ئەھمەد زىيائى

ئورنى Wikipedia

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق كەنتى بېقىلقچى كەنتىدە ئەينى دەۋىردىكى ئاتاقلىق مەرەپەتپەرۋەر ئۆلىما موللاخۇن ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

1989يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى جۈمە ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئاتاغلىق شائىر ، دراماتورگ ئەھمەد زىيائى - ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن پېشقەدەم شائىر تالانلىق دىراماتورگ، ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەرنىڭ يىڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ قۇمۇشېرىق يېزىسىدا دېھقان ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1928- يىلغىچە دادىسى موللاخۇن ھاجىمدىن بىلىم ئالغان، موللاخۇن ھاجىم بىلىملىك زات بۇلۇپ پارىس ئەرەپچە كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغان ھەم ساقلىغان كىشى ئىدى. زېرەك ئەھمەد 2-ئوغۇل كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرەتتى ئاتىسى بىلەن شېئىر قۇشاقلار توغۇرلۇق پاراڭلىشاتتى ئەھمەد زىيائى10يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.15ياشلىق ئەھمەد"گۈل ۋە بۇلبۇل" داستانىنى زىيائى"نۇر،"تەخەللۇسى بىلەن تاماملاپ قول يازمىسىنى خەلق ئىچىگەتارقاتقان. بۇ داستاننى كۆرگەن شۇ چاغدىكى ئەدىپلەر ياش ئەھمەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن، 1935-يىلى"يېڭى ھايات"تا ئېلان قىلدۇرغان.شۇ يىلى ئەھمەد زىيائىنى "يىڭى ھايات" گېزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەسۇل مۇھەرلىگىدە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى پۇتۇن شىنجاڭغا ۋە ئوتىتۇرا ئاسىياغا تارقىلاتتى . بۇ گېزىت جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇش ، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشتە غايەت زور رول ئۇينىغانتى،

شۇ سەۋەپتىن جاللات شېڭشىسەي 1937-يىلى قۇتلۇق شەۋقىنى تۈرمىگە تاشلاپ شۇ يىلى 10-ئايدا مەخپى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. شۇنىڭدڭن كېيىن "يېڭى ھايات"گېزىتىنىڭ بارلىق ئىشلىرى ياش ئەھمەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلنىدۇ

ئۇ گېزىتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ بۇنى بىلگەن شىڭشىسەي ئەھمەد زىيائىنى خەتەرلىك دەپ قاراپ كۆز ئالدىدا نازارەت قىلىش ئۈچۈن 1943-يىلى "شىنجاڭ گېزىتىگە"يۆتكەپ ئاپىرىدۇ،

ئەھمەت زىيائى "شىنجاڭ گېزىتى "گە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەڭ خەلققە ئادەلەتسىز تۈزۈمىنى ئېچىپ بېرىپ كەڭ خەلقنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى چىقىرىدۇ، ئەھمەد زىيائىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىپادىلەن ئىلغار دىيەلەر شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى بولغاچقا، 1946-يىلى 3-ئايداقولغا ئېلىنىپ 1946-يىلغىچە نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىدۇ..

1947-يىلى "ئون بىر بىتىم" مۇناسىۋىتى بىلەن "قەشقەر گېزىتى "نىڭ مەسۇللىغىنى 1952-يىلغىچە قىلىدۇ. 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدەبىيات بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن.

ئۇ مەدەتيەت ئىنقىلاۋىدا تۆۋەنگە سۈرگۈن قىلىنغان شۇ جەرياندا نۇرغۇن ئەسەرلىرى يوقاپ كەتكەن. 1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىيى پەنلەرئاكادېمىيسىگە يۆتكۈلۈپ"قۇتادغۇ بىلىك"نىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان.

