شەرقىي تۈركىستان

ئورنى Wikipedia
شەرقىي تۈركىستان

East Turkestan

شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى
ئومۇمىي ئەھۋال
20-ئەسىردە قۇرۇلغان دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
چوڭ شەھەرلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر،خوتەن،غۇلجا،
كۆلىمى 1،665،000 كۋادرات كىلومېتىر(تەخمىن)
نوپۇسى 25 مىليون

شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan ) بولسا كۆپ خىل مۇرەككەپ مەنا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇنى 20-ئەسىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى ۋەيا رايون ئاتالغۇسى، تارىخى ئاتالغۇ دەپ قاراش مۇمكىن. شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى قوشنىلىرى بولغان غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە تىبەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كەڭ تاغ تىزمىلىرى بىلەن، يۈزلەرچە كىلومېتىرلىق تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپىدە چىن ۋە موڭغۇلىستاندىن 500 كىلومىتىرلىق كەڭ بىر چۆل بىلەن ئايرىلىدۇ. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان ھېچبىر تۇتاش قوشىنىسى بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىسىدۇر. 1.820.000 چاسا كىلومىتىر كەڭلىكتە بولغان بۇ ئۆلكىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىدە ئىنسان ياشىماقتا بولۇپ، ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىچكى قىسىملاردىكى كەڭرى تۈزلەڭلىكلەر قاپلىغان ئۈچ چوڭ چۆل بىلەن يۇرتنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان ۋە بەزى ئىچ قىسىملاردا ئورۇنلاشقان مۇزلۇق، قارلىق تاغلار تەشكىل قىلماقتا. بۇ يەرلەردە ئىنسان ياشاش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ تەكلىماكان چۆلى 500 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق قۇم دۈۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچىدە ھېچقانداق جانلىقنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى يوقتۇر. بۇنى سىۋىن ھېدىننىڭ ساياھەتنامىسىنى ئوقۇغان كىشى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى[تەھرىرلەش]

ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا مۇمكىن بولىدىغان تەخمىنەن ئۆچتىن بىر قىسىم يەرلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر:

1 ـ مۇز تاغلاردىن ئېقىپ كەلگەن دەريالار ۋە دەريالارنىڭ بويىدا قۇرۇلغان شەھەر ۋە كەنتىلەر.

2 ـ بەزى تاغ ئېتەكلىرىدە يېتەرلىك مىقداردا يېغىن ياغقان يايلاقلار.

كەنت ۋە شەھەرلەردە نوپۇس خېلى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر كۇۋادىرات كىلومىتىر يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 كىشى توغرا كېلىدۇ. يايلاقلاردا بولسا، تەخمىنەن بىر دىن ئونغىچە ئىنسىان ياشىشى مۇمكىن.

3 ـ ئىسسىق ۋە سوغۇق دەرىجىلىرى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاناتولىيەگە ئوخشاش. ئەمما تۆت تەرىپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغانلىقتىن ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرى ئاناتولىيەدىكىدىن ئىسسىقراق ۋە ئۇزۇنراقتۇر.

يېغىن ئېگىز تاغلارغا كۆپ، بوستانلىقلارغا بەك ئاز ياغىدۇ. بىر يىللىق يېغىن مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 سانتىمېتىردىن ئارتۇق بولمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى(1933-يىل)

4 ـ تېرىلغۇ % 90 سۇغۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بولىدۇ، نامەلۇم زامانلاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئېرىق ـ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشلىرى، يەرئاستى سۇلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قېزىلغان كارىزلار بۈگۈنكى مۇتىخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا.

تېرىم مەھسۇلاتلىرى، نارەنجىدىن باشقىسى ئاناتولىدە يېتىشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار بىلەن ئوخشاشتۇر. ئەمما سۇغۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى كۆپرەك، سۈپىتى ياخشىراق بولىدۇ.

5 ـ يەر ئاستى بايلىق جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان دۇنيانىڭ ئەڭ باي ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەرخىل مەدەن جەۋھەرلىرىنى قوينىدا ساقلىماقتا. بىز ۋەتەندىكى كۈنلەردە بىر ـ بىرىدىن يىراق 13 يەردە نېفىت تېپىلغانىدى. بۇلاردىن بىرى يېتەرلىك بولمىغان تېخنىك ئۇسۇلى بىلەن قىزىل چىن تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. بۇرۇن سوۋېتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، كېيىنچە قىزىل چىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ نېفىت مەيدانىدىن 1958 ـ يىلى ئىچىدە 400 مىڭ توننا نېفىت چىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ بىر قانچە ھەسسە ئاشقانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ، كۆپ مىقداردىكى نېفىتنىڭ چىنغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى بېيجىڭ رادىئوسىدا پات ـ پات ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ مىقدارى ئېنىق مەلۇم ئەمەس.

ئەڭ باي ئوران جەۋھىرىگە ئىگە بولغان پىتچ بىلەنت (pitch bilent ) ماددىسى ئۈچ ئورۇندىن ۋە ۋولفرام جەۋھىرى ئىككى ئورۇندىن چىقىرىلماقتا. پىلاتىن، مولىبدىن ۋە باشقا رەڭلىك، قىممەتلىك مەدەنلەر ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك مەدەن جەۋھەرلىرى كۆپ مىقداردا بار. بولۇپمۇ ئالتۇن مەدەنلەر، ئالتۇن ئورمان (موڭغۇلچە ئالتاي) تاغلىرى قاتارلىق پۈتۈن تاغ ۋە دەريالاردىن چىقىرىلماقتا. پەقەتلا نېفىت، ئۇران ۋە ۋولفرام مەدەنلىرى يېڭى ئۇسۇل بىلەن ئشلىتىلمەكتە بولۇپ، باشقا مەدەنلەر كونا، ئىپتىدائىي ئۇسۇل بىلەن ئىشلىتىلمەكتە ياكى پەقەت ئىشلىتىلمەستىن يەر ئاستىدا ياتماقتا.

6 ـ نوپۇس مەسىلىسى: بۇ ئۆلكىدە ھېچبىر زامان مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى قائىدىگە مۇۋاپىق بىر نوپۇس سىتاتىستكىسى چىقىرىلمىدى. 1912 ـ يىلىدىن بۇيان چىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 6 خىل نوپۇس سىتاتىستكىسى مەۋچۇت بولۇپ، بۇنىڭدا 2.152.597 دىن 6.300.000 غىچە پەرقلىق ھالدا كۆرسىتىلمەكتە. بۇ سانلارنىڭ بەزىسى پۈتۈنلەي خىيالىي شەكىلدە چىقىرىلغان، بەزىسى ساقچى ئىدارىلىرى تەرىپىدىن ئاھالىگە مەجبۇرى تارقىتىلغان نوپۇس دەپتەرلىرىگە ئىسىملىرى يېزىلغان كىشىلەرنىڭ سانىغاكۆرە ئېلان قىلىنغان سانلاردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھەقىقىي نوپۇس سانىنى كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەركىمگە مەلۇم. 1948 ـ يىلى شەخسەن مېنىڭ تەشەببۇسۇم بىلەن، ئەمرىم ئاستىدىكى يەرلىك مەمۇرلار تەرىپىدىن بىر نوپۇس ستاتستكىسى تەجرىبە قىلىنغانىدى. بۇ تەجرىبە نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 8 - 9 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 90 مىڭ مۇسۇلمان (تۇنگان)، 220 مىڭ بۇتپەرەس جەمئى 310 مىڭ چىنلىق ۋە 93 مىڭ موڭغۇل، مانجۇلار بار. بۇلاردىن باشقا پۈتۈن ئاھالە تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ %97 نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈرك مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ %94 نى شەھەر ۋە كەنتلەردە ياشىغان تۈركلەر، قالغان %6 نى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىرغىز، قازاق تۈركلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

