تەس مەڭگۈ تېشى

ئورنى Wikipedia

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ


  • تەس مەڭگۈ تېشى

(بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)

تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون ئوتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە «ئۇيغۇرلۇرۇم»نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م. شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.

تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

  • 1. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن)
  • 2. ..... يىلى .....
  • 3. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە، يەنى تەختكە كۆتۈرۈلدى)
  • 4. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە) ئۇيغۇر خانىم (ئەل) تۇتقاندا ..... توخۇ يىلى
  • 5. ...... ئەل ئەتمىش خانىم ئۆلۈپ، (ئۇنىڭ) جېنى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى، مېنىڭ يابغۇم قاغان بولدى.
  • 6. ..... (تەختكە) ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن (بىرى) تاردۇشلارغا يابغۇ، (يەنە بىرى) تۆلىسلەرگە شاد بولدى. خانىم ئەلنى باشقۇردى (ياكى خانىم ئەل تۇتمىش)
  • 7. ..... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) ....... ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختكە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى)
  • 8. ...... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى،
  • 9. (ئۇلارنىڭ خەلقى ؟) بۇزۇق باشلىقلىرىنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ باربات بولدى، بولمىغۇر كۈلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى.
  • 10. ..... بەدى بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆزئارا كۆپ جاڭجاللاشتى.
  • 11. ...... ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى.
  • 12. ....... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى.
  • 13. ..... ئىدى. قاغان ..... ئىككى (؟) ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۆد كەنچ قاغان بولدى.
  • 14. ...... ئۈچۈن ئوتتۇز ...... ئەلنى سورىدى. ئاندىن ۋاپات بولدى.
  • 15. .... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى.
  • 16. ..... ئۆز بەلگىسىنىڭ (شۆھرىتى) ئۈچۈن قاغانىم ئالدى تەرەپتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى خەلقلەرگە (يۈرۈش قىلدى ؟)
  • 17. ....... مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى، (ئەلگە) باشلىق قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
  • 18. ...... كۈل بەگ بىلگە قاغان ....
  • 19. .... ئۇ قارسا قورۇغدا تۇرۇپ قالدى، سېپىل سوقتۇردى، تەخت ياساتتى. (شۇ يەردە) يازلىدى.
  • 20. ...... شەرقتە ئەلسەردە (؟) تۇرۇپ قالدى. بەلگىسىنى، پۈتۈكىنى چەكتۈردى، ئورناتقۇزدى.
  • 21. ..... توققۇز بۇيرۇق .... ئۇيغۇرۇم، قاي .......
  • 22. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلغان)

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېسىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېسىن تاش پۈتۈكى بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارىخى_مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي خانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈخاقاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.