بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى)
20060426030517.jpg
20060426002232.jpg
قۇمۇل ۋىلايىتى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 424،300 نوپۇسىبار، 27،000 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 47.52°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 88°07.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقىي تاراباغاتاي ۋىلايىتىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي ئىلى ۋىلايىتىگە تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى 380 كىلومېتىر) شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 315 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 24 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاستقا بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە (يەنى بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاستتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 11 تۇەن - مەيدان بار. ئوبلاست مەركىزى بورتالا شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 528 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 374 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 7.01% نى، ئۇيغۇرلار 13.16% نى، خەنزۇلار 65.41% نى، باشقا مىللەتلەر 14.42% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاستىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ، شىمالىي، غەربىي جەنۇبىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. نۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 53% نى، تۈزلەڭلىك 43% نى، كۆل 4% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالاردىن ئارشاڭ دەرياسى، ئۆتۈگسەر دەرياسى، بورتالا دەرياسى، داخەنزە دەرياسى، جىڭ دەرياسى، كۈيتۈن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى ئىككى مىليارد 353 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 948 كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قاڭشارلىق بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار، شىنجاڭ شىمال سەمەندىرى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىق سوغىگۈل، توشقان زەدىكى، چاكاندا، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى نېفىت، تۇز، گلائۇبېر تۇزى، گرانىت، پېرلىيىت، ۋولفىرام، قەلەي، مىس، ئالتۇن، تۆمۈر، مولىبدىن، فوسفور، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.7℃ ~ 8.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 36.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 2870 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 140 ~ 175 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 90 ~ 002 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1550 ~ 3400 مىللىمېتىر. ئالاتاۋ ئېغىزى داڭلىق شامال ئېغىزى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەركۋادرات مېتىر يەرنىڭ 2000 ~ 3200 كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھازىر 63 مىڭ 800 گېكتار (957 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 198 مىڭ گېكتار (2 مىليون 970 مىڭ مو) ئورمانلىق، بىر مىليون 697 مىڭ 300 گېكتار (25 مىليون 460 مىڭ مو) ئوتلاق بار، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 56 مىڭ 700 گېكتار (850 مىڭ مو) قاقاس يەر، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان 22 مىڭ 200 گېكتار (333 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، سېرىق پۇرچاق، كېۋەز، ياغلىقدان، تاۋۇز گازىرى، ئالقۇت، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالقاتنىڭ دۆلەت ئىچىدە خېلىلا داڭقى بار. چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ. شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان بازىلارنىڭ بىرى. سانائىتىدىن ئاساسلىقى پاختا توقۇمچىلىق، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، شېكەر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلار بار. بوتارلا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولىنڭ 312 - لىنيىسى ئوبلاستنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى. پروگراممىلىق تېلېفون ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، يەتكۈزۈش سېفىرلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئوبلاستقا جايلاشقان ئالاتاۋ ئېغىزى دۆلەتنىڭ تۆمۈر يولمۇ ۋە تاشيولمۇ ئۆتىدىغان بىرىنچى خىل چېگرا ئېغىزى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنىڭدەك شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم يولنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

تارىخ[تەھرىر]

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى جايلار غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شېنجۆنىڭ 2 - يىلى (مىلادىن ئىلگىرى 60 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇيسۇن ياپبانلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن 23 - يىلى (649 - يىل) ۋە شيەنچىڭ 3 - يىلى (658 - يىلى) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياۋچى تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە ئىككى ئۆگۈز تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالمالىق ۋاقىتلىق نازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات قەبىلىسىنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) بورتالا ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى ۋالى مەھكىمىسىگە قارىغان. 4195 - يىلى 7 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىدىن جىڭ، بورتالا، ئارشاڭ ناھىيىلىرى ئايرىلىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قىلىپ قۇرۇلغان. 1955 - يىلى 2 - ئايدا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان.

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئەنخۇ قەلئەسى خارابىسى، قەدىمكى تاشقا ئويۇلغان رەسىملەر، ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرلىك جايلاردىن سايرام كۆلى، قويتاش ۋە ئارشاڭ ساناتورىيىسى قاتارلىقلار بار.

توشۇش[تەھرىر]

قارالسۇن[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى