بىلىمخۇمار: يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللار

ئورنى Wikipedia

يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللار


بىلىمخۇمار

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى


ھازىر دۇنيادا ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، تەقدىرى باشقا بارلىق كىچىك مىللەتلەرنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بىر مىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىلاردۇر. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 13 مىليون بولۇپ، بۇ سان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا يېقىن كېلىدۇ. بۇ 13 مىليون يەھۇدىلارنىڭ ئىچىدىكى 5 مىليون نوپۇس ھازىر ئىسرائىلىيەدە ياشايدۇ. ئالتە مىليون يەھۇدى ئامېرىكىدا ياشايدۇ. قالغان 2 مىليون نوپۇس دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان.


بىر دۆلەتكە توپلۇشۇپمۇ ياشىمايدىغان ئاشۇنداق بىر كىچىك مىللەت بولىشىغا قارىماي، ھازىر يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ ياشاۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىر دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ئېرىشكەن ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئۇلارنىڭ 1929-يىللىرى گېرمانىيىدە قولغا كەلتۈرۈۋالغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.


1924-يىلى يەھۇدىلار گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ئەمما ئۇلار مېتال سودىسىنىڭ 57 پىرسەنتىنى، ئاشلىق سودىسىنىڭ 22 پىرسەنتىنى، ۋە رەخ سودىسىنىڭ 39 پىرسەنتىنى كونترول قىلغان. بېرلىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 50 پىرسەنتتىن ئارتۇقى يەھۇدىدىن تەشكىل تاپقان. گېرمانىيە پاي-چەك سودا بازىرىدا ئىشلەيدىغان 1474 خادىمنىڭ ئىچىدىكى 1200 ئادەم يەھۇدىدىن بولغان. بېرلىندىكى 29 رەسمىي تىياتىرخانىنىڭ ئىچىدىكى 23 تىياتىرخانىنىڭ دىرېكتورى يەھۇدى بولۇپ، يازغۇچىلارمۇ ئاساسەن يەھۇدىدىن بولغان. 1931-يىلى گەرمىنىيىدە جەمى 144 كىنو ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 119 كىنونى يەھۇدىلار يازغان، ھەمدە 77 كىنونىمۇ يەھۇدىلار ئىشلىگەن. 1931-يىلى بېرلىندىكى دوختۇرلارنىڭ 42 پىرسەنتى، ئادۇكاتلارنىڭ 48 پىرسەنتى يەھۇدىلاردىن بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە گېرمانىيىدە بىر قېتىم پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ، گېرمانلىقلار ئاش قالغان، ئەمما يەھۇدىلار بولسا شۇنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ باي بولغان.


ئەمدى ھازىرقى ئامېرىكىغا قاراپ باقايلى. نىل گابلېر (Neal Gabler) نىڭ دېيىشىچە ئامېرىكىدىكى كىنو بازىسى خالىۋۇد (Hollywood) نىمۇ يەھۇدىلار بەرپا قىلغان ئىكەن. ھازىر خالىۋۇد ئاساسەن يەھۇدىلارنىڭ قولىدا. خەۋەر ۋە ئاخبارات ئىگىلىكىمۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىدا. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىمۇ ئاساسەن يەھۇدىلار كونترول قىلىدۇ. دوختۇر ۋە ئادۇكاتلارنىڭ ئىچىدىمۇ يەھۇدىلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئامېرىكىدىكى پۈتۈن تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى ئاساسەن پەقەت بىرلا ئىسرائىلىيە شىركىتى قىلىدۇ. بۇ شىركەت كىمنىڭ نەگە تېلېفون قىلىۋاتقىنىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىناسى بىلەن ئاق ساراينىڭ بارلىق مەخپىي خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى بىر ئىسرائىلىيە شىركىتى ياسىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق مۇلازىمەت ئىشلىرىنىمۇ ھازىر ئاشۇ شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ۋە خىزمەتكە ئادەم ئېلىشتا يەھۇدىلار ئالدى بىلەن يەھۇدىلارنى تاللايدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 70 پىرسەنتى نوپۇسنىڭ پەقەت 2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان يەھۇدىلارنىڭ قولىدا ئىكەن. قىسقىسى، ھازىر ئامېرىكا ئاساسەن يەھۇدىلارنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ بولدى. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، بۇ جەھەتتە ھازىرقى ئامېرىكا 1929-يىلىدىكى گېرمانىيىگە ناھايىتىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.


مۇشۇلارنى ئويلىسا، ئادەمنىڭ بېشىغا مۇنداق 2 سوئال كېلىدۇ: يەھۇدىلار قانداق قىلىپ مۇشۇنداق كۈچلۈك مىللەت بولالىدى؟ ئۇلار ھازىر دۇنيانى قانداق ئەقىل، تاكتىكا ۋە ئاماللار بىلەن كونترول قىلىۋاتىدۇ؟ مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى «يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان مۇھىم ئامىللار» دېگەن ماقالىسىدا، يەھۇدىلارنى بىر كۈچلۈك مىللەتكە ئايلاندۇرغان ئامىللارنىڭ بىر قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مەزكۇر ماقالىدە يەھۇدىلارنى بىر كۈچلۈك مىللەتكە ئايلاندۇرغان ئامىللارنىڭ قېلىپ قالغان قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. شۇنداقلا ئۇلار ھازىر دۇنيانى نېمە بىلەن قانداق سوراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ تېمىغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئاساسەن ئۆزەم ئويلاپ تاللىغان مەزمۇنلار بولۇپ، يەھۇدىلارنى بىر كۈچلۈك مىللەتكە ئايلاندۇرغان ئامىللاردىن چۈشۈپ قالغانلىرى بار بولىشى مۇمكىن. مەن ئوقۇرمەنلەردىن ئۇلارنى ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مېنىڭ ئالدىنقى ماقالەمگە بىر قانچە ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلاردا ئىنتايىن كۆپ ئىنكاسلار چۈشتى. بولۇپمۇ بىر قىسىم بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر سەۋىيىسىدىكى يەھۇدى ۋە دىنغا ئائىت بىلىملىرىنى ئايىماي، ئۇنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تورغا يوللىدى. بۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىمىنى بېيىتىشىغا ناھايىتى زور پايدىسى بولغانلىقىدا گەپ يوق. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئىنكاسچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن.


مەن ماقالە يازغاندا ئىمكانقەدەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىققا تىرىشىمەن. ئەمما، بەزى پاكىتقا ياتىدىغان، ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان گەپلەر بەزىلەرنىڭ كۆڭلىنى يەنىلا ئازراق ئاغرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق ئىشلار سىزگە يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزدىن ئالدىن ئەپۇ سورايمەن. مەن ماقالە يازغاندا مۇكەممەللىككە ئىنتىلىمەن، لېكىن، مەنمۇ بىر ئىنسان بولغاچقا، ھەمدە مۇشۇنداق ماقالىلارغا ئاجراتقۇدەك ۋاقتىم بىلەن زېھنىم ناھايىتى كەمچىل بولغاچقا، مۇكەممەللىككە تولۇق ئېرىشەلىشىم مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ يەھۇدى توغرىسىدا ماقالە يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئومۇميۈزلۇك باھالاپ چىقىش ئەمەس. ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن ئومۇميۈزلۇك سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىشمۇ ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ ياخشى تەرىپى بار. يامان تەرىپىمۇ بار. بىر مىللەتنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن يامان تەرىپىنى ئايرىغاندىكى باھانىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى، ياكى ئۇلار ئۈستىدە چىقارغان ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولغان-بولمىغانلىقى ھەر بىر ئادەم ئىشلەتكەن ئۆلچەمگە باغلىق. يەنى بۇنداق ياخشىلىق بىلەن يامانلىق مۇتلەق بولمايدۇ. ئۇ نىسبىي بولىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقى، راۋاجلاندۇرغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزدە يوق، ياكى ئۆزىمىزدە يېتەرلىك ئەمەس نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىش، ئوقۇرمەنلەرگە يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىمىز پايدىلانساق بولىدىغان، ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشتىنلا ئىبارەت. مەن ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرىشكە پايدىلىق بولغان ماتېرىياللار ئۈستىدە خېلە كۆپ ئىزدەندىم. ئاخىرىدا يەنىلا يەھۇدىلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ ئۆزىمىزگە ھەممىدىن بەكراق ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


1. ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇسۇش


مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى «يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار» دېگەن ماقالىسىدا يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان 3-ئامىل مائارىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان ئالاھىدە ئىقتىدارلار ئىكەنلىكىنى، ئاشۇنداق ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرگەن بىر ئىش، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئىنسان مۇكەممەللىكىگە ئىنتىلىش ئادىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بىر مىللىي بايرىمىدا ئالاھىدە نامايان بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. يەھۇدىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان، «ئالىي بايرام كۈنى» (High HolyDays) دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللىي بايرىمى بار. ئۇ ھەر يىلى سېنتەبىردە كېلىدىغان يەھۇدىي يېڭى يىلى بىلەن باشلىنىپ، جەمى 10 كۈن تەبرىكلىنىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ بۇ بايرام كۈنلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش، ھەر بىر ئادەم ئۆز خاراكتېرى ياكى كىشىلىك ئەخلاقىنى داۋاملىق باھالاش ۋە ياخشىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ۋە ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقىي مۇمكىنچىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇلار بۇ بايرام كۈنلىرى جەريانىدا يالغۇز يېڭى يىللىق قارارلارنى ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار يەنە بۇ كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈندىلىك ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، جىم-جېت ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىكى ھالىتى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى بىر قېتىم ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ بىلەن ياكى ئىنتايىن كۈچلۈك سەمىمىيلىك بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇلار ئۈستىدە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۆزىنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئاڭ-چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى، ۋە ئۆزى تۇرغۇزغان نىشان ۋە ئۆلچەملەر بىلەن ئۆزى قوللانغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىدۇ. ھەمدە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىقرار ياكى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىدىلوگىيىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ئەخلاقىي كۈچلۈكلۈك ياكى ئارتۇقچىلىققا داۋاملىق ئېرىشىپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ يولدا توختاۋسىز تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرىگە ئېتىبارسىز قارايدىكەن، ياكى «ئۇنداق بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ» دەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ ماڭىدۇ.


(بۇ مەسىلىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلامۇ 5-ئەسىردە ئوخشاش گەپنى قىلغان. يەنى ئۇ ئايرىم شەخسلەرگە قارىتا ئەمەس، پۈتۈن ھونلارغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ئادەمدە ساداقەتمەنلىك بولىشى كېرەك. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ئادەم ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن، ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر مەيلى پۇخرا بولسۇن ياكى باشلىق بولسۇن، ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش رولى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىز ھەرىكەتلەر ۋە پۆزىتسىيەلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن «ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار»، دېگەن پۆزىتسىيەدە بولىدىغان، ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرىۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارە بىلەن كۆزىمىزدىن غايىپ قىلىشىمىز كېرەك. » ئۆزەمنىڭ « ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم» دېگەن ماقالەمدىن ئېلىندى)


يەھۇدىلارغا بۇ بايرام جەريانىدا قىلىدىغانغا يەنە مۇنداق 4 ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بېرىلگەن:

--ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدىن بىر قېتىم يۇقىرى تەلەپ بىلەن ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈپ چىقىش

--قىلغان يامانلىقلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلىش

--ئۆزىنىڭ يامان ئىشلىرى ئۈچۈن باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراش

--ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغانلارنى كەچۈرۈۋېتىش

گەرچە بۇ جەريانلار دىنىي رەسمىيەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقۇملار دىننىڭ سىرتىدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى زور كۈچكە ئىگە. دىنچىلار بىلەن دىنسىزلارنىڭ ھەر ئىككىسى تەڭلا ئېتىراپ قىلىدىغان بىر نەرسە شۇكى، بارلىق جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش، ھەمدە ئۇلاردىن بىرىنى تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.


مەيلى بىز ئۇنى ئەخلاق ياكى ئەخلاقىي ئۆلچەم دەيلى، مەيلى بىز ئۆزىمىزنىڭ قەلبى ياكى خاراكتېرى بويىچە ئويلايلى، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەقسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدە ئىزدەنگەن كىشىلەر ئېرىشكەن بىر ئورتاق خۇلاسە شۇكى، ئەخلاقلىق ھايات ئەڭ ئالىيجاناب ھايات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


مېنىڭ يەھۇدى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ بايرامنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىشقا كەلمەيدۇ. ئاڭلىشىمچە ئۇلار بۇ كۈنى «خىزمەت» كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان ھېچ قانداق ئىشنى قىلمايدىكەن. بىر يەرگە بېرىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالسا، ماشىنىمۇ ھەيدىمەيدىكەن، ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن، پەقەتلا پىيادە بارىدىكەن. بۇ قائىدىگە كۆپۈنچە يەھۇدىلار قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقىدەك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولالىشىدا، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك 10 كۈنلۈك يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەش قائىدىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.


ھەممە ئادەم ئىنسان مۇكەممەللىكىگە ئىنتىلىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەم ئۇنى ئەمەلىي تەدبىر، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت ۋە ئادەت بويىچە قوغلاشمايدۇ. ئۇنى قوغلىشىش بەزىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بەزىلەر بولسا ئۇنى قوغلىشىشنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە بىز تەبىئىي ھالدا مۇنداق بىر سوئالنى سورىماي تۇرالمايمىز: بىز ئۇيغۇرلار ئۆز بايراملىرىمىزنى قانداق تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىمىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە پەقەت ئۆزىگىلا خاس مىللىي بايراملىرىدىن بىرەرسى بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر يىلى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن كۈنلەر دەم ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سورۇن تۈزۈپ، مېھماندارچىلىق قىلىدىغان بايرام، دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەن ئالدىنقى ماقالەمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇن مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ مىللىي ئاڭ، مىللىي ھەسسىيات، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشتا ئويناۋاتقان رولى ئىنتايىن زور. لېكىن، ئۇنىڭدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك «ئىنسان مۇكەمەللىكىنى قوغلىشىش» تەركىۋى قىسمى ئاساسەن يوق. (يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلق ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم «كىتاپ-چېيى» ۋە «ئىلىم-چېيى» دېگەن ناملاردىكى يىغىلىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ بىر يېڭىلىق ۋە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش. مەن مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ) ئۇنىڭ ئەكسىچە، سورۇن مەدەنىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ۋاقىت بىلەن پۇل ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر، ۋە ئۇنىڭ ئادەمنى «مۇكەممەللىك» نىڭ ئەكسىگە ئېلىپ بارىدىغان مەزمۇنى ئىنتايىن كۆپ. گەرچە بۇ جەھەتتە يەھۇدىدەك بولۇش ئانچە ئاسانغا چۈشمىسىمۇ، بىز سەل ئۇيقۇمىزنى ئېچىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، بىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا قۇدرەت تېپىشقا قاراپ مېڭىش ئەمەس، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋېرىمىز. دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر ياھۇدىلاردا بار ئەركىنلىك ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئىمتىيازىغا ئىگە ئەمەس. لېكىن ئۆزىمىزلا قىلىمىز، دەيدىكەنمىز، بىز ھازىرمۇ بار كىتابلارنى خالىغانچە سېتىپ ئالالايمىز. ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر كىچىك «ئائىلە كۈتۈبخانىسى» قۇرالايمىز. ھەمدە ئاشۇ كىتابلارنى خالىغانچە ئوقۇيالايمىز. بىزنىڭ ھازىرقى تەقدىرىمىز بىز ھازىرغىچە قارار ئېلىپ تاللىۋالغان تاللاشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولىشىنى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تاللىشىمىز بەلگىلەيدۇ. يەنى، قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ.


قىسقىسى، ھازىرقى يەھۇدى نوپۇسىنىڭ ئىچىدە، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىگە ساداقەتمەن كېلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر بايرامدا قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ئىچىدە «كىتاب ئوقۇش ۋە ئويلاش» ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بايراملىرىدا قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە «ئويناش» ئاساسلىق تەركىبنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك تەركىۋى قىسىمنى ئىگىلىشى مۇمكىن. ئەمما، «كىتاب ئوقۇش ۋە ئويلاش» بولسا ئۇيغۇر ھېيت-بايراملىرىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ يەھۇدىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقلەرنىڭ بىرى. مۇشۇ پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىش، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرسى.


2. ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش


ئىنسانلارنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر تەرىپى، ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئۆگىنىپ بىلىم قاچىلىسا بولىدىغان بوشلۇقنىڭ چېكى يوقلىقىدۇر. بىز بەزىدە بۇرۇن زادىلا قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قانداق قىلىشنى ئۆگىنىمىز. بەزىدە دۇنيا ھەققىدىكى، باشقا ئادەملەر ھەققىدىكى، ۋە ئۆزىمىز ھەققىدىكى پاكىتلارنى ئۆگىننىمىز. بۇ ئىشلار بىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق (smart)، ۋە تېخىمۇ قابىلىيەتلىك (skillful) قىلىدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىمى بىزنى تېخىمۇ دانا (wise) قىلىدىغان نەرسىلەر، نېمىنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ۋە نېمىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى، ھەمدە نېمىنىڭ بىزنى بەختكە ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە بىز ئېرىشكەن چۈشەنچىلەردىن ئىبارەت. نۇرغۇن يەھۇدى ئائىلىلىرىنىڭ مۇنداق بىر ئەنئەنىۋىي ئادىتى بار: ئاتا-ئانىلار ئۆز ھاياتىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى بىر «ئەخلاقىي ۋەسىيەتنامە» شەكلىدە يېزىپ چىقىپ، ئۇنى بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. بۇ ۋەسىيەتنامە بىر خەتنىڭ شەكلىدە يېزىلغان، بىر روھىي (spiritual) ۋە ئەقلىي (intellectual) تەرجىمھالغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھۆججەت بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك خاتىرە بويۇم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىگە بولغان ئەقىل-پاراسەتلەرنىڭ گۆھەرلىرىنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەپ يېزىپ چىقىش جەريانىنىڭ ئۆزىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدۇ. بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ بىر ئالاھىدە شەكلى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ «مەن مۇنداق بىر ئىشنى بىلىۋالدىم: ------. مەن مۇنداق بىر ئىشنى چۈشىنىپ يەتتىم: ----" دەپ باشلىنىدۇ. ئۆز ھاياتىدىكى مۇھىم ئىشلارنى پەرق ئېتىش ۋە تۈرلەرگە ئايرىشتا تۆۋەندىكى 12 ساھەگە قاراپ چىقىلىدۇ:

1)دىن، ئېتىقات، ۋە روھ

2) ئومۇميۈزلۇك كىشىلىك خاراكتېر ۋە كىشىلىك ئەخلاق

3) ئەر-خوتۇنلۇق ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى

4) دوستلۇق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر

5) پۇل ۋە ماددىي مال-مۈلۈكلەر

6) مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلەر

7) ئوقۇش ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار

8) كىشىلىك مەسئۇلىيەتلەر

9) پۇزىتسىيە

10) خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى

11) ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك

12) جىنسىي مۇناسىۋەت


3. ئىمكانقەدەر يۇقىرى ھوقۇقنى ئىگىلەش


ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى گىتلېر ۋە ئۇ يېتەكلىگەن گېرمانلىقلار بىر يەھۇدىسىز ياۋروپا قىتئەسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن باشلىغانلىقى، ھەمدە ئاشۇ ئۇرۇش جەريانىدا تەخمىنەن 6 مىليون يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەممىگە ئايان. ئۇنداقتا گىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرىدۇ؟ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر قاتتىق رىقابەتلەشمەي تۇرۇپمۇ خوشال-خورام ياكى بەخىتلىك ياشىيالايدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىپ ياشاش يولىنى تاللىمايدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىدە رىقابەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىر مىللەتتە رىقابەت كۈچىنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭ رىقابەتنى خالىماسلىقى، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنسىز ھالدا قاتتىق ئىشلەپ ياشاشنى خالىماسلىقى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ياكى ھورۇنلۇقى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ بىر نورمال ئىش بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى رىقابەتسىزمۇ ياخشى ياشىيالايدىكەن، رىقابەتسىز ياشاپ كېتىۋېرىشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىر مىسالى ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇن يېرى كەڭ، نوپۇسى ئاز بولغاچقا، مېنىڭ بوۋا-مومىلىرىم، ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆي-قورۇسىغا بىردىن ئاشلىق ئىسكىلاتى سېلىپ، ئۇنى ئاشلىق بىلەن لىق تولدۇرۇپ، ئۆيىنىڭ ئەتىراپىنى باغ قىلىپ، يوغان بىر قوتاندا ئات، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى بېقىپ، بەخىرامان ياشاپ كەلگەن ئىكەن. مەن ئۇنداق ھاياتقا ئۈلگىرەلمىگەن. لېكىن، ئاشۇنداق ئاش ئىسكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەۋرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. يىمەكلىكلەرنىڭ كەڭچىلىكىدىن تۇخۇم بىلەن يېمىش پۇلغا سېتىلمايدىغان ۋاقىتلاردا ياشاپ باققان ئىدىم. ماقالىنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، مەن بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن. ئەمدى ئەسلىدىكى مەزمۇنغا كەلسەك، گېرمانلىقلارنىڭ يەھۇدىلارنى قىرىپ تۈگەتمەكچى بولغىنىغا مەن ماقالىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا بايان قىلغان ئەھۋاللار سەۋەبچى بولغان.


دۇنياغا مەشھۇر سانائەتچى، ئامېرىكىدىكى فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فورد خېنرى (Ford Henry) مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يەھۇدىلارنى جەلب قىلىدىغان بىرلا سۈپەت مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھوقۇق». ئامېرىكىدا «يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكىنى كونترول قىلىشى» دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. يەنى يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى نوپۇسى 6 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ پەقەت 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئۇلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ھوقۇق جەھەتتە ئۆز نوپۇسىغا ئازراقمۇ ئوڭ تاناسىپ كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە چىقىۋالغان. تۆۋەندىكىسى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسىم مىساللىرى.


--ئامېرىكىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بىر كۈچلۈك ئورۇن بار. ئۇنىڭ ئىسمى «دۆلەت غەزىنە بانكىسى» (Federal Reserve Bank). بۇ بانكىغا 1987-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە Alan Greenspan ئىسىملىك بىر يەھۇدى رەئىس بولغان. بۇ بانكىغا 2006-يىلدىن باشلاپ Ben Shalom Bernanke ئىسىملىك يەنە يەھۇدى رەئىس بولدى. ئۇ يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىغۇچى (Zionist) بولۇپ، شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر Donold L Kohn ئىسىملىك يەھۇدى ھازىر مەزكۇر بانكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بۇ بانكىنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن كېيىن تۇرىدىغان بىر 5 كىشىلىك باشقۇرۇش ھاكىملىرى (Board of Governors) بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئەزاسىمۇ يەھۇدى.


--2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئامېرىكا پارلامېنتى (congress) گە ئەزا بولغان 535 ئادەم ئىچىدە 45 نەپىرى يەھۇدى بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي ساننىڭ 8. 4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.


--ھازىر ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسىدىن 9 كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 3 كىشى يەھۇدى.


4. لوبىيلىق قىلىش


ئىنگلىزچىدە «lobby» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇ پېئىل شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە «يۇلغۇن ئىنتېرنېت لۇغىتى» دە «نۇتۇق سۆزلىمەك، ئۈندىمەك، كۆندۈرمەك» دەپ چۈشەندۈرۈلىپتۇ. بىر ئىنگلىزچە لۇغەتتە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق ئىزاھات بېرىلىپتۇ:

--بىر قانۇن تۈزۈش ئورگىنى ئەزالىرى تاشلايدىغان بېلەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش

--ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆرمەكچى بولغان ئىش-ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش

--مەلۇم بىر قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ياكى ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش


«ئۈندەش، كۆندۈرۈش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئىنگلىزچە سۆزنىڭ يۇقىرىدىكىدەك مەنىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، مە بۇ سۆزنى تۆۋەندە ئۇيغۇرچىدا «لوبىيلىق قىلىش» دەپ ئالىمەن.


ئامېرىكىدىكى سىياسەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، باشقا بارلىق مىللەت ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لوبىيچىلىقى يەھۇدىلارنىڭ لوبىيچىلىقىدەك قورقۇنۇچلۇق، ياكى باش ئېگىشكە مەجبۇرى بولىدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر ئامېرىكىدىكى سايلىنىشقا چۈشكەن بىر سىياسەتچى يەھۇدى لوبىيچىلىرىنىڭ دېگىنىنى قىلمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ كۆزلىگەن ھوقۇق ئورنىغا سايلىنالمايدۇ، ياكى قايتا سايلىنالمايدۇ. ھەمدە ئۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن قارىلىنىدۇ ياكى ئېتىبارسىز قارىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى يەھۇدى لوبىي تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدۇ. دۆلەت ئىچىدە، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھىماسىيىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چەت ئەلدە بولسا ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان سىياسىتىنى باشقۇرۇش، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىش ئەمەس، يەھۇدىلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق يەھۇدى لوبىي تەشكىلاتلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى بار:


--ئامېرىكا-ئىسرائىل ئاممىۋىي ئىشلار كومىتېتى (American Israel Public Affairs Committee, AIPAC): بۇ تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك خادىمى 150 كىشى بولۇپ، يىللىق خام چوتى 60 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. ئۇلارغا بۇ پۇلنى باي يەھۇدىلار ۋە يەھۇدىدىن بولغان شىركەت ئىگىلىرى ئىئانە قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇنلىغان «ئاممىۋى ئىش-ھەرىكەت كومىتېتلىرى» (Public Action Committees) دەپ ئاتىلىدىغان تارماقلىرى بار بولۇپ، ئۇلار سايلامغا كىرگەن سىياسەتچىلەرگە نۇرغۇن پۇللارنى ئىئانە قىلىدۇ. بۇ تارماق تەشكىلاتلار ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا سىياسىي ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىپ، شۇ ئارقىلىق يەھۇدى لوبىيلىقىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئاپارات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مۇشۇ AIPAC ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ئۈستىدە لوبىيلىق قىلىۋاتىدۇ. AIPAC نىڭ ھازىرقى بىرىنچى قول رەئىسى خرىستىئانلارغا قارشى تۇرىدىغان «Howard Kohr» دېگەن كىشىدىن ئىبارەت.


