جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى

ئورنى Wikipedia

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى

2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 يىغىنىدا ماقۇللاندى.

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 -ماددا بۇ قانۇن ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم كاپالەتلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا يېرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، دېھقانلار قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يەر ھەمدە قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3 -ماددا دۆلەت يېزا يېرى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساي قاتارلىق يېزا يېرى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىلسە بولىدۇ.

4 -ماددا دۆلەت يېزا يېرى ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

يېزا يېرى ھۆددە بېرىلگەندىن كېيىن، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدۇ. ھۆددە يەرنى ئېلىپ - سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

5 -ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ھۆددە بەرگەن يېزا يېرىنى قانۇن بويىچە ھۆددە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرىنى يەر ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشىغا ۋە ئۇنى قانۇنسىز چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

6 -ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھۆددىگەرلىكتە ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنى بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7 -ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

8 -ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى قوغداش كېرەك. ھۆددە يېرىنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ يەر سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

9 -ماددا دۆلەت كوللېكتىپ يېرى ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇنىڭغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

10 -ماددا دۆلەت ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق، ئىختىيارلىق، ھەقلىق ئاساستا يۆتكىلىشىنى قوغدايدۇ.

11 -ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرىدۇ. يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرىدۇ.

2- باب ئائىلە ھۆددىگەرلىكى

1- پاراگراف ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

12 -ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەردىن قانۇن بويىچە كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆددە بېرىدۇ؛ كەنتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنى كەنتتىكى شۇ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ھۆددە بېرىدۇ. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆددە بەرگەنلىرىدە كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، دېھقانلار قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان يېزا يېرىنى شۇ يەرنى ئىشلىتىۋاتقان يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ھۆددە بېرىدۇ.

13 -ماددا ھۆددە بەرگۈچى تۆۋەندىكى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) شۇ كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، شۇ كوللېكتىپ قانۇن بويىچە ئىشلىتىدىغان يېزا يېرىنى ھۆددە بېرىش؛

(2) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە يەرنى ئاسرىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(3) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھۆددە يېرىگە ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توسۇش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

14 -ماددا ھۆددە بەرگۈچى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ھۆددىگەرلىك توختامىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتمەسلىك، بىكار قىلماسلىق؛

(2) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە نورمال ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىق؛

(3) ھۆددىگەرلىك توختامىدىكى پۈتۈشكىنى بويىچە ھۆددە ئالغۇچىنى ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

(4) ناھىيە، يېزا (بازار) نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئىجرا قىلىش، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

15 -ماددا ئائىلە ھۆددىگەرلىكىدكى ھۆددە ئالغۇچى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتتىكى دېھقان ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

16 -ماددا ھۆددە ئالغۇچى تۆۋەندىكى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش، ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش ۋە مەھسۇلاتىنى بىر تەرەپ قىلىش؛

(2) ھۆددە يېرى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىلگەن، ئىگىلەنگەندە، قانۇن بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىش؛

(3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

17 - ماددا ھۆددە ئالغۇچى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) يەرنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلەتمەسلىك؛

(2) يەرنى قانۇن بويىچە ئاسراش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىش، يەرنى كاردىن چىقىرىۋەتمەسلىك؛

(3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

2 -پاراگراف ھۆددىگەرلىك پرىنسىپى ۋە تەرتىپى

18- ماددا يەر ھۆددىگەرلىكىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش ھۆددە بېرىشتە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر يۈرگۈزۈش، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىشكىمۇ يول قويۇش؛

(2) دېموكراتىك كېڭىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش؛

(3) ھۆددىگەرلىك لايىھىسى بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛

(4) ھۆددىگەرلىك تەرتىپى قانۇنلۇق بولۇش.

19 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ:

(1) شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ھۆددىگەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنى سايلاش؛

(2) ھۆددىگەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆددىگەرلىك لايىھىسىنى تەييارلاش ھەمدە ئېلان قىلىش؛

(3) شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىنى قانۇن بويىچە چاقىرىپ، ھۆددىگەرلىك لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش؛

(4) ھۆددىگەرلىك لايىھىسىنى ئاشكارا يولغا قويۇش؛

(5) ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈش.

