قارشىلىق

ئورنى Wikipedia

قارشىلىق : جىسىم ئىچىدىكى ئىلىكتىرونلار تەرتىپلىك ئاققان چاغدا ، ئاتوم يادىروسىنىڭ ئىلىكتىروننى تارتىش كۈچىنى يىڭىشقا توغرا كىلدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مولىكۇلىلارغا ، ئاتۇملارغا ئۈزلىكسىز سوقۇلىشىدىن ھاسىل بولغان توسقۇنلۇقنىمۇ يېڭىشقا توغرا كىلىدۇ . ئىلىكتىرونلار جىسىمنىڭ ئىچىدە تەرتىپلىك ئاققاندا ئۇچرىغان قارشىلىق كۈچى ئىلىكتىر قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ R ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئىلكتىر قارشىلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى «ئىلىكتىر قارشىلىق قىممىتى » ياكى قارشىلىق قىممىتى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئوم

قارشىلىق ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى

قارشىلىق (电阻,Resistor ) ئادەتتە توك يولىدا كۆپ قوللىنىدىغان دېتال بولۇپ ، ئسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى (as it’s name ,so is it ) ئۇ توك ئوتۇشىگە قارشىلىق قىلىدىغان بىرخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە . يەنى توك بولسا زەرەتلەرنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ، قارشىلىق بولسا مۇشۇ زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان فىزىكىلىق مىقدار .

ئادەتتە ،توك يولىدىكى قارشىلىق ئومومى سايمانلار (توك يولىغا بېكىتىلگەن ئومومىي ماتىرياللار ) سانىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ . قارشىلىق توك يولىدا توك بىسىمى ۋە توك كۇچى (توك ئىقىمى ) نى چەكلىش ، يەنى بىسىم تۆۋەنلىتىش ، توك كۇچىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . قارشىلىقنىڭ بىرلىكى ئوم Ω (欧姆)، توك يولىدا R ( Resistor ) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئادەتتە بىر مىگا ئوم= بىر مىڭ كىلو ئوم = بىر مىليۇن ئوم بويىچە ھىسابلىنىدۇ .

قارشىلىقنىڭ توك يولدىكى بەلگىسى

ئادەتتە ئشلەتكەن ماتىريالىغا ئاساسەن ، ئورام قارشىلىق (سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ ) ۋە پەردىلەنگەن قارشىلىق (膜式电阻، film resistor) (يەنى ئوخشىمىغان فىزىلىك خۇسۇسىيەتتىكى ماددىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلىدۇ ، ).

ئشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن ، نازۇك قارشىلىق (ئشلەپچىقىرىش ھۇنەر سەنئىتى ناھايتى سىپتا ، نازۇكلۇق بىلەن ئشلەنگەن قارشىلىقلار )، يۇقرى چاستۇتىلىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى چاستۇتىلىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق ) ، يۇقرى بىسىملىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى بىسىملىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق )، چوڭ قۇۋەتلىك قارشىلىق (مەسىلەن 5W لىق لامپا ،پوزا ) ،كىچىك قۇۋەتلىك قارشىلىق ، ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق ( يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق ) ، ئھتىيات قارشىلىق (يەنى ئھتىيات سىمى ئورنىدا ئشلەتكىلى بولىدىغان قارشىلىق ) ، بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق ، يورۇقلۇققا سەزگۇر قارشىلىق ۋە گازغا سەزگۇر قارشىلىق دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .

قارشىلىق ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى[تەھرىرلەش]

كاربون پەردىلىك (كاربون )قارشىلىق[تەھرىرلەش]

كاربون پەردىلىك (كاربون )قارشىلىق 碳膜电阻 Carbon film resistor . كاربون پەردىلىك قارشىلىق بۇرۇن ئشلىتىلگەن ھەم ئشلىتىش دائىرسى بىر ئاز كەڭرەك بولغان قارشىلىق بولۇپ ، ئادەتتە كاربوننى فار فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ ،يالىتىلغان كاربون قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قىلىنلىقىغا ئاساسەن قارشىلىق قىممىتى بېكىتىلىدۇ . بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ، تۇغىرلىقى يۇقرى (准确度高)، يۇقرى چاستۇتا耐高频 )(، يۇقرى تىمپىراتۇرغا چىداملىقلىقى ياخشى ، ئادەتتە ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئۇسكىنىلەرگە ئشلىتىلىدۇ .

مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق[تەھرىرلەش]

مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق 金属氧化膜电阻 Metal Oxide Film Resistor بۇخىل قارشىلىق ئادەتتە مىتال ئوكسىد پەردىنى فار فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ,ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ، توغىرلىقى يۇقرى ، مۇقملىقى ياخشى . تاشقى كۆرۇنىشى كاربون پەردىلىك قارشىلىقتىن كۆپ پەرىق قىلمايدۇ .

ئورام قارشىلىق[تەھرىرلەش]

ئورام قارشىلىق 绕线电阻 Winding resistor (سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ )

توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق[تەھرىرلەش]

توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق 集成电阻 Integrated resistor توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ ، ئشلىتىش قولاي ، ھەرخىل قارشىلىق قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ .

پۇتسىز (چاپلايدىغان ) قارشىلىق[تەھرىرلەش]

پۇتسىز (چاپلايدىغان ) قارشىلىق 无引线电阻 بۇمۇ بىر خىل يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ ، بىۋاستە توك تاختىسىغا داغماللاپ قويۇلىدۇ ، ھەجىمى كېچىك بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى .


