باغلانغان ئۆردەك

ئورنى Wikipedia
باغلانغان ئۆردەك
دۆلەت فرانسىيە
تىلى فرانسۇزچە
ژانىرى ھەپتىلىك گېزىت
خاراكتېرى ساتىرىك
باھاسى 1,20 €
ئىگىدارچى ئورۇن مارشال نەشرىياتى
نەشىر دېرىكتورى مىشەل گاياغ
تەھرىر دېرىكتورى مىشەل گاياغ
تەھرىر مۇدىرلىرى كلود ئاڭژۆلى ۋە ئېرىك ئەمتاز
خەلقئارا نومۇرى 0008-5405
تور بېتىhttp://www.lecanardenchaine.fr

باغلانغان ئۆردەك فرانسىيەدە ھەر چارشەنبە چىقىدىغان ھەپتىلىك ساتىرىك گېزىت. 1915-يىلى 10-سېنتەبىر مورىس مارشال (موغىس ماغېشال) ۋە ژان مارشال (ژان ماغېشال) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ گېزىت باشقا بىر قانچە مەشھۇر گېزىتلەر (لۆ فىگارو، ئەكس سادا، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كرىست ) بىلەن بىر قاتاردا، فرانسىيەدىكى ئەڭ كونا گېزىت ھېساپلىنىدۇ. باغلانغان ئۆردەك قۇرۇلغىنىدىن ھازىرغىچە، فرانسىيەدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بىردىنبىر ھېچقانداق سىياسى ياكى ئىقتىسادى كۈچكە بېقىنمىغان، ئەڭ مۇستەقىل گېزىت ھېساپلىنىدۇ.

ئىسىم ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

"ئۆردەك" سۆزى فرانسۇزچە يەنە ئېقىم گېزىتى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. "باغلانغان ئۆردەك" 1913-يىلى فرانسىيەدە قۇرۇلغان، شۇ زاماندىكى ھۆكۈمەتنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلەيدىغان "ئەركىن ئادەم" گېزىتىنىڭ ئىسمىدىن پايدىلانغان ھالدا قويۇلغان. ئۇشبۇ گېزىت ئەمەلى بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كىيىن ئىسمىنى "باغلانغان ئادەم" گە ئۆزگەرتكەن. قېرىنداش مارشاللار ئۆز گېزىتى ئىسمىنى ساتىرىك ئۇسلۇبتا "باغلانغان ئۆردەك" دەپ ئاتىغان.

تەھرىرى خاراكتېرى[تەھرىرلەش]

قوشۇمچە تېمىسى "ھەر چارشەنبە چىقىدىغان ساتىرىك گېزىت". چاقىرىقى بولسا "ئاخبارات ئەركىنلىكى پەقەت ئۇنىڭغا ئېھتىياج قالمىغاندىلا تۈگەيدۇ". بۇ چاقىرىق ناھايىتى ئېنىق ھالدا مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىر خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ : ئۆردەك فرانسىيەدىكىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىكىمۇ ھەر تىپتىكى (سىياسى، ئىقتىسادى ۋە قانۇنى) سەتچىلىكلەرنى پاش قىلىدۇ. ئۇنىڭ شوئارى 1915-يىلى گېزىت قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان گراسسىيې تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ "قەلىمىمنى ئالالايسەن، ئەمما جېنىمنى ئالالمايسەن". ھەر ھەپتىدىكى گېزىتنىڭ باش بېتىدىكى ۋە باشقا بەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئۆردەكنىڭ رەسىمىنى ھېنرى گىلاك سىزىدۇ. گېزىتنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى بۇ گېزىتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. مەزكۇر گېزىت ئاخبارات تۈزۈمى بولغان مىيۇنخىن ئەھدىنامىسىغا رىئايە قىلىدۇ. "باغلانغان ئۆردەك" نىڭ مۇخبىرلىرى خەۋەرلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل مەنبەدىن ئالىدۇ : ھەرخىل تەتقىقات ۋە سىتاتىستىكا ئورگانلىرى باشقا گېزىت-ژورناللاردىكى مۇخبىرلار(بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلالمايدىغان ئۇچۇرلارنى باغلانغان ئۆردەك مۇخبىرلىرىغا بېرىدۇ) ئادېرىس خاتىرىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەتلىرى

تەھرىرلىكنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقى ئېنىقلىنىدۇ ۋە قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىلىدۇ. دېمىسىمۇ، باغلانغان ئۆردەكنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچبىر ئۇچۇر ياكى خەۋىرىنىڭ يالغانلىقى ياكى خاتالىقى ئىسپاتلانغىنى يوق. خەۋەر ياكى ئۇچۇر بەرگەنلەردىن پەقەت مۇخبىر بولغانلارلا ھەققە ئېرىشىدۇ.

