپورت ئىشلىرىنى بىردەك باش ۋەزىر ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ.

1066-يىلى ۋىليام ئەنگلىيەنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، فېئوداللىشىش جەريانى تاماملىنىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تەدرىجىي كۈچەيتىلدى. 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، پادىشاھلىق تەبىقە تۈزۈمى ئاستىدا، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ھوقۇقى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىدى. 17~15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە پادىشاھ مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھى دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىدى.

0-يىلى، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىدى. 1688- ىلىدىكى شەرەپلىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 1689-يىلدىكى « ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ئەنگلىيەدە پارلامېنتنى يادرو قىلغان پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پەيدىنپەي ئورنىتىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى بارا-بارا پادىشاھنىڭ ھوقۇقىدىن ئېشىپ كەتتى. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى يەنە بارا-بارا ئىچكى كابېنتقا ئۆتۈپ كەتتى. ئەنگلىيە پادىشاھى گەرچە دۆلەت باشلىقى بولسىمۇ، ئەمما بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. قانۇن جەھەتتە، ئەنگلىيە پادىشاھى باش ۋەزىر، ھەرقايسى مەمۇرىي ۋەزىر، ئالىي سودىيە ۋە ھەر قايسى تەۋەلىكتىكى باش ۋالىينى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، پارلامېنتنى توختىتىش ۋە تارقىتىۋېتىش، قانۇن تەستىقلاش، ئوتۇغات نامى بېرىىش، ئاقسۆڭەكلەرگە شەرەپ نام بېرىش، سوتلاش ، لەشكىرىي قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە سۈلھى قاتارلىق كەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ئىچكى كابېنت ۋە پارلامېنت ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئىچكى كابېنتنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بولىدۇ، يەنى قائىدە-يوسۇن خاراكتېرلىك. لېكىن ئەنگلىيە پادىشاھى يەنە يۈكسەك شان- شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ. باج ئېلىنمايدۇ، سوتلانمايدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھى ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ سىياسى ۋە ئىزچىللىقىنىڭ بەلگىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە، مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 1701-يىلىدىكى « پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى» دا، تەخت ۋارىسى چوقۇم خىرىستىئان مۇرىتى بولۇشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن بويىچە بولغاندا، چوڭ ئوغۇل ئالدى بىلەن خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرلەر ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلغان. تەخت ياش تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن مەرھۇم پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئوغۇل پەرزەنتى بولمىسا، قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ناۋادا، پەرزەنتى بولمىسا ياكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسا، شىرەم تۇغقان ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ. 1952-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورجى Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئېلىزابېت تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1937-يىلى، 1943-يىلى، 1953-يىلىدىكى « نائىبلىق قانۇنى » دا، ئەنگلىيە پادىشاھى قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم- ئايرىم ھالدا قۇرامىغا يەتكەن تەخت ۋارىسى، باش سودىيە، تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر نائىبلىق قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

ئايال پادەشاھ

ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت Ⅱ، ئۇ 1926-يىلى تۇغۇلۇپ، 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تەختتە ئولتۇرغان (تولۇق ئىسمىHer Majesty Queen Elizabeth II)، ھازىرقى ئەنگلىيە پادىشاھى بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، شۇنداقلا ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى. ئۇنىڭ مەنسىپىنىڭ تولۇق نامى-« بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە زېمىننىڭ ئايال پادىشاھى، ئەنگلىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ باشلىقى، خىرىستىئان ئېتىقادىنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئۇ 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تاج كىيگەن، تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى 3-ئۇزۇن پادىشاھ بولۇپ، تەخمىنەن 125 مىليون نوپۇسقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.