دۇتار

ئورنى Wikipedia

دۇتار ئۆگىنىش قوللانمىسى ھەققىدە خۇشخەۋەر

تالانتلىق سازەندە، دۇتار ماھىرى تۇرسۇنجان توختىمەمەت تۈزگەن ‹‹دۇتار ئۆگىنىش قوللانمىسى›› ناملىق كىتاپ بازارغا سېلىندى. بۇ كىتابتا دۇتار ئۆگىنىش نەزەرىيەلىرى ۋە دۇتارغا ئائىت مەلۇماتلار سۆزلىنىپ، سىزنىڭ دۇتار ئۆگىنىشىىڭزگە ياردەم بىرىدۇ. مەزكۇر كىتاب ھازىرغىچە دۇتار ئۆگىنىش توغرىسىدا ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ماتىريال بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان يېقىملىق سازى دۇتار ھەققىدە مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولۇشنى، شۇنداقلا دۇتار ئۆگۈنۈشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ. ئۆزلىكىمىزگە تەۋە بولغان بارلىق شەيئىلەر ئىچىدە دۇتار ھەم بىزنىڭ پەخرىمىز ھېساپلىنىدۇ.