تاشكەنت ۋىلايىتى

ئورنى Wikipedia
UZ-Toshkent.PNG

تاشكەنت ۋىلايىتى بولسا ئۆزبېكىستان دىكىبىخاھار 2005 نوپۇس بار، تاشكەنتنىڭ 4،450،000 نوپۇسىبار، 15،300 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 41.10°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 69°45.

ئېتمولوگىيە[تەھرىر]

تارىخ[تەھرىر]

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنت- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر. تاشكەنت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە بەرپا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 262-يىلى پارىس شاھى «ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى» دېگەن كىتاپقا يازغان بېغىشلىمىسىدا تاشكەنت بوستانلىقىنى چاچ دەپ ئاتىغان. مىلادى 6-ئەسىردىكى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە، تاشكەنت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان سودىسى ۋە قول سانائىتى بىلەن داڭ چىقارغان ھەم شەرق ۋە غەرب سودىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ قالغان.

تاشكەنت مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار شەھىرى بولۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. «تاشكەنت» دېگەن نام ئەڭ ئاۋۋال 11-ئەسىردىكى ئۆزبەك ئەدىبى ئەبۇ رەيھان بىرۇنىنىڭ ئەسىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇچرايدۇ. «تاشكەنت» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزبەك تىلىدىكى مەنىسى- «تاشلىق كەنت» دېگەنلىكتۇر. تاشكەنت شەھىرى 1220-يىلى چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن. 13-ئەسىردىن باشلاپ ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارىس ئېمپىرىيىسىگە، تېمۇرىيلەر ئىمپىرىيىسىگە، بۇخارا خانلىقىغا ۋە قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1865-يىلى چار روسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۇركىستان رايونىنىڭ پايتەختى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە ئۆزبېكىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1991-يلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىۋارەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، شەھەر كۆلىمى جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە موسكۋا، سانت–بېتىربۇگ ۋە كىيېۋدىن قالسىلا 4-چوڭ شەھەر. تاشكەنت كونا ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۇنگەن. مەسچىت ۋە مازار قاتارلىق ئاسارە–ئەتىقىلەر كونا شەھەرگە جايلاشقان.

1966-يلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە تاشكەنت شەھرىدە 7.5بال يەر تەۋرەپ، شەھەر زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن شەھەر قايتا قۇرۇلغان. شەھەر مەيدانىدا بىر ئالاھىدە خاتىرە تېشى بار. بۇ بىر پارچە غايەت زور تۆت چاسا تاش بولۇپ، بىر يۈزىدە يېرىق بار، يەنە بىر يۈزىگە سائەت ئىشكالىلىرى ئويۇلغان بولۇپ، سائەت ۋە مىنىۇت ئىستىرىلكىلىرى 5 تىن 24 مىنۇتنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتۇر.

قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاشكەنت زامانىۋىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە گۈلزارلىق شەھەردۇر. شەھەر قۇرۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە ، ھەممە يەردە ياپ – يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ، ماڭدامدا بىر فونتالار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىياتىرخانا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار شەھەر ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئېلىكتىر كۈچى، ئاۋىئاتسىيە، ماشىنىسازلىق، مېتالورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى ۋە يېنىڭ سانائەت تارماقلىرى بار. داڭلىق چوڭ كارخانىلاردىن: تاشكەنت چېكاروپ ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى،« تاشكەنت تەرەكتۇر زاۋۇدى» بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى زاۋۇدى، توقۇمىچىلىق زاۋۇدى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىدىن يىپەك، پاختا، ئىلمە – توقۇلما بويۇملار، نېفىت، كۆمۈر، مىس ، گۈڭگۈرت، گۈرۈچ شۇنداقلا تېلىۋىزور زاپچاسلىرى، ماشىنا ۋە تەرەكتۇرلار بار.

تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، موسكۋا ۋە سىبىريەگە بارىدىغان تۆمۈر يوللار، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر پايتەختلىرىگە ۋە بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يولى بار. تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مېترو بار شەھەر بولۇپ مېترو شەھەر ئىچى قاتنىشىنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق. تاشكەنت شەھرىدە 19 ئالىي مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1920-يىلى قۇرۇلغان تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ناھايىتى داڭلىق. تاشكەنت شەھرىدە 200 كۈتۇپخانا، 10 تىياتىرخانا، 8 مۇزېي ۋە كۆرگەزمەخانا بار. تاشكەنت خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ بۇ شەھەردە ئاسىيا ئافرىقا دۆلەتلىرى كىنو كۆرگەزمىسى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

تاشكەنتتە كوكۇلداش مەدرىسى، كاففال شاش مازىرى، باراقخان مەدرىسىسى، جۇمە مېچىتى قاتارلىق 15-ۋە 16-ئەسىرلەردىكى ئىسلام ئىمارەتلىرى ۋە مازارلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى باراقخان مەدرىسى- ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقستاندىكى مۇسۇلمانلار ئويۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باش مەھكىمىسىدۇر. تاشكەنتتە ئاسارە ئەتىقىلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن موزېيلار ۋە ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆپتۇر.

مۇزېيلار: تاشكەنتتە سەنئەت مۇزىيى، تۆمۇريول مۇزىيى ، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزېيلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەنئەت مۇزىيى، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردۇر. ئەمىر تۆمۈر موزىيى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومىتېتى ئەمىر تۆمۇر يىلى قىلىپ بېكىتكەن. تۆمۈر مۇزېيى ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نادىر ئەسىرىدۇر.

ئۆزبېكىستان دۆلەت تارىخ مۇزىيى ئەسلى تاشكەنت ئاممىۋىي موزېيى ئىدى. ئۇشبۇ مۇزېي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ موزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تېرمېزدىن ، فاياز توپىدىن تېپىلغان بۇتنىڭ ھەيكىلىمۇ بار. مۇزېيدىكى بىر پارچە رەسىمدىن بۇ رايوننىڭ بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

خاتىرە مەيدانى: تاشكەنتتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەيلىگاھ «خاتىرە مەيدانى »دۇر. 1999-يىلى 3-ئايدا ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (ئەسلىدىكى غەلىبە كۈنى)نى «خاتىرە ۋە شەرەپ كۈنى» قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە تاشكەنت شەھەر مەركىزىدىكى «نامسىز ئىنقىلاۋىي قۇربانلار مەيدانى» نى «خاتىرە مەيدانى» غا ئۆزگەرتتى. مەيدانغا ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنى ئورناتتى. بۇ ئارقىلىق فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلاۋىي قەھرىمانلارنى ۋە ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەجدادلارنى خاتىرلىدى. ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان گۈلخان بار. ھەيكەلنىڭ ئىككى قاسنىقىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ياغاچ نەقىشلىق كارىدور بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سىموۋول خاراكتىرلىك شەرەپ خاتىرىسىگە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى: تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىگى 375 مېتىر بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى تاشكەنتتىكى نامايەندە خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. تېلۋىزىيە مۇنارى 1978-يىلى سېلىشقا باشلانغان بولۇپ، 1985-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ 100 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە بولغان بۆلىكىدە ئايلانما رېستۇران بولۇپ، «قىزىل زال» ۋە «كۆك زال» دەپ ئىككىگە بۆلۇنىدۇ، 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تاماقلىنالايدۇ. ئېكىسكۇرسىيىچىلەر تاماق يېگەچ تاشكەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

رايون[تەھرىر]

جۇغراپىيە[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

دۆلەت باغچىسى[تەھرىر]