3- پاراگراف ھۆددە مۇددىتى ۋە ھۆددە توختامى

20 -ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلاق يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 50،30 يىل بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 70،30 يىل بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

21 -ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچى بىلەن يازما ھۆددە توختامى تۈزۈشى كېرەك.

ھۆددە توختامى ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ھۆددە بەرگۈچى ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ نامى، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ مەسئۇلى ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇرۇشلۇق ئورنى؛

(2) ھۆددە ئالغان يەرنىڭ نامى، ئورنى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى؛

(3) ھۆددە مۇددىتى ۋە باشلىنىش - ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

(4) ھۆددە يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛

(5) ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(6) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

22 -ماددا ھۆددە توختامى پۈتكەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

23 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆددە ئالغۇچىغا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشى ھەمدە رويخەتكە ئېلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشتە، بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھنامىگە تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

24 -ماددا ھۆددە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ بېجىرگۈچى ياكى مەسئۇلنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، توختامنى ئۆزگەرتىشىگە ياكى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ بۆلۈنۈشى ياكى قوشۇۋېتىلىشى بىلەن، توختامنى ئۆزگەرتىشىگە ياكى بىكار قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

25 -ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە ئارىلىشىشىغا ياكى ھۆددە توختامىنى ئۆزگەرتىشىگە، بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4 -پاراگراف يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش

26 -ماددا ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە بېرىلگەن يەرنى قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە ئالغۇچى ئائىلىسى بويىچە كىچىك شەھەر (بازار) غا كۆچۈپ كەتكەن بولسا، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ياكى قانۇن بويىچە يۆتكىشىگە يول قويۇشى كېرەك.

ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە ئالغۇچى ئائىلىسى بويىچە رايون بار شەھەرگە كۆچۈپ كېتىپ، نوپۇسنى شەھەرگە يۆتكىگەن بولسا، ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر ياكى ئوتلاقنى ھۆددە بەرگۈچىگە قايتۇرۇشى كېرەك. ھۆددە ئالغۇچى قايتۇرمىسا، ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە بەرگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاقنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە يەرنى ھۆددە ئالغۇچى قايتۇرغان ياكى ھۆددە بەرگۈچى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالغاندا، ھۆددە يەرگە سېلىنما سېلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرگەن ھۆددە ئالغۇچى مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

27 -ماددا ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددە يەرنى تەڭشىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھۆددە مۇددىتىدە، تەبىئىي ئاپەت ھۆددە يەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ھۆددە تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاقنى ئايرىم دېھقان ئائىلىلىرى ئارا مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. ھۆددە توختامىدا تەڭشەشكە بولمايدىغانلىقى پۈتۈشۈلگەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ.

28 -ماددا تۆۋەندىكى يەرلەرنى ھۆددە يەرنى تەڭشەشكە ئىشلىتىش ياكى يېڭى كۆپەيگەن ئاھالىگە ھۆددە بېرىش كېرەك:

(1) كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قانۇن بويىچە ئالدىن قالدۇرغان زاپاس يەر؛

(2) قانۇن بويىچە بوز يەر ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپەيگەن يەر؛

(3) ھۆددە ئالغۇچى قانۇنلۇق، ئىختىيارلىق ئاساسىدا قايتۇرغان يەر.

29 -ماددا ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى ھۆددە بەرگۈچىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرسا بولىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرۇشتا، ھۆددە بەرگۈچىگە يېرىم يىل ئىلگىرى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ھۆددە يەرنى ھۆددە مۇددىتىدە قايتۇرغانلىرىنىڭ شۇ مۇددەتتە يەر ھۆددە ئېلىشىنى قايتا تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

30 -ماددا ھۆددە مۇددىتىدە، نىكاھلانغان ئاياللاردىن يېڭى ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا ھۆددە يەر ئالالمىغانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ نىكاھتىن ئاجراشقان ياكى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللاردىن ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ياكى ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا تۇرمىغان بولسىمۇ، يېڭى ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا ھۆددە يەر ئالالمىغانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

31 -ماددا ھۆددە ئالغۇچى تېگىشلىك ھۆددە تاپاۋىتىگە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ.

