قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلىرى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلېرى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قاتار ئالاھىدە خاس ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسلىقى : 1. جازا كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى ؛ 2. جىنايى جازاغا تارتىلغاندا يېنىك، يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىش ھوقۇقى؛ 3. كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى ؛ 4. مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىش ھوقۇقى ؛ 5. ھۆكۈمنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ھوقۇقى ؛ 6. مىراس تەقسىم قىلغاندا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ؛ 7. باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئالاھىدە قوغدىلىنىش ھوقۇقى ؛ 8. سوراق قىلىنغاندا، گەپ سورىغاندا ۋەسىيىسى يېنىدا تۇرۇشقا ئۇقتۇرۇلۇش ھوقۇقى؛ 9. ئوچۇق سوت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 10. ئايرىپ قامىلىش ھوقۇقى ؛ 11. نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلانماسلىق ھوقۇقى ؛ 12. خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلانماسلىق ھوقۇقى ؛ 13. جىنايەتكە دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 14. بالا ئىشچى بولماسلىق، تونۇشتۇرۇلماسلىق ھوقۇقى ؛ 15. قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقى ؛ 16. قان تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 17. ئېلان ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەسلىك ھوقۇقى ؛ 18. بېقىۋېلىشقا بېرىلىشتە ماقۇللۇقى بولۇش ھوقۇقى ؛ 19. تۇغۇلۇپلا ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغائىگە بولۇش ھوقۇقى ؛ 20. ئاتا – ئانىسى ئاجراشقاندا قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بەلگىلەش ھوقۇقى ؛ 21. گۇۋاھلىق بېرىش ھوقۇقى ؛ 22. سوتلانغاندا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى ؛ 23. ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك ھوقۇقى ؛ 24. ئالداپ ئائىلىسىدىن، ۋەسىيىسىدىن ئايرىۋېتىلمەسلىك ھوقۇقى؛ 25. ئاتا – ئانىسىدىن بېقىش، تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى .

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]