شەھەر ۋە كەنتلەردە ياشىغان تۈركلەرنىڭ قەدىمكى تارىخىدا ھېچقانداق قەبىلە ئىسمى يوق بولۇپ، پەقەتلا تۈرك نامى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىسمى قويۇلۇشى بولسا، ستالىن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەشھۇر مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 1921 ـ يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى، غەربىي تۈركىستاندا ياشىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بىر نەچچە كىشىنى چاقىرىپ تاشكەنتدە مەجلىس ئاچقان. ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرى يىغىنى دەپ ئاتالغان بۇ ياسالما مەجلىستە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر ۋە كەنتلىرىدىكى تۈركلەرگە ئۇيغۇر نامى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغانىدى. مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرىغا چىقتى. (بۈيۈك سوۋېت ئېنسىكلوپېدىسى 55 ـ جىلد، 720 ـ بەت. 1947 - يىل نەشرى.)

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي ۋىلايەتلىرىدە قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىسى مىلادىي 14 ـ ئەسىردە تامامەن مۇنقەرز بولغانىدى. ئۇ زاماندىن بېرى ئۇيغۇر ئىسمى بىلەن ئاتالغان ھېچبىر قەبىلە شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلمىگەنىدى. تۈرك ئىسمىدىن قورقۇپ، قەبىلە ئىسىملىرىنى مىللەت ئىسمى قىلىش ئۈچۈن بۇ قەدەر ھىيلە ۋە قىيىن يولنى تۇتقان سىياسىي چۈشەنچنىڭ ئويدۇرمىسى بولغان بۇ ئىسىم، ئەپسۇسكى، بىرقانچە ئىلمىي جەمئىيەتلەرگىمۇ ئېقىپ كىردى. بۇ ھەقتە تۆۋەندە قىسقىچە تارىخى بۆلۈمىدە تەپسىلى سۆزلىنىدۇ.

قىسقىچە تارىخى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستان مۆھتەرەم ئەپەندىلەر ۋە خانىملار! شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئاز 9 مىڭ يىل بۇرۇن يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقىنى ژاكۇسدۇ مورگان، پروفېسسور ئابىلرى، پروفېسسور ئاندرە بىرتلوت ۋە زەفائىل پومپىللى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملار ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەمما ئەپسۇسكى، مورگاننىڭ ئەپسۇسلىنىپ ئېيتقىنىدەك، ئېنىق بولغان بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتنى تەپسىلى ئىزاھلايدىغان كەڭ ۋە چوڭقۇر قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تېخىچە مۇمكىن بولماي كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ قەدىم تارىخى مىسىر ۋە ئىراق تارىخىدەك ئاشكارىلىنالماي تۇرماقتا.

فون لېكوك، سېۋىن ھېدىن ۋە ئورلىشتاين قاتارلىق غەيرەتلىك تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاندىن ھېسابسىز ئارخېئولوگىيىلىك نەرسە كېرەكلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە سىتوكھولىم، بېرلىن ۋە يېڭى دېھلى قاتارلىق مەركەزلەردە بۇ نەرسە - كېرەكلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇزىيخانىلار قۇردى. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېيىنكى ئىككى مىڭ يىلغا ئائىت نەرسىلەر بولۇپ، تەتقىقات تېمىمىز بولغان كونا تارىخىمىزنى يورۇتۇپ بىرەلمەيدۇ. چۈنكى مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تەتقىقات ۋە قازما يەرلىرى بىزگە مەلۇمدۇر. بۇلار يەر ئۈستى ياكى بەك چوڭقۇر بولمىغان تۇپراق ئاستىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىشىلەر بولۇپمۇ چۆللەرنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا ھېچقانداق بىر قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشى ئېلىپ بارمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە قويۇپ تۇرۇپ، ئازراق ياكى تامامەن بىلىنگەن تارىخ دەۋرلىرىگە ئۆتىمىز.

ئەڭ دەسلىپىدە، ئىلىم نۇرى بىلەن تېخى تولۇق روشەنلەشمىگەن بولسىمۇ، مەۋجۇت ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك ـ شۈبھە بولمىغان ئەڭ قەدىمكى بۈيۈك تۈرك دۆلىتى دەۋرى توغرىسىدا قولىمىزدىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ بىر ئاز تەتقىق قىلماقچىمىز.

ھىرودوت ۋە باشقا غەرب مەنبەلىرىدە ئىسكىت، ئىران مەنبەلىرىدە تۇران ۋە ھىندىستان مەنبەلىرىدە ساكا بەزىلىرىدە تۇرۇشكا ناملىرى بىلەن ئاتالغان بۇ ئۇلۇسنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك دۆلىتى بارئىدى. ئاۋۈستادا دۆلەتنىڭ مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى چاغلاردىن بېرى مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە ئائىت ئېنىق مەلۇمات بار.

تۇران كەلىمەسىنىڭ تۈرك كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك ـ شۈبھە بولمىغىندەك، تۇرۇشكا كەلىمەسىنىڭمۈ تۈرك كەلىمەسىنىڭ سانسىكىرىتچە قوللنىلىشى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. كانىشكا سۆزىنىڭ ئەسلى قېنىق بولغىنىغا ئوخشاش، قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇلۇسنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوقتۇر.

ھىرودوت ۋە باشقا قەدىمكى تارىخچىلار بۇ دۆلەت بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۈۋەندىكى ئىككى ۋەقەنى قەيىت قىلىشىدۇ ۋە بۈگۈنكى ئىلمىي تەتقىقاتچىلار بۇنى تارىخىي ۋەقە دەپ قارىماقتا. بۇ ۋەقەنىڭ بىرىنچىسى: ئىسكىت ۋە ئىرانلىقلارنىڭ تۇران خاقانى مىلادىدىن بۇرۇنقى 653 ـ يىلى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى مەدخانىدىن بولغان پادىشاھ كىئەخسارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراقتىكى ئاسۇر دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ، ئاق دېڭىز بويىغىچە ئىلگىرىلىدى. 28 يىل داۋاملاشقان بۇ ئىستېلا جەريانىدا ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن خاقاننىڭ قوشۇنلىرى ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 625 ـ يىلى خاقان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ تۈركىستانغا قايتىپ كەتتى. ئىككىنچى ۋەقە: ئىراننىڭ ئاخامىشلەر خانىدانىدىن پادىشاھ ئىككىنچى قۇراش (كەيخىسراۋ) مىسىر، غەربىي ئاسىيا ۋە كىچىك ئاسىيانى ئىستىېلا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 546 ـ يىلى تۇران ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. 5 يىل داۋام قىلغان نەتىجىسىز ئۇرۇشتىن كېيىن، تۇران خانى ئالىپ ئەرتۇڭا (ئىران مەنبەلىرىدە ئاپراسياپ دېيىلىدۇ) يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر ئىرانلىق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن تۇران قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۈچراپ پاراكەندە بولىدۇ ۋە تۈركىستاننىڭ غەرب قىسمى سىردەرياسى بويىغىچە ئىران ئىستېلاسى ئاستىغا چۈشىدۇ. تۇران مەلىكىسى تۆمۈرسى كۈچىنى توپلاپ ۋەتىنىنىڭ شەرق قىسمىنى ئىستېلادىن قوغداپ قالىدۇ. كەيخىسراۋ ئۆلگەندىن كېيىن تۈركلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەن تۇپراقلىرىنى قۇتقۇزىدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 332 ـ يىلى بۈيۈك ئىسكەندەر تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، سىردەرياسى بويىغا بېسىپ كەلدى، پەقەت سىردەرياسى بويىدا تۈركلەر بىلەن بولغان ئالتۇنقان مەيدان سوقۇشىدا ئىسكەندەرنىڭ قوشۇنى زور چىقىمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئالغا باسالماي قايتىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆررىيىتى ساقلاپ قېلىندى.