تەڭشىلىدىغان قارشىلىق[تەھرىرلەش]

تەڭشىلىدىغان قارشىلىق ياكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىق ۋە ياكى پوتنىسئومىتىر 可调电阻 , 电位器 ,Potentiometer ,VR,Variable Resistor بۇنى سۆزلىمىسەممۇ بولا ، ئسمىدىنلا چىقىپ تۇرمامۇ ئەينا lol lol lol

ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق[تەھرىرلەش]

ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق : 热敏电阻 يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق

بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق[تەھرىرلەش]

بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق : يەنى بىسىم كۇچنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق ، بەزى سېزمچان ئكران ئشلىتىلگەن يانفۇنلارنىڭ بەزىسى ئكرانغا بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق تخىنىكىسى قوللىنىلغان .



قارشىلىقتىكى ئككى مۇھىم نوقتا

1.قارشىلىق قىمممىتى

2. قۇۋەت سانى .

قارشىلىق قىمممىتى[تەھرىرلەش]

1.1 قارشىلىقىنى ئوقۇش يەنى قارشىلىنىڭ قىممىتىنى بىلىش ، ئادەتتە قارشىلىق قىممىتى تۆۋەندىكى ئۇچ خىل ئۇسۇلدا خاتىرلىنىدۇ .

بىۋاستە قارشىلىق ئۇستىگە يىزىش[تەھرىرلەش]

بىۋاستە قارشىلىق ئۇستىگە يىزىلىپ قويۇلىدۇ ، ئاساسلىقى كونىراق توك سايمانلىرىدا كۆپرەك كۆرۇلىدۇ ، 30-40 يىلنىڭ ئالدىدىكى جىڭ سايمانلاردا بولىدۇ . بىۋاستە ئوقۇشقا بولىدۇ .

رەڭ بەلباغلىرى بىلەن ئپادىلەش[تەھرىرلەش]

رەڭ بەلباغلىرى بىلەن ئپادىلىنىدۇ ، تۆۋەندىكى جەدىۋەل بويىچە ھىسابلىنىدۇ . يەنى 4خىل رەڭلىك قارشىلىقلاردا ئوڭدىن باشلاپ بىرىنچى ۋە ئككىنچى رەڭگە ماس كېلىدىغان سان قوشۇپ يىزىلىپ ، ئۇچىنچى خانىسىدىكى سان ئوننىڭ دەرىجىلىك سانى بويىچە كۆپەيتىپ ھىسابلىنىدۇ ، ئاخىرقى خانىسى خاتالىق پەرقى بولىدۇ . مەسىلەن : مەلۇم قارشىلىقىنىڭ رەڭگى قىزل، يىشىل ، سىرىق ،ئالتۇن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارشىلىق قىممىتى %5± 104x25 يەنى ئككىيۇز ئەللىك مىڭ ئوم قوشۇلغان ياكى ئېلىنغان خاتالىق پەرقى بولىدۇ 2.1 ئەگەر بەش خىل رەڭلك قارشىلىق بولۇپ قالسا ، بىرىنچى ، ئككىنچى ، ئۇچىنچى خانىسىنى ئۇلاپ يېزىپ ، تۆتىنچى خانىسىدىكى سان ئوننىڭ دەرىجىلىك سانى بويىچە كۆپەيتىپ ھىسابلىنىدۇ ، ئاخىرقى خانىسى خاتالىق پەرقى بولىدۇ . مەسىلەن مەلۇم قارشىلىقنىڭ رەڭ بەلبىغى ئاق ،كۆك ،قارا ، كۇلرەڭ ، قىزىل بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىممىتى %2± 108x960 بولىدۇ.

ھىسابلاپ ئوقۇش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

ھىسابلاپ ئوقۇش ئۇسۇلى : كۆپچىلىككە مەلۇملۇق بولغۇنىدەك ، رەڭ بەلبىغى بىلەن ئوقۇش ئۇسۇلى بىرئاز تەس ، رەڭلەرنىڭ تەرتىۋىنى ئەستە تۇتماق قىيىن ، بولۇپمۇ ماۋۇ كىيىن دۇنياغا كەلگەن پۇتسىز قارشىلىقنىڭ جىسمى بەك كېچىك بولغاچقا ، يەنى چوڭلىرى بۇغدايدەك ، كىچىكلىرى كۇنجۇتتەك ، تىخىمۇ كىچىكلىرىنى لوپا ئەينەك ياكى مىكروسكوپ كۆرۇشكە توغرا كېلىدىغىنى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۇستىگە رەڭلەرنى سىزىش ياكى بېسىش ئەپسىز بولۇپ قالىدۇ ، شۇڭا قارشىلىق قىممىتى بىۋاستە يېزىپ قويۇلىدۇ مەسىلەن 123 ، بۇدېگىنى 12 كۆپەيتىلگەن ئوننىڭ 3-دەرىجىسى دېگەن گەپ يەنى 12 مىڭ ئوم بولىدۇ (ھە راس ما دەرىجە دېگەننى بىلمىسەڭلار شۇ ساننىڭ كەينىگە قانچە دەرىجە بولسا شۇنچە نۆل قويۇپ ھىسابلىساڭلارمۇ بولىدۇ ) ، يەنى ئاخىرقى رەقەم ئوننىڭ دەرىجە سانىنى بىلدۇرىدۇ . مەسىلەن 104 ، بۇ يۇزمىڭ ئوم ياكى يۇز كىلو ئوم دېگەننى بىلدۇرىدۇ . 220 بولسا 22 ئوم دېگەننى بىلدۇرىدۇ .