شۆھرەت زاكىر

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

شۆھرەت زاكىر

Şöhret Zakir

雪克来提·扎克尔
ۋەزىپەسابىق ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكىمىتى رەئىسى
ئورۇنباسارئەركىن تۇنىياز
ئۇندىن ئالدىننۇر بەكرى
ئۇندىن كېيىنئەركىن تۇنىياز
تۇغۇلغان ۋاقتى1958 ئاۋغۇست
يۇرتىغۇلجا
مىللىتىئۇيغۇر


شۆھرەت زاكىر (خەنزۇچە:雪克来提·扎克尔)، ئەر، ئۇيغۇر، 1953- يىلى 8- ئايدا توغۇلغان. غۇلجىلىق.
ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرستىتى ئىنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي ڧەنلەر ئاكادېمىيىسى كارخانا باشقۇرۇش ئاسپىرانتى. 1985- يىلى 6- ئايدا ج ك پ ئەزاسى بولغان.
2015 - يىلى 01 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن، 2021 - يىلى 09 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

خىزمەت تارىخى[تەھرىرلەش]

  • 1984- يىلى 6- ئايدىن 1988- يىلى 5- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت قوشۇمچە مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بۇلغان. (بۇ جەرياندا 1982- يىلدىن 1986-يىلغىچە، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېنگىلىز تىلى كەسپىدە ئوقىغان)؛
  • 1988- يىلى 5- ئايدىن 1992- يىل 11- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت دىسپېتچېرلەش باشقارمىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛
  • 1992- يىلى 11- ئايدىن 1993- يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت دىسپېتچېرلەش باشقارمىسى باشقارما باشلىقى بولغان؛
  • 1993- يىلى 8- ئايدىن 1997- يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى (بۇ مەزگىلدە: 1994-يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان)؛
  • 1997- يىلى 7- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى (1996- يىلى 8- ئايدىن 1998- يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1996- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 12- ئايغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سانائەت ئىقتىساد فاكۇلتېتى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛
  • 2000- يىلى 7- ئايدىن 2000- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى (دۆلەت مۇداپىئەسى سانائەت ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى؛
  • 2000- يىلى 12- ئايدىن 2001- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛
  • 2001- يىلى 3- ئايدىن 2005- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2004- يىلى 3- ئايدىن 2005- يىلى 1- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان)؛
  • 2005- يىلى 12- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛
  • 2006-يىلى 1- ئايدىن 2008- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن (2003- يىلى 9- ئايدىن 2007- يىلى 3- ئايغىچە، تيەنجىن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ - سانائەتنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان)؛
  • 2008- يىلى 3- ئايدىن 2009- يىلى 7- ئايغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن؛
  • 2009- يىلى 7- ئايدىن 2011- يىلى 6- ئايغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە)؛
  • 2011- يىلى 6- ئايدىن 2013- يىلى 6- ئايغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە)؛
  • 2013- يىلى 12- ئايدىن 2014- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
  • 2014- يىلى 1- ئايدىن 2014- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى؛
  • 2014- يىلى 12- ئايدىن 2015- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، مۇۋەققەت رەئىسى؛
  • 10-، 11-، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان.
  • 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ سايلامىدا شۆھرەت زاكىر (ئۇيغۇر) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بۇلۇپ سايلانغان.
  • 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن تەڭشەش قارارى چىقىرىشىنى قارار قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىنفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مەركەزنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدى: يولداش شۆھرەت زاكىر ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى؛
  • 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى :
  • 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 3-قارارىدا شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
  • 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

تاشقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]