كېيىنچە، بىزگە تېخى نا مەلۇم ۋەقەلەر سەۋەبى بىلەن بۇدۆلەتنى تەشكىل قىلغان ئاساسىي كۈچنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى بۈيۈك تۇران كۆچمەنلىرى جامائىتى ھىندىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردە ساكا دۆلىتى ئاتلىق بۈيۈك بىر دۆلەت قۇردى. يۇرتتا قالغانلار بولسا، قەدىمكى بۈيۈك دۆلەتنىڭ ئورنىغا بىرمۇنچە مۇستەقىل كىچىك دۆلەتلەرنى قۇردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 ـ ئەسىردە تۈركىستاندا 55 مۇستەقىل كىچىك دۆلەت بارلىقى مەلۇم بولدى.

ئېنىق مەلۇم بولغان تارىخ دەۋرلىرى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ دەۋرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 206 ـ يىلىدىن باشلىنىدۇ. ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن زامانلاردىن ئىبارەت بولغان بۇدەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قانچە جىلد كىتاب بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ۋە خىلمۇ خىلدۇر. بۇ قىسقا ماقالەمدە بۇ ھادىسلەرنىڭ ئارانلا بىر مۇندەرىجىسىنى تەقدىم قىلالايمەن. بۇ دەۋرلەرنىڭ بىرىنچىسى، تۈركىستاننىڭ ھۇن خاقانلىقىغا قوشۇلۇش دەۋرىدۇر. بۇ يەردە ئەسلى مەسىلىگە كىرىشتىن بۇرۇن شۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش لازىم. رەھمەتلىك ھۈسەين نامىق ئورخۇن ۋە باشقا ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ھۇن كەلىمىسى ياۋرۇپاچە تەلەپپۇز شەكلى بولۇپ، تۈركچە تەلەپپۇزى قۇن دۇر ۋە ئادەم دېمەكتۇر. ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىل كۈن سۆزى بار بولۇپ، يۇرت ۋە خەلق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. موڭغۇلچە ئىنساننى كۈن دەيدۇ. بۇلارنىڭ قۇن كەلىمەسىنىڭ ئىنچىكىلەنگەن شەكلى بولىشى ئېھتىمالغا يىقىندۇر.

قۇن دۆلىتىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن تارىخ كىتابلىرىدا بۇ دۆلەت ھەققىدىكى مەلۇمات مىلادىدىن 1767 يىل بۇرۇنقى زاماندىن بېرى قەيت قىلىنماقتا.

تۈركىستاندا قۇن خاقانىنىڭ ئۈستۈن ھاكىمىيىتى مىلادىدىن 206 يىل بۇرۇن قۇرۇلدى. شۇ يىلدىن باشلاپ تۈركىستاندا 36 يەرلىك ھۆكۈمدار قۇن خاقانىنىڭ ھۆكمى ئاستىغا كىردى ۋە بۇنىڭ بىلەن بۈيۈك قۇن تۈرك خاقانلىق دۆلىتى چىن دېڭىزىدىن قارا دېڭىز بويىغىچە كېڭەيدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولغان قەھرىمان خاننىڭ ئىسمىنى چىنلىقلەر مائۇتۇن دەپ تەلەپپۇز قىلسىمۇ، دەكرۇت، ھىرىت ۋە ھۈسەين نامىق ئورخۇن بۇ كەلىمېنىڭ تۈركچە ئەسلى تەلەپپۇزىنىڭ باغاتۇر ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. (بۇ ھەقتە ھۈسەين نامىق ئورخۇننىڭ ھۇنلار ناملىق كىتابىنىڭ 18 ـ بېتىگە قاراڭ.)

تۈركىستان قۇن خاقانلىقى ھىمايىسى ئاستىدا (بىرىنچى قېتىمدا) 98 يىل خاتىرجەم ياشىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 108 ـ يىلى تۈركىستان بىرىنچى قېتىم چىن تاجاۋۇزىغا ئۈچرىدى ۋە 22 يىل داۋام قىلغان قانلىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 86 ـ يىلى يەنە قايتا قۇن خاقانلىقىنىڭ بايرىقىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى قۇن ھىمايىسى دەۋرى 26 يىل داۋام قىلدى.

چىنلىقلار قۇن دۆلىتىنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى بىلەن چىققان ئىچكى سوقۇشلاردىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 ـ يىلى تۈركىستاننى بېسىۋالدى ۋە بۇ ئىستېلا دەۋرى 49 يىل داۋام قىلدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 ـ يىلى قۇن دۆلىتى غالىپ كېلىپ تۈركىستاننى قۇتقۇزدى ۋە بۇ دەۋردە تۈركىستان 83 يىل قۇن بىرلىكى ئىچىدە ياشىدى. مىلادى 74 ـ يىلىدا قۇن ۋە چىن قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن بارىكۆل مەيدان ئۇرۇشىدا قۇن قوشۇنىنىڭ يېڭىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شەرق قىسىملىرى چىن مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالدى. بۇ قېتىمقى چىن ھاكىمىيىتى 30 يىل داۋام قىلدى. مىلادى 103 ـ يىلى يەرلىك ھۆكۈمدارلار چىن ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئىستىقلالىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇن خانلىقى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنىدى.

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن 308 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇن بىرلىكى ئىچىدە ياشىغان ئۈچ دەۋرى 207 يىل، چىن ئىستېلاسىغا ئۇچرىغان ئۈچ دەۋرى بولسا، 101 يىل داۋاملاشتى.

بۇ ئۈچ ئەسىر ئىچىدە تۈركىستانلىقلار چىنلىقلاردىن يىپەكچىلىك، قەغەزچىلىك ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ تەرەققىي قىلدۇردى. چىنلىقلارمۇ تۈركىستانلىقلاردىن ئۈزۈم، پاختا، بىدە ۋە باشقا بىرنەچچە خىل زىرائەت تېرىشنى ۋە بىرنەچچە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىشنى ئۆگەندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىلادى 103 ـ يىلى باشلانغان مۇستەقىللىق دۋرى 48 يىل داۋام قىلدى. چىن تارىخى مەنبەلىرىگە قارىغاندا بۇ دەۋردە تۈركىستان بىلەن چىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولمىدى ۋە نورمال تىجارەت داۋام قىلدى.

شۇندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر (جەنىبىي) قىسمىنىڭ قۇشخان تۈرك خانلىقىغا قوشۇلۇش دەۋرى باشلىنىدۇ. مەلۇمكى، قۇن خاندانى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولمىغان ياۋچى ئاتلىق بىر تۈرك قەبىلىسى مىلادى 1 ـ ئەسىر ئىچىدە غەربىي تۈركىستاننىڭ ئامۇ دەرياسى بويىدا ئايرىم بىر تۈرك دۆلىتى قۇرغانىدى ۋە خانىدانى قۇشخان[2] نامى بىلەن ئاتالغانىدى. بۇ دۆلەت كېيىنچە كېڭىيىپ پۈتۈن غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان ۋە غەربىي ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىرئىمپېراتۇرلۇق ھالىغا كەلدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان خاقانى بولغان قانىك مىلادى 150 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. بۈ خاقاننىڭ ئىسمىنى سانسىكرىتچىدە كانىشكا، يۇنانچىدا ھۇ ئېركىس دەپ يازغان بولسىمۇ، بىرۇنى قانىق دەپ يازىدۇ. بىز تامامەن تۈركچە بولغان بۇ شەكىلنى قوبۇل قىلساق، توغرا ھەرىكەت قىلغان بولىمىز، دەپ قارايمىز.

بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. كېيىن ھىندىستاندىن قوغلانغان بۇددا دىنى ئالىملىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋە كۇچا شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى ۋە دىنلىرىنى بۇ يەرلەردىن چىن ۋە تىبەتكە تارقاتتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ مىلادى 220 ـ يىلى قۇشخان دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمدارلارنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى مەلۇم. بۇ مۇستەقىللىق دەۋرنىڭ 140 يىل داۋام قىلغانلىقى ئېھتىمالغا بەك يېقىندۇر. چۈنكى 360 ـ يىلى يۈز بەرگەن سىيانپى ئىستېلاسى ۋەقەسىگە قەدەر ئىستىقلالىنى زەخمىلەندۈرگەن ھېچقانداق بىر ۋەقە تارىخلاردا كۆرۈلمەيدۇ. مانجۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، سىيانپىلار مانجۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىدى. سىيانپىلار مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىستاندا قۇن خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالغان بىر دۆلەت قۇرغانىدى. مىلادى 360 - ۋە 390 ـ يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغانىدى. شۇندىن كېيىن 57 يىل داۋام قىلغان مۇستەقىللىق دەۋرى كەلدى. مىلادى 448 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمى چىننىڭ شىمالىدىكى توپا تۈرك خانلىقىغا ۋە 460 - يىلى شىمالى ئاسىيادىكى ئاۋار تۈرك خانلىقىغا قوشۇلدى. غەرب قىسمى بولسا، 470 ـ يىلى غەربىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئاق قۇن خانلىقىغا تەۋە بولدى. مىلادى 500 ـ يىلى ئاق قۇن دۆلىتىنىڭ غەربىي تۈركىستاندىن ئاۋارلار تەرىپىدىن سۈرۈپ چىقىرىلىشىدىن كېيىن ھەر ئىككى تۈركىستان ئاۋار ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى.

كۆك تۈرك خاقانلىقى دەۋرى[تەھرىرلەش]

كۆكتۈرك خاقانلىقىنى قۇرغان بۇمىن قاغان مىلادى 552 ـ يىلى ئاۋار دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن 555 ـ يىلىدا پۈتۈن تۈركىستان ھۆكۈمدارلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بىرىنچى كۆكتۈرك دۆلىتى 89 يىل ھۆكۈم سۈردى، بۇ مۇددەت ئىچىدە تۈركىستان بۇ دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىنجىلىق ۋە راھەت ئىچىدە ياشىدى.

مىلادى 640 ـ يىلى باشلانغان تۈرك ـ چىن ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن، 659 ـ يىلى كۆكتۈرك خانلىقى يىقىلغاندىن كېيىن، 660 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستان چىن ئىستېلاسىغا ئۈچرىدى.

ئەمما 10 يىلدىن كېيىن تىبەتلىكلەر چىنلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، خوتەن، ياركەند ۋە كاشغەر ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمى بولسا، ئۇ تەرەپتە قۇرۇلغان تۈركەش ئىسمىدىكى تۈرك دۆلىتىنىڭ غەيرىتى بىلەن 690 ـ يىلى چىن ئىستېلاسىدىن قۇتقۇزۇلدى. كۇچا، قاراشەھەر، قۇچۇ (تۇرپان) ۋە قۇمۇل شەھەرلىرى بولسا، 699 ـ يىلى 2 ـ كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ خاقانى قاپاغان قاغاننىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدى. بۇ قېتىمقى كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتى ئاران 17 يىل داۋام قىلدى. چۈنكى تۈركەش تۈركلىرىنىڭ باشلىقى بولغان سۇلۇقاغاننىڭ 716 ـ يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركەش دۆلىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا كىردى.

738 ـ يىلى تۈركەش دۆلىتىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، چىنلىقلار تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە 744 ـ يىلى بۇ دۆلەت يىقىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان چىن ئىستېلاسى ئاستىغا ئۆتتى. بۇ تاجاۋۇزچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركلەر غەربىي تۈركىستاندىكى ئىسلام - ئەرەب خىلاپەت قوشۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ياردەمگە كەلگەن ئەرەب قوشۇنى بىلەن تۈركلەر بىرلىشىپ، مەشھۇر تالاس مەيدان سوقوشىدا چىن قوشونىنى يوق قىلىپ، 751 ـ يىلى ۋەتىنىنى قۇتقۇزدى. بۇ غەلىبىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان 1008 يىل چىن تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۈچرىماي ياشىدى.

بۇ غەلىبىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمىدا قارلۇق تۈركلىرى كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇردى. جەنۇب قىسمىدا بولسا، ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن يەرلىك كىچىك خانلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشىدى. بۇ كىچىك دۆلەتلەر تەخمىنەن 10 دۆلەت بولغانلىقى مەلۇم. قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى 100 يىلدىن ئارتۇق بولغان بۇ مۇددەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۈۋەندىكى ئۈچ ۋەقە يۈز بەردى:

بىرىنچى: 8 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خوتەن خانى چىنغا ھۇجۇم قىلىپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنى بويسۇندۇردى. بۇ ۋەقەنى تارىخقا قەيت قىلغان ئابىدىسى دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ھازىرمۇ قەدكۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

ئىككىنچى ۋەقە : مىلادى 800 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب قىسمى ئىككىنچى قېتىم تىبەت قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇ 21 يىل داۋام قىلدى.

ئۈچىنچى ۋەقە: بۈگۈنكى موڭغۇلىستاندا كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن، بۈيۈك بىردۆلەت قۈرغان ئۇيغۇر دۆلىتى قىرغىز قوشۇنى تەرىپىدىن مىلادى 840 ـ يىلى يىقىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆپلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىدىكى قۇمۇل، بەش بالىق (ئۈرۈمچى)، قۇجۇ (تۇرپان) ۋە مىقلاق شەھەرلىرىگە كېلىپ يەرلەشتى ۋە ئۇ يەردە مىلادى 848 ـ يىلى كىچىك بىر دۆلەت قۇردى.

تۈركىستاننىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان قاراخانىلار ھەققىدە[تەھرىرلەش]

قاراخانىيلار خانلىقى، مىلادىيە خەرىتىسى 1000-يىل

قاراخان (ئەرەبچە ئاتىلىشى خاقان) لار دەۋرى مىلادى 880 ـ يىلى بۇكەخان ناملىق كاشغەر ھۆكۈمدارىنىڭ باشقا خانلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، بىر مەركەز دۆلەتكە باغلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇندىن كېيىن قارلۇق، ئوغۇز، چىگىل، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى ۋە كەڭ بىر تۈرك ئىمپېراتۇرلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قاراخان ئۇنۋانىنى ئالدى. گەرچە بەزى چىن تارىخچىلىرى قاراخانىلار خاندانىنىڭ قارلۇق قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلسىمۇ، ئۇ زاماندىن قالغان مىللى ئەسەرلىرىمىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ يۇقىرىقى دەلىلىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

قاراخانىلار دۆلىتى تامامەن مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك خانلىق ھالىتىدە 255 يىل ھۆكۈم سۈردى. بىز بۇ يەردە بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغلۇقى، كۈچى ۋە مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ۋەقەلەردىن پەقەت ئۈچنىلا زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى، ھىجرى 320 ـ (مىلادى 932 ـ) يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ياش خاقانى ساتۇق بۇغرا قاراخان ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتى ۋە غازاتلىرى سايەسىدە شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسمى شامان، بۇددا ۋە مانى دىنىدەك بۇتپەرەستلىك دىنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇسۇلمان بولدى.

ئىككىنچى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان ھىجرى 384 ـ (مىلادى 994 ـ) يىلىدا سامانىلار دۆلىتىنى يوقىتىپ، غەربىي تۈركىستاننى ئۆز خاقانلىقىغا قوشتى.

ئۈچىنچى، بۇ دەۋردە تۈرك تىلىنىڭ ۋە ئالىي مەدەنىيىتىنىڭ ئابىدىلىرى بولغان تۈركى تىللار دىۋانى، قۇتادغۇ بىلىگكە ئوخشاش تۈركچە ئەسەرلەر ۋە سانسىزلىغان ئەرەبچە ھەدىس، تەپسىر، فىقھى كىتابلىرى ۋە باشقا پەن كىتابلىرى يېزىلدى.

قاراخانىلار دۆلىتى مىلادى 1048 ـ يىلى ئىككىگە ئايرىلىپ، بىرى ئەسلى پايتەختى بولغان كاشغەردە، يەنە بىرى سەمەرقەند شەھىرىدە مەركەز قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھالىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئارىلىرىدا ئۇرۇش بولغانلىقى ھەققىدە تارىخ كىتابلىرىدا بىرەر رىۋايەت يوق ھەمدە كاشغەردىكى قاراخان رەسمىيەت جەھەتتە ئۈستۈن ئىدى.

قاراخىتاي دەۋرى: شىمالىي چىندا قىتاي ئىسىملىق بىر تۈرك قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىردۆلەت بارئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ دۆلەتنى تەشكىل قىلغان قەبىلىلەر ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ مەغلۇپ بولغان قەبىلىلەر شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى. بۇلار قاراقىتاي (غەربىي قىتاي) دەپ ئاتالغانىدى. ھىجرى 530 ـ (مىلادى 1134 ـ) يىلى قاراقىتايلارنىڭ بېگى نۇسى قاراخانغا قارشى ئىسيان قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى بويسۇندۇردى، ئەمما قاراخاننى تەختىدىن چۈشۈرمەستىن، ئۇنى بىر قورچاق ھۆكۈمدار ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئورنىدا قويدى ۋە ئۆزى گورخان ئۇنۋانىنى ئالدى. 3 يىلدىن كېيىن گورخان غەربىي تۈركىستاننىمۇ بويسۇندۇرۇپ، سەمەرقەند قاراخانىنى قورچاق ھالغا كەلتۈرۈپ، ئىدارىنى قولىغا ئالدى. قاراقىتاي دۆلىتى ھىجرى 615 ـ (مىلادى 1217 ـ يىلى) يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن يوق قىلىندى.

موڭغۇل دەۋرى: چىڭگىزخان ھىجرى 616 ـ (مىلادى 1218 ـ) يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ۋە بىر يىل كېيىن غەربىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭ جاھانگىرلىك ھەرىكەتلىرى ھەركىمگە مەلۇمدۇر.

چىڭگىز خان ئۆلۈشتىن بۇرۇن كەڭ زېمىننى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەقسىم قىلدى. ھىجرى 625 ـ (مىلادى 1228 ـ يىلى) يىلىدا باشلانغان چاغاتاي خاندانى دۆلىتى ھىجرى 771 ـ (مىلادى 1369 ـ يىلى) يىلىغاقەدەر ھەر ئىككى تۈركىستاننى بىر مەركەزدىن ئىدارە قىلدى. مەزكۇر تارىختا مەشھۇر تۆمۈر بېك (ئەمىر تۆمۈر) غەربىي تۈركىستاندا مەلۇم دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، چاغاتاي خاندانىنىڭ ئىدارىسىدا پەقەت شەرقىي تۈركىستانلا قالدى. تۆمۈر بېك شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن 10 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشقا كىرىپ شىمال تەرەپتە بەزى يەرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، خاندانلىقنى يىقىتالماي نەتىجىدە ھىجرى 762 ـ (مىلادى 1389 ـ) يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈلھى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش توختىدى. بۇ سۈلھىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا تۈۋەندىكى پاجىئەلەر يۈزبەردى:

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمدارى خىزىر خوجا تۆمۈر بېك بىلەن ئۇرۇش قىلغان يىللاردا ئۇيغۇرلار تۆمۈر بېككە مايىل بولۇپ، خانغا قارشى داۋاملىق ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى. خان بىلەن تۆمۈر بېك ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار چىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىربۆلۈك چىن ئەسكەرلىرنىڭ قۇمۇلغا كېلىپ يەرلىشىشىگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىزىر خوجا خان ھىجرى 800 ـ (مىلادى 1397 ـ) يىلى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ، كۇبىنى ئۆلتۈردى، قالغانلىرىنى يۇرتنىڭ ھەر تەرىپىگە تارقىتىۋەتتى. ئۇ تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قەبىلىسى قالمىغاندەك، ئۇيغۇرنامىمۇ ئۆچۈپ كەتتى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى چاغاتاي خاندانى ۋە خىزمەتلىرىدىكى پۈتۈن موڭغۇل بەگلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ھىجرى 792 ـ (مىلادى 1351 ـ) يىلىدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئاستا ـ ئاستا تۈركلەشتى ۋە يەرلىك تۈركلەر بىلەن بىر ۋۇجۇت ھالىغا كېلىپ، مىللى تۈرك دۆلىتى ھالىتىدە 300 يىلدىن ئارتۇق مۇستەقىل ۋە بەختلىك ھايات كەچۈردى.

ھىدايەتۇللاھ خوجا ئاتلىق بىر تەرىقەت شەيخىنىڭ ئىسيان چىقىرىشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ھىجرى 1090 ـ (مىلادى 1699 ـ) يىلى قالماق موڭغۇللىرىنىڭ ئىستېلاسىغا ئۇچرىدى. قالماق خانى ھىدايەتۇللاھ خوجىنى ئاپاق خوجا دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئالتىشەھەرگە ۋالى تەيىن قىلدى ۋە بۇ ۋالىلىق ئۇنىڭ ئەۋلادىغا مىراس قالدى. 79 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا باشتىن ئاخىر تىنجىسىزلىق ۋە پالاكەت دەۋر بولۇپ، ئەجنەبى ئىستېلاسىغا زېمىن ھازىرلىغانىدى. (شۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تارىخى بۆلۈمى تۈگىدى.)

