خوجا ئەھمەد يەسەۋى
From Wikipedia
خوجا ئەھمەد يەسەۋى(1106-1166) بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا تەۋە تۈركىستاننىڭ سايرام دىگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ يەسى (ئۇنىڭ تەخەللۇسى دەل مۇشۇ يەر نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن) دە ۋاپات بولغان مەشھۇر شائىر ۋە سوفىزىمچى.ئۇنىڭ قەۋرىسى قويۇق ئىسلام بىناكارلىق ئەىنئەنىسنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان بولۇپ ھازىر قازاقىستاننىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر....
1-ھاياتى
ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغان بولۇپ ئۇ، «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ، تۈرك ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسۇپلاردىن بىرى بولۇپ ئانادولۇ ۋە تۈركلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈرك تىلىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە كېڭىيشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر.
ئەھمەد يەسەۋىي، قۇلىمىزدىكى ماتېرياللاغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرىدا يەنى ئونبىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئاھالىسى تۈرك ۋە غەيرى ئەرەپلەردىن تەركىپ تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام ، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنىت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى تارىم ئوستىڭىگە قۇيۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىمى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا.يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەس.
ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دادىسى ئېسىل پەزىلەتلىك ئەۋلىيا كىشى بولۇپ نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تۇتشىدۇ.سايرامدا مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئەۋلاتلىرى «خۇجا» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئەھمەد يەسەۋىيمۇ «خۇجا ئەھمەد يەۋەسىي ۋە قۇل خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
ئەھمەد يەسەۋينىڭ ئانىسى شەيىخ ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇن باسارلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا شەيىخنىڭ قىزى ئائىشە خاتۇندۇر . كىچىك ياشتا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھەد يەسەۋىي، يەتتە ياشتىن باشلاپ ھەدىسى جەۋھەر شاھنازنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا جەۋھەر شاھناز نامەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئېنىسىنى ئېلىپ سايرامدىن ئايرىلغان ۋە يەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان.
ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى باشلانغۇچ تەھسىلىنى دادىسىدىن ئالغان. تەزكىرىلەرگە ئاساسلانغاندا كېچىك ياشتا خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەت ۋە ئىرشادلىرىغا نائىل بولغان. يەسىدە ئارسلان باباغا شاگرىت بولۇپ تەھسىلىنى داۋاملاشتۇرغان. ئارسلان بابا يەسىدە مەشھۇر بىر زات بولۇپ خۇراسان مەلامەت تەرىقىتىنىڭ (مەلەمەتچىلىك- ئانسكلوپەدىدىن ئېلىندۇ) ۋەكىلى ئىدى. ھەتتا پىشقەدەم ساھابە بولغان ئارىسلان بابانىڭ يەسىگە كىلىپ ئەھمەد يەسەۋىينى تېپىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خورمىنى ئەھمەد يەسەۋىيگە بىرىشى ۋە تەربىيلەپ يېتشتۈرۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋىي بىر ئىشارىتىگە تايانماقتا ئىدى.
بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگە قارىغاندا بىر ئۇرۇشتا يەيدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىن كېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەر خۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ ئارلىقتا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن جەبرائىل: يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن چىقىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچى بولغاندا ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالىدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر بۇ خورمىنى مۇبارەك قۇلى بىلەن ئارسلان بابانىڭ تامغىقىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنى قەيەردە، قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ۋە ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرۇدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە ئىزدەپ يۈرۈپ بىر توپ بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستىن ئەھمەد ئامانىتىنى بىرۋېتىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەشيۈزيىل تامغىقىدا ساقلاپ يۈرگەن خورمىنى ئاغىزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئارسلان بابا ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاخىرى ئەھمەد مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ.شۆھرىتى تەرەپ-تەرەپكە تارقايدۇ. cئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھمەد يەسەۋىي زامانىدىكى مەشھۇر ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.بۇخارا بۇ دەۋىردە قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيتى ئاستىدا ئىدى. مەزھىپى ھەنەپى بولغان ئەلى بورھان ئىسىملىك باي بىر ئائىلە بۇخارادا سىياسى نۇپۇزغا ئىگە ئىدى.تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا كىلەتتى. ئەھمەد يەسەۋىي بۇ يەردە 504\1110 -ياكى 518\1124 -يىللىرى ئۆز دەۋرىدىكى داڭدار ئالىم ۋە مۇتەسەۋۋىپلەردىن شەيىخ يۈسۈف ئەل ھەمەدانىي(535\1140) ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ بەرقىي(بەراقىي) ۋە شەيىخ ھەسەن ئەنداقىيلارنىڭ ئۈچىنچى ئۇرۇنباسارى سۈپىتى بىلەن ئىرشاد ماقامىغا ئولتۇرۇدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شەيخىنىڭ بىر ئىشارىتى سەۋەبىدىن ماقامىنى شەيىخ ئابدۇلخالىق ئەل گۈجدۋانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ يەسىگە قايتىدۇ.بۇ مەزگىلدە ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋىي ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىرشاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈچلۈك بىر تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.
