شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتي)
جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلگەن ئۈچ ۋىلايىتى: ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى

قۇرۇلىشى[تەھرىر]

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى - نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە 1944 - يىلى 12 - نويابېردا قۇرۇلۇپ، 1949 - يىلى 1- ئۆكتەبىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمىدۇر.

1933 - يىلى 12 - ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەتنىڭ قولغان ئالغان شېڭ شىسەينىڭ 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىنگو(خەنزۇچە:中华民国،中華民國ئىنگىلىزچە:Republic of China)نىڭ رەسمى باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى بىلەن، شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي زىددىيەتلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. خەلق ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنقىلاپ تۇيغۇلىرى ئوت ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، شۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىنقىلاپ ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلاپ پىكىر - ئىدىيىلىرىنىڭ تارقتىشقا باشلىدى. ۋە نىھايەت 1944 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىنقىلاپ پارتىلىدى.

غۇلجا شەھرىدىكى داڭلىق ئۇرۇشلاردىن، ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايردروم ئۇرۇشى ۋە لەڭشاڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىشى نەتىجىسدە، 1944-يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسجۇمھۇر(پرىزدېنت)لىقىغا كۆرسىتىلدى.

نىلقىدا پارتىلىغان ئىنقىلاپ ۋە ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىر]

غېنى باتۇر

1944 - يىلى 9 - ئاپرىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات - <<غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى>> قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ،قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر زىيالىلارنىڭ سىرتىدا،ئېلىخان تۆرە،مۇھەممەتجان مەخسۇم قاتارلىق يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار ۋە رەھىمجان سابىر ھاجى، سالىجانباي باباجان قاتارلىق سودىگەر ۋە چارۋىدار، پومشىچىكلەرمۇ بار ئىدى.

1944 - يىلى 14 - ئاۋغۇست، پاتىخ مۇسىلىموپ، ئەكبەر، سېيىت، غېنى (غېنى باتۇر) قاتارلىقلار نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇردى. 17 - ئاۋغۇست، بۇ ئەترەت ئەزالىرى روزا ھېيت نامىزى ئۆتەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مەسچىتتە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن بىر گومىنداڭنىڭ نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىپ قويدى. ساقچى ئىدارىسى شۇ ھامان بۇلارنى تۇتۇشقا ئادەم ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پارتىزانلار، ئۇلاستايدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، ساقچىلارنى يوقىتىپلا قالماي بىرمۇنچە قورال - ياراق غەنىمەت ئالدى. بۇ مەشھۇرنىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.

5 - ئۆكتەبىردە ئۇلاستاي پارتىزانلىرى ئەكبەر، خەمىت مۇسىلىموپ قاتارلىقلارنى 500نەچچە كىشىلىك قوراللىق كۈچ بىلەن نىلقا ناھىيسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پارتىزانلار بىر كىچە-كۈندۈز جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 7 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى.

ئىنقىلاپ ئوتىنىڭ غۇلجىغا تۇتىشىشى ۋە غۇلجىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلىشى[تەھرىر]

جۇمھۇرىيەت رەئىس جۇمھۇرى - ئېلىخان تۆرە


ئۈچ ۋىلايەتنىڭ پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنىشى[تەھرىر]

ماناس دەرياسىدىن قايتىش[تەھرىر]

ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىشى[تەھرىر]

بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇمھۇرىيەت باش مىنىستېرى - ئەخمەتجان قاسىمى

بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىشى[تەھرىر]

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى[تەھرىر]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسى[تەھرىر]

مىللى ئارمىيە[تەھرىر]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تەنتەربىيە[تەھرىر]

دۆلەتكە قاراشلىق مەتبۇئاتلار[تەھرىر]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قوللىنىلغان پۇللار[تەھرىر]

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى - شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1996 - يىل ئاۋغۇست