ئوبزورچى «Jayne Gardener» نىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق مەزكۇر رايونغا خوجايىن بولۇش ئىسرائىلىيىنىڭ نىشانى بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشى مانا شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىلارنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇش ھاكىمىيىتىدىكى ئىسرائىلىيىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ ئۇرۇشنى ئامېرىكىنىڭ قولى بىلەن قۆزغىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قېنى تۆكۈلۈپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى يەھۇدىلار كۆردى. مۇشۇ ئىشتا ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ لوبىيلىقى ئاساسىي رول ئوينىدى.


--ئامېرىكىلىق يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى (American Jewish Congress, AJC): بۇ تەشكىلات 1930-يىلى 28-قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋۇدروۋ ۋىلسون ( Woodrow Wilson) نىڭ «كۈچلۈك دوستى»، يەھۇدىدىن بولغان راببى ستىۋىن ۋايىز (Stephen Wise) بىلەن شۇ چاغدىكى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى لۇيىس برېندىس (Louis Brandeis) نىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات 1930-يىلى ئامېرىكىدا گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇش قىلغان. ھازىر بۇ تەشكىلات كۆپلىگەن ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھېمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيىنى قوللايدىغان ھەر خىل قانۇنلارنى ماقۇللىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى دىرېكتورى خرىستىئانلارغا قارشى تۇرىدىغان يەھۇدى نىل گولدىستىن (Neil B. Goldstain) دىن ئىبارەت.


--ئاساسلىق ئامېرىكىلىق يەھۇدىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىرلىكى (Conferenke of Major American Jewish Organizaitons): بۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ 51 يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، بارلىق يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى يىغىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان. ئۇنىڭ باشلىقىمۇ ئۇچىغا چىققان خرىستىئانلارغا قارشى تۇرىدىغان يەھۇدىلارنىڭ بىرى.


--يەھۇدى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ئىنستىتۇتى (Jewish Institute of National Security Affairs, JINSA): بۇ ئورۇن 1976-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قاراتقان ھەربىي قورال-ياراق ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدىكى شېرىكلىرى ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بار. مەسىلەن، كىچىك بۇش پرېزىدېنت بولۇشتىن بۇرۇن، كېيىن مۇئاۋىن رەئىس بولغان دىك چېنىي (Dick Cheney)، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئېلىيوت ئابرامس (Elliot Abrams)، قورال-ياراق كونتروللىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر جون بولتۇن (John Bolton) قاتارلىقلار. چېنىي، ئابرامس ۋە بولتۇن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قولىدا ھازىرمۇ ھەر خىل چوڭ ھوقۇقلار بار بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق تۈردە يۇقىرىقى يەھۇدى تەشكىلاتىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. JINSA نىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيىگە نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللارنى سېتىپ بېرىۋاتقان نورسروپ گرۇمەن (Northrop Grumman) دېگەن چوڭ شىركەتمۇ بار بولۇپ، JINSA يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىشىنى تەشكىللەش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ. JINSA نىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى بىلەن ھازىرقى رەئىسىنىڭ ھەر ئىككىسى خرىستىئانلارغا قارشى تۇرغۇچى يەھۇدىلار بولۇپ، كېيىنكىسى نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر چوڭ ئۆي سېتىش شىركىتىنىڭ ئىگىسى.


--ئوتتۇرا شەرق مەجلىسى (Middle East Forum, MEF): بۇ تەشكىلاتنىڭ دەپتەردىكى نىشانى مۇنداق يېزىلغان: «MEF ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان قىزىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىزنىڭ ئېنىقلىمىمىزدىكى ئامېرىكا مەنپەئەتى، مەيلى تەرورىسچى بولسۇن ياكى قانۇنلۇق بولسۇن، رادىكال ئىسلامىزمغا قارشى ئىش كۆرۈشنى (ئامېرىكىنىڭ چاچما بومبىسىنى گازادىكى ئەرەبلىك بالىلارنىڭ بېشىغا تاشلاش، ھەمدە گازالىقلارنىڭ گاز ۋە سۇ يوللىرىنى ئېتىپ قويۇش)، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى (ئىسرائىلىيىنى «ئېتىراپ قىلىدىغان» بىر پىرسەنت نوپۇس قالغىچە پەلەستىنلىكلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش) نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش، ھەمدە ئىراننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش (ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرانلىقلارغا قارشى ئۇرۇش جاكارلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. » بۇ يەردىكى ئىسكۆپكا ئىچىدە بېرىلگەن جۈملىلەرنى ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى قوشۇپ قويغان ئىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. MEF نىڭ باشلىقىمۇ بىر خرىستىئانلارغا قارشى تۇرىدىغان يەھۇدى.


--ئامېرىكا زىيونىستچىلار تەشكىلاتى (Zionist Organization of America, ZOA): بۇ يەردىكى «زىيونىستچى» دېگەننىڭ مەنىسى «يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىغۇچى» بولۇپ، بۇ تەشكىلات 1897-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ھازىر 30000 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى بارلىق چوڭ شەھەرلەرگە تارقالغان. ZOA نىڭ تور بېتىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان: ZOA ئامېرىكا پارلامېنتىدا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىدى: تېرورىزمچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش (ئەمەلىيەتتە پەقەت يەھۇدىلارلا «گۇناھسىز» ۋە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» بولۇپ كەلدى)، ئىسرائىلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ئاستىدا جۇرېسىلېمنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش (غەربىي پەلەستىنلىكلەر رايونىغا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش)، ھاماس بىلەن فاتاھ قا قارشى تۇرۇش (ئامېرىكىدا ياسالغان چاچما بومبىلارنى گازادىكى ئەرەبلىك بالىلارنىڭ ئۈستىگە تاشلاش)، ۋە سۈرىيە بىلەن سەھۇدى ئەرەبىستاننى جازالاش ئۈچۈن تىرىشىش (ئىراققا قانۇنسىز ھالدا ھۇجۇم قىلىش، بۇ ئۇرۇشتا يەھۇدىلاردىن بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى). » بۇ يەردىكى ئىسكوپكا ئىچىدە بېرىلگەن جۈملىلەرنىمۇ ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى قوشۇپ قويغان ئىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.


يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، پەقەت « ئاساسلىق ئامېرىكىلىق يەھۇدىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىرلىكى» نىڭ تارمىقىدىلا ئامېرىكىدىكى يەھۇدى تەشكىلاتلىرىدىن 51 تەشكىلات بار ئىكەن. مەن ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى ھەر بىر چوڭ شەھەرلەردە بىردىن «يەھۇدى مەركىزى» بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مېنىڭ پەرىزىمچە ئامېرىكىدىكى يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى نەچچە يۈز بولىشى مۇمكىن. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى مەنپەئەتى ئۈچۈن لوبىيلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىش بىرلىكتە، ئېقىل ئۆملۈكتە» دېگەن سۆزى مانا يۇقىرىدىكى ئىشتا ناھايىتى ئوبدان نامايان بولغان.


5. بىرلىشىۋېلىش


بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان ئەھۋال ئالدىنقى قىسىمدىكى مەزمۇنغا ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەھۋال يالغۇز سىياسىي ئىستراتېگىيىنىلا ئەمەس، دىننىڭ رولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، مەن ئۇنى بىر ئايرىم بۆلۈم قىلدىم.


ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئامېرىكىدا بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دېموكراتىيە تۈزۈمى ئاستىدىكى سايلام ئارقىلىق ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى سىياسىي ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىيسىسىنى «سايلام سىياسىسى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق تۈزۈمنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، ھوقۇقدارلار ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان دەرىجىلەرگىلا جاۋابكار بولۇپ قالماستىن، ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان بارلىق ئورۇن ۋە ئۆز قول ئاستىدىكى پۇخرالارغىمۇ جاۋابكار بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر خىل سايلام جەريانلىرىدا يەھۇدىلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بىر ئەھۋال، بىر ئادەم مەلۇم بىر ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەندىن كېيىنلا، يەھۇدىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن سورايدىغان سوئالى: «ئەگەر پوكىنى سايلانسا، ئۇ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» ئەمەس. ئۇلارنىڭ سورايدىغان بىردىن-بىر سوئالى: « ئەگەر پوكىنى سايلانسا، ئۇ يەھۇدىلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. بولۇپمۇ شىتات باشلىقلىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاشتا بۇنداق ئىش ئىنتايىن ئەۋج ئالىدۇ. ئاشۇنداق مەزگىللەردە يەھۇدىلار ئالدى بىلەن كاندىداتلارنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ يەھۇدىلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، بىر كاندىداتنىڭ قايسى پارتىيە ياكى قانداق سىياسىي ئىدىيىگە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بىر يەھۇدى چوقۇم يەھۇدىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئىشلاردا يەھۇدىلار «دېموكراتلار پارتىيىسى» ياكى «جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى» دەپ ئايرىماي، ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ ئىشلىرىغا تەڭلا، ھەمدە ناھايىتى كەڭ-كۆلەمدە ئارىلىشىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يەھۇدىلارنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، ئەگەر يەھۇدىلارغا بىرەر كاندىدات يېقىپ قالسا، يەھۇدىلار ئۇ كاندىداتقا نۇرغۇن پۇللارنى تىقىۋېتىدۇ. ھەمدە ئاخباراتتا ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئەگەر بىرەر كاندىدات ئۇلارغا ياقماي قالسا، يەھۇدىلار ئۇنىڭغا پۇل بەرمەيدۇ، ھەمدە تەشۋىقاتلاردا ئۇ كاندىدات ھەققىدىكى پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدا «ئەگەر بىر كاندىدات ئۇتماقچى بولىدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دەيدىغان سۆز بار. باراق ئوباما 1-قېتىم سايلامغا قاتناشقاندا ئىئانە ئارقىلىق توپلىغان پۇلى 745 مىليون بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 30 مىليون پۇل پەقەتلا چىكاگو (بىر شتاتتىكى بىر چوڭ شەھەر) رايونىدىكى يەھۇدىلاردىنلا كەلگەن. يۇقىرىدىكى ئومۇمىي پۇلنىڭ قانچىلىك قىسمى يەھۇدىلاردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم.


ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بولغاندا، سايلامغا چۈشكەن ئىككى پارتىيىنىڭ كاندىداتلىرى كەم دېگەندە 3 قېتىم ئوچۇق بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ بەس-مۇنازىرە پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزور ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇنازىرىدە بىر باشقۇرغۇچى ئىككى كاندىداتتىن نۆۋەت بويىچە سوئال سورايدۇ. ھەر قېتىملىق سايلامدا چوقۇم سورۇلىدىغان بىر سوئال: «سىز بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئىسرائىلىيىگە قانداق قارايسىز؟ ئەگەر سىز سايلىنىپ قالسىڭىز كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيىگە قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈئىسىز؟» دېگەندىن ئىبارەت. باشقا ھېچ قانداق دۆلەت، ھېچ قانداق رايون، ۋە ھېچ قانداق مىللەت ھەققىدە بۇنداق سوئال سورالمايدۇ. پەقەت يەھۇدى ۋە ئىسرائىلىيە توغۇرلۇقلا مۇشۇنداق سوئاللار سورىلىدۇ. مانا بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك يەھۇدىلار بىرلىكى ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك يەھۇدىلار لوبىيلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەگەر ئۇ ئىككى كاندىداتتىن بىرەرسى يەھۇدىلارغا ياقمايدىغان گەپتىن بىرەرنى قىلىپ سالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز پەرەز قىلىۋېلىڭ.


19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان فرانسىيىلىك ئېمىلى دۇركخىم (Amile Durheim) جەمئىيەت بىر ئادەمنىڭ دىنىي ۋە ئېتنىك ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئوينايدىغان رولغا قىزىقىپ قاپتۇ. ئۇ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىدا نۇرغۇن يىل ياشاپ، شۇ يەردىكى قەدىمقى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بەرىپتۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ دىن ھازىرقىدەك قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش دىنىي كىتابلىرى ۋە داموللىلارغا ئوخشاش دىنىي ئەربابلىرى بار رەسمىي شەكىلگە كىرىشتىن بۇرۇن قانداق بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى چۈشەنمەكچى بوپتۇ. 1912-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم كىتابى «دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى» (Elemtary Forms of the Religious Life) دېگەن كىتابىنى نەشىردىن چىقىرىپتۇ. ئۇ مەزكۇر كىتابتا قەدىمقى سەۋىيىدىكى دىنلارنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئىنسان بىلەن ئاللانى ئۆز-ئارا باغلاش ياكى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى بىر-بىرىگە باغلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ چاغدا دىنىي تەلىملەر كىشىلەرگە تۇغۇت بىلەن ئۆلۈمدە، پەرزەنتلەر توي قىلغاندا ۋە ئاتا-ئانىلار ئالەمدىن ئۆتكەندە قانداق قىلىپ ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇشنى ئۆگەتكەن. ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش، ھوسۇللارنى يىغىش، قىشتا قانداق قىلىپ سوغۇقتىن قوغدىنىش، يازدا قانداق قىلىپ ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئائىت دىنىي تەلىملەر مەۋجۇت بولغان. شۇ ئارقىلىق بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئەڭ خوشاللىق ۋە ئەڭ قايغۇلۇق ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، ئۇنداق ۋاقىتلاردا بىرەر ئادەم بىرەر ئەھۋالغا يالغۇز تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرى بولۇپ قالمىغان.


مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى «يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان مۇھىم ئامىللار» دېگەن تېمىسىدا، يەھۇدىلارنىڭ 3000 ساقلىنىپ قېلىشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان 3 ئامىللىنىڭ ئىككىنچىسى دىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ بىر كىچىك مىللەت بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك بىر كۈچلۈك مىللەت بولالىشىدىمۇ دىن ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يەھۇدى تەشكىلاتلىرى ۋە يەھۇدى لوبىيچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچكىي جەھەتتىن ئۆز-ئارا بىرلىشىۋالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي لوبىيلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتا ئوخشاش يەھۇدى چېركاۋ (Synagogue) لىرىغا بارىدۇ. ئوخشاش «بايلار قۇلۇبلىرى» (گولف توپى قۇلۇبىغا ئوخشاش بايلار توپلىشىپ پائالىيەت ئوتكۈزىدىغان ئورۇنلار) غا ئەزا بولىدۇ. پۇللىرىنى ئوخشاش يەھۇدىنىڭ بانكىسىغا قويىدۇ. بۇنداق ئىچكىي جەھەتتىكى بىرلىشىۋېلىش ئامېرىكا دۆلەت غەزىنىسى بانكىسى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى (US Homeland Security) ۋە دۆلەت مەركىزىي مەمۇرىي ئىدارىسى (گوۋۇيۈئەن) دىكى يەھۇدىلارغىچە كېڭەيگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەھۇدىلارنىڭ تىلى بىر، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ بىر. يۇقىرىقى يەھۇدىلار ھەر بىر چوڭ-چوڭ دىنىي بايرام ۋە مەدەنىي بايراملاردا بىرگە يۈرۈيدۇ. ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە پىلان تۈزىدۇ. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىچكىي بىرلىك مەۋجۇت.


دىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خەلقنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئويناپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ رولى يېقىنقى دەۋرلەردە دىننىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلىشى بىلەن خېلە زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئۈنۈمىنى يەنىلا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇمۇ ھازىر بىر قىسىم ئىشلاردا ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇن مەدەنىيىتى ۋە ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيىتى تېخىمۇ شۇنداق. چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئانچە ئويلاپ قويمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىشلارغىمۇ ئانچە قاتنىشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، سورۇنلاردىن، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن زادىلا ۋاز كېچەلمەيدۇ. مەن يېقىندىن بۇيان «ناۋا» پروگراممىسىغا ئوخشاش پروگراممىلارنى ناھايىتى قىزىقىپ كۆرۈۋاتىمەن. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن پائالىيەتلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، يۇقىرىقىدەك مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىكى پائالىيەتلەر ئىلىم-پەن جەھەتتىكى بوشلۇقنى زادىلا تولدۇرالمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق باشقىچە چوڭ قىممىتى بار. ئۇيغۇرلار ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتا ئانچە نەتىجىلىك بولالمايۋاتىدۇ. ئەدەبىي-سەنئەت ۋە سورۇن مەدەنىيىتىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولى ئوچۇق بولسا، ئۇ يولدا داغدام قەدەملەر بىلەن داۋاملىق مېڭىۋېرىشنىڭ ھېچ قانداق زىيىنى يوق. بەلكى ئۇنىڭ زور پايدىسى بار. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇر سورۇن ۋە كۆڭۈل-ئېچىش مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە «ئۇيغۇر ئىللەتلىرى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەنقىد قىلىنىشىنى توغرا كۆرمەيمەن (ئىسراپچىلىقنى ئەيىبلەش بۇنىڭ سىرتىدا). شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالنىڭ ئىلىم-پەن ئىكەنلىكىنىمۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


6. بار قانۇننى ئىجرا قىلىشقا، يوق قانۇننى بار قىلىشقا قىستاش


بۇ يەردە بايان قىلىنىدىغان ئىشلارنى ياخشى ئىش، دەپ ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ، يامان ئىش، دەپ ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئاشۇنداق ئىككى كاتېگورىيىنىڭ قايسىسىغا كىرىدىغانلىقى، سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق مەيداندا تۇرۇپ قارىشىڭىزغا باغلىق.