كۆپ قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن 562-563\1166-1167-يىلى ۋاپات بولغان ئەھمەد يەسەۋىي 63 ياشتىن كېيىنكى ئۆمىرنى تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسى بويىچە ھويلىسىدىكى كىچىك بىر ھوجرىسىغا قېزىلغان يەردە ئىتىكاپ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغانلىقى دەپ چۈشەنچە بىرىلىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.بۇ سەۋەپتىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۈچۈن بۇ ياشتىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش سۈننەتكە خىلاپ دەپ قارالغان.
ئەھمەد يەسەۋىينىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ 63 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا ئۇنى 73، 85، 120 ۋە ياكى 125 ياشتا ۋاپات بولغان دەپ قارايدۇ.
تېمۇرنىڭ بۇيرۇقى 789\1396 بىلەن ياسىلىشقا باشلىغان ئەھمەد يەسەۋىي مەقبەرىسى ئەينى زاماندا بىر مەسجىد ۋە دەرگاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىنالار بىلەن قۇشۇلۇپ بىر قانچە يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدن زىيارەت قىلىنىپ تۇرغان بۇ مەقبەرە 1990-يىلى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر كېلىشىم بويىچە 1992-يىلى ئەسلى تارىخى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا رېمونىت قىلنىشقا باشلىغان. 2000-يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ رەسمى ئېچىۋىتىلگەن.
قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ ئۇ ھايات ۋاختىدا ئوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بۇ ئوغلىدىن باشقا جەۋھەر شاھناز ۋە جەۋھەر خۇشناز ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ ئۇنىڭ نەسەبى قىزى جەۋھەر شاھناز ئارقىلىق داۋاملاشقان. تۈركىستان، ماۋەرائۇننەھر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرى ۋە ئانادولۇدا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىيگە تۇتىشىدىغانلىقىنى داۋا قىلىغان نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان.بۇلاردىن بىر قانچىسى؛ سەمەرقەنتلىك شەيخ زەكەرىيا، ئۈسكۈپلۈك شائىر ئاتا ۋە ئەۋلىيا چەلەبىيلەردۇر.
2-ئەسەرلىرى
ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ۋە «پېقىرنامە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.
دىۋانى ھېكمەت، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەشتىن ئونبەش كۇپلىتقىچە ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغان رۇبائىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ «ھېكمەت»دەپ ئاتالغان دىنى، تەسەۋۋۇپ ۋە دېداكتىك ماھىيتىدىكى نەزمىلەردىن توپلانغان بىر ئەسەردۇر.دىۋانى ھېكمەتنىڭ يازما ۋە باسما نۇسخىلىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ سانىدا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. زامانىمىزغىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان يەسەۋىيگە ئائىت ھېكمەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈز ئەللىك بولۇپ بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدىكى «تۆتمىڭ تۆتيۈز ھېكمەت بايان قىلىدىم» دېگەن ئىپادە پەقەت بىر رىۋايەتتىن ئىبارەتتۇر.
