تىن تىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى

ئورنى Wikipedia
تىن تىن (Tintin فرانسۇزچە "تەن تەن" دەپ ئوقۇلىدۇ)
Tintin and snowy.png
خاراكتىېرى كارتون
جىنسى ئەر
چاچ رەڭگى ئالتۇن رەڭ
كۆز رەڭگى قارا
خىزمىتى ئاخباراتچى، مۇخبىر
ئادىرىسى مۇلەنزاغ سارىيى، لابرادور كوچىسى، 26-نومۇر
يېقىنلىرى مىلۇ، دۈپوڭت ۋە دۈپوڭد، كاپىتان ئادوك
تۇنجى پەيدا بولغان ۋاقىت1929
تۇنجى ئېلان قىلغان مەتبۇئات

كىچىك يىگىرمىنجى كۈندىلىك گېزىتى

دۆلەت تەۋەلىكى بېلگىيە
ئاپتور ئەرژې
ئىگىدارچى ئورۇن كاستىېرمەن نەشرىياتى
ئېپىزود سانى 24

تىن تىن بېلگىيىلىك ھەجۋى رەسسام ئەرژې تەرىپىدىن يارىتىلغان كارتون كىتاپلار توپلىمى باش قەھرىمانى. 1929-يىلى، بىريۇسسىلدىكى ئەرژې ئىشلەيدىغان كۈندىلىك گېزىت "كىچىك يىگىرمىنجى" دە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. تىن تىننىڭ تۇنجى سەرگۈزەشتىسى "تىن تىن سۆۋىت دۆلەتلىرىدە" ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جەمئى 24 سەرگۈزەشتە كىتابى بار.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى[تەھرىر]

بېلگىيەدىكى بىر كۈندىلىك گېزىتنىڭ داڭلىق مۇخبىرى ۋە ئاخباراتچىسى تىن تىن، يېنىدىن ھېچ ئايرىلمايدىغان ئاق يۇڭلۇق ئىتى مىلۇ بىلەن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئاخباراتچىلىققا بارىدۇ. يولدا ۋە بارغان يەرلىرىدە، يامان كىشىلەر ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ كىشىلەر پىلانلاۋاتقان ياكى قىلىۋاتقان جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ ئازگاللىرىدىكى ئادالەتسىز ئىشلارنى پاش قىلىدۇ. بارغانسېرى، بارغان يەرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، كاپىتان ئادوك، قوشكېزەك ساقچىلار دۈپوڭت ۋە دۈپوڭد، پروفېسسور ئاپتاپپەرەسلەر بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قالىدۇ. ھەرقېتىم، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، يامان نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئەسكىلەرنىڭ ئەپتى-بەشرىنى يىرتىپ تاشلايدۇ ۋە بارغان يېرىدىن غەلىبە ۋە ھۆرمەت بىلەن قايتىپ كېلىدۇ.

ئارقا كۆرۈنۈشى[تەھرىر]

ئەرژې دەسلەپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى كارتون رەسىمچى بىنيامىن رابىيې 1897-يىلى ئېلان قىلغان "تىن تىن لۈتىن" دىن ئىلھام ئېلىپ، مەشھۇر تىن تىننى بارلىققا كەلتۈرگەن. دېمىسىمۇ، تىن تىننىڭ كىيىملىرى رابىيېنىڭ باش قەھرىمانى تىن تىن لۈتىننىڭ كىيىملىرىگە ئوخشايدۇ.بىنيامىن رابىيېنىڭ "تىن تىن"ى ئەسلىدە مارتىن ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى.

