شافىئىي مەزھىپى

ئورنى Wikipedia

شافىئىي مەزھىپى

ئېنىقلىما:

شافىئىي مەزھىپى ئىسلام ئالىمىدىكى تۆت چوڭ سۈننىي فىقھىي مەزھەبنىڭ بىرى. ئىمام مۇھەممەد ئىبن ئىدرىس ئەششافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسمىغا ئاساسەن «شافىئىي مەزھىپى» دەپ ئاتالغان.

قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى ئىمام مۇھەممەد ئىبن ئىدرىس ئەششافىئىي ئەلقۇرەشى ئەلمەتلەبيدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 150 ـ يىلى، يەنى ئەبۇ ھەنىيفە ۋاپات بولغان يىلى غەززەدە تۇغۇلغان ۋە ھىجرىيە 204 ـ يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان.

- كىچىك چېغىدىلا دادىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ ، ئانىسى (يەمەننىڭ ئەزد، دېگەن يېرىدىن ئىدى) ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان. ئۇ مەككىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان، تىل، شېئىر ۋە ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان. غەيرى ئەرەبلەردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن سەھراغا چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردە "الموطا" نى يادلىغان ۋە ئۇ يەرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن، بولۇپمۇ مۇسلىم ئىبن خالىد ئەزەنگىدىن قۇرئان ئىلىملىرى ۋە فىقھىي ئۆگەنگەن . ئىمام مالىكتا ئوقۇش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇغان، "الموطا" نى ئېغىزىدىن ئاڭلىغان. ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى سۇفيان ئىبن ئۇيەيينە ۋە مەدىنە ئۆلىمالىرىدىن تەلىم ئالغان. بۇلاردىن كېيىن، ھىجرىيە 195- يىلى ئىراققا كېتىپ ، ئۇ يەردە ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبن ھەسەننىڭ ھۇزۇرىدا ئىلىم ئىگەللىگەن. باغدادتا دەلىل كىتابى ئورنىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزىنىڭ كونا فىقھىسىنى يازغان. بۇنىڭدىن كېيىن، ھىجرىيە 199-يىلى مىسىرغا بارغان ۋە ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ فىقھىي مېتودولوگىيىسىگە ئائىت كىتابى "الرسالة" نى، فىقھىغا ئائىت "الأم" ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. ئۇ ھەدىستە، ئۇسۇل (دىن مېتودولوگىيىسى) دا ۋە فىقھىدا ئىمام بولغىنىدىن سىرت، تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ ئالىم ئىدى. شافىئىيغا نۇرغۇن كىشىلەر مەدھىيە ئوقۇشقان. تارىخچىلار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ دۇنيانىڭ ئىمامى، مەيلى شەرق ياكى غەربتە بولسۇن زېمىننىڭ ئالىمىدۇر."

- ئۇ ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەنگەن ، ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئوقيا ئېتىشتا ماھىر بىر كىشىگە ئايلىنىپ، ئون پاي ئوقيا ئاتسا ھەممىسى تەككۈدەك دەرىجىگە يەتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم تالىپلىرىغا "ئىككى نەرسىگە ھەۋىسىم بار ئىدى؛ بىرى ئوقيا، ئىككىنچىسى ئىلىم. ئوقيا ئېتىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازاندىم، ئون پاي ئاتسام ھەممىسى نىشانغا تىگىدۇ." دېگەن، ئەمما، ئىلىم ھەققىدە گەپ قىلمىغان. سورۇندىكىلەردىن بەزىلەر: "ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ئىلىم جەھەتتە ئوقيا ئېتىشتىنمۇ بەكرەك يېتىشتىڭ " دېيىشكەن.

داڭلىق كىتابلىرى:

- "الحجة"، ئۇ بۇ كىتابىنى ئىراقتا تالىپلىرىغا ئىملا قىلىپ بەرگەن.

- "الأم" بۇ كىتابىنى مىسىردا تالىپلىرىغا ئىملا قىلىپ بەرگەن.