ھېكمەتلەرنى يەسەۋىينىڭ يېنىدىكى دەرۋىشلەر يېزىپ قالدۇرغان ۋە يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەڭ يىراق تۈرك يۇرتلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە دىۋانى ھېكمەتنىڭ نۇسخىلىردا مەزمۇنى ۋە تىلىدا مۇھىم پەرىقلەرنىڭ بولۇشى، ئەسەردىكى بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيگىلا ئائىت ئەمەس بەلكى بىر قىسمىنىڭ، مۇرىتلىرى ۋە باشقا سۇپى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.ھەتتا فۇئاد كۆپرۈلۈ، قولىمىزدىكى دىۋان ھېكمەت ئىسىملىك ئوخشاش ئەسەرنىڭ باشقا بىر يەسەۋىي دەرۋىشى ياكى شەيىخىگە ئائىت بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.قىسقىسى پۈتۈن ھېكمەتلەرنىڭ مەنبەسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىتىقادى، قاراشلىرى ۋە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىغا تايانغان. بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەر تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا بىر ئىدىيە بىرلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئسلام دىنى، تۈركىستان تەسەۋۋۇپى ۋە يەسەۋىيلىككە ئائىت ئاساسلاردىن تەشكىل تاپقان. بىر قىسىم ھېكمەتلەردە رېئال ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى ئاقسىتىپ قويغان تەرەپلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.مۇناجات، نەئەت (پەيغەمبەر مەدھىيەسى) ۋە تۆت خەلىپىنى مەدھىيەلىگەن ھېكمەتلەردىن باشقا مەزمۇنلارغىمۇ يەر بەرگەن.بۇلار؛ ئىلاھى ئاشىق، ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقى، مۇتلەق ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، شەرىئەت، زۇھد ۋە تەقۋا، ئىسلام ئەخلاقى، قىيامەت، جەننەت ۋە دۇزاخ تەسۋىرلىرى، دۇنيا ۋە ساختا ئاشىقلار ئۈستىدىن شىكايەت، مۇتەسەۋۋۇپلارغا ئائىت قىسسىلەر، زىكىر ۋە خىلۋەتكە ئوخشاش يەسەۋىيلىك ئەدەپ-ئەركانلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردۇر.
دىۋانىي ھېكمەت ۋە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تىلى، قۇتادغۇبىلىك ۋە مەھمۇد كاشغىرىي تەرىپىدىن تۈركچىنىڭ ئەڭ يۈكسەك شەكلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «خاقانىيە تىلى»، يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بولۇشى كېرەك.بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن دىۋانى ھېكمەتنىڭ ئونئىككىنچى ياكى ئونئۈچىنچى ئەسىردە يېزىلغان نۇسخىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار.
دىۋانىي ھېكمەت دەسلەپ يازما نۇسخىلار ھالىتىدە يەنى قولدا كۈچۈرۈش ئارقىلىق، كېينكى دەۋىرلەردە بولسا بېسىلىپ كۆپەيتىلگەن.دىۋانىي ھېكمەت قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئۆتكەن ئىككى ئەسىر ئىچىدە تاشكەنتتە ئون يەتتە قېتىم، ئىستانبۇلدا توققۇز قېتىم، قازاندا بەش قېتىم، بۇخارا ۋە قاغاندا بىر قېتىمدىن بېسىلغان.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۆزبىكىستاندا كىرىل ھەرىپىدە ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان.تۈركىيەدە كامال ئەرئاسلان، ھاياتى بىجە، يۈسۈف ئازمۇن ۋە ئەرخان سەزائىي توپلۇ تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
ئەھمەد يەسەۋىيگە نىسبەت بىرىلگەن پېقىرنامە، دىۋانىي ھېكمەتنىڭ تاشكەنت ۋە قازان باسمىلىرىنىڭ باش قىسمىدىكى بىر رىسالىدىن ئىبارەتتۇر.ئۆز ئالدىغا بىر ئەسەر ئەمەس بەلكى دىۋانى ھېكمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى بۇ رىسالە تەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئاتالغۇلىرىدىن بىرسى بولغان «پېقىر»نىڭ ماھىيتى ۋە ئەھمىيتى، دەۋرىشلىكنىڭ ماھىيتى ۋە مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلىنغان بىر ئەسەردۇر.بۇ ئەسەردە شەرىئەتتە ئون، تەرىقەتتە ئون، مەرىپەتتە ئون ۋە ھەقىقەتتە ئون جەمى قىرىق دەرىجە بايان قىلىنغان.پېقىرلىقتا ئون دەرىجە، ئون نۇر ۋە ئون دەرىجە بىلەن بىللە ئالتە ئەدەپ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
پېقىرنامىنىڭ دىۋاني ھېكمەتنىڭ باشقا يازما نۇسخىلىرىدا بولماسلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى دەۋىرلەردە يەسەۋىينىڭ ئىدىيسىنى ئاسان قىلغان بىر يەسەۋىي دەرۋىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ دىۋانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.پېقىرنامە كامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ كېيىن تېپىلغان ئەسىرى دەپ قارالغان «رىسالە» ناملىق ئەسەركامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان پېقىرنامىنىڭ ئۆزىدۇر.