كېيىنكى ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى ھۆررىيەت كۈرەشلىرى[تەھرىرلەش]

قالماق دۆلىتىنىڭ بۇلۇ بەۋسۇڭ زامانىدا، قالماق قەبىلىلىرى ۋە ئالتىشەھەردىكى ۋالى خاندانى بولغان خۇجىلار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار توختىماي داۋام قىلماقتا، قانلار توختىماستىن تۆكۈلمەكتە، بۇلاڭ ـ تالاڭ ھۆكۈم سۈرمەكتە، جېنىنى ئېلىپ قاچالىغانلار ھەرتەرەپكە قاچماقتا ئىدى.

نىھايەت، ھىجرى 1167 ـ (مىلادى 1753 ـ) يىلى قالماق شاھزادىلىرى ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى چىقتى. چىن ئىمپېراتۇرى بۇشاھزادىلەردىن ئۆمۈر ساناغا ئەسكىرى ياردەم قىلىش يولى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇرنىنى تىقتى. ئۆمۈرسانانى تەختكە ئولتۇرغۇزغان ۋە پۈتۈن يۇرتنى ئۇنىڭ نامىغا ئىشغال قىلغان چىن قوشۇنى، ئىشى پۈتكەندىن كېيىن چىنغا قايتىپ كەتمەي، چىننىڭ ئىستېلاچىلىق غايىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سەۋەبتىن ئۆمۈر سانا ۋە پۈتۈن ئاھالە چىنغاقارشى ئۇرۇش باشلىدى، نەتىجىدە ھىجرى 1171 ـ (مىلادى 1757 ـ) يىلى چىن قوشۇنى تامامەن يوقىتىلدى. بىريىلدىن كېيىن چىن ئىمپېراتۇرى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يوللىدى ۋە رەسمىي ئۇرۇش قىلماستىن ئۇچرىغان ھەر ئىنساننى قەتلىئام قىلىش يولى بىلەن قورقۇتۇش ۋە ئىزىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئەمرقىلدى، بۇ قەتلىئام يىللارچە داۋام قىلدى. مىلادى 1763 ـ يىلى چىن قوماندانى تەرىپىدىن ئىمپېراتۇرغا بېرىلگەن راپوردا 1200000 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 12000 كىشىنىڭ ئەسىر ئېلىنىپ چىنغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ قەتلىئاملاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال قىسمىدا ھېچبىر ئىنسان تىرىك قالمىدى. كېيىنچە ئۇ يەرلەرگە باشقا يەرلەردىن 6000 ئۆيلۈك خەلق مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، يەرلەشتۈرۈلدى ۋە چىندىن، مانجۇرىيەدىن كۆچمەنلەر كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قەتلىئاملار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆررىيەت رۇھىنى سۇندۇرالمىدى. چۈنكى ھىجرى 1180 ـ (مىلادى 1766 ـ) يىلى تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئۈچتۇرپان ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان مىللىي ئىنقىلاب يۈز بەردى. مىللىي قەھرىمانلار ئۈچتۇرپان قاتارلىق بىرنەچچە شەھەرنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن خوقەند، بۇخارا، خىۋە خانلىرىغا ۋە ئافغانىستان پادىشاھى ئەھمەدشاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئەھمەدشاھ بۇ تەلەپنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، قوشۇنىنى ئېلىپ بۇخاراغا كەلدى. لېكىن مەزكۇر خانلارنىڭ تەييارلىقى پۈتكىچە، چىن قوشۇنى بېسىپ كېلىپ، ھىجرى 1182 ـ يىلى ئىككىنچى قېتىملىق قەتلىئامنى باشلاپ، ئىنقىلابنى بېسىقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمدارلار ياردەمدىن ۋازكېچىپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قەتلىئامدىن قېچىپ غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى 50000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلنىدۇ. بۇ پاجىئەدىن كېيىن بىرەر مۇھىم قوراللىق ھەرىكەت يۈزبەرمىدى.

ھىجرى 1234 ـ (مىلادى 1818 ـ) يىلى جاھانگىر خوجىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا كاشغەردە ھۆررىيەت ئۇرۇشى باشلاندى. ئاز مۇددەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنى قۇتقۇزۇپ، ئىستىقلال ئېلان قىلدى. ھىجرى 1240 ـ (مىلادى 1824 ـ) يىلى چىندىن بۈيۈك بىر دۈشمەن قوشۇنى كېلىپ، مىللىي قوشۇننى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا كاشغەرگە قايتىپ كېلىپ كۈچىنى توپلاش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان جاھانگىر خوجا ئۇشتۇمتۇت چىن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئەسىرگە چۈشتى. چىنلىقلار بۇ قەھرىماننى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە شەھىد قىلدى. بۇ ۋەقە جەريانىدا غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى 70000 كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، پەرغانىگە ئورۇنلاشقانىدى.

غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ باشلىقى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا بولۇپ، ھىجرى 1244 ـ مىلادى (1828 ـ) يىلى بىر مىقدار كۈچ توپلاپ كاشغەرگە كېلىپ، بۇ شەھەرنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ سەككىز ئايدىن كېيىن دۈشمەن كۈچىگە تەڭ كېلەلمەي قايتىپ كەتتى. بۇندىن كېيىن ھىجرى 1261 ـ 1269 ـ 1273 ـ ۋە 1274 ـ يىللىرى، بۇرۇن مۇھەممەد ئەمىنخان، كېيىنچە ئىنىسى ۋەلىخاننىڭ قوماندانلىقلىرى ئاستىدا ئارقا ـ ئارقىدىن ھۆررىيەت ئۇرۇشلىرى، پەتىھلەر يۈزبەردى. بۈ ئۇرۇشلار جەريانىدا مۇجاھىدلار خوقەند خانىدىن مۇھىم ياردەم كۆردى. ئەمما ھەر ئۇرۇشتىن كېيىن چىندىن كەلگەن كۆپ ساندىكى دۈشمەن كۈچلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۇرۇشلار بىلەن مۇجاھىدلار كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ۋەقە جەريانىدا غەربىي تۈركىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى شۇچاغدىكى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 80 مىڭ بىلەن 100 مىڭ ئارىسىدا ئىدى.

