جاڭ چۈنشيەن

ئورنى Wikipedia

جاڭ چۈنشيەن (خەنزۇچە: 张春贤)
1953– يىلى 5– ئايدا تۇغۇلغان ، خېنەن يۈيجۇلۇق.

1966-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئالىي ئىنژېنېر.

1970– يىلى 12– ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973 –يىلى 11–ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن.

شەرقىي شىمال ئېغىر تىپتىكى مېخانىزملار ئىنىستىتۇتى ماشىنا سانائىتى فاكۇلتېتىنىڭ پىرېسلاش تېخنولوگىيەسى ۋە ئەسلىھە كەسپى ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپىنى پۈتتۈرگەن،

خاربېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپرانت بولغان، باشقۇرۇش ئىلمى ماگىستىرى.

ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مىنىستىرلىقى 10–لايىھە ئاكادېمىيىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئوراپ قاچىلاش ۋە يېمەكلىك ماشىنىلىرى باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، باش دېرىكتورى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1997– يىلى 12– ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن؛

1998– يىلى 4– ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

2002– يىلى 9– ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇ يىلى 10 – ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان؛

2002 – يىلى 11 – ئايدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 16 – قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان.

2005– يىلى 12– ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى بولغان؛

2006– يىلى 1– ئايدا خۇنەن ئۆلكىلىك 10– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4– قېتىملىق يىغىنىدا ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان؛

2006– يىلى 11– ئاينىڭ 13– كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىلىك 9– نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن؛

2006 – يىلى 4 – ئايدا، خەلقئارا يول ئىتتىپاقى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرىكى مىنىستىرى جاڭ چۈنشيەنگە ‹‹2006 – يىلىدىكى يىللىق شەخس›› ئالاھىدە ئۇنۋانىنى بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ جۇڭگونىڭ تاشيول تورىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ئۇنى خەلقئاراغا تۇتاشتۇرۇش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەرىپلىگەن؛

2007 – يىلى 10 – ئايدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 17 – قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان؛

2008– يىلى 1– ئاينىڭ 24– كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– قېتىملىق يىغىنىدا ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2010- يىلى 4- ئايدا، ج ك پ تەرىپدىن ش ئۇ ئا ر پارتىكوم شۇجىسى قىلىپ تەينىلەنگەن.

2016- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى ج ك پ تەرىپدىن ش ئۇ ئا ر پارتىكوم شۇجىلىقىدىن ئېلىنىپ ئورنىغا چېن چۈەنگو تەينىلەنگەن.


مەنبە[تەھرىرلەش]

http://wiki.m.izda.com/?a=mobileShow&id=10155

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-04/24/content_68179.htm