باھا قانۇنى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

1997- يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 92 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ[تەھرىرلەش]

1 - ماددابۇ قانۇن باھا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باھانىڭ بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، بازارنىڭ ئومۇمىي باھا سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلار ۋە ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 - ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى باھا ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا دېيىلگەن باھا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋار باھاسى شەكىللىك مەھسۇلاتلار باھاسى ۋە شەكىلسىز مۈلۈكلەر باھاسىنى كۆرسىتىدۇ. مۇلازىمەت باھاسى ھەقلىق مۇلازىمەتلەر ھەققىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددادۆلەت ماكرو ئىقتىسادنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسىدا باھانى ئاساسلىقى بازار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. باھانى بېكىتىش قىممەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، زور كۆپ ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلۇشى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى جەھەتتە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى يولغا قويۇلۇشى كېرەك. بازار تەڭشەلمە باھاسى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىغان، بازار رىقابىتى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى دېگەندە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە دائىرىسى بويىچە تۈپ باھانى ھەمدە ئۇنىڭ لەيلىمە نىسبىتىنى بەلگىلەپ، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بېكىتكەن باھا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى دېگەندە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە دائىرىسى بويىچە بېكىتكەن باھا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 4 - ماددادۆلەت ئادىل، ئاشكارا، قانۇنلۇق بازار رىقابىتىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، نورمال باھا تەرتىپىنى ساقلايدۇ، باھا پائالىيىتىنى باشقۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدا زۆرۈر تەڭشەش - تىزگىنلەشنى يولغا قويىدۇ. 5 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ باھا خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2 – باب ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ باھا ھەرىكىتى[تەھرىرلەش]

6 - مادداتاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسى بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، ئۇنى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 18- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى قوللىنىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 7 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار باھا بېكىتىشتە ئادىل، قانۇنلۇق، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 8 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار باھا بېكىتىشتە ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك باشقۇرۇش تەننەرخى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش - تەلەپ ئەھۋالىنى تۈپ ئاساس قىلىدۇ. 9 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك باشقۇرۇشنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك باشقۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلارنى باھاسى مۇۋاپىق تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە بازار رىقابىتىدە قانۇنلۇق پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك. 10 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش شارائىتىغا قاراپ ئىچكى باھا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك باشقۇرۇش تەننەرخىنى توغرا خاتىرىلىشى ۋە ھېسابلىشى كېرەك، ساختىپەزلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 11 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار باھا پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ: )1( بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان باھانى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش؛ )2( باھانى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىدا بەلگىلەنگەن نىسبەت دائىرىسىدە بېكىتىش؛ )3( ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى قوللىنىلىدىغان مەھسۇلاتلار دائىرىسىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سىناپ سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىش، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا؛ )4( قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئەرز قىلىش. 12 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار باھا پائالىيىتىدە قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. 13 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار تاۋار سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باھانى ئېنىق يېزىشى، تاۋارنىڭ نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان جايى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، باھا ھېسابلاش بىرلىكى، باھاسى ياكى مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ تاۋارنى يېزىلغان باھا سىرتىدا باھا قوشۇپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، يېزىلمىغان ھەرقانداق ھەقنى ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 14 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى ناتوغرا باھا قىلمىشىنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك: )1( ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بازار باھاسىنى كونترول قىلىۋېلىپ، باشقا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش؛ )2( يېڭى تاۋارلارنى، پەسىللىك تاۋارلارنى، بېسىلىپ قالغان تاۋارلارنى قانۇنغا ئاساسەن باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقاندىن سىرت، رىقابەتچىسىنى سىقىپ چىقىرىش ياكى بازارنى يالغۇز ئىگىلەش مەقسىتىدە، تەننەرختىن تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، دۆلەت مەنپەئىتى ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش؛ )3( باھا ئۆرلەيدىكەن دېگەن گەپنى ئويدۇرۇپ ۋە تارقىتىپ، باھانى ھە - ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تاۋار باھاسىنى زىيادە ئۆرلىتىۋېتىش؛ )4( باھادا ساختىلىق قىلىپ ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى ئۆزى بىلەن سودا قىلىشقا قىزىقتۇرۇش؛ )5( ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىشتە، ئوخشاش سودا شارائىتىغا ئىگە باشقا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى باھادا كەمسىتىش؛ )6( دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تاۋار سېتىۋېلىش، سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش، باھانى باشقىچە يول بىلەن ئۆستۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش؛ )7( قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ كۆپلەپ پايدا ئېلىۋېلىش؛ )8( قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ناتوغرا باھا قىلمىشلىرى. 15 - مادداۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ ھەق ئېلىشتا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. 16 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىش، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشتا بۇ بابتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، ئىچكى بازار تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك. 17 - مادداساھە تەشكىلاتلىرى باھا قانۇن، نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى، باھادا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ خىزمەت يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