بۇ 24 لىنىيەلىك كارتون ئالبۇمدا، تىن تىن پۈتۈن دۇنيانى دېگۈدەك كېزىپ چىقىدۇ. بارغان يەرلىرىدە، شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن دېلو ئېنىقلايدۇ ۋە ھەر قېتىم غەلىبىلىك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىدۇ. باشتا سۆۋىت ئىتتىپاقىدىن باشلانغان سەرگۈزەشتە، بىريۇسسىل ۋە فرانسىيەنىڭ تۇلۇز شەھرىدىن چىقىپ، ئافرىقىدىكى بېلگىيە مۇستەملىكىسى بولغان كوڭگونى كېزىپ، ئارقىدىن يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب چۆللىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپون باسقۇنچىلىرى ئاستىدىكى جۇڭگوغا كىرىدۇ. ئەرژېنىڭ ئالاھىدە تەسەۋۋۇر كۈچى شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجايىپ ھەيران قالارلىقكى، ئەرژې ئۆزى شۇنچىلىك ئېنىق سىزىپ چىققان بۇ كارتىنىلار ئەمەلىيەتتە، رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى ئەرژې ھاياتىدا بۇ يەرلەرنىڭ ھېچ بىرىگە بېرىپ باقمىغان. كارتۇن ئالبۇمدا شۇ قەدەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەسۋىرلىيەلىشىدىكى سەۋەپلەردىن بىرى، ئەلۋەتتە، ئەرژېنىڭ كۆپ كىتاپ ئوقۇشى ۋە شۇ يەرلەرنى بېرىپ كۆرگەن كىشىلەردىن ياردەم سورىشىدىدۇر.

بۇ ئالبۇملاردا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئىش، ھەرخىل تىپتىكى شۇ زاماندىكى ماشىنىلارنىڭ ھېچ نۇقسانسىز تولۇق تېپىلىشى. ئەرژېنىڭ ماشىنىلارغا بولغان ھەۋىسى ۋە بۇ ھەقتىكى تونۇشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

دۇنيادىكى تەسىرى[تەھرىر]

تىن تىن ئالبۇملىرى چىقىشى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيادا زور قىزىقىش قوزغايدۇ.بۇ كارتون ھېكايىلەر توپلىمى شەكسىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كارتون كىتاپلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. داڭلىق مۇخبىر، ئاخباراتچى تىن تىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە مەخسۇس كىنولار ۋە بىر يۈرۈشلۈك كارتون فىلىملىرى ئىشلىنىدۇ.

تىن تىن جوڭگودا[تەھرىر]

1936-يىلى ئەرژې تىن تىننىڭ بەشىنچى سەرگۈزەشتىسى "كۆك نىلۇپەر"نى ئېلان قىلىدۇ. ھىندىستان پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا، شاھ دوستلۇقىدىن ھوزۇر ئېلىۋاتقان تىن تىن، سارايدا جۇڭگودىن كەلگەن بىر ئەلچىگە يولۇقىدۇ. مەلۇم بىر خىل زەھەر بىلەن زەھەرلىنىپ، ساراڭ بولۇپ قالغان بۇ ئەلچى تىن تىنگە "مىتسۇ خېراتۇ" ۋە "شاڭخەي" دېگەن ئىككى سۆزنى دىيىشتىن توختىمايدۇ. تىن تىن بۇ ئىشنىڭ ئالدىنقى سەرگۈزەشتىسى "پىرئەۋىننىڭ سىگارتى"دا پاش قىلغان زەھەر دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى جەزىم قىلىدۇ ۋە دەرھال ئىتى مىلۇنى ئېلىپ، شاڭخەيگە مىتسۇخېراتۇنى ئىزدىگىلى يولغا چىقىدۇ. يولدا ۋە شاڭخەيدە نۇرغۇن توساقلارغا، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ جەرياندا، مىتسۇخېرۇنىڭ شاڭخەيدىكى ياپونلۇق زەھەر ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شاڭخەيدە، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن جاڭ فامىلىلىك بىر جوڭگولۇق بالىنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جاڭ تىنتىنغا ياردەمچى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بارلىق توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ چىقىپ، مىتسۇخېرو ۋە شاڭخەيدىكى ياپون باسقۇچىلىرىنى تېرە-پېرەن قىلىۋىتىدۇ. ئاخىرىدا، يەنە غەلىبە بىلەن، دوستى جاڭ ۋە باشقا جوڭگولۇق دوستلىرىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ، بىريۇسسىلغا قايتىدۇ.