- "الرسالة في الأصول"، بۇ كىتاب، مالىك ۋە ئىراقلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا،مۇشۇ ساھەدە تۇنجى يېزىلغان كىتابلارنىڭ بىرى.

- يېقىندا بېسىلغان بىر پارچە شېئىرلار توپلىمىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر.

مەرتىۋىسى:

شاگىرتى ئەھمەد ئىبن ھەنبەل ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "ئاللاھ تائالا ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئۈممەتنىڭ دىنى ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ." دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز بۇ يۈزنىڭ بېشىدىكى كىشى ئىدى، يەنە بىر يۈز يىلنىڭ بېشىدىكى كىشىنىڭ شافىئىي بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

ئەبۇ يەئقۇب يۇسۇف ئىبن يەھيا ئەلبۇۋەيتي (231ھــ ۋاپات بولغان): مىسىردىكى بىر يېزىدىن بولۇپ، ئىمام شافىئىينىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنى پەتىۋا بېرىشكە بۇيرۇيتتى. شافىئىي باغدادقا چاقىرىلغاندا، ئۇنى مىسىردىكى بىر دەرسخانىسىغا ئۆزىنىڭ ئىز باسارى سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويغان. "قۇرئان مەخلۇق" دەيدىغان بالايى قازا سۆز مەيدانغا كەلگەندە تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ تۈرمىدە كىيىملىرىنى يۇياتتى ، ھەر جۈمە كۈنى يۇيۇنۇپ ، خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۈرمىنىڭ ئىشىكىگە چىقاتتى، بىراق ئۇنى گۇندىپايلار "قايتقىن، ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن!" دەپ قايتۇرۇۋېتەتتى . ئۇ شۇ چاغدا "ئى رەببىم، سېنىڭ نىدايىڭغا ئاۋاز قوشقان ئىدىم، ماڭا يول قويۇشمىدىلار، دەيتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە تۈرمىنىڭ قېيىنچىلىقلىرى ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!

ئەبۇ ئىبراھىم ئىسمائىل ئىبن يەھيا ئەلمەزنىي (175ھـ ـ 264ھـ)ئەلفەقىيھ ئەرراۋىيە ئەلمىسرىدۇر. شافىئىي ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "ئەلمەزنى مەزھىبىمنىڭ يارىدەمچىسى".

ئۇنىڭ ھاياتىنى يازغانلار "زاھىد، ھارامدىن قورقىدىغان، دۇنيا چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان، چاقىرغان يەرگە بارىدىغان كىشى ئىدى" دېيىشكەن. ئۇ نۇرغۇن كىتاب يازغان بولۇپ، مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: "الجامع الكبير"، "الجامع الصغير"، "المنصور"، "المسائل المعتبرة"، "الترغيب في العلم"، "الوثائق" ۋە "المختصر الصغير".

ــ ئەررەبىيئ ئىبن سۇلەيمان ئىبن ئابدۇلجاببار ئەلمۇرادي (174ھـ ـ 270ھـ): بۇ كىشى، شافىئىينىڭ ھىمايىچىسى، كىتابلىرىنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى بولۇپ، ئەمرۇ ئىبن ئەلئاس جامىسىنىڭ مەزىنى ئىدى. "الرسالة"، "الأم" ۋە باشقا كىتابلار بىزگە شۇنىڭ قولى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن.

ئەبۇ ھەفس ھەرمەلە ئىبن ئابدۇللاھ ئەننەجىيبىي ئەلمىسري (166ھـ - 243ھـ): شافىئىي، مۇسلىم ۋە ئىبن ماجەلەردىن ھەققىدە رىۋايەت قىلغان. ئىبن مۇئىين ۋە باشقىلارغا ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇغان. ئۇنىڭ "المبسوط"، "المختصر"، " الشروط" (ئۈچ توملۇق) ناملىق كىتابلىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئون تومدىن تەركىب تاپقان "السنن" ناملىق كىتابى ۋە باشقىلار بار.