مۇستەقىللىق دەۋرى[تەھرىرلەش]

ھىجرى 1279 ـ 1280 ـ (مىلادى 1872 ـ يىلى) يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەش ۋىلايىتىدە ئارقا ـ ئارقىدىن مۇستەقىللق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خوتەندە ئابدۇررەھمان پاشا، ياركەندە ئابدۇررەھمان ھەزرەت، كاشغەردە سىدىق بەگ، ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان بىپايان زېمىنلاردا راشىددىن خان ۋە ئىلىدا ئەئلاخان قاتارلىق زاتلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا باشلانغان بۇ مىللىي ھۈررىيەت جەڭلىرى، ئاز مۇددەتتىن كېيىن چىن قوشۇنلىرىنىڭ تامامەن يوقىتىلىشى ۋە ئايرىم ـ ئايرىم بەش مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. پەقەت ھىجرى 1283 ـ (مىلادى 1866 ـ) يىلى بۇ دۆلەتلەر ياقۇب بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىر دۆلەت ھالىغا كەلدى. لېكىن ئىلى ۋادىسىلا رۇس مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقتىن، بۇ بىرلىكنىڭ سىرتىدا قالغانىدى. ياقۇب بەگ ھىجرى 1287 ـ (مىلادى 1870 ـ) يىلى تۈركىيەگە بىر ئەلچىلىك ھەيئىتى يوللاپ سۇلتان ئابدۇلئەزىز خانغا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرقىسىم ئەسكەر بىلەن بىر بۆلۈك قورال يادەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان كازىم بېك ئىسىملىك بىر مىر ئالاي (ئەسكىرى ئۇنۋان)نىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بىر ئەسكىرىي ھەيئەت ۋە بىر قىسىم قورال ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان نامىغا خۇتبە ئوقۇلدى ۋە كۈمۈش پۇل باستۇرۇلدى. بۇ پۇلدىن ھازىرمۇ كىشىلەر قولىدا يادىكار سۈپىتىدە ساقلانغان نەمۇنىلەر بار.

شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرى رەسمىي تونىغانىدى. چىن ھۆكۈمىتى تونۇشتىن قاچقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەسكىرى تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرىگە ۋەدە بەرگەنىدى.

ياقۇب بەگ تۈرك ئەسكىرى ھەيئىتىنىڭ تەلىمى ئاستىدا 80 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى قوشۇن تەييارلىدى ۋە ئىنگىلىز ھۆكۈمىتىدىن ھىندىستان ئارقىلىق يەڭگىل قورال سېتىۋالدى.

بۇ ياش دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تۇرغان چاغدا، چىننىڭ شىمال ۋە غەرب ۋىلايەتلىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈب، مەغلۇب بولغان تۇنگانلاردىن 10 مىڭدەك مۇھاجىر قوشۇنى (توپى) شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ياقۇب بەگنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتتى. ھىجرى 1292 ـ يىلى بۇ تۇنگانلارنى قوغلاپ كەلگەن چىن قوشۇنى چېگراغا كېلىپ تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ياقۇب بەگ بۇنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىن قوشۇنى چېگرىدىن ئۆتۈپ تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. ياقۇب بەگ بۇ ئىشنى سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىش ۋە چىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى رەسمى تونۇشىنى قولغا كەلتۇرۇش خىيالى بىلەن، ئۇرۇشماسلىق ئۈچۈن قوشۇنىنى ئارقىغا چىكىندۈردى. چىن قوشۇنىمۇ بەك ئىلگىرىلىمەستىن، پاناھىغا ئۆتكەن تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بەرسە، قايتىپ كېتىش ۋەدىسى بىلەن قۇمۇلدا ئۇزۇن مۇددەت تۇردى. ياقۇب بەگ تۇنگانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ ئۈرۈمچى ئەتراپىنى قوغداشقا ئەۋەتتى. تۇنگانلار چىن قاراۋۇللىرى بىلەن ئۇرۇش باشلىغاچقا، چىن قوماندانى بۇنى باھانە قىلىپ بۈيۈك ھۇجۇم باشلىدى. بۇ ئارىدا چىن قوماندانى جاسۇسلىرى ئارقىلىق يۇرت ئىچىگە قورقۇنچ سېلىش ۋە تەرەپتار پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى. خائىنلاردىن خوتەن ۋالىسى نىياز بەگ چىن ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، ھىجرى 1293 ـ (مىلادى 1876 ـ) يىلى ياقۇب بەگنى زەھەرلەب ئۆلتۈردى.

ياقۇب بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر ۋەزىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈچتەرەپلىك تەخت تالىشىش جېدىلى چىقتى. بۇ يۈزدىن ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇن قايتۇرۇلۇپ، ئىچكى ئۇرۇشتا قوللىنىلدى. ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ئىچكى ئۇرۇشتا ياقۇب بەگنىڭ چوڭ ئوغلى ھەققۇلى بەگ غەلىبە قىلىپ، تەختنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەسكەرلەر پۈتۈنلەي كېرەكتىن چىققانىدى. مۇشۇ كۈننى تۆتكۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن قوشۇنلىرى، بېيجىڭدىن كەلگەن ياردەم بىلەن بىرلىكتە ھىجرى 1296 ـ (مىلادى 1878 ـ) يىلى ھەرىكەتكە كىرىشتى ۋە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماستىن ئۆلكىنى بېسىۋالدى.

مۇستەملىكىچى چىن ئىدارىسى مىللەتنى قىمىر قىلالماس ھالغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تولىمۇ قاتتىق ۋە ھىيلىگەرلىك تەدبىر قوللانغان بولۇپ، بۇ ماقالەمدە بۇنى تەپسىلى يېزىشقا ئورۇن يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆلكىدە يېرىم ئەسىر ئىچىدە بىرەر مۇھىم قوراللىق ھەرىكەت يۈز بەرمىدى. پەقەت تۆت قېتىملا كىچىك ـ كىچىك قوراللىق ھەرىكەت يۈز بەرگەن بولسىمۇ، دەرھال چىققان يېرىدە بېسىقتۇرۇلدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى مەپكۇرە ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى خەلقنىڭ زېھنىگە ئاستا ـ ئاستا كىرىشكە ۋە كۈندىن ـ كۈنگە ئىلگىرىلەپ بىرمىللى ئويغىنىش ماھىيىتىنى ئېلىشقا باشلىغانىدى.

كېيىنكى كۈنلەردىكى مۇستەقىللىق كۈرەش خاتىرىلىرى[تەھرىرلەش]

ھىجرى 1350 ـ (مىلادى 1931 ـ) يىلى باشلانغان قوراللىق جەڭلەر دەسلەپتە چىن چېگرىسىغا تۇتاش بولغان قۇمۇل ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلدى. خوجا نىياز ھاجىم قوماندانلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت چىن قوشۇنلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش بىلەن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئومومى بىرقوراللىق قوزغىلاڭ چىقىشى ئۈچۈن ئومومىيۈزلۈك بىر كەيپىيات ياراتتى. ئۇندىن كېيىن، ھىجرى 1351 ـ (مىلادى 1932 ـ) يىلى باشلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدە مېنىڭ نامسىز تەشەببۇسۇم بىلەن بىر يوشۇرۇن تەشكىلات قۇرۇلدى ۋە ھىجرى 1351 ـ يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 17 ـ كۈنى، (مىلادى 1933 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى) قوراللىق قوزغىلاڭغا باشلىدۇق. مېنى بۇ قوراللق مىللى قوشۇنغا قوماندان قىلدى ۋە خوتەن ئەمىرى دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئەسكەرلىكتىن ھېچقانداق بىر نەرسە بىلمىگەن ۋە بىردانە يېڭى قورالغا ئىگە بولمىغان بۇ مىللىي قوشۇنغا ئاللاھ ياردەم قىلدى. 4 ئايلىق ئۇرۇشۇش نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتىشەھەر قىسمىنىڭ جەنۇبىنى تەشكىل قىلغان تۆت ۋىلايىتىنى ئەجنەبىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتقۇزدۇق.

