رەشىدە داتى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

'">


رەشىدە داتى(Rachida Dati فرانسۇزچە "غاشىدا داتى" دەپ ئوقۇلىدۇ)
1-ۋەزىپىسى ياۋروپا پارلامنىت ئەزاسى
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتى 2009-يىلى 14-ئىيۇل
سىياسى پارتىيەسى خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى UMP
2-تەرجىمىھالى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 27-نويابىر
تۇغۇلغان يېرى' سەن-رېمى، فرانسىيە
ۋەتەنداشلىقى فرانسۇز
پۈتتۈرگەن مەكتىبى پارىژ ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتىتى
كەسپى باش سوتچى
دىنى ئىسلام
رەشىدە داتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

نىكولا ساركوزىنىڭ ھوقۇققا چىقىپلا تەشكىللىگەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىققان ۋە ساركوزى سىياسىتىنىڭ ئوبرازىنى ئىپادىلىگەن رەشىدە داتىنىڭ تېگى-تەكتى شىمالى ئافرىقىلىق. رەشىدەنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئەدلىيە مىنىستىرلىگىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئېلىشى، نۇرغۇن سولچىلارنىڭ ساركوزىنى ئوبرازۋازلىق، ئېلانۋازلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىشىگە سەۋەپ بولدى. رەشىدەنى ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ تېگى-تەكتى ۋە ئايال بولۇشى بىلەن، يېڭى ھۆكۈمەتكە رەڭ بېزەشتىكى بىر دېكوراتسىيە دەپمۇ گەپلەر تارقالدى.

شەخسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

رەشىدەنىڭ دادىسى ماروكلۇق ياكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا، ماراكەشلىك، ئاپىسى ئالجىرىيىلىك. ئىككىلىسى 60-يىللاردا فرانسىيەگە ئىشچى بولۇپ كۆچكەن. رەشىدەنىڭ ئۆيىدە 12 بالا بولۇپ، رەشىدە بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. شۇڭا ئوقۇش ھاياتىدا ۋە ياشلىقىدا، ئائىلىسىنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈش ۋە ئىنى-سىڭىللىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن جاپا چەككەن. بالىلىقىدا، كاتولىك مەكتىۋىدە ئوقۇغان.

1992-يىلى ئائىلە بېسىمى ئاستىدا، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن بىرى بىلەن توي قىلغان رەشىدە، شۇ يىلىلا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، فرانسىيەدە ئاجرىشىش تەس بولغانلىقىدىن، پەقەت 1995-يىلىلا ئايرىلالىغان. 2009-يىلى، يانىۋاردا، فيون ھۆكۈمىتىدە، ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رەشىدە، ئوپىراتسىيە ئارقىلىق، قىزى زۆھرەنى بوشاندى. قىزىنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە، فرانسىيە ئاخباراتلىرىدا نۇرغۇن پەرەزلەر ۋە پىتنىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. تا ھازىرغىچە، رەشىدە قىزىنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئوچۇق ئېيتمىدى. قىزىنى يەڭگىپ، بەش كۈن بولغاندا ئىشقا كېلىشى ئاخباراتلارغا يەنە بىر يېڭى قىزىق پاراڭ بولۇپ بەردى.

ئوقۇش ۋە سىياسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئائىلىسىدە كۆپ جان بولغانلىقى ۋە ئۆينىڭ چوڭى بولغىنى ئۈچۈن، رەشىدە، ئوقۇشتىن سرت يەنە پركازچىكلىق، تېلېفونىست ۋە تازىلىق دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى قىلغان. دوختۇرلۇق ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئىككى قېتىم كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن رەشىدە، 1985-يىلى، دىژوڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىككى يىللىق تولۇقسىز كۇرسىغا كىرگەن ۋە ئۈچ يىلدا تاماملىغان. ئارقىدىن پارىژ ئاساس ئۇنىۋېرسىتى تولۇق كۇرسنىڭ ئاخىرقى يىلىغا تىزىملىتىپ، 1990-يىلى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. (فرانسىيەدە تولۇق كۇرس ئۈچ يىل). 26 ياشتا، ئىقتىساد ئىلمىنىڭ تولۇقسىز ماگىستىرلىقىنى ئالغان. 1996-يىلى، قانۇن كەسپىنىڭ تولۇقسىز ماگىستىرلىقىنى "لاياقەتلىك" دەرىجىسى بىلەن پۈتتۈرگەن.