ئەھمەد زىيائىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى


"كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى" "بۇلبۇلغا خىتاپ،" "رابىيە سەئىدى" "ھايات جەڭ،قاتارلىق شېئىر داستان لاردىن 100پارچىدىن ئارتۇق يازغان ، "ئىسلام پەلەسەپە تارىخى" قاتارلىق10دىن ئوشۇق كىتاپنى پارىسچىدىن تەرجمە قىلغان."ياش يازغۇچىلارغاياردەم،" "قۇتادغۇ بىلىك كىمنىڭ ۋەئۇنىڭ تىلى قايسى تىل " قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ماقالە يازغان . يۇقارقىلار ئەھمەد زىيائىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى. بىزگە مەڭگۈ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان شائىر ئەدەبىياتشۇناس دىراماتۇرگ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۇھپىلەرنى قاتقان پىشىۋا ئۇستازىمىزمۇللاخۇن ھاجى ئوغلى ئەھمەد زىيائى ھاجىم1989-يلى 76.يىشىدا بىزگە تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇرۇپ بىزدىن ئايرىلدى، بۇ ئۇستازىمىزنى كەڭ خەلق مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ.

يۇرت-ئەل ئۈچۈن تارتقان ئەلەمنى،

شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.

خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،

مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.


تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،

شىرانە سۆۋلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا،

يىغلىسا يىغلاپ كۈلسە كۈلگۈلۈك..


مانا بۇ شائىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان يۈرەك سۆزى


ئەھمەد زىيائى1928- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى بىلەن بىرلىكتە ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﻮﻟﻼﺧﯘﻥ ﻫﺎﺟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻣﻮﻟﻼﺧﯘﻥ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﺍﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلگەن، چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان، شەخسى كۈتۈپخانىسىدا ﭘﺎﺭﯨﺲ، ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. «خۇمۇلى» (بۇلۇڭدا ئولتۇرغۇچى) دېگەن تەخەللۇسىدا ئەرەپچە، پارسچە شېئىرلارنى يازاتتى. ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻗﯘﺷﺎﻗﻼﺭ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﻰ10ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 13 يېشىدا ‹‹ﻧﯘﺭ›› ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ پارس تىلىدا يازغان‹‹ﮔﯜﻝ ﯞﻩ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ›› ﺩﺍﺳﺘﺎنى شۇ چاغدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ھەمدە ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯما ھالىتىدە ﺧﻪﻟﻖ ئارىسىغا ﺗﺎﺭﻗﺎلغان. 1935-ﻳﯩﻠﻰ ئەھمەد زىيائى بۇ داستانىنى قايتا پىششىقلاپ ‹‹ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ›› گېزىتىدە ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ھەمدە، شۇ يىلدىن باشلاپ ‹‹ﻳﯩﯖﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ›› ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻫﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳئﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﻟﯩﮕﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‹‹ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ›› ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﺗﯩﺘﯜﺭﺍ -ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﺵ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﯘﻳﻨﯩﻐﺎن ئىدى، ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺟﺎﻟﻼﺕ شىڭ شىسەي1937-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞەتكەن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪىن باشلاپ ‹‹ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ›› ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ زىيائىنىڭ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛلەنگەن. ﺋﯘ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىپ ئىشلەپ، ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ياخشىلىغان. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ شىڭ شىسەي ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﯩﻨﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1943-ﻳﯩﻠﻰ ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰىتى››گە ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﺎﭘارغان، ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﺯﯨﻴﺎﺋﻰ ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››ﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ تۇرغۇن ئالماس، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئەينى چاغدىكى ئىلغار زىيالىيلار بىلەن پىىكر ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ يۈكسىلىپ ئاجايىپ ئىسىل ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ چىققان . ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ئىدىيىلەر شىڭ شىسەي ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، 1946-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻧﻰ تارتقان.