3-ئىدىيسى ۋە تەسىرلىرى
ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم تەھسىل قىلغان دەۋىرلىرىدە بولسۇن ياكى يېتىشىپ چىقىپ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان دەۋرلەردە بولسۇن داۋاملىق ئىبادەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ تۇرمۇشىنى قۇشۇق ئۇيۇپ سېتىش بىلەن قامدىغان.ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بۇ تەسەۋۋۇپ ئەھلى، مەنىۋىي ئىلىملەردە شۆھرەت قازىنىش بىلەن بىللە ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئۆز دەۋىردىكى نىزامىيە مەدرىسىسىدە دەرىس بەرگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە شەيىخ ئەل ھەمەدانىيدىن مەنىۋىي ۋە زاھىرىي ئىلىملارنى ئۆگەنگەن.
ئەھمەد يەسەۋىينىڭ يەسىدە ئىرشاد ئىشلىرىنى باشلىغان دەۋىر، بىر تەرەپتىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانى سەنجەر ۋاپات بولۇپ خارازملەر سىياسى جەھەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا باشلىغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستاننىڭ يەتتەسۇ رايۇنلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان بىر دەۋىر ئىدى. ئۇستازىغا ئوخشاش ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئەھمەد يەسەۋىي ئەرەپچە ۋە پارىسچە بىلەتتى. بۇ سەۋەپتىن تاشكەنت، سىر دەرياسى ۋە سەيھۇن دەرياسىنىڭ قارىشى قىرغالىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشاۋاتقان كۆچمەن تۈركلەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ تۇپراقلاردىكى ساددا خەلق ئاممىسىغا ئىلىم-مەرىپەت ئېلىپ بارغان. ئىلىم-مەرىپەت پائالىيەتلىرىدە چۈشۈنۈشلۈك زاغرا تىل قوللانغان.
ئەھمەد يەسەۋىي،ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ۋە شەرىئەت-سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسان مەلامىلىكى قاتارلىق ئۈچ ئاساسقا تايانغان يەسەۋىيلىكنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ھېكمەت نامى ئاستىدا ھەجە ۋەزنىنى قوللۇنۇپ نەزىمى شەكىلدە ئاددىي تۈركچە بىلەن بايان قىلىپ چىققان. ھېكمەتلەر يەسەۋىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان باشقا تۈركىي خەلقلەرغىمۇ تارقالغان.يەسەۋىينىڭ يېقىن ئەتىراپىدا توقسان توققۇز مىڭ باشقا يىراق جايلاردا بولسا ئون ئىككى مىڭ مۇرىتى ۋە نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار ئىدى.
ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈرك يۇرتلىرىدا كەم ئۇچىرايدىغان مۇستەھكەم تەسىر قالدۇرىشىدا، ھېكمەتلىرى بىلەن بىللە يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا خىتاپ قىلغان مۇرىتلىرى بۈيۈك رول ئوينىغان.ھەتتا بۇ شەكىلدە پۈتۈن رايۇنلارغا ئورتاق بولغان بىر ئىتىقاد ۋە روھنى روياپقا چىقارغان. ئانادولۇدا نەچچە ئەسىردىن بىرى ياشاپ كەلگەن ۋە مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق، ئۇغۇز تۈركلىرى يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان بولغان.
ئەھمەد يەسەۋىي بىر مۇرشىد ۋە تەربىيچى سۈپىتى بىلەن يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە تەسەۋۋۇپ ئىتىقادلىرىنى ۋە تەرىقەتنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى تەلىم بەرگەن.