فرانسىيە

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت گىمىنى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق پايتەختى پارىژ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرى پارىژ، لىئون، مارسىل، لىل، بوردو، نىس رەسمى تىلى فرانسۇز تىلى سىياسى سېستىمىسى پرىزدىنتلىق ۋە پارلامىنت بىرلەشكەن سېستىما جۇمھۇرىيەت رەئىسى نېكولا ساركوزى باش مىنىستىر فرانسوۋا فيون يەر مەيدانى 417،675 كۇۋادىرات كېلومېتىر نۇپۇسى 374،447،65 نۇپۇس زىچلىقى 97 پۇل بىرلىكى ياۋرو ۋاقىت رايۇنى UTC +1 (CET) خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 0033
ھۆججەت:Logo de la République française.svg

فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى (République Française فرانسۇزچە"غېپۈبلىك فخاڭسەز"دەپ ئوقۇلىدۇ.)

ئاھالىسى: فرانسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 60مىليون 876مىڭ بولۇپ، مۇستەملىكىلىرىنى قوشقاندا 62مىليون752مىڭ. ئاھالىنىڭ 83%نى لاتىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان فرانسۇزلار، 8%ىنى ئەرەبلەر، 2%نى ئالزاسلار، 1%نى برىتونلار،0.3%نى كورسىكالار قالغانلىرىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى.

ئىقتىسادى: 2006 -يىلى فرانسىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2تىرلىيۇن 54مىليارد 880مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 33مىڭ126دوللار توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1790-يىلى)7-ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى )

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا فرانسۇزلارنىڭ ئەجدادى بولغان گال خەلقى ھازىرقى فرانسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ياشىغان بولۇپ مىلادى 1-ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى بۇ يەردە گالىيە ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان. 500يىلدىن كېيىن گۇتلارنىڭ تارمىقى بولغان فرانكلار گالىيەدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ فرانك پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە كېيىن تەدرىجى كۈچىيىپ غەربى ياۋروپانىڭ كۆپ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 9-ئەسىردە فرانك ئىمپېرىيىسى ئۈچكە پارچىلىنىپ ھازىرقى ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيىلەرنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللەنگەن. 10-ئەسىردە فرانسىيەنىڭ نورماندىيە ئۆلكىسىنىڭ كىنەزى ئەنگىلىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بارغانسېرى كۈچەيگەن ۋە كېيىن فرانسىيە پادىشاھى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ1337-يىلى فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان شۇنىڭ بىلەن تارىختا 100يىللىق ئۇرۇش دەپ ئاتالغان ئۇرۇش پارتىلاپ 1453-يىلى فرانسىيەنىڭ جېرسى ۋە گالى ئارىلىدىن باشقا پۈتۈن فرانسىيە زېمىنىنى نورماندىيە كىنەزىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىشى بىلەن تاماملانغان. ئۇرۇشتى كېيىنكى فرانسىيە كۈنسېرى گۈللىنىپ ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە نۇرغۇن مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى بىلەن بىللە گۈزەل -سەنئەت ۋە پەلسەپە تەرەققى قىلىپ رۇسسو قاتارلىق دۇنيا جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ يولباشچىلىرى بارلىققا كەلگەن. 1789-يىلى فرانسىيە خەلقى پادىشاھ لۇئىسقا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،" كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇخرالار ھوقۇقى باياناتى" نى ئېلان قىلىپ .1792-يىلى فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1799-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى فرانسىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق گېنېرالى، كورسىكا مىللىتىدىن بولغان ناپالىون بوناپارت ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، 1804-يىلى جۇمھۇرىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ فرانسىيە 1-ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، 1805-يىلى ۋە 1806-يىلى ئەنگلىيە، ئاۋستىرىيە، روسىيە، پروسىيە)گېرمانىيە( بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىنى ياساتقان، ئىمپىرىيىنى كېڭەيتىپ ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى دېگۈدەك ئۆز كونتىروللىقىغا ئالغان. 1810-يىلى ناپالىون بېرلىن ۋە ۋىنانى ئىشغال قىلىپ ئاۋستىرىيە مەلىكىسىنى نىكاھىغا ئالغان. فرانسىيە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچقا كەلگەن. 1812-يىلى ناپالىون 500مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن روسىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، سوغۇق ھاۋا ۋە ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىش، رۇسىيىنىڭ شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇپ چېكىنىشى تۈپەيلى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ پۈتۈن قوشۇنىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 6-قېتىملىق بىرلەشمە ھۇجۇمنى قوزغىغان ، ئارقىمۇ ئارقا ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن فرانسىيە ئارمىيىسى ھەل قىلغۇچ لېيپزىگ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر فرانسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغان، ئامالسىز قالغان فرانسىيە ناپالىوننى تەختتىن چۈشۈرۈش بەدىلىگە دۆلەتنى مەھكۇملۇقتىن ساقلاپ قالغان. ناپالىون ئىتالىيىنىڭ ۋېربا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1815-يىلى ناپالىئونغا سادىق گېنېراللارنىڭ ياردىمىدە ناپالىون پارىژغا يۇشۇرۇن قايتىپ كېلىپ ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئېلىپ " يۈز كۈنلۈك ئىمپىراتورلۇق" تەختىگە ئولتۇرغان. فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 7-قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. ناپالىون يەنە بىر قېتىم تەختنى بىكارلاپ جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى سانت-ھېلىنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1826-يىلى ناپالىون ئۆلۈپ 5 يىلدىن كېيىن فرانسىيە گېنېراللىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئىمپىرىيىنى تىرىلدۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنغان، 1848-يىلى 2-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى پارتلاپ فرانسىيە 2-جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.1851-يىلى ناپاليوننىڭ جىيەنى لۇئى بوناپارت ئىككىنچى ئىمپىرىيىنى قۇرغان. 1871- يىلى فرانسىيە پروسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 3-جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.

1-دۇنيا ئۇرۇشىدا فىرانسىيە غەلىبە قىلىپ گېرمانىيىنىڭ ئالزاس رايونىغا ئېرىشكەن. 1940-يىلى 3-جۇمھۇرىيەت گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان. 1944-يىلى فرانسىيە گېنېرالى دېگول ئىتتىپاققا قارشى ئارمىيە تەركىبىدە پارىژغا كىرىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ 4-جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان. 1958-يىلى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ 5-جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1959-يىلى فرانسىيە ئافرىقىدىكى ئاخىرقى مۇستەملىكىسى ئالجىرىيەدىن ۋاز كەچكەن.

فرانسىيىنىڭ ھازىر ئامېرىكا قىتئەسىدە فرانسىيە گۇاناسى، گۇادىلوپ، مارتىنىكۇې ، سان پىئېر ۋە مىكېلون، سان-مارتىن ، ئوكىيانىيەدە پولىنىزىيە، يېڭى كالىدونىيە، ۋالىس ۋە فۇتۇنا، ئافرىقىدا رۇنىون قاتارلىق مۇستەملىكىسى بار.

فرانسىيە زېمىنى ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان مۇنبەت مۆتىدىل ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، تۈزلەڭلىك كۆپ بولغاچقا باغۋەنچىلىك ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ياۋروپا رايونىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ،فرانسىيە ياۋروپادىكى كونا سانائەت دۆلىتى بولۇپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيادا 5-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ 27% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2005-يىلى فرانسىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 2.2%، سانائەت 20.6%، مۇلازىمەت 71.5%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى38مىلىيۇن 433مىڭ، يانپون ئابونتى 49 مىليۇن231مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 29مىلىيۇن945مىڭ بولغان.

ّ