1947-ﻳﯩﻠﻰ ‹‹ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺘﯩﻢ›› ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‹‹ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››ﻧﯩﯔ مەسئۇللىقىنى تا 1952 -ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ئۆتىگەن. 1947-ﻳﯩﻠﻰ «توزىماس چېچەكلەر»، «ۋېجدان ۋە مۇھاكىمە»، «لاداخ يولىدا كارۋان» قاتارلىق كىتاپلىرى بىراقلا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ئەدەبىياتتىكى شۆھرىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىگە قەدەر تارقالغان. ئارىلىقتا يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ 21ياشلىق ھاكىمى ئابدۇراخمان توختىھاجى (مەزكۇر زات 2006-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مەڭگۈلۈك مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزۇپ ۋاپات بولغان) بىلەن بىرلىكتە گومىنداڭ نەنجىڭ قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، شىنجاڭلىق ۋەكىللەر بىلەن جىياڭ جېشى، سۇڭ مېيلىڭلارنىڭ شەخسى زىياپەت بىرىپ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن. 1957-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1960-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ سەنئەتچىلەر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ئىشلىگەن. ﻣﻪﺩﻩنىيەت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﯨﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، تۈرمىلەرگە قامالغان. ﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. 1980-ﻳﯩﻠﻰ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئى ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﺴﯩﮕﻪ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ‹‹ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ››ﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ئەھمەد زىيائى ئازغىنا60 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ئاﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئەﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ شۇغۇللىنىپ، ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ تەرەققىياتى ئۈچۈن ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺧﺮﯨﮕﻪ ئاﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ; ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ‹‹ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ ›› ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ئەﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﯩﻴﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ئەﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ئۆﺭﻧﻪﻙ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ئەﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺯﯨﻜﺮﻯ . ئۇﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ئۆﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﻗﻮﺷﯘﺵ- ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯘﺭﭼﻰ ، ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﯞﻩﻧﺪىكىچە:

ئەﺳﻪﺭﻟىﺮﻯ[تەھرىرلەش]

ئەﺩﻩﺑىﻲ ئەﺳﻪﺭﻟىﺮﻯ[تەھرىرلەش]

‹‹ﮔﯜﻝ ﯞﻩ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ››( ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ) 13 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .

‹‹ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ، ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻫﺎﻳﺎﺕ ›› ( ﺩﺭﺍﻣﺎ) - 1938 ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .

‹‹ﺧﺎﺋﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﺟﯩﯖﯟﯦﻲ›› (ﺩﺭﺍﻣﺎ) -1938 ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ئوﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻥ .

‹‹ﺭﺍﺑﯩئە - ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻦ››( ئوﭘﯧﺮﺍ)- 1943 ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ئوﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻥ .

‹‹ﺗﻮﺯﯨﻤﺎﺱ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭ›› (ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ) 1947 - ﻳﯩﻠﻰ‹‹ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ›› ﻣﻪﺗﺒﻪئەﺳﯩﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ، 1963 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ئەﻳﻨﻪﻥ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

‹‹ﻻﺩﺍخ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ››( ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ) 1947 - ﻳﯩﻠﻰ ‹‹ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› ﻣﻪﺗﺒﻪئەﺳﯩﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ، ﺭﯗﺱ ، ئوﺭﺩﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .

‹‹ﺭﺍﺑﯩئە - ﺳﻪﺋﺪﯨﻦ››( ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺭﻭﻣﺎﻥ ) : 1985 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ‹‹ئەﻫﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﻰ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ›› ( ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ، سەھنە ئەسەرلىرى ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ) : 1987 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

‹‹ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئاﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئىجادچىلىرى - ﻳﯜﺳﯜﭖ ﯞﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ›› (ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ) ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ‹‹ﺗﯚﺕ ئۆﻟﯜﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺶ›› (ﺭﻭﻣﺎﻥ ) ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .


ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ماقالىلىرى[تەھرىرلەش]

‹‹ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ >> : << ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››-1943 ﻳﯩﻞ 15 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺳﺎﻧﻰ.

‹‹ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ياردەم›› ‹‹ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› 1943-ﻳﯩﻞ ﻧﻮﻳﺎﺑﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ.

‹‹ ئۇﻳﻐﯘﺭ خەلق ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧئەﺕ ئۈﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ›› ‹‹ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› -1954 ﻳﯩﻞ 13 - ﻣﺎﻱ ﺳﺎﻧﻰ

‹‹ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ›› (ﭘﻮﺑﻠﯩﺴﺘﯩﻚ ئەﺳﻪﺭ ) : 1947 - ﻳﯩﻠﻰ ‹‹ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ›› ﻣﻪﺗﺒﻪئەﺳﯩﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ.