بو جەرياندا خوجانىياز ھاجىم قۇمۇلدىن چىقىپ، يۇرت ئىچىگە يۈرۈش قىلدى، نەگىلا بارسا خەلق ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىن ئەسكەرلىرىنى بىرمۇ بىر يوق قىلدى. ھىجرى 1352 ـ يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 20 ـ كۈنى (مىلادى 1933 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى) خوجا نىياز ھاجىمنىڭ رەئىسلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلدى. چىن ۋالىيسىنىڭ قولىدا ئۆلكىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپىدىن باشقا ھېچبىر تۇپراق قالمىدى. مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەت تۈۋەندىكى ئىككى بۆرىنىڭ تەھدىدى ئاستىدا قالغانىدى:

1 ـ گەنسۇ ئۆلكىسىدە بىر گۇرۇھنىڭ باشلىقى بولغان ماجۇڭيىڭ دېگەن تۇنگان مۇكەممەل قوراللىق 10 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇنى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىردى. ئاۋۋال بىزگە ياردەم ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن كېلىشىم قىلغان بولسىمۇ، كېيىنچە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزغا دۈشمەن بولغانلىقى ۋە ئۆلكىمىزنى كۆرۈنۈشتە چىنغا تەۋە بىر ۋىلايەت ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھاكىم بولۇش قارانىيىتى بارلىقى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ئۇرۇش باشلاندى ۋە بۇ ئۇرۇش ئاخىرغىچە داۋام قىلدى.

2 ـ چىنلىق باش ۋالى شىڭشىسەينىڭ نامىدا مەخپى چىن ـ سوۋېت كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىم بويىچە سوۋېت تەرەپ ھاۋادىن ھەم قۇرۇغلۇقتىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ ھەم مىللىي قوشۇنغا ھەم تۇنگانلارغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىشتى.

مانا بۇ ئىككى تەھدىتكە قارشى بىرلا ۋاقتتا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان، سان ۋە قورال جەھەتتە دۈشمەنلىرىدىن ئاجىز بولغان مىللىي مۇجاھىدلەر كۈندىن ـ كۈنگە ئېرىپ تۆگىمەكتە ئىدى. مەسىلەن: (ھىجرى 1353 ـ يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 8 ـ كۈنى (مىلادى 1934 يىلى 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى) مېنىڭ قوماندانلىقىم ئاستىدىكى 12 مىڭ كىشلىك قوشۇننىڭ كۆپ قىسمى يېڭىساردا 38 كۈن داۋام قىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە بۇ قىسىمنىڭ قوماندانلىرى بولغان ئىككى ئىنىم بىلەن باراۋەر شەھىد بولۇپ تۆگىدى.

بۇ ھادىسىدىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجىم دۈشمەننىڭ ساختا ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ تەسلىم بولدى. ئەمما مەن يېنىمدا قالغان بىر بۆلۈك ئەسكەر بىلەن بىر قانچە ئاي تىركىشىپ باققان بولساممۇ كۈچۈم تامامەن تۆگەپ كەتكەنلىكتىن، ھىندىستانغا پاناھلىتىش نىيىتى بىلەن ھىجرى 1353 ـ يىلى رەبىئەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 16 ـ كۈنى (مىلادى 1934 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى) يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم.

ھىجرى 1356 ـ (مىلادى 1937 ـ) يىلى ئابدۇنىياز دېگەن كىشىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بىر مىللىي ئىنقىلاب چىقىپ، ئالتىشەھەرنىڭ بىر قىسمى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كېيىنچە چىن ـ رۇس بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى.

ھىجرى 1356 ـ يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 2 ـ كۈنى (مىلادى 1944 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى) ئىلى ۋىلايىتىدە ئەلىخان تۆرەمنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بۈيۈك بىر ئىنقىلاب چىقتى. بۇ مىللىي ئىنقىلاب چىن قوشۇنلىرى ئۈستىدىن پارلاق غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى پەتھى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيەدىن قورال سېتىۋېلىپ، ياخشى قوراللانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

بۇ ئەسنادا چىن ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ دەللاللىقى بىلەن سۈلھى تەلەپ قىلدى. ئۇزۇن مۇزاكىرىدىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇسۈلھى بويىچە شەرقىي تۈركىستان چىنغا تەۋە بولۇپ، ئىچكى ئىشلىرىدا بىرخىل ئاپتونوم ئۇسۇلى بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ۋە مىللىي قوشۇن ئۆز ئورنىدا قالىدىغان بولدى. بۇ سۈلھىگە ئاساسەن 25 ئەزادىن تەركىب تاپقان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ئەزالار سىياسى جامائەتلەردىن ۋە ئايماقلاردىن سايلاندى. مىللەتچى جامائەتتىن ئىككى دوستۇم ۋە مەن بولۇپ، جەمئى ئۈچ كىشى قاتناشتۇق.

بۇ كۈنگىچە قىلغان پائالىيەتلىرىمىز سىياسىي ساھەدە بولۇپ، ھەقىقىي مۇستەقىللىق غايىسىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئىدى.

قىزىل خىتاي ئىستېلاسى دەۋرى: مىلادى 1949 ـ يىلى 10 - ئايدا (ھىجرى 1369 ـ يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا) شەرقىي تۈركىستاندىكى چىن قوماندانى تاۋ بىلەن ۋالى بۇرھان شەھىدىنىڭ كوممۇنىست چىنغا تەسلىم بولۇشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم يۇرتىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەتلەر:

ئىزاھات[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

Muhammad Emin Bughra مۇھەررىردىن: بۇ ماقالە مەرھۇم يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1963 ـ يىلى 4 - ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تۈرك ئوچاقلىرىدا[1] تۈرك ئالىملىرى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىلمىي لىكسىيىسى بولۇپ، شۇ يىلقى شېپىگىراپ باسمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى. ماقالىدىكى سان ـ سىفىرلار بۇنىڭدىن 37 يىل بۇرۇنقى سان ـ سىفىرلار دىن ئىبارەت بولسىمۇ، ماقالە بۈگۈنمۇ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

مۆھتەرەم ئەپەندىلەر! بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق تەرپىنىڭ تۆگەنجىسى دېگەن بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭمۇ شەرقىدە، چىن ئىچىدە ۋەسىبىرىيەنىڭ شەرقىدە يەنە بىر مۇنجە تۈرك قەبىلىلىرى ياشىماقتا.

تۈركىيەدىن بەك ئۇزاق مۇساپىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك يارىتىلىشىدا تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن دۇنيادىن يىراق بولۇشى ۋە بىر ئەسىرگە يېقىن زاماندىن بىرى سىياسىي جەھەتتىن بەخىتسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشى بىلەن تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا قالماقتا ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يولدىكى ئىلمىي ئېھتىياجلىرىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن توغرا ياكى خاتا مەلۇمات بەرگەن يات مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكلىرى، ئەمما قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقلىرى مەلۇم بولماقتا. بۇ يۈزدىن، بۇ ۋەتەننىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھاياتىم بويىچە يېقىندىن قىلغان تەتقىق ۋە تەھقىقلىرىم ئىچىدىن بەزى خۇلاسىلەرنى ھۇزۇرۇڭىزلارغا سۇنماقچىمەن. بۇ ۋەسىلە بىلەن تۈرك زىيالىلىرىغا بىر سوۋغا تەقدىم قىلالىسام ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېساپلايمەن. بۇ ماقالەم تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

1) جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى،

2) قىسقىچە تارىخى،

3) كېيىنكى ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]