شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بىڭتۇەن دېيىلىدۇ( 1954 - يىلى 10 - ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەننىڭ 2 - جۈنى، 5 - جۈنى، 6 - جۈنى، ۋە 22 - بىڭتۇەندىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى ئاساسىدا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان. ھازىر ئۇنىڭغا 10 يېزا ئىگىلىك شىسى، 3 دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىسى قارايدۇ. مۇستەقىل ھېساب قىلىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىدىن 183 ى، سانائەت كارخانىسىدىن 338 ى، سودا كارخانىسىدىن 227 سى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىن 1795 ى بار.

بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 74 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر 984 مىڭ 500 گېكتار )14 مىليون 27 مىڭ 500 مو( تېرىلغۇ يەر، 2 مىليون 823 مىڭ گېكتار )42 مىليون 345 مىڭ مو( يايلاق، 3 مىليون 320 مىڭ گېكتار )49 مىليون 800 مىڭ مو( سۇ كۆلىمى بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 288 مىڭ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىسى 917 مىڭ 700 نەپەر.

يېزا ئىگىلىكى بىتۇەن ئىگىلىكىدىكى ئۇل كەسىپ، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسپى. 40 نەچچە يىللىق كۈرەش ئارقىلىق بىڭتۇەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماناس دەرياسى، كۈيتۈن دەرياسى، گۈرت دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى قاتارلىق نەچچە ئون دەريا ئېقىننى تىزگىنلىدى، لەنفې سۇ ئامبىرىنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى 112 سۇ ئامبىرىنى ياسىدى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 2 مىليارد 940 مىليون كۇب مېتىر(، 120 نەچچە ئورۇندا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل سۇغىرىش رايونىدىن 110 نى بەرپا قىلدى، تىزگىنلىگەن سۇغىرىش كۆلىمى 1960 مىڭ گېكتار )14 مىليون 250 مىڭ موم( بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىك ۋاقىتلىرىدىمۇ مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان يەر كۆلىمى 483 مىڭ گېكتار )7 مىليون 245 مىڭ مو( غا يەتتى؛ ھازىر بار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 402 مىڭ كىلوۋات، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى 15 مىڭ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغا ئايروپىلاندىن 29 بولۇپ، سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەمدە تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقىرىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، مايلىقدان، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە پاختا بىلەن قىزىلچىنىڭ، مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 4-% ىنى ئىگىلەيدۇ، قوغۇن، كىشمىش، نەشپۈت قاتارلىقلار ھەر يىلى كۆپلەپ چەت ئەللەرگە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىلىدۇ، قۇلماق، سوغىگۈل، زىرە، زاراڭزا، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلارمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردىكى قىس مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، بىڭتۇەننىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ خېلى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بولۇپمۇ ئۇلار يېتىشتۈرۈپ چىققان جۇڭگو مېنروس قويى )شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سىستېمىسى( ئەڭ داڭلىق بولۇپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر تۇياق قوينىڭ يىللىق يۇڭ مەھسۇلاتى تۆت كىلوگرامغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ئاۋىسترالىيە يۇڭىدىن قېلىشمايدۇ.

بىڭتۇەننىڭ سانائىتىمۇ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، ھازىر توقۇمىچىلىق، شېكەر ياساش، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق، مېتاللورگىيە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، غەيرىي مېتال، قەغەزچىلىك قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جايلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىي سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. 256 خىل مەھسۇلات دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، سىپتا توقۇلغان ۋە يىرىك توقۇلغان يۇڭ توقۇلمىلار، پاختا رەخت، پاختا يىپ، يۇڭ ئەدىيال، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، ئىشقارلىق سولفات قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆپلەپ چەتكە چىقىرىلىدۇ، >ئىلى< ماركىلىق بىر يۈرۈش ھاراقلار ۋە >كۈيتۈن ئالاھىدە ھارىقى< قاتارلىق داڭلىق ھاراقلار ئىچكى - تاشقى بازارلاردا بەلگىلىك شۆھرەتكە ئىگە. بىڭتۇەننىڭ بىناكارلىق ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، نېفىتلىك، سۇ ئىنشائاتى، كۆۋرۈك، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك قۇرۇلۇشلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

بىڭتۇەننىڭ قاتناش - ترانسپورت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى ۋە تاشقى سودا، تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بىر قەدەر تېز، ھازىر تۈرلۈك ترانسپورت ئاپتوموبىلىدىن 25 مىڭ 800 ى، سودا ۋە مۇلازىمەت كەسپىي تور نۇقتىسىدىن 20 مىڭ 900 ى، مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان سودا كارخانىسىدىن 277 سى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدىن 200 ى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى سودا مەركىزىدىن نەچچە 10 ى بولۇپ، شىياڭگاڭ رايونى ۋە ياپونىيە، سىنگاپور، ئاۋىسترالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت بىلەن سودا ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ۋە سودا ئالاقىسى ئورناتتى.

ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەننىڭ شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىدىمۇ زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر شىخەنزە، كۈيتۈن، ۋۇجياچۈ، بىيتۈەن ئارال قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھەر - بازارلىرى شۇنداقلا 100 دىن ئارتۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانلىرىنىڭ مەيدان شىتابىنى يادرو قىلغان، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، قۇرۇلۇش، قاتناش، سودا تولۇق بولغان، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ئىجتىمائىي فۇنكسىيىلەر مۇكەممەل بولغان يېڭى بازارلار قۇرۇلدى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىر]