سەيپىدىن ئەزىزى

ئورنى Wikipedia
سەيپىدىن ئەزىزى
Saypidin azizi.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى 1915 - يىلى 3-ئاي
تۇغۇلغان ئورنى ئاتۇش
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2003 - يىلى


سەيپىدىن ئەزىزى




( 1915~ 2003)

« سۇتۇق بۇغراخان » ، « ئۆمەر داستانى » قاتارلىق رومان ، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر ، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى .

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەرجىمھالى

سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇ ئوسمۈرلۇك چاغلىرىدا،ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان . Seypidin Azizi.jpg

1932 - يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ، جەڭچى ،كاتىپ بولغان.

1934 - يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان .

1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان .

1937-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ ، شېڭشىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان.

1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانسىدا ئىشلىگەن . كۆچۈرگۈچى ، كوررېكتور ، مۇھەرىر ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن .جاھانگىرلىككە قارشى ئويۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1944-يىلى ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ،مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى ، تەنجاڭ بولغان .

1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ ، مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .

1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلىق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ مەركىزىي كومتېتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . 1946- يىلى 7 -ئايدا 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .

1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن ، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .

1948 - يىلى ئۇ شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى » غا قاتنىشىپ ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان .«ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان . كىيىن شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى »نىڭ رەئىسى بولغان .

1949-يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان . 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى . قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان . 1949-يىلى 10 -ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان .

1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان . 1951 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى ، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان ،

1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان .

1953-يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .

1953- يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان . 1954- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان . 1955- يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ،ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان . 1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان .

1972 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى ،ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان .

1973- يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى ، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان .ج ك پ 8 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، 9- 10 - 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،10 - نوۋەتلىك ، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان .

يازغۇچى ، شائىر ، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك « تەڭرىتاغ ئوغلى » ، بئوگرافىك ئەسەر « ئۆمۈر داستانى » (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا « ئاماننىساخان » ، ھېكايە ،نەسىرلىرى توپلىمى « ئەۋلىيا ئاتا » ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » ، « شانلىق يىللار » قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .

ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى « سۇتۇق بۇغراخان » دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ،قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان . ئۇنىڭ « ئاماننىساخان » ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر « خانىش ئاماننىساخان » دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى .


ئەخمەتجان بىلەن بىللە:A we s.jpg

ماۋ بىلەن بىللە:S we maw.jpg


شىلەپە كىيگەن كىشى:Sezizi.jpg

ماۋ بىلەن 1971-يىلى بىللە:Tianmen.jpg