تۇغلۇق تۆمۇرخان

ئورنى Wikipedia


ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكلىدە،ئۈستىدە گۈمبەز بار، توغرا لىمى يوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 14مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەپچە مەدھىيىلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە،كۆك،ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇل خانى تۇرسا،مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان مۇڭغۇل خانىدۇر.

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت قەشقەر ۋە خوتەن ئەتراپلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن،كۇچا،تۇرپان رايونى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا يەنىلا بۇددا دىنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىيە 1219-يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، 1225-يىلى ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي قۇرغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. چىڭگىزخان ۋە مۇڭغۇل خانلىرى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مۇڭغۇل خانلىىرى، ئالايلۇق مۇبارەكشاھ ۋە ئەڭ ئاخىرقى خان دارماشىرى تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 6- نەۋرىسى بولۇپ ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن بابۇر تۇغلۇق تۇمۇرخاننى ئەسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى دەپ يېزىپتۇ .مىلادى 1310- يىللىرى ئەسەن بۇقاخان چاغاتاي خانى بولغان ئىكەن. ئەسەن بۇقا خاننىنىڭ ئەركە خانىشى ساتمىش خاتۇن تۇغماس بولۇپ، ئەسەن بۇقانىڭ مەڭلىك ئىسىملىك ئايالى ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا ساتمىش خوتۇن كۈندەشلىك قىلىپ ، خاننىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى باشقا بىرسىگە خوتۇنلۇققا بېرىۋېتىپتۇ.

1318- يىلى ئەسان بۇقا ۋاپات بولغان چاغدا چاغتاي ئولۇسدىكى موڭغۇل قەبىلىسى خانسىز قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق كۇپۇيۇشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر پولاتچى خان ئەۋلادىدىن بىر كىشىنى تېپىپ ئۇنى تەخىتكە چىقىرىپ، دۆلەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلاپتۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مەڭلىك خوتۇننى ۋە ئۇنىڭ خاندىن بولغا پەرزەنتىنى ئىزلەپ تاشتۆمۈر دېگەن ئادەمگە جىكىپتۇ. ئەگەر بالا ئوغۇل بالسا، ئۇنى بىر ئامال قىلىپ ئەلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. تاشتومۇر سۈرۈشتە قىلسا، ئەسان بۇقانىڭ مەڭلىكتىن تۇغۇلغان بالىسى ئوغۇل بۇلۇپ، ئىسمىنىڭ توغلۇق تۆمۈر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. ئۇ ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن بالىنى قولغا چۇشۇرۇپ، مۇز ئارت داۋىنى ئارقىلىق ئاقسۇدىكى ئەمىر پولاتچىنىڭ يېنىغا ئەلىپ كەپتۇ. بۇ چاغفا تۇغلۇق تومۇر 16 ياشقا كىرگەن ئىكەن.ئۇ 18 يېشىدا خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ چاغدا خانزادە شىكارغا چىقسا ھەر قانداق يات ئادەمنىڭ شىكار رايونىغا كىرىشىگە يول قويمايدىكەن. شىكار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەسكەرەر كۆتەك شەھرىدىن بۇ يۇرتقا كىلىپ قالغان شەيخ جامىلىدىننى ئادەملىرى بىلەن تومۇرنىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. شەيخ جاملىدىن ئۆزىنىڭ كۆتەك شەھرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ شەھەرنى خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن قۇم بېسىپ كەتكەنلىكىنى، پۇتۇن شەھەر ئالاھىلىسىنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى بايان قىپتۇ. شۇ جەرياندا شەيخ جامالىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىسلامنىڭ دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىپتۇ. خان شەيخ جامالىدىندىن ئادەم قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا ئىتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ؟دەپ سوراپتۇ. شەيخ جامالىدىن ئىتىقاد دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توغلۇق تۆمۈر ئۇنىڭغا مەن خان بولغاندا ھەم ئالى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا مىنىڭ قېشىمغا كەلگىن، مەن مۇسۇلمان بولاي دەپ ۋەدە قىپتۇ. شەيخ تومۇر خان بىلەن كۇرۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ جان ئۇزۇش ئالدىدا ئوغلى مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تومۇرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ ئۇنىڭ ۋەدىسىنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋەسىيەت قىپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن ۋەسىيەتكە ئاساسەن سوراپ-سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ توغلۇق تۇمۇرنىڭ چاغاتاي خانى بولغانلىقىنى، ھەم ئۇنىڭ ئالمىلىق شەھرىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ شۇ يەرگە بېرىپتۇ.

ئەمما خان بىلەن كۇرۇشۇشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ. ئاخىرى ئۇ خاننىنىڭ چېدىرىغا يېقىن يەردىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەرزان توۋلاۋېرىپتۇ. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كىيىن ، توغلۇق تومۇر ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە بۇ كىشى بىر قانچە كۇن بولدى دائىملا مۇشۇ ۋاقىتتا ۋارقىرايدۇ. ئۇنى مىنىڭ يېنىمغا ئەلىپ كەلگىن دەپتۇ. خىزمەتچى مەۋلانى ئەرشىدىننى ئەرزان توۋالاۋاتقان يېرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. توغلۇق تومۇرخان مەۋلانى ئەرشىدىندىن سەن نىمە ئادەم؟ نىمىشقا ھەر كۇنى مىنىڭ ئۇيقۇمغا دەخلى قىلىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن سىز بىر كىشىگە ئىسلام دىنىگە كىرىش توغرىلىق ۋەدە قىلغان ئىكەنسىز. مەن شۇ كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن دەپ ئاتىسى ۋە توغۇرلۇق تومۇر ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىپتۇ. توغلۇق تومۇر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، ئۇ دادام ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى دەپتۇ. توغلۇق تۆمۈرخان مەن خان بولغاندىن تارتىپ ۋەدەمنى ئويلۇدۇم، لېكىن مەن ۋەدە بەرگەن ئادەم زادى كەلمىدى، سەن كەپسەن سىنى قارشى ئالىمەن، قېنى سەن دەپ باقە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

تۇغلۇق تومۇرخان ۋەدىسى بۇيىچە 24 يېشىدا مۇسۇلمان بوپتۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كېلىنگەن چاغاتاي خانلىقىدىن ئەمەلدار ، ئەسكەر بۇلۇپ 160 مىڭ كىشى بىراقلا ئىمان ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن چاغاتاي خانلىقى مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلانغان ئىكەن. مەۋلانى ئەرشىدىن ئەرزان توۋلىغان دوڭ ھازىرمۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالىدا كونا كىگەن دەرياسىنىڭ (كىگەن ساي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەرقىدە ھازىرمۇ ئەزەن دوڭ دەپ ئاتىلىپ قەد كوتۇرۇپ تۇرۇپتۇ.

مەنبەلەر: 1.شىنجاڭ تەزكىرىسى 1990-يىللى 2- سانى.