جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

ئورنى Wikipedia

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى[تەھرىر]

1982 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى 5 ـ نۆۋەتلىك مەملىكتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988 – يىل 4 ـ ئاينىڭ 12 – كۈنى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلمىسى» ۋە 2004 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇلللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن.


سۆز بېشى[تەھرىر]

جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.


فېئوداللىق جۇڭگو 1840 – يىلىدىن كېيىن، پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە – ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قەھرىمانە كۈرەش قىلدى.

20 – ئەسىردە، جۇڭگودا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

1911 ـ يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇامىنگونى بەرپا قىلدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ يولباشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان جاپالىق، ئەگرى - توقاي قوراللىق كۈرەشلەرنى ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1949 - يىلى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتىسيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجازۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مائارىپ، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى.


جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگەرەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە پەن ـ تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.


دۆلىتىمىزدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلدى، لېكىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىچكى - تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك. تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.


سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئۆتمۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلەردە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋەسىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى ۋەبۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. دۆلەت بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگەئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە ئېغىشماي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قودداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقققىيپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇندا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرى قانۇن شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلەندى. بۇ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، بۇ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇننى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشى ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم.

1 – باب ئومۇمىي پروگرامما[تەھرىر]

1 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى، دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. سوتسىيالىستىك تۈزۈم جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ تۈزمى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.


2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر. خەلق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، جامائەت ئىشلىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ.


3 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتايلىرى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن جايلاردىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە جايلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئايرىلىدۇ.


4 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەممە مىللەت بابباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگەكاپالەتلىك قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەرقانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىدۇ. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر. مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.


5 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرىدۇ. دۆلەت سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى لازىم. بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەر سۈرۈشتۈرۈلۈشى شەرت. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىپ، ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.


6 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى – ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدۇر. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلغان بولىدۇ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ.


7 – ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىك يەنى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك – خەلق ئىگىلىكىدە يېتەكچى كۈچ. دۆلەت دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


8 – ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئائىلىلەر بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات – سودا، ئامانەت – قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كوپىراتسىيە ئىگىلىكلىرى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكىچلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ، ئائىلە قوشۇمچە كەسپىنى باشقۇرۇش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە. شەھەر – بازارلاردىكى قول سانائەت، سانائەت، بىناكارلىق، ترانسپورت، سودا، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كوپىراتسىيە ئىگىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر. دۆلەت شەھەر ۋەيېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.


9 – ماددا كان بايلىقى، سۇ، ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت مۈلكى يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلكى بولىدۇ؛ قانۇندا كوللېكتىپ مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان ۋە تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
دۆلەت تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەىسنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلىدۇ.


10– ماددا شەھەرلەردىكى يەرلەر دۆلەت مۈلكى بولىدۇ. يېزىلاردىكى ۋە شەھە ئەتراپى رايونلىرىدىكى يەرلەرنىڭ قانۇندا دۆلەت مۈلكى دەپ بەلەىلەنگەندىن باشقىلىرى كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ؛ ئۆي ئورنى ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغلارمۇ كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ. دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلتنىڭ ياكى شەخسنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش – سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەرلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. يەر ئىشلەتكۈچى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى لازىم.


11- ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلەر سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ھەم مەدەت بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.


12 – ماددا سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر. دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەىسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلكىنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلىدۇ.


13 – ماددا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلكى دەخلىسىزدۇر. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قوغدايدۇ. دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەم تۆلەم بېرىدۇ.


14 – ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ۋە كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرلۈك شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت جۇغلانما بىلەن ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلايدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.


15 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي قانۇن چىقىرىش ئىشىنى كۈچەيتىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىدۇ.

16 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

17 – ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بويىچە باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى بەلگىلەيدۇ.


18 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەرنىڭ كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلىمىلەر بويىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا، جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكالىرقنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بىلەن قوغدىلىدۇ.


19 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ. دۆلەت ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئېچىپ، باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلەت ھەر خىل مائارىپ مۇئەسسەسلىرىنى كۆپەيتىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشچىلارنى، دېھقانلارنى، دۆلەت خادىملىرىنى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، تېخنىكا ۋە كەسپىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەيدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ كامالەت تېپىشقا ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

20 – ماددا دۆلەت تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىجادىيەت – كەشپىياتلارنى مۇكاپاتلايدۇ.