تىن تىننىڭ جوڭگودىكى سەرگۈزەشتىسى جوڭگولۇقلارنىڭ قاتتىق ئامراقلىقى ۋە ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. جوڭگوغا بېشىنى تىقىپ باقمىغان ئەرژې بىريۇسسىلغا ئوقۇشقا كەلگەن ياش رەسسام جوڭگولۇق يىگىت جاڭ جوڭشىن بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ئورنىتىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋالغانلىقىغا قاتتىق نەپرىتى بار ياش كومۇنىست جاڭ ئەرژېگە تىن تىننىڭ جوڭگوغا بېرىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ. ۋە بۇ ئالبۇمدىكى بارلىق جوڭگوچە ئالاھىدىلىك بولغان رەسىملەرنى سىزىپ بېرىدۇ.ئىككى يىللىق ئوقۇشىدىن ۋەتەنگە قايتقان جاڭ 1981-يىلى، توپتوغرا 46 يىلدىن كىيىن، بىريۇسسىلدا دوستى ئەرژې بىلەن قايتا دىدارلىشىدۇ.

تىن تىن ۋە ئەرژېگە قارشى پىكىرلەر ۋە ئەرزلەر[تەھرىر]

بەزىلەر تىن تىن سەرگۈزەشتىلىرىنى، بولۇپمۇ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئىنتايىن زوراۋان، ھايۋانلارچە ۋەھشىلىك ياغقان ۋە مۇستەملىكىچى ئىدىيە-باھالار بىلەن تولۇپ كەتكەن دەپ تەنقىد قىلىشىدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپالىق ئەمەس كىشىلەرنىڭ تەسۋىرلىرى دائىم سەلبى بېرىلىدۇ. بۇ تەنقىدلەرگە قارشى، ئەرژې فوندى سەۋەپنى ئاپتورنىڭ ئەينى دەۋردىكى ساددىلىقىغا قويۇپ تۇرۇۋالسا، بەزىلەر شۇ چاغدىكى ئەرژې ئىشلەيدىغان كۈندىلىك گېزىتنىڭ باش دېرىكتورىغا دۆڭگەيدۇ.