ئەبۇ ئەلىي ئەلھۇسەين ئىبن ئەلىي ئىبن زەيد ئەلكەرابىيسى (245ھـ ياكى 248ھـ دە ۋاپات بولغان): باغدادنىڭ فىقھىي ئالىمى ئىدى. دەسلەپتە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھىسىنى ئۆگەنگەن ، شافىئىي باغدادقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ ، دەرس ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭ فىقھىسىنى ئۆگىنىپ ، شافىئىي مەزھىپىگە ئەگەشكەن. قۇرئان مەخلۇق دېگەن تېمىدا دوستى ئىمام ئەھمەدكە قارشى چىققان. ئۇنى ھەنبەلىلەر يالغۇز قويغان ۋە ئىمام ئەھمەدكە ھاقارەت قىلغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان.

ــ ئەبۇ ئەلئابباس ئەھمەد ئىبن ئۆمەر ئىبن سەرىيج (306ھـ ۋاپات بولغان): ئۆز زامانىسىدىكى شافىئىييە مەزھىپىنىڭ بايراقدارى ئىدى. شافىئىي مەزھىپى ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇپۇققىچە تارقالدى.

مەزھەپنىڭ توپلىنىش باسقۇچلىرى:

شافىئىي مەزھىپى ئۆز قۇرغۇچىسىنىڭ قولىدا ئىككى خىل ئىجتىھات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى:

بىرىنچىسى: باغدادتا تارقاتقىنى بولۇپ، ئۇ كونا مەزھەپ ئىدى، ئۇنىڭغا شافىئىنىڭ ئىملاسى ئاساسىدا زەئفىرانىي تەرىپىدىن توپلانغان "الچجە" ناملىق كىتابى ۋەكىللىك قىلاتتى.

ئىككىنچى باسقۇچ: ھىجرىيە 199 ـ يىلى مىسىرغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، كىتابلىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى قاراشلارنى تاۋلاشقا باشلىدى، بەزى پىكىرلىرىدىن قايتاتتى, يەنە بەزىلىرى موقىملاشتۇراتتى. ئاندىن ئېرىشكەن خۇلاسىنى توپلايتتى. ئۇنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى رەبىئ ئىبن سۇلايمان رىۋايەت قىلغان.

شافىئىي باغدادتا يازغانلىرىنى مىسىردا يازغانلىرى بىلەن ئالماشتۇرغان. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دېگەن: "باغدادتا يازغان كىتابىمدىن بىر نەرسە رىۋايەت قىلغان كىشىنى توغرا قىلدى، دەپ قارىمايمەن"

شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلى (ئاساسلىرى):

ـــ قۇرئان: بۇ بىرىنچى ئاساس بولۇپ، باشقا بىر نۇقتا دالالەت قىلىدىغان بىرەر دەلىل ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ زاھىرى (سىرتقى) مەنىسىگە ئاساسەن ئەمەل قىلىنىدۇ.

ــ سۈننەت: ھەتتا خەبەر ۋاھىد بولغان تەقدىردىمۇ ئەگىشىش ۋاجىپ بولغان ئىككىنچى ئاساس؛ ئۇنىڭ سەھىھلىك ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنىڭ زەنجىرسىمان ھالدا كېلىشىدىن باشقا شەرتى يوق. شافىئىي "الرسالة" ناملىق كىتابىدا خەبەر ۋاھىد ھەققىدە چىڭ تۇرغان ۋە ھەدىسشۇناسلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئېرىشكەن , شۇڭا ئۇ ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن "سۈننەتنىڭ ھىمايىچىسى" دەپ ئاتالغان. ئەمما، شافىئىي، سەئىد ئىبن مۇسەييىبتىن باشقىلارنىڭ رىۋايەت قىلغان "مۇرسەل" ھەدىسلىرىنى دەلىل سۈپىتىدە قوللىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلغان؛ چۈنكى، شافىئىي ئۇنىڭ مۇسنەدلىرىنى ئۇچراتقان . ئەمما بۇنى ھەنەفىيلەر توغرا تاپمىغان.

ــ ئىجمائ: شافىئىي ئىجمائنى "بىرلا كىشى قىلغان رىۋايەتتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ، ئىجمائنى بىرلا ئادەم قىلغان رىۋايەتنىڭ ئالدىغا قويىدۇ.