ئورمان يېرىنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ۋارىسى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

5 -پاراگراف يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش

32 -ماددا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئارقىلىق ئېرىشكەن يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يۆتكەشكە بولىدۇ.

33 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشتە، تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) باراۋەر كېڭىشىش، ئىختىيارىي بولۇش، ھەقلىق بولۇش، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە زورلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويماسلىق؛

(2) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويماسلىق؛

(3) يۆتكەش مۇددىتىنى ھۆددە مۇددىتىنىڭ قالغان قىسمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە يول قويماسلىق؛

(4) قوبۇل قىلغۇچىنىڭ يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى بولۇش؛

(5) ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى ئاۋۋال بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش.

34 -ماددا ھۆددە ئالغۇچى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشنىڭ سۇبيېكتى. ھۆددە ئالغۇچى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش - يۆتكىمەسلىك ۋە يۆتكەش ئۇسۇلىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

35 -ماددا ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددىگەرلىك توختامىنى ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامىدا، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ. «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى» ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» نى ئايرىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋېلىپ خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىشكە، ھۆددە يېرىنى قەرز پۇلغا ھېسابلاپ قايتۇرۇۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

36 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشتە، ئۆتۈنمە ھۆددە ھەققى، ئىجارە پۇلى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك. يۆتكەش كىرىمى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ بولىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇنى خالىغانچە قىسىپ قېلىشىغا، تۇتۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

37- ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن يۆتكەشتە، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئۈنۈنۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۆتكەشتە، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يۆتكەشتە، ھۆددە بەرگۈچىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش توختامى ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇرۇشلۇق ئورنى؛

(2) ھوقۇقى يۆتكەلگەن يەرنىڭ نامى، ئورنى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى؛

(3) يۆتكەش مۇددىتى ۋە باشلىنىش، ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

(4) ھوقۇقى يۆتكەلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛

(5) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(6) يۆتكەش باھاسى ۋە پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى؛

(7) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

38 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يۆتكەشتە، ئالاقىدارلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ ياخشى نىيەتلىك 3 - كىشى بىلەن قارشىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

39 -ماددا ھۆددە ئالغۇچى مەلۇم مۇددەتتە بىر قىسىم ياكى بارلىق يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى 3 - تەرەپكە ئۆتۈنمە ھۆددە بەرسە ياكى ئىجارە بەرسە بولىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى بىلەن ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

ھۆددە ئالغۇچىلاردىن يەرنى باشقىلارنىڭ تېرىشىغا بىر يىلدىن ئاشۇرماي بېرىدىغانلىرى يازما توختام تۈزمىسىمۇ بولىدۇ.

40 -ماددا ھۆددە ئالغۇچىلار تېرىقچىلىققا قۇلايلىق بولۇش ياكى ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن، بىر كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا تەۋە يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

41 -ماددا ھۆددە ئالغۇچىلاردىن يېزا ئىگىلىكتىن باشقا مۇقىم كەسپى بارلىرى ياكى مۇقىم كىرىم مەنبەسى بارلىرى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا دېھقان ئائىلىسىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، شۇ دېھقان ئائىلىسى ھۆددە بەرگۈچى بىلەن يېڭى ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى ئورناتسا بولىدۇ، ئەسلىدىكى ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ شۇ يەرگە بولغان ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

42 -ماددا ھۆددە ئالغۇچىلار يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلىشىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق ئىشلەپ چىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

43 -ماددا ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ھۆددە يېرىگە سېلىنما سېلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغانلىرى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۆتكىگەندە، مۇناسىپ تولۇقلىمىغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.

3 -باب باشقا ئۇسۇلدىكى ھۆددىگەرلىك

44 -ماددا ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساي قاتارلىق يېزا يېرىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، بۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

45 -ماددا يېزا يېرىنى باشقا ئۇسۇلدا ھۆددە بېرىشتە، ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، ھۆددە مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىدۇ. خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى بىلەن ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە ھەققى خېرىدارلىق رىقابىتى، ئاشكارا باھا رىقابىتى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ؛ ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

46 -ماددا قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساي قاتارلىقلار خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىۋاسىتە ھۆددە بېرىلسە بولىدۇ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى پايغا سۇندۇرۇپ، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىغا بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، ھۆددىگەرلىك ياكى پاي ھەمكارلىقى يولغا قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساينى ھۆددە بېرىشتە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش كېرەك.