‹‹ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ئۈﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ» « ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› - 1957 ﻳﯩﻞ 31 - ﻣﺎﻱ ﺳﺎﻧﻰ.

‹‹ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ئۇﭼﺮﺍﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ›› ‹‹ﺑﯘﻻﻕ ›› ﻣﻪﺟﻤﯘئەﺳﻰ 1984 - ﻳﯩﻞ 11 - ﺳﺎﻥ.

‹‹ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯩﻞ ››>> ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ›› -1987 ﻳﯩﻞ 1 - ﺳﺎﻥ.


ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭ[تەھرىرلەش]

‹‹ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ - ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻦ ›› ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ›› -1957 ﻳﯩﻞ 6 - ﺳﺎﻥ .

‹‹ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ: ›› >>ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ›› - 1957 ﻳﯩﻞ 7-8-9- سانى.

‹‹ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ›› ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ، 1984 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

‹‹ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ›› ﺟﯜﻧﻪﻳﺪ ﺑﻪﻛﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ نەشىرگە ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ .


ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ[تەھرىرلەش]

‹‹ ﺭﻩﯞﺯﻩ ﺗﯘﺳﺴﺎﻓﺎ›› ( ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ) ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

‹‹ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ›› ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

‹‹ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺪﯦﻜﯩﺴﻰ›› ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

‹‹ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺠﯜﻣﻪنلىرى›› ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ››ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

‹‹ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ ›› ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ‹‹ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ - ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻦ ›› ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ئاﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﻧﯩﺰﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ئەﺳﯩﺮﻯ ، ‹‹ ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ ›› ﻣﻮﻟﻼ ﺷﺎﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ئەﺳﯩﺮﻯ. ﭘﺎﺭﺱ ۋﻩ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ 1970 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 1980 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئاﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ئاﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ھازىر شائىرنىڭ ئىنىسى ئىمامھەسەن يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزا قارادوڭ كەنتىدە چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بىر سىڭلىسى ئاتىسى ياققان چىراقنى ئۆچۈرمەي ياشىماقتا. پەرەنتلىرىدىن ئارسلان ئەھمەد شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئېگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە. قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق. ئاتىسى موللاخۇن ھاجىنىڭ قەبرىسى قارادۆڭ كەنت 6-مەھەللىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇشلار ئۆسۈپ، قەبرە گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكتىن پەرقلەندۈرۈشمۇ تەس. قەشقەرلىك داڭلىق شائىر تاھىر تالىپ ئۆزىنىڭ «سۈزۈك سۇلار قايسى بۇلاقتىن چىققان» ناملىق ماقالىسىدا بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئۈچ ئالىم توغرىلىق خېلى تەپسىلى توختىلىپ، ئالىمنىڭ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى ئوڭشاش، بۇ ھەقتە ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشنىڭ رۇياپقا چىققىنى يوق. ئەمدىلىكتە پەقەت خەقنىڭ ئاغزىدا موللاخۇن ھاجى توغرىلىق نۇرغۇن رىۋايەتلەرلا تارقىلىپ يۈرمەكتە. يەنە يىللار ئۆتسە ئۇنىڭ قەبرىسىنىمۇ تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن......


