غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى

ئورنى Wikipedia

غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى (962-1186)

غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى (962-1186) قاراخانىلاردىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇسۇلمان تۈركلىرىنىڭ دۆلىتى بولۇپ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ھىندىستاندىكى تۇنجى سۇلالىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مىلادى 961-يىلى سامانىلار سۇلالىسىغا قاراشلىق خۇراساننىڭ ۋالىسى، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ئالىپتېكىن سامانىلارنىڭ ۋەزىرى مۇھەممەد بەلامى بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھ ناسىر سامانىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ ئەمما پىلان ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سامانىلارنىڭ چېگرىسى بولغان ئافغانىستانغا بېرىپ لەۋىك خاندىنلىقىنىڭ قولىدىن غەزنىنى تارتىۋېلىپ ،غەزنىدە مۇستەققىل بولۇۋالىدۇ. بۇ كىچىك بەگلىكتىن تەدرىجى كېڭىيىپ بارلىققا كەلگەن ئىمپىرىيە مۇشۇ كىچىك شەھەر غەزنىنىڭ نامى بىلەن غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 963-يىلى ئالىپتېكىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ھوقۇقنى مۇستەھكەملەپ سامانىلار بىلەن ئىمكان بار ئارىلىق ساقلاپ ئۆتىدۇ. 966-يىلى ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ۋاپات بولۇشى بىلەن تەڭ سامانىلار غەزنىگە قوشۇن چىقىرىدۇ، يېڭىدىن تەختكە چىققان بىلگە تېكىن سامانىلارنىڭ قوشۇنىنى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلىپلا قالماي قوشۇندىكى تۈرك ئەسكەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سامانىلار ئىككىنچىلەپ غەزنەۋىلەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتمەيدۇ. 975-يىلى بىلگە تېكىن ھىندىستان تەرەپكە ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشىدا شېھىد بولىدۇ، خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان سەبۇق تېكىن(975-يىلىدىن 997-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان( غەزنىدە تەختتە ئولتۇرىدۇ (960-يىلى مۇسۇلمان بولغان نەسىردىن سەبۇق تېكىن ئەسلى ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بارىسغاندا تۇغۇلغان بولۇپ قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن قانداشلىقى بار بولغاچقا ئالىپتېكىن تەرىپىدىن تەربىيىلىنىپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىدى). سەبۇق تېكىن تەختكە چىقىشى بىلەنلا قوشۇننى قايتا تەرتىپكە سېلىپ توخارىستان ۋە بەدەخشان تەرەپكە قوشۇن ماڭدۇرۇپ ئىشغال قىلىدۇ ۋە بەلۇجىستان بىلەن نۇرىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ.

997يىلى سەبۇق تېكىن ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئىسمائىل تەختكە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ ئۇزۇن قالمايلا سەبۇق تېكىننىڭ ئاغىسى مەھمۇد سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ئىسمائىلنى تەختنى بىكارلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ ۋە ئۆزى خان بولۇپ سۇلتان مەھمۇد دەپ ئاتىلىدۇ. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى(997-يىلىدىن) ئىسلام دىنىنى ھىندى دەرياسىنىڭ شەرقىگە ئېلىپ بارغان تۇنجى ئىسلام ھۆكۈمرانى شۇنداقلا سامانىلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپ تۈركلەرنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلغا سوزۇلغان خۇراسان ۋە پېرسىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقۇچى بولۇپ دەسلەپتىلا قاراخانىلار بىلەن دوستلۇق تۈزۈپ شەرق ۋە غەرپكە تەڭ قوشۇن ئەۋەتىپ شەرقتە پەنجاپنى ئېلىپ گانگ دەرياسى ۋادىسىغا يۈرۈش قىلىدۇ. غەرپ تەرەپتە بولسا خارەزىم ۋە ئىران زىمىنىنى بويسۇندۇرۇپ ئابباسىلار خەلىپىسى ئابدۇقادىرنى شىئە بۇۋەيھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىدۇ، خەلىپە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە تاج، بايراق بىلەن بىرلىكتە «يەمىنۇددەۋلە»، «ۋەلى ئەمىرۇلمۇئمىنىن»، «ئەمىرۇلمىللە»، غازى ئۈنۋانى بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى 1030-يىلى ۋاپات بولغاندا غەزنەۋىلەرنىڭ زىمىنى شەرقتە يۇقىرى گانگ ۋادىسى ۋە گۇجراتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەرپتە ئەزەربەيجان كاۋكازغا قەدەر، شىمالدا ئارال كۆلىدىن جەنۇپتا ھىندى ئوكيانغا قەدەر بولغان 5مىلىيۇن كۋادىرات كىلومېتىر كەڭ زىمىننى بويسۇندۇرۇپ ھىندى پادىشاھلىرىنىڭ غەزىنىسىدىكى ئالتۇنلارنى تامام دىگۈدەك قولىغا ئېلىپ تارىختىكى ئەڭ باي ئىمپىرىيەگە ئايلانغان ئىدى.

سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئوغلى مەسئۇد زامانىدا ئىمپىرىيە ئىچكى قىسىمدا ھوقۇق تالىشىش تۈپەيلى بۆلۈنۈپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن 1040يىلى سەلجۇقىلار بىلەن سۇلتان مەسئۇد ئوتتۇرىسىدىكى مەيدان ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قالىدۇ. سۇلالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پايتەختنى لاھۇرغا يۆتكىمەكچى بولۇپ ماڭغان سەپىرىدە قوماندانلىرى سىياسى ئۆزگىرىش ياساپ سۇلتان مەسئۇدنى تۈرمىگە ئالىدۇ ۋە 1041-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بەلىخى ھاكىمى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەۋدۇد قوشۇن باشلاپ كېلىپ قايتىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تەخت تالىشىش كۈرىشى توختاپ قالمايدۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھاكىملىرى گۇرۇھلىشىپ چوت سوقۇپ ئوردىدا توختىماي خان ئالمىشىپ تۇرىدۇ. سۇلتان ئىبراھىم (1059-يىلدىن1099-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ( تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوغلى مەسئۇدقا سەلجۇقىلار سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپ ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئورنىتىپ ئاساسى نىشاننى شەرق تەرەپكە قارىتىدۇ. 1099-يىلى سۇلتان ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن تەخت تالاشقان شاھزادىلەر يەنە ئۆزئارا پېتىشالمايدۇ، شاھزادە بەھرام (1118-يىلىدىن 1152-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قېرىندىشى ئارسلاننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ سەلجۇقىلار خانى سۇلتان سەنجەردىن ياردەم سورايدۇ. نەتىجىدە ئىبراھىم شاھ ئورناتقان سەلجۇقىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىڭ دوستلۇقى ئاخىرلىشىپ سۇلتان سەنجەر قوشۇن باشلاپ بەھرامشاھقا بولۇشىدۇ دە سۇلتان ئارسلان قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ غەزنەۋىلەر سەلجۇقىلارغا بېقىنىپ قالىدۇ. بەھرام شاھ ئاساسى نىشاننى يەنە شەرققە قارىتىپ ھىندىستانغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ 1160-يىل بەھرامشاھ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى خۇسراۋ مەلىك شاھ بولۇپ گۆر ئەمرى مۇئىززىدىننى ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. مۇئىزىددىننىڭ خانلىق تەختنى قولغا ئالماقچى بولغانلىقى نەتىجىسىدە 1186-يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش بولىدۇ. ئۇرۇشتا خۇسراۋمەلىك تەسلىم بولىدۇ ۋە تۈرمىگە تاشلىنىپ 1191-يىلىغا كەلگەندە ئۆلتۈرىلىدۇ. غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى ئاخىرلىشىدۇ.


غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى (962-1186)


غەزنەۋىلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانلىرى:

ئالپتېكىن (962)

ئەبۇ - ئىسھاق ئىبراھىم (963 - 966)

بىلگە تېكىن (966 - 972)

پىرىتېكىن (972 - 977)

سەبۈق تېكىن (977 - 997)

ئىسمائىل (997 - 998)

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى (998 - 1030)

جەلالۇد - دەۋلە ۋە جەمالۇل-ئەبۇ -ئەھمەد مۇھاممەد (؟ - 1041)

سۇلتان مەسئۇدI (1030 - 1040)

سۇلتان مەۋلۇد (1040 - 1048)

سۇلتان مەسئۇدII (1048 - 1049)

سۇلتان ئەلى (1049 - 1051)

سۇلتان ئابدۈررەشىد (1051 - 1052)

سۇلتان تۇغرۇل (1052 - 1053)

سۇلتان فەرقىزاد (1053 - 1059)

سۇلتان ئىبراھىم (1059 - 1099)

سۇلتان مەسئۇدIII (1099 - 1115)

سۇلتان شئىرزاد (1115 - 1116)

سۇلتان ئارسلان شاھ (1116 - 1117)

سۇلتان بەھرام شاھ (1117 - 1152)

سۇلتان خۇسراۋ شاھ (1152 - 1160)

سۇلتان خۇسراۋ مەلىك شاھ (1160-1187)