Jump to content

جۇاڭزۇ تىلى

ئورنى Wikipedia
جۇاڭزۇ تىلى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەتدە قوللىندۇ.

جواڭزۇ تىلى( خەنزۇچە:壮语 ) جواڭزۇ مىللىتىگە تەۋە كىشىلەر ئىشلىتىدىغان تىل بولۇپ جوڭگۇدىلى چوڭ تىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر بۇ تىلغا يىقىن كىلىدىغان بۇيى تىلى(布依语)، دەييى تىلى(岱依语) ۋە نوڭ تىلىنى(侬语) قوشۇپ ھىسابلىغاندا، بۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى 20 مىلىيونغا يىقىنلىشىدۇ. جواڭزۇ تىلى جواڭزۇ-دوڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ دوڭ-تاي تىللىرى ئائىلىسى تاي تىللىرى تارمىقىغا (يەنى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار دەيدىغان خەنزۇ-تىبەت تىل سىستېمىسىنىڭ جواڭزۇ-دوڭزۇ تىللىرى ئائىلىسى جواڭزۇ-دەيزۇ تىللىرى تارمىقىغا) كىرىدۇ، تايلاند تىلى، لائوس تىلى،دەيزۇ تىلى قاتارلىق تىللار بىلەن ئىنتايىن يىقىن تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. جواڭزۇ تىلىنىڭ شىمالى دىئالىكتى بۇيى تىلى بىلەن بىرلىكتە جواڭزۇ-دەيزۇ تىللىرى تارمىقىنىڭ شىمالى گۇرۇپپىسىغا تەۋە، جەنۇبى دىئالىكتى بولسا ۋىتنامدىكى دەي-نوڭ تىللىرى بىلەن بىرلىكتە جواڭزۇ-دەيزۇ تىلىرى تارمىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم گۇرۇپپىسىغا تەۋە، يەنە تايلاند تىلى، لائۇس تىلى، دەيزۇ تىلى قاتارلىق تىللار جواڭزۇ-دەيزۇ تىللىرى تارمىقىنىڭ غەربى-جەنۇپ گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]