يەھۇدىلار گەپكە ئۇستا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ياۋروپادىكى يەھۇدىلارنىڭ بۇرۇن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان كەسپى سودا-سېتىق ئىشلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىقتىساد، سودا، ئاكادېمىيە، دوختۇرلۇق، ئادۇكاتلىق، ئاخبارات ۋە كىنو ساھەلىرىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ھازىرمۇ ئۆز نوپۇسىغا قارىغاندا ناھايىتىمۇ يۇقىرى. يەھۇدىلارنى گەپكە ئۇستا قىلغان نەرسە ئۇلارنىڭ تەۋراتنى ئۆگىنىشى، باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپلا سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى مەكتەپلەردە ئوقۇشى، ۋە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشى. ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن تەۋراتنى مۇنتىزىم ئۆگىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، يەھۇدىلارنىڭ پۈتۈن قانۇن-ئۆلچەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ تەۋراتتا تەپسېلىي يېزىلغان ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا پۈتۈن يەھۇدى نوپۇسى كىچىكىدىنلا گەپكە ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىنىمۇ كىچىكىدىنلا پۇختا بىلىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. باشقا مىللەت ۋە باشقا ھۆكۈمەت بىلەن بولغان جانگا-جىدەللەردە ئۇلار ھەرگىزمۇ ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلمايدۇ. ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە ئەخلاقلىقنى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت باشقىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىلا ساقلاپ، باشقا تەسىرلەرگە ھېچ قانداق پەرۋا قىلماي، پەقەت يەھۇدىلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىنىلا ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىگە پايدىسىز قانۇنلارنى پۈتۈنلەي بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدۇ. ئۆزىگە پايدىلىق قانۇنلارنى بولسا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىقىپ تۇرىۋالىدۇ. ئاشۇنداق تاكتىكىنى ئۆزىنىڭ گەپدانلىقى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن بولغان تالاش-تارتىشلاردا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدۇ.


مەن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پەلەستىننىڭ بىر ۋەكىلى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ بىر ۋەكىلى قاتناشتۇرۇلغان سوئال-جاۋاب پروگراممىسىنى كۆپ كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قاراپ باقسام، پەلەستىننىڭ ۋەكىلى داۋاملىق پروگراممىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سورىغان سوئالغا سىزىقتىن چىقماي تۇرۇپ جاۋاب بېرىدىكەن. ئەمما ئىسرائىلىيىنىڭ ۋەكىلى بولسا، سورالغان سوئالنى پۈتۈنلەي باشقا بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەقەت ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغان گېپىنىلا قىلىدىكەن. سورالغان سوئاللارغا ئاساسەن جاۋاب بەرمەيدىكەن. بدت يىغىنلىرىدىمۇ ئىراننىڭ ۋەكىلىگە سۆزلەش نۆۋىتى كېلىپ سۆزگە چىققاندا، ئىسرائىلىيىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشى ھازىر بىر ئادەتكە ئايلانغان. يەھۇدىلارنىڭ نەزىرىدە ئىرانلىقلار سۆزلىگەندە يىغىن زالىدا تۇرۇش، ئىرانلىقلارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالغان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا ئىرانلىقلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىلىكلەر ھەر قېتىم يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىدىكەن. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئىرانلىقلارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق قىلغان گەپلىرىنىڭ ھېچ بىر ئۈنۈمى بولمايدۇ، دېگەن گەپ.


ئۆزىگە پايدىسىز قانۇنلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىگە پايدىلىق قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، ئوقۇرمەنلەر يەنە ئىسرائىل بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش-جېدەللەرنى ئەسلەپ باقسا بولىدۇ. ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (بدت) نىڭ قارار-كېلىشىملىرىنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلغان دۆلەت. يەنى ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىسىز، پەلەستىنلىكلەرگە پايدىلىق بولغان بدت نىڭ 15 تەك قارارىنى ئىجرا قىلمىدى. لېكىن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ۋە بتد قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئىراققا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندىدى ۋە قىستىدى. ھازىر بولسا ئىرانغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بۇلار يۇقىرىدىكى بايانلارغا مىسال بولالايدىغان چوڭ-چوڭ ئىشلار. مەن تۆۋەندە بىر قانچە كىچىك مىساللارنىمۇ تىلغا ئۆتۈپ كېتىمەن.


--يەھۇدىلارغا دۇنيا ئۆچ بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق باشقىلارنىڭ ھەر خىل ھوجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئامېرىكىدا «مىللىي ئۆچمەنلىك جىنايەت قانۇنى» (hate crime law) نى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. ھازىر سىز ئامېرىكا كوچىسىدا كېتىپ بارغان يەھۇدىلارنى بىر مىللىي ئۆچمەنلىك نۇقتىسىدىن ھاقارەتلەپ قويسىڭىز، سىزنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىدۇ. ھازىر يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى ئېيىپلايدىغان ھەر قانداق ئىشنى «مىللىي ئۆچمەنلىك جىنايىتى» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ تاقابىل تۇرىدۇ.


--يەھۇدىلار ئامېرىكىدا ناھايىتى كۈچەپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگان قانۇنلارنىڭ بىرى، كۆچمەنلەر قانۇنى. ئۇلار بۇنى «كۆپ مەدەنىيەتلىك بولۇش» (multiculturalism)، «مىللەتلەر رەڭدار بولۇش» (diversity)، «مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈش» (inclusiveness)، ۋە «كۆپ خىللىق بولۇش» (pluralism) دېگەن ناملار ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇردى. بەزى ئوبزورچىلارنىڭ دېيىشىچە، يەھۇدىلارنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىدا كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانىنى كۆپەيتىپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ نوپۇس سانىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويۇش، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھۆكۈمران ئورنىنى تىكلەش ئىكەن.


--يەھۇدىلار خرىستىئان دىنى ۋە خرىستىئان دىنچىلىرىغا ئۆچ بولغاچقا، مەكتەپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش باھانىسى ئاستىدا يېڭى قانۇن ماقۇللۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىر خرىستىئان دۆلىتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خرىستىئانلىقلارنىڭ روجدېستۋا (Chrismast) بايرىمىنى پۈتۈن مەكتەپ كالېندارلىرىدىن چىقىرىۋەتكەن. يەنى، بۇ بايرام بۇرۇن مەكتەپ كالېندارلىرىغا بېسىلىدىكەنىدۇق. ھازىر بېسىلمايدىكەن.


بىز بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز. شۇڭا ئىزچىل تۈردە زىيان تارتقۇچى بولۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر مەزمۇننى ئوقۇغاندا، يالغۇز يەھۇدىلارنى ئەيىبلەش تەرەپدارلىرىلا بولماي، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئۆزىنى قوغداش قابىلىيەت ۋە تاكتىكىلىرىدىن ئۆگىنىش تەرەپدارلىرىمۇ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


7. ئۆز-ئارا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش


مەن بۇ يەردە يەھۇدىلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىدىن بىرىنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇنداق قىلىشىم بۇنداق ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ بىزدە كەم بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئۇ بىزنىڭكى بىلەن خېلە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىزگە خېلە تونۇشلۇق. ئۇنى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشىمدىكى سەۋەپ، مەزكۇر ماقالىدە يەھۇدىلارنىڭ بىر كۈچلۈك مىللەت بولالىشىدا رول ئوينىغان مۇھىم ئامىللارنى ئايرىپ قويماسلىق ئۈچۈندۇر.