ـ قىياس: قۇرئان ياكى سۈننەتتە ئاساسىي بولۇش ياكى سەۋەبىنىڭ توراقلىق بولۇشى شەرتى ئاساسىدا قىياسنى قوللىنىدۇ.

شافىئىي باشقا بارلىق فىقھىي مەنبەلەرنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن:

ـ ئىستېھسان [1]: ئۇ ئىستېھساننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىر كىتاب يازغان ۋە ئۇنىڭ "كىمىكى ئىستىھساننى قوللىنىدىكەن شەرىئەت يولغا قويغان بولىدۇ" دېگەن سۆزى كەڭ تارقالغان. ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئەبۇ ھەنىيفەگە قارشى چىققان.

ـ ئەلمەسالىھ ئەلمۇرسەلە: مالىكىي مەزھىپى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ نۇقتىغىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.

ــ مەدىنىلىكلەر ئەمەللىرى: شافىئىي بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ "الأم" ناملىق كىتابىدا مالىكىيلارغا رەددىيە قايتۇرغان.

- ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى: ئۇنىمۇ ئىجتىھات بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭدىمۇ خاتالىقنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قوبۇل قىلمىغان.

- شۇنداق قىلىپ، شافىئىي - ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بولغان ھېچكىمنىڭ ھۆججەت كۆرسىتىش ھەققى يوق، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ "ئەگەر بىر ھەدىس سەھىھ بولسىلا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىم" دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

شافىئىي مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى:

ـ شافىئىي مەزھىپى ، شافىئىينىڭ يېڭى مەزھىپىنىڭ توراقلىشىشى ۋە تالىپلىرىنىڭ بۇ مەزھەپنى تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىشى سەۋەبلىك مىسىردا تارقالغان. فاتىمىيلار مىسىرنى كونتروللۇقىغا ئالغان چاغدا ئەھلى سۈننەتنىڭ فىقھىسى مۇنقەرز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، فاتىمىيلارنى باستۇرغان سالاھۇددىين ئەييۇبىنىڭ قولى ئارقىلىق يەنە قايتىپ كەلگەن.

ـ بۇ مەزھەپ يەنە ئىراق، شاملارغا تارقىغان. ئىراقتىن خۇراسانغا، يەمەن، ھىجاز، ئىران ۋە قىسمەن ھىندىستان ۋىلايەتلىرىگە كېڭەيگەن.

ـ ئىندىنوزىيە ۋە مالايزىيەدە شافىئىي مەزھىپى ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئۇ يەرگە ئىسلام ۋە ئۇنىڭ فىقھىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەنبەلى مەزھەبى مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى تىجارەتچىلىرى ئارقىلىق يېتىپ بارغان.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، شافىئىي مەزھىپى تۆت چوڭ سۈننى ئىسلام فىقھىي مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسچىسى ئىمام مۇھەممەد ئىبن ئىدرىس ئەششافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)دۇر. ئىمام شافئىينىڭ مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلى قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساغلام سۈننەتلىرى ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان. خەبەر ۋاھىد ھەدىستە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن "سۈننەتنىڭ ھىمايىچىسى" دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. بىراق ئۇ، سەئىد ئىبن ئەلمۇسسەييىبتىن باشقىلار رىۋايەت قىلغان مۇرسەل ھەدىسلەرنى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلمايتتى. چۈنكى سەئىدنىڭ مۇرسەل ھەدىسلىرىنى مۇسنەد دەپ قارايتتى. بۇلاردىن كېيىن، ئىجمائ، قىياسلارنى ئاساس قىلاتتى. شافىئىي ئىستىھسان، مەسالىھ ئەلمۇرسەلە، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلاتتى. بۇ مەزھەپ مىسىر ، ئىراق، شام، خۇراسان، يەمەن، ھىجاز، ئىران ۋە بىر قىسىم ھىندىستان ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان. شافىئىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر كىتابلىرى، ئىمام شافىئىينىڭ "الأم"، نەۋەۋىينىڭ "مختصر المزني"، "روضة الطالبين" ۋە "المجموع"، رافىئىينىڭ "فتح القدير شرح الوجيز"، شىيرازىنىڭ "المھۇب والتنبيه" قاتارلىقلار كىتابلىرىدىن ئىبارەت.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