47 -ماددا يېزا يېرىنى باشقا ئۇسۇل بىلەن ھۆددە بېرىشتە ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى ئاۋۋال ھۆددە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

48 -ماددا ھۆددە بەرگۈچى يېزا يېرىنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىشتە، ئاۋۋال شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈش كېرەك.

49 -ماددا يېزا يېرىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالغانلار يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، پاي قىلىپ قوشۇش، رەنە قوشۇش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن يۆتكىسە بولىدۇ.

50 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەن ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئېرىشىدىغان ھۆددە تاپاۋىتىگە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ؛ ھۆددە مۇددىتىدە، ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۆددىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

4 -باب تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىق


51- ماددا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ماجىرا كۆرۈلگەندە، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالاقىدارلار كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، مۇرەسسەگە كېلەلمىسە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

52 ‿ماددا ئالاقىدارلاردىن يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. مۆھلەت ئۆتسىمۇ دەۋا قىلمىسا كېسىم قارارى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

53 ‿ماددا ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا زىيان سالغان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

54 ‿ماددا ھۆددە بەرگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بېرىنى سادىر قىلغانلىرى زىيان سېلىشنى توختىتىش، ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش، توسالغۇنى، خەتەرنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلىش؛

(2) ھۆددە يەرنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋېلىش، تەڭشەش؛

(3) ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(4) ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامىدا، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلاش؛

(5) ھۆددە يەرنى «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى» ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» غا ئايرىش باھانىسى بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش؛

(6) ھۆددە يەرنى قەرز پۇلغا ھېسابلاپ قايتۇرۇۋېلىش؛

(7) ئاياللارنى قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈش؛

(8) يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

55 -ماددا ھۆددە توختامىدا ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا، تەڭشەشكە بولمايدىغانلىقىغا ئائىت مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ پۈتۈم ئىناۋەتسىز.

56 -ماددا ئالاقىدارلاردىن بىرى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈم بويىچە ئادا قىلمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

57 -ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھۆددە ئالغۇچىنى مەجبۇرلاپ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكىگەن بولسا، ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

58 -ماددا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش تاپاۋىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىسىپ قالغان، تۇتۇۋالغان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس قايتۇرۇشى كېرەك.

59 - ماددايەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، يەرنى قانۇنسىز ئېلىپ ئىشلىتىپ، ئىگىلىۋېلىپ ياكى يەر ئېلىپ ئىشلىتىش تولۇقلىمىسىغا خىيانەت قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەش قاتارلىق جاۋابكارلىقلارنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

60 -ماددا ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ھۆددە يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىكتىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى كاردىن چىقارغان بولسا، ھۆددە بەرگۈچى توسۇشقا ھەمدە ھۆددە ئالغۇچىدىن شۇ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

61-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە ئارىلىشىش، ھۆددە توختامىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا چات كېرىۋېلىش ياكى ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلاش، توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، ھۆددە ئالغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەش قاتارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5 -باب قوشۇمچە پرىنسىپ

62 -ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ھۆددە بېرىلگەن، جۈملىدىن ھۆددە مۇددىتى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئۇزاق بولغانلىرى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قايتا ھۆددە بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. ھۆددە ئالغۇچىلاردىن يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەر بېرىلمىگەنلىرىگە گۇۋاھنامە بېرىش كېرەك.

63- ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى زاپاس يەر قالدۇرۇلغان بولسا، زاپاس يەر كۆلىمىنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 5% دىن ئاشۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 5% كە يەتمىگەنلىرىدە، زاپاس يەرنى قايتا كۆپەيتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى زاپاس يەر قالدۇرمىغان بولسا، بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتا زاپاس يەر قالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

64 -ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

65 -ماددا بۇ قانۇن 2003 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]