يەھۇدىلارنىڭ بىرەر يېقىن كىشىسىنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم تۇتۇۋاتقان مەزگىلىدە ئەمەل قىلىدىغان بىر ئاجايىپ ئۆرۈپ-ئادىتى بار بولۇپ، ئۇنى «تولۇقلاش غىزاسى» (meal of replenishment) دەپ ئاتايدۇ. يەنى جەسەتنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ماتەم تۇتىۋاتقان كىشى ئۆزى تاماق ئەتسە، ياكى باشقىلارنى تاماق ئېتىپ كۈتسە بولمايدۇ. باشقىلار ئۆلۈملۈك بولغان كىشىنى تاماق بىلەن كۈتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ كىشى ئەتىراپىغا توپلىشىپ، ئۇنىڭ روھىي ئازابىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىۋاتقان، ۋە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلاردا ئۆلۈملۈك بولغان كىشى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن بىر يىل دۇئا ئوقۇپ، ئىبادەت قىلىدىغان ئادەت بار بولۇپ، بۇ ئىشنىمۇ ئۇنىڭ يېقىنلىرى بىللە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈملۇك بولغان كىشى ئەتىراپىدا ئۆزىنى قوللايدىغان ۋە ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر توپ ئادەمنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۆزى بىلەن بىللە ماتەم تۇتۇۋاتقان باشقا ئادەملەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ قايغۇ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىرگە ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يەنى مۇسبەتلىك بولغان كىشى باشقىلارنىڭ چوڭقۇر مېھرى-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن ناھايىتى تېزلا روسلىۋالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە قىلغان دۇئاسى تاشقىي دۇنيادىكى بىرەر ئەھۋالنى ئۆزگەرتەمدۇ-يوق، بۇ ئېنىق ئەمەس. لېكىن، باشقىلار مۇشۇ جەرياندا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقەت ئۆلۈملۈك بولغان ئاشۇ كىشىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز.


بىر توپ ئادەم بىللە خەتمە-قورام قىلىش ۋە ئايەت ئوقۇش بىر ئادەمنى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۆزىگە ئۆزىنىڭ يالغۇز ۋە تاشلىۋېتىلگەن بىرسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ بىر كەڭ-دائىرىلىك رېئاللىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۆزى يالغۇز تىرىشقان ۋاقىتتىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەر بىر ئادەمگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد، تېخىمۇ كۈچلۈك غەيرەت، ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىستىقبال ئاتا قىلىدۇ. دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دۇئا قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئاللاھنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى بىر جامائەت شەكىللەندۈرۈش، ئۆزىڭىز بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ۋە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئادەم توپى بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈندۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ دۇئايىڭىز تاشقىي دۇنيادىكى بىرەر ئىشنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردىمۇ، سىزگە ناھايىتى زور ياردەم قىلىدۇ. مانا بۇ يەھۇدىلاردا يۇقىرىقىدەك بىر ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر.


8. ئۆزىگە قىلىنغان ئادەلەتسىزلىكنى بىر قېتىممۇ سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك


يەھۇدىلار ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم كىشىلەردىن ئىكەنلىك ئورنىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. باشقىلار ئۆزلىرىگە قىلغان بىر كىچىك ئورۇنسىز ئىشنىمۇ ئىنكاسسىز ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز بىرەر يىغىنغا بېرىپ، بىر يەھۇدىنىڭ مەيدىسىگە ئېسىۋالغان ئىسمىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئاشۇ يېزىلغان ئىسىم بويىچە ئاتاپ، توغرا ئاتىيالمىغان بولسىڭىز، ئۇ دەرھاللا ھېچ قانداق ئۆزرە-خالىق قىلمايلا «سەن ئىسمىمنى خاتا چاقىردىڭ. مېنىڭ ئىسمىم مۇنداق مۇنداق ئوقۇلىدۇ»، دەپ سىزنى تۈزىتىدۇ. بىرەر ئىشتا سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك، قائىدىسىزلىك، ئورۇنسىزلىق، قانۇنسىزلىق، كەمسىتىش ياكى تۆۋەن كۆرۈش بولۇپ تۇيۇلۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ سىز بىلەن ئېيتىشقىنى ئېيتىشقان. ئۇلار سىزگە بىرەر قېتىممۇ يول قويمايدۇ. بىرەر قېتىممۇ سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. بۇ خىل ئادەت پۈتۈن يەھۇدىلار نوپۇسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، مېنىڭ پەرىزىمچە بۇنى يەھۇدىنىڭ بالىلىرى كىچىك چېغىدا ئائىلىسىدىلا ئۆگىنىدىكەن. يەنى ئۇلار «بىرەر قېتىممۇ، بىر تال ئىشتىمۇ، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويما» دېگەن ئۇقۇمنى ئاتا-ئانىسىدىن بالىلىق دەۋرىدىلا ئۆگىنىپ، مېڭىسىگە قاتتىق سىڭدۈرۈۋېتىدىكەن. باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماسلىق ھەر بىر يەھۇدىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپلا قالماي، ئەگەر بىرەر دۆلەت ئەربابى، بىرەر يازغۇچى، ياكى بىرەر مۇخبىر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ياكى يەھۇدىلارنى ئەيىبلەپ بىر گەپ قىلىپ قويىدىكەن، ياكى بىر نەرسە يېزىپ قويىدىكەن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلار بىرلا ئاۋازدا ئوخشاش سادا چىقىرىپ، ھېلىقى دۆلەت ئەربابى، ھېلىقى يازغۇچى، ياكى ھېلىقى مۇخبىرغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ھەمدە زۆرۈر تاپسىلا پۈتۈن دۇنيانى ئاشۇ ئەرباپ، يازغۇچى ياكى مۇخبىرنى بايقۇش قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇڭا بارلىق ئادەملەر يەھۇدىدىن قورقىدۇ. بارلىق كىشىلەر ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن بۇرۇن قاتتىق ئويلىنىپ، ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايدۇ. بۇ ئىشتا باشقا ھەر بىر مىللەت ئۆزىنى يەھۇدىلار بىلەن بىر ئوبدان سېلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ. ئۆزىدىن «بىز نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق؟» دەپ سوراپ باقسا بولىدۇ. ناھەقچىلىك يېڭى باش كۆتۈرگەندە ئۇنىڭغا يول قويغان كىشىلەر، ئۇنىڭغا مەڭگۈ يول قويۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بىر-ئىككى ناھەقچىلىققا يول قويغان كىشىلەر، بارلىق ناھەقچىلىققا يول قويۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ناھەقچىلىققا يول قويىدىكەن، مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ناھەقچىلىققا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. مانا بۇ يەھۇدىلار ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ يەكۈنلەپ چىققان بىر ساۋاق. بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان مىللەتلەر ھازىرمۇ ئاز ئەمەس.


مۇسۇلمانلار ئىچىدە ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان بوزەك قىلىنىش، ئادالەتسىزلىك قىلىنىش، يولسىز باستۇرۇلۇش ۋە يولسىز ئولتۈرۈلۈش ئىشلىرىغا نىسبەتەن، «بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچى دۇنيا. بۇنداق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، بىز ئۆزىمىزگە-ئۆزىمىز تەسەللىي بېرىپ، ئۇ ئىشلارغا سەۋر قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك، ھەمدە ئاللاھغا قاتتىق چوقۇنۇپ، دىنىي پەرىزلەرنى تولۇق ۋە ياخشى ئادا قىلىپ ماڭساق، ئاللاھ بىزگە ياخشى كۈنلەرنى يەنە بىر دۇنيادا بېرىدۇ»، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئىدىيە خېلە كۆپ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر دىنىي ئىدىلوگىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزلىرى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكلەر ۋە ناچار تەقدىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاشۇنداق بىر ئىدىلوگىيە بىلەن سۈكۈت ۋە سەۋر-تاقەت قىلىپ تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە نەچچە مىڭ يەھۇدىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئامېرىكىلىق يەھۇدى دىنى پوپى (Rabbi Laureate) مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ دۇنيادا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھەققى تۆلىنىپ بېرىلىدىغان يەنە بىر دۇنياغا ئىشىنىش، كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆز ئېتىقادىنى يوقاتمىغان ھالدا سەۋر-تاقەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋېتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئەتراپىمىزدىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە راھەتسىزلەنمەي ياكى غەزەپلەنمەي، ھەمدە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئاشۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى بىرەر ئىش-ھەرىكەت قوللانماي ياشاۋېرىشىمىزگە بىر ئوبدان باھانە بولالايدۇ. ئەمەلىي ئىدراك ياكى ئەقىل-پاراسەت بىزگە ئوخشاش ئەھۋالدا ياشاۋاتقان كىشىلەردىن ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاياتى مەلۇم بىر شەكىلدە، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەقلىمىز بىلەن تەپەككۈر قىلالمايدىغان بىرەر شەكىلدە داۋاملىشىۋېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە بىر ھاياتنىڭ چوقۇم بارلىقىنى تولۇق جەزىملەشتۈرەلمەيدىغان بولغاچقا، بىز ھازىرقى ھاياتقا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كەسكىن مۇئامىلە قىلغىنىمىز ياخشى. چۈنكى مۇشۇ ھايات بىز ياشايدىغان بىردىن-بىر ھايات بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇ ھاياتىمىزنىڭ ئۆزىنىلا ئەھمىيەتلىك ھايات، ئادالەتلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ھايات قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. »


9. ئاخىرقى سۆز


ئادەملەر قىلىدىغان ئىشلارنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىغىلى بولىدۇ: (1) ئىسراپچىلىقلار. (2) زۆرۈر ئىشلار. (3) ئۇلۇغۋار ئىشلار. ھەممە ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇ قىلغان مۇشۇنداق ئۈچ خىل ئىشلارنىڭ يىغىندىسى بولىدۇ. بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ پەرقى ئۇلار كەچۈرگەن ھاياتتىكى ئاشۇ ئۈچ خىل تەركىۋى قىسىملارنىڭ نىسبىتىدىكى پەرقتىنلا ئىبارەت بولىدۇ.