1990-يىلى، فرانسىيەنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرىنىڭ بىرى ۋە نۇرغۇن ئاخباراتلارنىڭ خوجايىنى بولغان ژاڭ-لۈك لاگاردەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ماترا ئالاقە شىركىتىدە ئىشلىگەن. 1993-يىلى ژاك ئاتالىگە ئەگىشىپ، لوندوندىكى ياۋروپا بانكىسى قۇرۇلۇشىغا خىزمەتكە كىرگەن. 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغا قەدەر، مائارىپ مىنىسىتىرلىكىنىڭ ئەدلىيە باشقارمىسىدا، تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. سىمون ۋەينىڭ مەسلىھەتى بىلەن 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغا قەدەر دۆلەتلىك سوتچىلار مەكتىۋىگە كىرىپ، 154 كىشىنىڭ 116-بولۇپ پۈتتۈرگەن. ئوقۇشتىن كىيىن، پېرون ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە سوتچى بولۇپ بېكىتىلگەن. لېكىن ھەر ھەپتىدە داۋاملىق پارىژغا كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، پېرون ئەدلىيە نازىرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان. بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن، نازىر سىمون ۋەينىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالغان. شۇندىن كىيىن، رەشىدە پارىژغا يۆتكەلگەن.

2002-يىلى دېكابىردىن ئېتىبارەن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىكولا ساركوزىنىڭ كابىنتىدا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ كابىنتنىڭ مەخسۇس تېخنىك مەسلىھەتچىسى بولغان. 2007-يىلى، 14-يانىۋار، پرزدىنت سايلىمىغا نامزات بولغان نىكولا ساركوزىنىڭ باياناتچىسى بولۇپ بېكىتىلگەن. ساركوزىنىڭ سايلام غەلىبىسىدىن كىيىن تەشكىللەنگەن فيون ھۆكۈمىتىدە، ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ساركوزى ئائىلىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن بولغان رەشىدەنى ساركوزىنىڭ ئىككىنچى ئايالى سېسىلىيا ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرەتتى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان رەشىدە داتى، مىنىستىرلىككە كىرىپلا، نۇرغۇن سوتچى ۋە ئەدلىيە نازىرلىرى بىلەن توقۇنۇشقا كىرىپ قالدى. ئارقا-ئارقىدىن، نازىرلار ۋە سوتچىلار ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشتى. بىر نەچچە يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تاقىلىشىغا قارشى سوتچىلار نامايىشى بولدى. ئالغان دىپلوملىرى ئاخباراتلار تەرىپىدىن قايتا سورىلىپ، راستلىقىغا گۇمان چۈشتى. 1997-يىلى، دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ئۇنىڭ باج يوشۇرۇپ، ئىنى-سىڭىللىرىغا ئىقتىسادى ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن ئەيىپلىدى ۋە 30 ئاي ئۇدا، ئوغۇرلىغان باجنى قايتۇرۇشنى بۇيرىدى.

2007-يىلى 7-ئايدا، خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تىزىملىك بېشى بولۇپ،2008-يىلىدىكى رايونلار سايلىمىدا، پارىژ 7-مەھەللىۋى رايونىغا نامزات بولۇپ كۆرسىتىلدى ۋە ئاخىرى پارىژ مەجلىسىگە سايلاندى. 2008-يىلى 29-مارتتا، پارىژ مەھەللىۋى رايونلار مەجلىسى، رەشىدەنى پارىژ 7-مەھەللىۋى رايونىغا رايون باشلىقى قىلىپ سايلىدى. 2009-يىلى، 21-يانىۋاردا، نىكولا ساركوزىنىڭ تەلىپى بىلەن، مىنىستىرلىكتىن ئىستىپا بېرىپ، ياۋروپا پارلامىنت سايلىمىغا قاتناشتى ۋە سايلامدا غەلىبە قازاندى. شۇندىن بېرى، رەشىدە داتى ياۋروپا پارلامىنىت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.