تۇغۇلۇشىدىن سولقانات[تەھرىرلەش]

گەرچە باغلانغان ئۆردەك ئۆزىنىڭ يا ئوڭقانات يا سولقانات پارتىيەلەرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى تەكرارلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم سولقاناتلار جۇمھۇرىيەت بېشىنى ئالغاندا، بۇ گېزىت ئۆزىنىڭ خوشلۇقىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىلەرنىڭ تونى ۋە ئاھاڭى ناھايىتى ئېنىقلا سولچىل ئىدىيەلەر بىلەن تولغان. شۇنداقتىمۇ، سولچىل ئىدىيەدە بولۇشى بىلەن سولچىل سىياسەتچىلەرنى تەنقىدىدىن ئاياپ قويغىنى يوق. سولقانات پارتىيەدىكىلەر خۇددى ئوڭقاناتلارغا ئوخشاشلا سادىر قىلغان خاتالىقلىرى، ئەلگە ياقمىغان قانۇنلار، ئىجدىمائى سىنىپلار سىزىقىنى كېڭەيتىۋىتىدىغان سىياسەتلەر، بايلارغا ئاقىدىغان يوليورۇقلار، چەتئەللىكلەرگە ۋە ئاز سانلىقلارغا بولغان چەتكە قېقىشلار ھەققىدە تەنقىد ۋە مەسخىرە قىلىنىدۇ. شۇڭا سولقانات سىياسىيونلار بىلەن ئوڭقانات رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا باغلانغان ئۆردەكتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.

ئىقتىسادى مۇستەقىللىقى[تەھرىرلەش]

باغلانغان ئۆردەك فرانسىيەدىكى بىر دىنبىر ھېچقانداق ئېلان قوبۇل قىلمايدىغان ئاخبارات. يەنە شۇنداقلىقىغا قارىماي، بۇ گېزىت ئىقتىسادى جەھەتتىن ناھايىتى مۇستەھكەم ۋە مۇقىم. ئىقتىسادى مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، گېزىت كىرىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى زاپاس ئىقتىساد قىلىنىپ، توڭلىتىلىۋىتىلىدۇ. گېزىت مۇخبىرلىرى فرانسىيەدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى تەمىناتقا ۋە مۇئاشقا ئىگە. يېڭى مۇخبىر قوبۇل قىلىنغاندا، باشقا ھەرقانداق ئاخباراتقا خەۋەر بەرمەسلىكى، ھېچقانداق يەردىن سوۋغا-سالام ئالماسلىقى ۋە باغلانغان ئۆردەكتىن باشقا يەردە ئىشلىمەسلىك شەرتى بىلەن ئىشقا كىرىدۇ. گېزىتنىڭ كىرىم-چىقىمى ھەر يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوچۇق ئېلان قىلىنىدۇ.

گېزىت تىلى[تەھرىرلەش]

باغلانغان ئۆردەكنىڭ تىلى ناھايىتى ساتىرىك، يۇمۇر بىلەن ئاچچىق قامچىلايدىغان، ھەم شۇنداقلا تىل سەۋىيە جەھەتتىن يۇقىرى زىيالى تىلىمۇ ئەمەس، تۆۋەن كوچا تىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرىچىل ئامما چۈشىنىدىغان ئاددى ۋە قىزىقارلىق بىر تىل. ماقالىلەرنىڭ تېمىلىرى دائىم سۆز ئويۇنلىرى ۋە ئىدىيوم تىپىدا بولۇپ، ماقالىلەر ئاساسەن قىسقا ۋە يۇمۇرلۇق. ئەمما يەنە يۇمۇر ئارقىلىق ھەقىقى خەۋەر بېرىش باغلانغان ئۆردەكنىڭ ئەڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى. ئوقۇرمەنلەر بۇ گېزىتنىڭ يۇمۇرلۇق تىلىدىن زوق ئېلىپ قالمايلا قالماستىن يەنە ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئانالىزلارنى باشقا گېزىتلەردىن كۆرەلمەيدىغان ئوچۇق بىر تەنقىد ۋە كىشىنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدىغان تەھلىللەر بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.