3 – باب ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتى[تەھرىرلەش]

18 - ماددازۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت تۆۋەندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى جەھەتتە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى يولغا قويسا بولىدۇ: )1( خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى زور بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛ )2( بايلىق مەنبەسى بەك كەمچىل بولغان ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛ )3( تەبىئىي مونوپول قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى؛ )4( مۇھىم جامائەت ئىشلىرىنىڭ باھاسى؛ )5( مۇھىم پاراۋانلىق مۇلازىمىتى باھاسى. 19 - مادداھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كونكرېت قوللىنىش دائىرىسى مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى ئاساس قىلىدۇ. مەركەزنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ. يەرلىكنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى مەركەزنىڭ باھا مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كونكرېت قوللىنىش دائىرىسى بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ ماقۇل كۆرگەن، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 20 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەركەزنىڭ باھا مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كونكرېت قوللىنىش دائىرىسى بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار يەرلىكنىڭ باھا مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كونكرېت قوللىنىش دائىرىسى بويىچە، ئۆز رايونىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، يەرلىكنىڭ باھا مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە قوللىنىش دائىرىسى بويىچە، ئۆز رايونىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 21 - مادداھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بېكىتىشتە، مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە تەننەرخى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش - تەلەپ ئەھۋالى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىش، مۇۋاپىق بولغان سېتىۋېلىش - سېتىش باھا پەرقى، توپ - پارچە سېتىش باھا پەرقى، جايلار باھا پەرقى ۋە پەسىللەر باھا پەرقىنى يولغا قويۇش كېرەك. 22 - مادداھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بېكىتىشتە، باھا تەننەرخى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلار، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ئۈستىدە باھا، تەننەرخ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 23 - ماددائاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئىشلىرى باھاسى، پاراۋانلىق مۇلازىمىتى باھاسى، تەبىئىي مونوپول قىلىنىدىغان تاۋار باھاسى قاتارلىق ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بېكىتىشتە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستېمالچىلار، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنلىكىنى دەلىللەش كېرەك. 24 - مادداھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى بېكىتىلگەندىن كېيىن باھانى بېكىتكەن تارماق ئۇنى ئىستېمالچىلارغا، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارغا ئېلان قىلىدۇ. 25 - مادداھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنىڭ كونكرېت قوللىنىلىش دائىرىسى ۋە سەۋىيىسىنى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىگە قاراپ، بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە تەرتىپى بويىچە مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك. ئىستېمالچىلار، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ھەققىدە تەڭشەش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

4 - باب باھائومۇمىي سەۋىيىسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش[تەھرىرلەش]

26 - ماددابازار ئومۇمىي باھا سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش - دۆلەتنىڭ مۇھىم ماكرولۇق ئىقتىسادىي - سىياسىي نىشانى. دۆلەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، بازار ئومۇمىي باھا سەۋىيىسىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش نىشانىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە پۇل، مالىيە، مەبلەغ سېلىش، ئىمپورت - ئېكسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 27 - مادداھۆكۈمەت بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇھىم تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورناتسا، باھا تەڭشەش فوندى تەسىس قىلسا، باھانى تەڭشەپ - تىزگىنلەپ تۇرسا بولىدۇ. 28 - مادداباھانى تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھا كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشى كېرەك. 29 - ماددائاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسى زىيادە تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشتا قوغداش باھاسىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلىدۇ. 30 - ماددامۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتكەن ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر قىسىم باھالارغا قارىتا باھا پەرقى نىسبىتى ياكى پايدا نىسبىتىگە چەك قويۇش، چەكلىمە باھانى بەلگىلەش، باھا ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى ۋە باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 31 - ماددابازار ئومۇمىي باھا سەۋىيىسىدە قاتتىق داۋالغۇش قاتارلىق غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەن مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى قىسمەن رايونلار دائىرىسىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق يىغىۋېلىش، باھانى قىسمەن ياكى ئومۇميۈزلۈك توڭلىتىش جىددىي تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ. 32 - ماددابۇ قانۇننىڭ 30 -، 31 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىر قوللىنىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