"تىن تىن سۆۋىتتە" ئالبۇمىدا، ئەرژې بولشىۋىكلارنى قاتتىق چۈشۈرىدۇ ۋە ناھايىتى ۋەھشى تەسۋىرلەيدۇ. لېنىننىڭ كۆمۈپ قويغان "خەزنىسى" توغرىسىدا، ئەرژې ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياشلىق قىلىپ، خاتالاشقانلىقىنى ئېيتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، سۆۋىت كومۇنستلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىلغان بۇلاڭ-تالاڭلىرى ھەققىدە ئاشكارىلىنىۋاتقان تارىخ ئەرژېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىسمەن بولسىمۇ ھەقىقەتنى يازغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەرژې ۋە تىن تىننى ھەممىدىن بەكرەك قىستاققا ئالغان ئەرز "تىن تىن كوڭگودا" ناملىق ئالبۇمدىن كەلدى. بۇ قىسمىدا، ئاپتور ئافرىقىلىقلارنى گۆدەك ۋە ياۋايى تەسۋىرلەيدۇ. بىر توپ نېگىر بالىلارنى ئولتۇرغۇزىۋېلىپ، تىن تىن قولىدا بىر ئۇزۇن تاياقنى تۇتۇپ: "قەدىرلىك دوستلىرىم، بۈگۈن سىلەرگە قىممەتلىك ۋەتىنىڭلار بولغان بېلگىيە ھەققىدە سۆزلىمەكچىمەن" دېگەن بىر ئابزاسنى كۆرۈۋالالايمىز. ئالبۇمدا ئۆلگەن ئافرىقىلىقلارنىڭ تەسۋىرى ھايۋانلار بىلەن ئوخشاش. پويىزدىن چۈشىۋاتقان كوڭگولۇقلارغا تىن تىن مۇنداق ۋارقىرايدۇ : "ھە، بولىشە، ئئىشنى باشلاش !"، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىتى مىلۇ سۆز قوشىدۇ: "نېمىدىگەن ھورۇن بۇ خەق !". ئەينى دەۋردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ۋە زوراۋانلىقىنى ئىسپاتلىغان بۇ ئالبۇمنى 2007-يىلى، ئەنگىلىيە "ئرق باراۋەرلىكى كومىتىتې" بالىلار كىتاپخانىلىرىدىن چىقىرىپ، چوڭلار كىتاپلىرى ئارىسىغا قويۇشنى بۇيرۇيدۇ. ئوخشاش شەكىلدە، ئامرىكىدىمۇ، بۇ ئالبۇمنىڭ سېتىلىشىنى ئازايتىدۇ. 2007-يىلى، بىريۇسسىلدا سىياسەت ئىلمىدا ئوقۇۋاتقان كوڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچى بېلگىيەنىڭ بۇ ئالبۇمنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەرزنامە سۇنىدۇ. ئۆز دۆلىتىگە بولغان ھاقارەت دەپ ئەرز سۇنغان بۇ كوڭگولۇق ئوقۇغۇچى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق ئرقۋاز بىر كىتاپنىڭ كىتاپخانىلاردا سېتىلىشى ۋە كۈتۈپخانىلەردە قويۇلۇشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

"تىن تىن سەرگۈزەشتىلىرى"نىڭ تولۇق توپلىمى[تەھرىر]

  • تىن تىن سۆۋىت دۆلىتىدە- 1930-يىل سېنتەبىر
  • تىن تىن كوڭگودا- 1931-يىل ئىيۇل
  • تىن تىن ئامرېكىدا- 1932-يىل نويابىر
  • پىرئەۋىننىڭ سىگاتى- 1934-يىل ئۆكتەبىر
  • كۆك نىلۇپەر- 1936-يىل سېنتەبىر
  • ئۈزۈلگەن قۇلاق- 1937-يىل نويابىر
  • قارا ئارال- 1938-يىل نويابىر
  • ئوتوكار شاھىىنىڭ ئالتۇن كالتىكى- 1940-يىل يانىۋار
  • ئالتۇن شاھزادىلىرىدىكى چايان- 1941-يىل نويابىر
  • سىرلىق يۇلتۇز- 1942-يىل دېكابىر
  • "كەركىدان"نىڭ مەخپىيەتلىكى- 1943-يىل ئۆكتەبىر
  • قىزىل راخامنىڭ خەزنىسى- 1944-يىل نويابىر
  • كىرىستالنىڭ يەتتە كۆزى- 1948-يىل سېنتەبىر
  • قۇياش ئىبادەتخانىسى- 1949- يىل سېنتەبىر
  • تىن تىن قارا ئالتۇن دۆلىتىدە- 1950-يىل دېكابىر
  • ئاي پىلانى- 1953-يىل سېنتەبىر
  • ئايدا ماڭدۇق- 1954-يىل ئاۋغۇست
  • ئاپتاپپەرەس ۋەقەسى- 1956-يىل ئۆكتەبىر
  • ئامباردىكى كۆمۈر- 1958-يىل ئىيۇل
  • تىن تىن تىبەتتە- 1960-يىل نويابىر
  • كاستافىيورنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى، 1963-يىل يانىۋار
  • 714-نومۇرلۇق سىدنىيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان، 1968-يىىل يانىۋار
  • تىن تىن ۋە سەرگەردانلار، 1976-يىل يانىۋار
  • تىن تىن ۋە ھۆسنىخەت، 1986-يىل ئۆكتەبىر