21 – ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى، ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مەھەللە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر خىل داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇشىغائىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايدۇ. دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.


22 – ماددا دۆلەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى، ئاخبارات، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى، نەشرىياتچىلىق، كىتاب تارقىتىش ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. دۆلەت مەشھۇر يادىكارلىقلارنى، قىممەتلىك ئاسار ئەتىقىلەرنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغدايدۇ.


23 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر خىل ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.


24 – ماددا دۆلەت غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر – يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەر خىل قائىدە، ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. دۆلەت ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، پەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك كوللېكتىپچىلىق تەربىيىسى ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزملىق، كوممۇنىستىك تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق تەربىيە ئېلىپ باردىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئوداللىق چىرىك ئىدىيىگە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.


25 – ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.


26 – ماددا دۆلەت تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تىزگىنلەيدۇ. دۆلەت كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.


27 – ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ. بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت.


28 – ماددا دۆلەت جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ بىخەرتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى باستۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جازالايدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.


29 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش. دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


30 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ بۆلۈنۈشى مۇنداق بولىدۇ


(1) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ


(2)ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ


(3)ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەر يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا بۆلۈنىدۇ. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون، ناھىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردۇر.


31 – ماددا دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈملەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇن ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.


32 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي سەۋەب بىلەن پاناھ تىلىگەن چەت ئەللىكلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىدۇ.


2 -باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى[تەھرىر]

33 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر. دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت.


34 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18 گە تولغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسىي، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

35 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

36 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.

37 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى دەخلىسىزدۇر. ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىسىز ياكى قارارىسىز ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغائېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قويۇش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.


38 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئىززىتى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارار چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.


39 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئۆي ـ جايى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.


40 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى تەپتىش ئورگانلىرى خەت – ئالاقىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەىسنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن پۇقرالارنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنلىكىگە ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.


41 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمى ئۈستىدىن تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پاكىت ئويدۇرۇش ياى پاكىتنى بۇرمىلاش يولى بىلەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار شىكايەت قىلغان، ئەرز قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. ھەرقانداق كىشىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ دەخلى ـ ەرۇزىغا ئۇچراپ زىيان تارتقانلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.


42 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن شارائىت يارىتىدۇ، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا ئەمگەك ھەققىنى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئەمگەك قىلىش – ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەممە پۇقرانىڭ شەرەپلىك بۇرچى. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر – يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە خىزمەت ئىلغارلىرىنى مۇكاپاتلايدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تېگىشلىك دەرىجىدە تەربىيىلەيدۇ.

43- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەكچىلىرى دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت ئەمگەكچىلەر دەم ئالىدىغان ۋە كۈتۈنىدىغان مۇئەسسەسىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ۋە دەم ئېلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ.


44 – ماددا دۆلەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، كارخانا تەشكىلاتلىرىنىڭ، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى پېنسىيىگە چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا دۆلەت ۋە جەمئىيەت كاپالەتلىك قىلىدۇ.


45 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قېرىغاندا، كېسەل بولغاندا ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا، دۆلەتتىن ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىدۇ. دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەما، گاس، گاچا ۋە باشقا مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۇرمۇشىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشىغا ۋە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


46 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت ياشلارنى، ئۆسمۈرلەرنى ۋە بالىلارنى تەربىيىلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ.

47 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دۆلەت مائارىپ، ئىلىم – پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پۇقرالارنىڭ خەلققە پايدىلىق ئىجابىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.


48 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋەئائىلىۋى ھايات ساھەلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئەرلەر بىلەن ھوقۇققا ئىگە. دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېېرىشنى يولغا قويىدۇ، ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.


49 – ماددا نىكاھ، ئائىلە، ئانىلار، ۋە بالىلار دۆلەت تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. ئەر بىلەن خوتننىڭ پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا – ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. نىكاھ ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، قېرىلارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ.


50 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.


51 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بلغاندا، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

52 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

53 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، جامائەت مۈلكىنى ئاسرىشى، ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى شەرت.

54 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى، شان – شۆھرىتىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىگە، شان ـ شۆھرىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

55 – مادداۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.


56 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار.


3 – باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى[تەھرىر]

1 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى


57 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭ دائىمىي ئورگىنىدۇر.

58 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.


59 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار ۋە ئارمىيە سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.


60 – ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم. ئەگەر سايلام ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم.

61 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يىلىدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ قويسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى قەرەلسىز چاقىرىشقا بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەت رىياسەت سايلايدۇ. Uj3EReZ !


62 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ


(1) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈىدۇ

(2) ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ


(3) جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ

(4) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلايدۇ


(5)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىىتىنىڭ رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ


(6) مەركىىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىنى سايلايدۇ؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ

(7) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ


(8) ئالىي خەلق تەپىتىش مەھكىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ


(9)خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، پىلاننىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ


(10) دۆلەتنىڭ خام چوتىنى ۋە خام چوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ


(11) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ


(12) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلايدۇ

(13) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(14) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(15) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

63 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى

(2)گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ :

(3) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار

(4) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى

(5) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى.

64 – ماددا ئاساسىي قانۇنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ تەكلىپى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

65 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ، كومىتېت ئەزالىرى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك.

66 – ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتى سايلانغىچە يۈرگۈزىدۇ. كومىتېت باشلىقىنىڭ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


67 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ

(1) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلايدۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ

(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋەئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ

(3)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك

(4) قانۇنلارنى ئىزاھلايدۇ

(5)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ، دۆلەت خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك قىسمەن تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھىلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ

(6) گوۋۇيۈەننىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ

(8)ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ

(9)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ، باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ

(10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ

(11) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ

(12) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرىنى، تەپتىشلىرىنى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ

(13) چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(14) چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلەرنى ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(15) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىك خادىملارغا خاس ئۇنۋان ۋە تۈزۈمىنى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەيدۇ

(16) دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇلارنى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(17) ئالاھىدە كەچۈرۈم توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(19) مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(20)پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(21) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

68 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلى قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن كومىتېت باشلىقلىرى كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.

69 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.


70 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى _مىللەتلەر كومىتېتىنى، قانۇن كومىتېتىنى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنى، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە تەسىس قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تۈزىدۇ.

71 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا، ئالاھىدە مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەممە ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ ھەيئەتنى زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.


72 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق.


73 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىگە، كومىتېتلىرىغا سوئال قويۇشقا ھوقۇقلۇق. سوئال قويۇلغان ئورگانلار سوئاللارغا مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشى لازىم.

74 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار سورىقىغا تارتىلمايدۇ.

75 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

76 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى لازىم. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى لازىم.

77 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.


78 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت تەرتىپى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. �

2 – پاراگراف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى[تەھرىر]

79 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان 45 ياشقا تولغان پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلىنالايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

80 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنى، دۆلەت كومىسسارلىرىنى، مىنىستىرلارنى، كومىتېت مۇدىرلىرىنى، باش مۇپەتتىشنى، باش كاتىپىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بېرىدۇ، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىدۇ، جىددىي ھالەتتە تۇرۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.

81 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىدۇ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاسسەن، چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە چاقىرتىۋالىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ.

82 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ياردەملىشىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رەئىسنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.


83 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس خىزمەت تاپشۇرۇۋالغىچە يۈرگۈزىدۇ.

84 – مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مۇئاۋىن رەئىس رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مەملىكەتلى خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ؛ تولۇقلاپ سايلىغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدۇ.

3 – پاراگراف گوۋۇيۈەن[تەھرىر]

85 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈەنى يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنىدۇر، دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرى ئورگىنىدۇر.


86 – ماددا گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ :زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ. گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردا مىنىستىر، مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ . گوۋۈيۈەننىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

87 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. زۇڭلىنىڭ، مۇئاۋىن زۇڭلىلارنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

88 – ماددا زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. زۇڭلى گوۋۇيۈەن -دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ.


