قاراباغ

ئورنى Wikipedia
تاغلىق قاراباغنىڭ خەرىتىسى

تاغلىق قارا باغ، قارا باغ مۇرات III دەۋرىدە 1578- يىلى تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن. 18- ئەسىرگىچە ئوسمانلىلار بىلەن ساف ئەۋىلەر ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن. 18- ئەسىردە پەناھ ئەلىي بەگ قاراباغ خانلىقىنى قۇرغان. رۇسلار 1813- يىلى قاراباغنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن، نوپۇس جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركلەرنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن رايونغا بىر تۈركۈم ئەرمىنىلەرنى كۆچۈرگەن. 1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قاراباغ 1919- يىلى ئەزەربەيجانغا قوشۇۋېتىلگەن. 1923- يىلى 24 ئىيۇندا ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلغان. 1985- يىلى گورباچيۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەركىن مۇھىتنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قاراباغنىڭ ئەرمەنىستان ياكى رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلىشى پىلانلانغان.

9- يىلىغا كەلگەندە قارا باغنىڭ ئاپتونوم رايون ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىۋاستە ئەرمەنىستان (ئەرمىنىيە) قوشۇۋېلىنغان. رۇس قوراللىق كۈچلىرى 1990- يىلى 20- يانۋاردا باكۇغا بېسىپ كىرىپ 143 گە يېقىن ئەزەرى تۈركىنى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلغان. تاغلىق قاراباغ ئەرمەنىلىرى رۇسىيە ۋە ئەرمەنىستاننىڭ ياردىمى بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزەرى تۈركىنى رايوندىن مەجبۇرى كۆچۈرگۈزۋەتكەن. رۇسلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەرمەنىستان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قاراباغ ئەرمەنلىرى 1992- يىلى 26- فېۋرالدا 10000 نوپۇسى بولغان غوجالىغا بېسىپ كىرىپ ئەر ئايال، قېرى ياش ئايرىماستىن 1300 گە يېقىن ئەزەرى تۈركىنى قىرغىن قىلغان ۋە قانچە مىڭلىغان كىشىنى ئېغىر يارىدار قىلغان. 1990-يىلى ئەزەربەيجان – ئەرمەنىستان ئۇرۇشى پارتلىغان. تاغلىق قارا باغ 1991-يىلى تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى نامى ئاستىدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بىراق ئەرمەنىستان بولۇپ ھېچقانداق بىر دۆلەت رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان. رۇسلارنىڭ چوڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەرمەنىلەر قاراباغىنى ئىشغال قىلىشنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسدە 1992-يىلى 24-مارت ئا.ق.ش، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان مىنسك گۇرۇپىسى قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئەرمەنىي تەرەپتارىدۇر ۋە ئەرمەنىستانغا ھېچقانداق بىر بېسىم ئىشلىتىپ باقمىغان. دېمىسمۇ بۇ سەۋەبتىن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولمايتتى ئەلۋەتتە. ئەرمەنىلەر ئەزەربەيجان تۇپراقلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغاندىن كېيىن 1994-يىلى 9- مايدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالانغان. تەخمىنەن 20 يىلدىن بېرى ئەرمەنىلەر ئەزەربەيجان زېمىنىنى قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى 1993- يىلى 20- ئاپرېلدا 822 نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئەرمەنىستاندىن ئەزەربەيجان زېمىندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. كېينچە 853، 874 ۋە 884 نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ بۇرۇنقى قارارىنى يەنە بىر قېتىم كۈچكە ئىگە قىلغان.