5 – باب باھانى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش[تەھرىرلەش]

33 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھا پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ ھەمدە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. 34 - مادداھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھانى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ: )1( ئالاقىدار ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سوئال سوراش ھەمدە ئىسپات ماتېرىيالى ۋە قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛ )2( قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، تالون، دوكۇمېنت، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بانكا ماتېرىيالىغا سېلىشتۇرۇش؛ )3( قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پۇل - مالنى تەكشۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاقىدارلارنى مۇناسىۋەتلىك تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇش؛ )4( دەلىل - ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئۇنى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش قىيىنغا چۈشىدىغان ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە ئالدىن تىزىملاپ قويۇپ ساقلاش، ئالاقىدارلار ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ يۆتكىۋېتىشىگە، يوشۇرۇپ قويۇشىغا، يوقىتىۋېتىشىغا يول قويماسلىق. 35 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، باھانى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ھېسابات دەپتىرى، تالون، دوكۇمېنت، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئۆز پېتى بېرىشى كېرەك. 36 - مادداھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ باھا خادىملىرى قانۇن بويىچە قولغا كەلتۈرگەن ماتېرىيال ياكى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قانۇن بويىچە باھا باشقۇرۇشتىن باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە پايدىلانماسلىقى كېرەك. ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 37 - ماددائىستېمالچىلار تەشكىلاتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر باھا نازارەتچىلىك تەشكىلاتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەمدە ئىستېمالچىلار باھا قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارماقلىرى ئاممىنىڭ باھا نازارەتچىلىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاخبارات ئورۇنلىرى باھا ئۈستىدىن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى يۈرگۈزۈشىگە ھوقۇقلۇق. 38 - مادداھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش - مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش - مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىغا ئىلھام بېرىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

6 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق[تەھرىرلەش]

39 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى، شۇنىڭدەك قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. 40 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن بۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. ئالاقىدار قانۇنلاردا بۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى جازالاش ۋە جازالىغۇچى ئورگان توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ. بۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىنىڭ )1(، )2( تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلاردىن مەملىكەت خاراكتېردىكىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ؛ ئۆلكە ھەم ئۆلكىدىن تۆۋەن رايون خاراكتېردىكىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ. 41 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن ئارتۇق پۇل ئېلىۋالغان بولسا، ئارتۇق ئېلىۋالغىنىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ زىيان پەيدا قىلغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 42 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن باھانى ئېنىق يېزىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 43 - ماددائىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ توختاتمىغان ياكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىپ ساقلايدىغان پۇل - مالنى يۆتكىۋەتكەن، يوشۇرغان، يوقىتىۋەتكەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت تاپاۋىتىنىڭ ياكى يۆتكىۋەتكەن، يوشۇرغان، يوقىتىۋەتكەن پۇل - مال قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 44 - ماددانازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشنى رەت قىلغان ياكى ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەر تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقىچە تۈزەتمىگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 45 - ماددايەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باھانى بېكىتىش ھوقۇقى ۋە دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆز مەيلىچە بېكىتكەن، تەڭشىگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىنسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 46 - مادداباھا خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتىنى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ ھەم ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ[تەھرىرلەش]

47 - ماددادۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ھەقنى قانۇن بويىچە ئېلىشى، ھەق ئېلىش تۈرى قاتتىق تىزگىنلىنىشى، ھەق ئېلىش دائىرىسى، ئۆلچىمىگە چەك قويۇلۇشى كېرەك. ھەق ئېلىشنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى، سۇغۇرتا پۇلى نىسبىتى، ئاكسىيە ۋە زاكاز مال باھاسىغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ. 48 - ماددابۇ قانۇن 1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.