89 – ماددا «گوۋۇيۈەن» -دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ

(1) ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ

(2)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىدۇ

(3) مىنسىتىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە مىنىسىترلىق ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ

(4) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركەزدىكى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم راين، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ

(5) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خام چوتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ

(6) ئىتقىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ

(7) مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ

(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە تەپتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەم بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ �

(9) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ

(10)دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ

(11)مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلى قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونومى, يىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ E


(12) جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ

(13) مىنىستىرلىقلار، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليۇرۇق ۋە نىزاملارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ )

(14) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ

(15) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ

(16) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ

(17) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شىتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛

(18)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.


90 – ماددا گوۋۇيۈەن قارمىقىدىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنسىتىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مىنىستىرلىق كېڭىشىنى ياكى كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىنى، كومىتېت كېڭىشىنى، چاقىرىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار قانۇنلارغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە بۇيرۇق، يوليۇرۇق ۋە نىزاملارنى چىقىرىدۇ.


91 – ماددا گوۋۇيۈەندە مۇپەتتىشلىك ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەندە مۇپەتتىشلىك ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ئورگان گوۋۇيۈەن قارمىقىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدىن، دۆلەتنىڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا – كەسپىي تەشىلاتلىرىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدىن مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك قىلىدۇ. مۇپەتتىشلىك ئورگىنى مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


92 – ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.


4 – پاراگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت


93 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. رەئىس، . مۇئاۋىن رەئىسلەر، . كومىتېت ئەزالىرى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.


94 – ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كوىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.


5 ـ پاراگراف يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى


95 – ماددا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردە ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 3 – باب 5 -، 6 – پاراگرافلىرىدا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپلار بويىچە قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

96 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ.


97 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

98 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.


99 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىدا ئاساسىي قانۇننىڭ، قانۇنلارنىڭ ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پىلانىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرىدۇ ۋە قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق مىللى يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

100 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا تاقاشتۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.


101 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئۆلكە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرىنى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئكلكە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرىنى، شەھەر باشلىقى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرىنى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملارنى، رايون باشلىقى ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىنى، يېزا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرىنى، بازار باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازار باشلىقلىرىنى ئايرىم – ئايرىم سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاشتا ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش لاىم.


102 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ ناارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلى، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغان ئورۇنلار ۋە سالىغۇچىلار ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. �


103 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا، ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك.

104 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ھەر ساھەدىكى خىزمەتلىرىگە دائىر چڭ – چوڭ ئىشلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلىدە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلايدۇ.

105 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىدۇر، دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

106 – مادد يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

107 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، تەپتىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ، مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قارارلىرىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا، مىللىي، يېزا بازارلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى بەلگىلەيدۇ.


108 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

109 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىدا ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

110 – ماددا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ.

111 – ماددا شەھەر يېزىلاردا ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار بويىچە قۇرۇلغان ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتتۇر. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئاھالىلەر سايلايدۇ. ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلق كېلىشتۈرۈش ھەيئىتى، ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەر تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ھەيئەتلەر ئۆز رايونىدىكى جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى ياراشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.


6 – پاراگراف مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى :


112 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر.


113 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

114 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ.


115 – ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسى قانۇننىڭ 3 – باب 5 – پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانۇندا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.


116 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

117 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.

118 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەچىلىكىدە، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشتا، كارخانا قۇرۇشتا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

119 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، مىللىي مەدەنىي مىراسلارنى ئاسراش ۋە رەتلەشتە، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ.

120 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ.


121 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل تىل – يېزىقنى ئىشلىتىدۇ.


122- ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، تۈرلۈك ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. !


7– پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى

123 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ سوت ئورگانلىرىدۇر. �

124 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. خەلق ست مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

125 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارنى تەكشۈرۈپ برى تەرەپ قىلىش ئىشىنى پۈتۈنلەي ئوچۇق ئېلىپ بارىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالھىدە ئەھۋالدىكى دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا، جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

126 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

127 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنىدۇر. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

128 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

129 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىش مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىك ئورگانلىرىدۇر.

130 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.


131 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


132 – ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىشلىك ئورگىنىدۇر. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.


133 – ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئالدىدا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

134 – ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل – يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا سوراق ئىشلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.


135 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشى، بىر – بىرىگە ماسلىشىشى، بىر – بىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. – باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بەلگىسى ۋە پايتەخت

136 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى – بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى – «پىدائىيلار مارشى».


137 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ، چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن

138 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى – بېيجىڭ