(ئا) شافىئىي مەزھىبىنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىن:

- ئىمام شافىئىي: الأم

- نەۋەۋي: مختصر المزني

- ئەررافىئىي: فتح القدير شرح الوجيز

- نەۋەۋي: روضة الطالبين

- شيرازىي: المھۇب والتھبيه

- ئەلماۋەردي: الحاوي الكبير

- نەۋەۋي: المجموع

شافىئىي فىقھىسىنىڭ پەتىۋا ۋە مەھكىمە ئىشلىرىدا تايىنىدىغان نىگىزلىك كىتابى كىتابى نەۋەۋينىڭ "منھاج الطالبين" بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئەلخەتىيب ئەششەربىينى تەرىپىدىن ئىزاھلانغان "مغني المجتاج"، ئەررەملىي تەرىپىدىن ئىزاھلانغان "نھاية المحتاج" ۋە ئىبن ھەجەر ئەلھەيتەمىي تەرىپىدىن ئىزاھلانغان "تحفة المحتاج" قا ئوخشاش نۇرغۇن شەرھلىرى بار.

ب) شافىئىي فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرى:

- ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئىدرىس ئەششافىئىي (204ھـ ۋاپات بولغان): الأم

- ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبن ئەلىي ئىبن يۇسۇف ئەششىيرازي (476ھـ ۋاپات بولغان): المھۇب

- ئەبۇ زەكەرىييا مۇھيىددين يەھيا ئىبن شەرەف ئەننەۋەۋي (676ھـ ۋاپات بولغان): منھاج الطالبين

(ج) قىسقارتىلغان كىتابلار:

- ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي (505ھـ ۋاپات بولغان): الوجيز في فقه مۇھب الإمام الشافعي

- ئەبۇ زەكەرىييا مۇھەممەد ئىبن شەرەف ئەننەۋەۋي: الروضة في الفروى

(د) مەزھەبنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنىڭ تەرجىماللىرى:

- تاجۇددين ئابدۇلۋاھھاب ئىبن ئابدۇلكافىي ئەسسەبەكىي (771ھـ ۋاپات بولغان): طبقات الشافعية الكبرى

- جامالۇددين ئابدۇررەھىيم ئىبن ئەلھەسەن ئەلئىسنەۋي (772ھـ ۋاپات بولغان): طبقات الشافعية

ئۇنىۋېرسال كىتابلار:

- د.مۇھەممەد فەۋزي فەيزۇللاھ : المۇاھب الفقھية، شۇئائ نەشرىياتى- كۇۋەيت، 1985م

- د. ھەسەن ئەھمەد مۇرئېي: الاجتھاد في الشريعة الإسلامية، ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى نەشىر ئىشلىرى ئىدارىسى- رىياد، 1401ھـ

- مۇھەممەد ئەلىي ئەسسايس: تاريخ الفقه، مۇھەممەد ئەلىي سۇبەيھ باسما زاۋۇتى- قاھىرە

- مۇھەممەد سالام مەدكۇر: المدخل للفقه الإسلامي، ئەرەب كىتاب نەشرىياتى- قاھىرە

- ئېيسەۋىي ئەھمەد ئېيسەۋىي: المدخل للفقه الإسلامي، تەئليف نەشرىياتى- قاھىرە، 1376ھـ

- مۇستەپا شەلەبىي: المدخل لدراسە الفقه الإسلامي، تەئليف نەشرىياتى- قاھىرە، 1376ھـ

ئابدۇرراھمان ئىبن ئەبى ھاتىم ئەررازي: آداب الشافعي ومناقبه، ئىلمىي كىتابلار نەشرىيات- بېيرۇت.

[1] ئىستىھسان:- ياخشىراق بىرەر مەنپەئەت ئۈچۈن بىر ھۆكۈمنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەلرەك يەنە بىر ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىش، دېمەكتۇر.