•ئاتاغلىق شائىر ، دراماتورگ ئەھمەد زىيائى - [تارىخىمىز]2009-03-10

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن پېشقەدەم شائىر تالانلىق دىراماتورگ، ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەرنىڭ يىڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ قۇمۇشېرىق يېزىسىدا دېھقان ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1928- يىلغىچە دادىسى موللاخۇن ھاجىمدىن بىلىم ئالغان، موللاخۇن ھاجىم بىلىملىك زات بۇلۇپ پارىس ئەرەپچە كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغان ھەم ساقلىغان كىشى ئىدى. زېرەك ئەھمەد 2-ئوغۇل كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرەتتى ئاتىسى بىلەن شېئىر قۇشاقلار توغۇرلۇق پاراڭلىشاتتى ئەھمەد زىيائى10يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.15ياشلىق ئەھمەد"گۈل ۋە بۇلبۇل" داستانىنى زىيائى"نۇر،"تەخەللۇسى بىلەن تاماملاپ قول يازمىسىنى خەلق ئىچىگەتارقاتقان. بۇ داستاننى كۆرگەن شۇ چاغدىكى ئەدىپلەر ياش ئەھمەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن، 1935-يىلى"يېڭى ھايات"تا ئېلان قىلدۇرغان.شۇ يىلى ئەھمەد زىيائىنى "يىڭى ھايات" گېزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەسۇل مۇھەرلىگىدە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى پۇتۇن شىنجاڭغا ۋە ئۇتىتۈرا -ئاسىياغا تارقىلاتتى . بۇ گېزىت جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇش ، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشتە غايەت زور رول ئۇينىغانتى، شۇ سەۋەپتىن جاللات شېڭشىسەي 1937-يىلى قۇتلۇق شەۋقىنى تۈرمىگە تاشلاپ شۇ يىلى 10-ئايدا مەخپى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. شۇنىڭدڭن كېيىن "يېڭى ھايات"گېزىتىنىڭ بارلىق ئىشلىرى ياش ئەھمەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلنىدۇ ئۇ گېزىتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ بۇنى بىلگەن شىڭشىسەي ئەھمەد زىيائىنى خەتەرلىك دەپ قاراپ كۆز ئالدىدا نازارەت قىلىش ئۈچۈن 1943-يىلى "شىنجاڭ گېزىتىگە"يۆتكەپ ئاپىرىدۇ، ئەھمەت زىيائى "شىنجاڭ گېزىتى "گە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەڭ خەلققە ئادەلەتسىز تۈزۈمىنى ئېچىپ بېرىپ كەڭ خەلقنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى چىقىرىدۇ، ئەھمەد زىيائىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىپادىلەن ئىلغار دىيەلەر شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى بولغاچقا، 1946-يىلى 3-ئايداقولغا ئېلىنىپ 1946-يىلغىچە نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىدۇ.. 1947-يىلى "ئون بىر بىتىم" مۇناسىۋىتى بىلەن "قەشقەر گېزىتى "نىڭ مەسۇللىغىنى 1952-يىلغىچە قىلىدۇ. 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدەبىيات بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن. ئۇ مەدەتيەت ئىنقىلاۋىدا تۆۋەنگە سۈرگۈن قىلىنغان شۇ جەرياندا نۇرغۇن ئەسەرلىرى يوقاپ كەتكەن. 1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىيى پەنلەر ئاكادېمىيسىگە يۆتكۈلۈپ"قۇتادغۇ بىلىك"نىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. ئەھمەد زىيائىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى تۇۋەندىكى ئەسەرلەر "كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى" "بۇلبۇلغا خىتاپ،" "رابىيە سەئىدى" "ھايات جەڭ،قاتارلىق شېئىر داستان لاردىن 100پارچىدىن ئارتۇق يازغان ، "ئىسلام پەلەسەپە تارىخى" قاتارلىق10دىن ئوشۇق كىتاپنى پارىسچىدىن تەرجمە قىلغان."ياش يازغۇچىلارغاياردەم،" "قۇتادغۇ بىلىك كىمنىڭ ۋەئۇنىڭ تىلى قايسى تىل " قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ماقالە يازغان . يۇقارقىلار ئەھمەد زىيائىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى. بىزگە مەڭگۈ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان شائىر ئەدەبىياتشۇناس دىراماتۇرگ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۇھپىلەرنى قاتقان پىشىۋا ئۇستازىمىزمۇللاخۇن ھاجى ئوغلى ئەھمەد زىيائى ھاجىم1989-يلى 89.يىشىدا بىزگە تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇرۇپ بىزدىن ئايرىلدى، بۇ ئۇستازىمىزنى كەڭ خەلق مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ.


يۇرت-ئەل ئۈچۈن تارتقان ئەلەمنى،

شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.

خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،

مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.


تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،

شىركەبى سۆلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا،

يىغلىسا يىغلاپ كۈلسە كۈلگۈلۈك..


مانا بۇ شائىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان يۈرەك سۆزى