ئەگەر سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى بىر ئىككى-ياتاقلىق ئۆيدە تۇرسىڭىزمۇ بولىدىغان يەردە، بىر نەچچە ھەسسە پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ، تۆت-ئېغىزلىق ئۆي سېتىۋېلىپ ياشىسىڭىز، بۇ بىر ئىسراپچىلىق بولىدۇ. سىزدە باشقىلارغا ۋە مىللەتكە پايدىلىق نۇرغۇن تالانت، نۇرغۇن قابىلىيەت ۋە نۇرغۇن بىلىملەر بار تۇرۇپ، ئۇلارنى ئىشلەتمەي، ياكى توغرا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمەي ئۆتكۈزگەن ھاياتمۇ ئىسراپ قىلىنغان ھايات بولىدۇ.


ئادەملەر سىرتتا يالىڭاچ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن كىيىم كىيىشى كېرەك. ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماق يېيىشى كېرەك. توڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆي ھازىرلاپ، ئۆيدە تۇرۇشى كېرەك. ئۆيىدە يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى ھازىرلاپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ساقلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ئىشلەپ پۇل تېپىشى كېرەك. مانا بۇلار زۆرۈر ئىشلارغا كىرىدۇ.


كىشىلەرگە بىر خىل زۆرۈرىيەت بولۇپ تۇيۇلمايدىغان، شۇڭا كۆپۈنچە كىشىلەر قىلمايدىغان يەنە بىر خىل ئىشلار بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغۋار ئىشلار. بۇ ئىشلار كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قىلغان ئىشلار ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلار بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىنتېرنېتكە كىرىپ، «مەشھۇر كىشىلىرىمىز» دەپ ئىزدىسەك، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى تەۋپىق، لوپتۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس) قاتارلىق كىشىلىرىمىز تىزىلغان ۋە تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى تاپالايمىز. بۇ كىشىلىرىمىز جىسمانىي جەھەتتىن ئۆلۈپ كەتكىلى ئالدىغا مىڭ يىل، كەينىگە بىر قانچە ئون يىل بولدى. لېكىن ئۇلار روھىي جەھەتتە كىشىلەر قەلبىدە يەنىلا ھايات. ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان نەرسە ئۇلار قىلغان ئىسراپچىلىق ئىشلىرى ئەمەس. ئۇلار قىلغان زۆرۈر ئىشلارمۇ ئەمەس. مەسىلەن، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئۇستازىمىز ئۆلۈپ كەتكىلى تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. شۇنداقتىمۇ ھەر قېتىم سىز ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر يەردە ئاڭلىغاندا، ھەرگىز كاللىڭىزغا ئۇ ھايات ۋاقتىدا قانداق كىيىملەرنى كىيگەنلىكى، قانداق تاماقلارنى يېگەنلىكى، قانداق ئۆيدە ئولتۇرغانلىقى، قانداق ئويۇن-تاماششىلارغا بارغانلىقى كەلمەيدۇ. سىز ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ بولدىڭىز. سىزنىڭ كاللىڭىزغا كېلىدىغىنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا مىللەت ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكى، مىللەتكە قانداق روھىي بايلىقلارنى قالدۇرغانلىقى بولىدۇ. بىزنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى ھازىرغىچە روھىي جەھەتتىن ھايات ساقلىغان، ۋە كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ھايات ساقلىتىدىغان نەرسە ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئۇلۇغۋار ئىشلاردۇر. ئادەم مۇشۇلارنى ئوبدان ئويلىسا، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ قالغان ئىككى تۈرلۈك ئىشلارغا قارىغاندا قىممىتى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن بەش ئەسىردەك ۋاقىتتىن ئىلگىرى، ئۆز مىللىتىگە خۇددى بىر دىنغا ئېتىقات قىلغاندەك ئېتىقات قىلىدىغان دەۋرلەر بولغان. ھەمدە ئاشۇ دەۋرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن، دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەد كۆتۈرگەن دەۋرلىرى بولغان. ئۇ دەۋرنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتىغانلار كۆپ بولغان. مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكىنىمدەك، ھازىر يەھۇدىلار ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتىغانلار بەكلا كۆپ بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ نىسبىتى ئۆز مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ياپونلۇق ۋە گېرمانلىقلاردىمۇ ھەم شۇنداق. مېنىڭ بىر تونۇشۇم ياپوندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، تۈركىيىدىن كەلگەن بىر تۈرك بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ئۇ تۈرك دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۆزىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، خۇددى بىر خىزىرغا ئوخشاش سالاپەتكە ئىگە كىشى بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ تونۇشۇمغا مۇنداق دەپتۇ: «قۇرئان كەرىمدە قانداق كىشىلەر ئەڭ مۇكەممەل، ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشىلەر بولالايدىغانلىقى ھەققىدە تەسۋىرلەر بار بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇنداق ئادەملەرنى ئاساسەن ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم. لېكىن ئۇلارنى مەن ياپونىيىدە كۆردۈم. ياپونلۇقلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاشۇنداق ئادەملەردىن ئىكەن. » 90-يىللاردا مېنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر تونۇشۇم بىر توپ ياپونلۇق ساياھەتچىلەرنى باشلاپ يۇرتقا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىنتايىن باي، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلىۋاتقان بىر ساخاۋەتچىمۇ بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇ يەردە سۇنىڭ بەك قىسلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ھەپتىلىك ساياھەتنى تۈگىتىپ ياپونغا قايتقۇچە، سۇنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن، بىر قېتىممۇ مۇنچىغا چۈشمەپتۇ (ياپونلۇقلار ئادەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم مۇنچىدا يۇيىنىدۇ). ياپونىيە مانا ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن بۈگۈنكىدەك ياپونىيە بولغان. مەن بۇ قېتىملىق ۋە ئالدىنقى قېتىملىق ماقالەمدە يەھۇدىلار قانداق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنى 3000 يىل ساقلاپلا قالماي، بىر نوپۇسى ئۇيغۇرنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان كىچىك مىللەت بولسىمۇ، يەنە ھازىرقىدەك بىر كۈچلۈك مىللەت بولالىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللسىدا «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئاللار ئىنتايىن كۆپ. مېنىڭچە ئاشۇنداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى مىللىي ساپا، ۋە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قالغان ئىككى تۈرلۈك ئىشلاردىن ئەلا بىلىدىغان مىللىي روھتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. مەنزىل پۈتكۈل سەپەرنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمى. ھەر قېتىم بىر مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىغاندا، قانداق قىلغاندا ئاشۇ مەنزىلگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كەم دېگەندە يۈز قېتىم ئويلاش كېرەك. مەن مەزكۇر ماقالىدا يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقىدەك مەنزىلىگە قانداق قىلىپ يەتكەنلىكىنى تونۇشتۇردۇم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشىم ئۇلاردا بار نەرسىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي-جاناب نەرسىلەر بولغانلىقىدىن، ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىدىن ئەمەس. بەلكى ئۇلاردا بار نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ بىزدە ھازىر يوق ياكى كەمچىل ئىكەنلىكىدىن. مەن ھەر بىر ئوقۇرمەندىن بۇ نۇقتىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.


ئۆزىگە پىششىق بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر بۇ دۇنيادىن غايىپ بولدى. ئۇنداقلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ دۇنيادىن داۋاملىق غايىپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا يەھۇدىلاردەك ئۆزىگە پىششىق بولۇش يامانمۇ؟


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


ئالدىنقى تېما:

يەھۇدىلارنى ئۈچ مىڭ يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار

https://web.archive.org/web/20130802071654/http://bbs/ {{|url=https://web.archive.org/web/20130802071654/http://bbs/ |date=2013-08-02 }}. misranim. com/thread-98178-1-1. html